قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: qeyser-mijit

قەيسەر مىجىت: خارۋارد ئۈچۈن ئالغا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

121

تېما

37

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   14.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 64
مۇنبەر پۇلى: 1014
تۆھپە : 5645
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2015-5-28 10:42:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
!.مەن خىلى يىللاردىن بىرى مەيلى تونۇي ياكى تونۇماي كىم مىنىڭ ئالاقە ئۇچۇرۇمنى تىپىپ ئوقۇش توغرۇلۇق ياردەم سورىسا ئامالنىڭ بارىچە جاۋاپ بىرىپ تۇردۇم بەزىلەر بەك ئاۋارە قىلىپ كەتتى شۇنداقتىمۇ سورىغان سوئالىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە جاۋاپ بىرىپ تۇردۇم.  ئەمما ئۇلاردىن بىرلىرى كىيىن يوقاپ كەتتى. مەن بۇلاردىن رەنجىپ كەتمىدىم. چۇنكى ئۇلار - ئۆزۇمنىڭ خەلقى، شۇڭا ئۇلاردىن ئاغرىنمايمەن. ئۇلارنىڭ كىملىگىنى بىلمىسەممۇ  ئۇلار نەدە ياشىسا نەگە بارسا تىرىشىپ ياشاپ ياخشى كۇن كۆرسىلا، خارلىنىپ قالمىسىلا بولىدۇ. ئۇنداقتا مەن يەنە نىمىشقا ئۇلارغا جاۋاپ بىرىپ تۇردۇم؟ چۇنكى مىنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا  چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقسام دەيدىغان ئارزۇ ۋە ئاللا كىملەردىندۇر ياردەم كۈتۈپ قالغان چاغلىرىم بولغان. جەمىيەتتە كىچىكلەر بەزى ئىشلارنى ئەتراپىدىكى ئادەملەردىن بولۇپمۇ چوڭلاردىن ئۈگىنىدۇ. چوڭلار بىغىشلاشنى ئۇقمىساق كىچىكلەر بىغىشلاشنىڭ نىمىلىگىنى ئۇقمايدۇ. مەن ئىمكانىيىتىمىز بولسىلا، ئاز-تولا ۋاقتىمىز، زېھنىمىز ۋە مال-دۇنيارىمىزنى خەلقىمىزنىڭ يۈكسىلىشىگە سەرپ قىلىش يەنى شەخسىيەتسىز ھالدا بىغىشلاشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. چۇنكى  بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا ئەللىرى ئىچىدە تۇتقان ئورنى بولۇپمۇ، مۇئارىپ، ۋە پەن- مەدىنىيەت جەھەتتە تۇتقان ئورنىمىز تۆۋەن. بۇ بىزگە ئايان. شۇنداق ئىكەن بىز تىرىشىشىمىز، ھەسسىلەپ تىرىشىشىمىز بۇنىڭ ئۇچۇن ئەۋلاتلارنى مۇئارىپ ۋە ئىسىل ئىنسانى روھ بىلەن تەربىيىلىشىمىز كىرەك.

مىنىڭچە، بىزنىڭ ئورنىمىزنى كۆتۈرىدىغان، چىرايىمىزغا كۈلكە يۇگۇرتىدىغان يول ئىككى: بىرسى، مۇستەھكەم ئېتىقاد ئاساسىدىكى زامانىۋى مۇئارىپ، يەنە بىرسى - ئىقتىساد. ئىقتىساد -ماددى بايلىق ئىلىپ كىلىپ كىشىلەرنى ماددى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرسا، مۇئارىپ -مەنىۋى بايلىق ئىلىپ كىلىپ ئۇلارنى روھى گادايلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. بۇ ئىككىسى بىرلەشكەن ۋاقىتتا بىز دۇنيانىڭ نەرىدە ياشىمايلى ھۆرمەتكە سازاۋەر، باج تاپشۇرۇپ ھالال ياشايدىغان، يۈزى يورۇق جامائەتتىن  بولۇپ ياشايمىز. شۇڭا مەن كىشىلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىمەن. مۇبادا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئەڭ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇتالىسا، مەسىلەن  Harvard, MIT, Columbia, Yale, Princeton قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتالىسا تېخىمۇ ياخشى. مەن يەنە مۇنداقمۇ ئويلايمەن: ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىلار ئۇچۇن پەرزەنتلىرىنى ئامىرىكىنىڭ بەزى ئادەتتىكى مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقاندىن بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇنىۋىرسىتىتلاردا يەنى مەن ئوقۇغان ئۇنىۋىرسىتىتتا، مالىيە- ئىقتىساد ئۇنىۋىرسىتىتىدا،  يىزا ئىگىلىك ئۇنىۋىرسىتىتى ھەم تىببى ئۇنىۋىرسىتىتلاردا ئوقۇتقىنى كۆپ ئەۋزەل، ھىچ بولمىدى دىگەندە تولۇق كۇرسنى.
چۇنكى ئاشۇ مەكتەپلەردىكى بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ خىلى ساپالىق، قالغىنى ئادەمگە باغلىق. ئىچىدىن چىقمىسا بىكار. "بالام چەتئەلدە ئوقۇيدۇ" دەپ "مودا قوغلىشىپ" ئۇلارنى ئەۋەتىپ قويغان بىلەن "ئامىرىكىدا، ياۋروپدا،  ياپوندا ئوقۇتىمەن" دەپ چىقىرىپ قويۇپ ئۇلارغا مىھرىڭىزنى بەرمىسىڭىز، يىتىلمىگەن ياشتا چىققان بالىلار يولىنى تاپالمايدۇ. قۇلىغىمغا ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىغا ئويناپ يۇرگەن، ھەمدە نىشە چىكىپ قالغان بالىلارنىڭ خەۋەرلىرى كىلىپ تۇرۇپ ھەم ئاچچىغىمنى كەلتۇرسە ھەم ئىچىمنى ئاچچىق قىلىدۇ.  مەن مۇشۇ نىشە چەككەن ئادەملەرنى بەك زەيپانە كۆرىمەن. ئۇلار كۆزۇمگە ياقمايدۇ. زەھەرلىك چىكىملىك ئادەمنى غۇرۇرسىز قىلىۋىتىدۇ مەن ئاشۇنداق ئازغۇن ياشلارنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىشىنىدىن ئەنسىرەيمەن. ئامىرىكىدەك ھەم قوينى كەڭ تىرىشسا روناق تاپىدىغان، تىرىشمىسا ئىتنىڭ كۇنىگە قالىدىغان بۇ جەمىيەتتە بەزى ياشلارنىڭ پۇرسەتنى قەدىرلىمەسلىگى  ئادەمنى ھەقىقەتەن ئىچىندۇرىدۇ. شۇڭا مەن پەرزەنتلىرىگە مېھىر بىرىپ ئۇلارنى سەمىمىيىتى بىلەن قوللاپ ئوقۇتقان كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۇرىمەن. مەن مۇئارىپنىڭ بىر خەلقنى ھىدايەتكە ئىرىشتۇرىدىغانلىغىغا ئىشەنگۇچى شۇڭا مەن ھامان مۇئارىپنى يۇكسەلدۇرۇش تەرەپتە تۇرىمەن. باللىرىنى ئوقۇتقانلارنى ھۆرمەتلەيمەن، ئوقۇتاي دىگەنلەرنى  قوللايمەن. بىر ئادەمنىڭ ئىمكانىيىتى چەكلىك. ئەگەر نۇرغۇن كىشىلەر كۈچىمىز ، ئىقتىدارىمىز ھەم زىھنىمىز بىلەن ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تەربىيلىنىشىگە كۆڭۇل بولسەك، ئامال بار ئادەملەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا قولۇمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلالىساق.... جەمىيىتىمىزدە ياخشى ھەم دۇرۇس نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئىشلىرى يۇرۇشۇپ كەتسە ئۇ چاغدا ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ كىلەچىكىدىن ئۇمىت بار. لىكىن ئادەملەر ئارا ساپ نىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلغىنىڭىزدا بەزى بىر تۇزكور ئادەملەرمۇ چىقىپ قالىدىكەن.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئالى تەربىيە كۆرگەن بولسىمۇ، ياخشى مەكتەپتە ئوقۇغان بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنىڭ خەلقىدىن چانىدىكەن. باشقىلارنى چوڭ كۆرىدىكەن.  مەن مانا مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ خەلقىنى سۆيۇشنىڭ ئورنىغا، ئەيىپەيلەيدىغان بۇنداق تۇزكورلاردىن ئۆلگىدەك نەپرەتلىنىمەن. بىز ياشلىرىمىز ھەم، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بۇنداقلاردىن بولۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشىمىز كىرەك. پەرزەنتلىرىمىز ئۆز خەلقىدىن پەخىرلىنىدىغان بولۇپ ئۆسۇپ يىتىلىشى كىرەك. مۇنداقچە ئىيتقاندا، بىر ۋىجدانلىق كىشى ئۆزىنىڭ تۇققانلىرىنىڭ ئاجىز ھەم نامرات بوپ قالغانلىغى ئۇچۇن ئۇلاردىن تانمايدۇ، ۋاز كەچمەيدۇ. ئوز قەۋمىدىن تېنىش- يۇزسىز، مۇناپىقلارنىڭ ئىشى.

ھاياتلىق ھەممىمىز ئۇچۇن قىممەتلىك. مىنىڭچە ھەر بىرىمىز بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز ئامال بار بۇ قىسقىغىنە ھاياتتا  خوشال ياشاشقا، مەنىلىك ھەم ئادەمدەك ياشاشقا ھەقلىقمىز.
مەن سۆزۇمىڭ بىشىنى "خارۋارد ئۇچۇن ئالغا دەپ باشلىغان". ھىلىمۇ "خارۋارد ئۇچۇن ئالغا" دەيمەن ئەمما بىرىنجى شەرت - ياشلىرىمىز توغرا كىشىلىك قاراش بىلەن چوڭ بولسا،  غايىلىك بولسا، قوسىقىغى كەڭ بولسا، ئىچى  تار بولمىسا. ئىككىنجىسى باللىرىمىزنى ھەر قايسى جەھەتلەردە تەربىيلىسەك مەسىلەن پەننىڭ ھەر قايسى تۇرلىرى بويىچە، تەنتەربىيە،  نۇتۇق سۆزلەش ھەم رىياسەتچىلىك قىلىش،  تەشكىللەش قابىليىتىنى يىتىلدۇرۇش جەھەتتە تەربىيلىسەك، بىز كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ كۇنىنى ياخشى قىلالايمىز.
خارۋارد ئۆزىگە ھەر ساھەدىكى ئىقتىدارلىق ئادەملەرنى قوبۇل قىلىدۇ. جۇملىدىن نۇتۇق چولپانلىرىدىن
نۇرئەلى ئابلىز  ۋە ئۆسمۇر قۇتلۇقجاندەك بالىلار بۇ مەكتەپكە كىرەلەيدۇ. بىزدە "ئۆدەك گوشى يەيمەن دىسەڭ غازنىڭ پىيىدە بول" دىگەن گەپ بار. چوڭ نەرسىلەرنى نىشان قىلىپ بۇيۇك ئارزۇلارنى قىلىپ تىرىشىپ تۇرساق سەۋەپ-نەتىجىلىك بۇ دۇنيادا قۇرۇق قول قالمايمىز. شۇڭا مەن بۇ لىكسىيەنى سۆزلەش ئارقىلىق سىلەرگە مۇنۇ نەرسىنى دەۋەت قىلماقچى. بالىلىرىمىزنى مۇشۇنداق بۇيۇك ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدىغان  قىلىپ تەربىيلەيلى مەسىلەن ئۇلارنى ئولىمپىك ماتىماتىكا مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرايلى، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرايلى. مەن كىلەر قىتىمقى "مۇئارىپ مەزمۇنىدىكى لىكسىيەدە "بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئامىرىكىدا قانداق ئۈگۇنۇدۇ، نىمە دەرسلەرنى ئوقۇيدۇ؟ " دىگەن تىمىدا سۆزلەپ بىرىشنى ئويلاپ قىلىۋاتىمەن.
بىزدەك چەتەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ قالغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆز ئۆرپ ئادىتىمىز ۋە تىل مەدىنىيىتىمىز بىلەن تەربىيلىشىمىز خېرسقا دۇچ كەلمەكتە. لىكىن چەتئەلدىكى نۇرغۇن كىشىلىرىمىز باللىرىغا ئۆزىمىزنىڭ ئەدەپ ئەخلاق ئۆرپ ئادەتلىرىنى ئۇگۇتۇشكە ئەھمىيەت بىرىپ كىلىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىشلار ئوڭاي ئەمەس، مىنىڭ بالام 5 ياشقا كىرگۇچە ئۇيغۇرچىنى ئۇرۇمچىدىكى بالىلاردەكلا سۆزلەيتى. ئەمما ئامىرىكىدا مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئانا تىلدا چىكىنىپ كەتتى. تىلىمىزنى ياخشى چۇشۇنىدۇ  بەزىدە تېخى مىنى گەپتە توسۇپ قويىدۇ. بىر كۇنى ئۇنىڭ توختىماي تىلىفۇن ئويناپ ئولتۇرۇشىغا قاراپ ئىچىم پۇشۇپ چوڭلىرىمىزنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئۇنىڭغا مۇنداق دىدىم ئۇيغۇرلىغىمنى قىلىپ:
- ئوينىما دىسەم گىپىمنى ئاڭلىمىدىڭ، سەن مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلىمىساڭ، كىيىن سىنىڭ بالاڭمۇ سىنىڭ گىپىڭنى ئاڭلىمايدۇ.
-ئەمىسە سەن مىجىتاخۇن دادامنىڭ گىپىنى ئاڭلىماپتىكەنسەندە؟ دىد بالام دەرھاللا.
شۇنىڭ بىلەن لام جىم بولدۇم.
بالامنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر  بولغاچقا ئۇنىڭ كۆڭلى، يۈرىگىمۇ ئۇيغۇردۇر.  يىقىندا كونا يىزىقتا بىر نىمە يىزىپ ئولتۇرسام يىنىمغا كىلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتى ۋە تۇيۇقسىزلا مۇنداق دەيدۇ"
-دادا مەن 10-سىنىپقا چىققاندا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدىنىيتىمىزنى ئۈگىنىمەن.
-نىمىشقا ئۈگىنىسەن؟ بىزنى خوش قىلىمەن دەپ ئۈگۈنەمسەن دەپ باقسام ئەتەي، شۇنداق دەيدۇ:
-دادا مەن ئۇيغۇر تۇرسام مەن بىلمىسەم كىيىنكىلەر قانداق بىلىدۇ؟
دىمەك بالام يىشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ يەردە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ ئۇيغۇرلىغىمنى يوقۇتۇپ قويارمەنمۇ دىگەن كىرىزىس تۇيغۇسىغا چۆكۈپتۇ.
بالامنىڭ جاۋابى مىنى خوش قىلدى ئەلۋەتتە.

لىكىن بىزگە نىسبەتەن باللىرىمىزغا ئانا تىلىمىزنى سىستىمىلىق ئۈگۇتۇشمۇ تەسرەك ئىكەن. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مالايسىيادا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئىنىمىز بوستونغا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەندە بىزنىڭ ئۆيدە بولغان ئىدى، مەن ئۇنىڭ بالام بىلەن سۆزلەشكەن ياكى سۆزلەشمىگىنىگە دىققەت قىلماپتىمەن ئۇ چاغدا بالام 9-10 ياش ئەتراپىدا ئىدى، كىيىن بۇ مىھمان يىگىت  مالايسىياغا قايتقاندىن كىيىن چەتەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىنى يوقۇتۇپ قويۇۋاتقانلىغۇدەك ئەھۋالغا ئەپسۇسلىنىپ، ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن مىسال ئورنىدا مىنىڭ بالامنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمىگىنىنى يىزىپتىكەن، بىر كۇنى بۇنى بىر قىز ئوقۇغۇچى مەندىن يوشۇرۇپ يوشۇرۇپ بولالماي دەپ قويدى". ئۇ ماقالىنى ئوقۇپ كۆردۇم، ئەممە رەنجىپمۇ كەتمىدىم. چۇنكى ئامىرىكىغا كەلگىنىگە نەچچە كۈن بولغان بۇ بالىنىڭ ئامىرىكا جەمىيىتى ھەققىدىكى تەسىرات قىسمىنى ئوقۇپلا "ئەسلىدە بىرەر يىل تۇرۇپ ياشاپ باققان بولسا" بۇنداق دىمەيتى دەپ ئويغا كىلىپ بولغان ئىدىم. ئەمما ئۇنىڭ ئانا تىل مەسىلىسىدىكى گىپىنى بالامغا ئىيتۋىدىم بۇ كىچىك ئۆسمۇرنىڭمۇ ئۇيغۇرغا خاس نازۇك كۆڭلى بار ئىكەن، دەرھال رەنجىدى:
-ئۆيگە مىھمان بولۇپ كەلگەن ئادەممۇ ساھىپخان ھەققىدە شۇنداق دەمدۇ؟"
- بالام ئۇ ئاكاڭنىڭ دىگەن گىپىنىڭ ئاساسى بار.
-مەن ئۇيغۇرچە بىلىدىغان تۇرسام دىدى بالام ئۇيغۇرچە.
بىر ئىشلارغا ئالدىراپ يەكۇن چىقارغاندىن كىيىن مۇشۇنداق گەپلەر بولىدىكەن، ئەمدى.
شۇندىن كىيىن بالامىڭ ھەركىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. ئويگە مىھمانلا كەلسە ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دەپ مەن ئۇيغۇرچىنى ئۇقىمەن جۇمۇ دىگەندەك مەنىنى ئىپادە قىلىۋىتىپ كۆرۇشۇپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ.

دىمەك مەن "خارۈارد ئۇچۇن ئالغا" دىگەن گەپنى ۋە بۇ مەزمۇنلارنى  بۇگۇن مۇشۇ سىنىپتىكى ياشلار ۋە پەرزەنتلىرنى ئوقۇتۇۋاتقان ئاتا ئانىلار ئۇچۇنلا دىمەيۋاتىمەن، يەنە ئۇنى ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ دەۋاتىمەن.
خۇدا بۇيرىسا ئىشىنمەنكى  ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن بۇنداق ئېسىل مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغانلار  چوقۇم كۆپ چىقىدۇ. ئۇلاردىن كەلگۈسىدە داڭلىق كەسپ ئەھلىلىرى - دوختۇرلار، ئالىملار، كارخانىچىلار، شەھەر باشلىقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارلامىنت ئەزالىرى چىقىدۇ. بۇ دۆلەتتە ئۇ ئىشلار تامامەن مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭغا ۋاقىت ھەم جەريان كىتىدۇ.
مەن يەنە قىزلىرىمىزنى ئوقۇتۇش ۋە تەربىيلەشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىغىنى تەكىتلەيمەن.
(لىكسىيەدە بۇ تۆۋەندىكى ھىكايە سۆزلەنمىدى، ئەمما باغداش ئوقۇرمەنلىرى ئۇچۇن سۇنۇلدى).
تۆۋەندە مەن سىلەرگە "مۇئارىپنىڭ كۇچى"  ھەققىدىكى مۇنۇ  يازمىنى سۇنىمەن:

بۇندىن 5-6 يىل مۇقەددەم ئىلگىرى "نېۋ يورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى - نىكولاس د. كرىستوف ئەپەندىنىڭ ھىندىستان مەملىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان ناگپۇر شەھرىدە ياشايدىغان ئۇشا نارايانە ئىسىملىك بىر قىز ھەققىدە يازغان ماقالىسىنى ئوقۇغان ئىدىم. نىمىشقىدۇر شۇندىن بۇيان بۇ ھىكايە مىنىڭ خىيالىمدىن كەتمەيدىغان بولدى. بۇ ماقالىسىدە كرىستوف ئەپەندى مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلىدۇ:

ناگپۇر شەھرىنىڭ ئەڭ نامراتلىرى ياشايدىغان مەھەللىسىدە - توۋەن تەبىقە دەپ قارىلىدىغان دالىتلار ئولتۇرىدىغان بولۇپ - ئاتالمىش يۇقۇرى تەبىقىدىن كىلىپ چىققان ئاككۇ ياداۋ ئىسىملىك بىر لۇكچەك ۋە ئۇنىڭ ئاپشاركىلىرى بۇ مەزلۇملارغا زورلۇق-زومبۇرلۇق قىلىپ ئۇلارنى ئانىي تاپىدىكەن. ئاككۇ ياداۋنىڭ دالىت جامائىتىگە كەلتۇرگەن تالاپەتلىرى نۇرغۇن بولۇپ دالىتلارنى خالىغانچە ئۇرىدىكەن، ئۆلتۇرىدىكەن، بۇلاپ تالايدىكەن بۇنى ئاز دەپ ھەتتا ئۇلارنىڭ ئايال -قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىدىكەن. ئۇنىڭ جىنايەتلىرى شۇ قەدەر ۋەھشى ئىكەنكى ھەتتا بىر ئاتىنى بويىغا يەتكەن قىزىنىڭ ئالدىدا قىپ-يالىڭاچ قىلىپ ئۇسۇلغا سالغان، يەنە بىر ئايالنى ئۆز قولى بىلەن ئۇ ئايالنىڭ قىزىنىڭ ئالدىدا چىپىپ قىيما قىلىۋەتكەن ئىكەن. ئۇ ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان بىر ئايال ئۆزىنى كۆيدۇرۇپ ئۆلۇۋالغان ئىشلارمۇ بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ ۋەھشى جىنايەتلىرىگە قارىتا ساقچىلار كۆرمەسكە سىلىشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئۇستىدىن "ماڭا باسقۇنچىلىق قىلدى" دەپ ئەرز قىلىپ كەلگەن ئايالغا "يامانغا يانتاياق بولۇشۇپ" ئوزلىرىمۇ باسقۇنچىلىق قىلىشقان ئىكەن. قىسقىسى بۇ ھايۋان، دالىت جامائىتىنىڭ ھەممە ئائىلىسىگە چىقىلىپ كۆرگەن ئىكەنۇ، ئەمما دالىت جامائىتىدىن بولغان بىرلا ئائىلىگە يەنى - مادھۇكار ۋە ئالكا نارايانە ئائىلىسىگە چىقىلمىغان ئىكەن. چۇنكى نامراتلىق ۋە ساۋاتسىزلىق پۇراپ تۇرغان يەنى ھىچكىم ئالى مەكتەپكە بىرىپ باقمىغان ئاشۇ مەھەللىدىن مادھۇكار ئائىلىسىنىڭ بەش پەرزەنتىنىڭ ھەممىسى ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ مانا مۇشۇ ئىشنىڭ ئۆزىلا زور كۇچ سۇپىتىدە ئاككۇ ياداۋ ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرىنى چۆچۇتكەن. دەرھەقىقەت ئاككۇ ياداۋ ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرى - مەرىپەتنىڭ كۇچى ئالدىدا يىڭىلىپ ئاخىرى ئۆز جانلىرىنىمۇ ساقلاپ قىلىشالمىغان، يەنى ئاككۇ ياداۋنىڭ قىسمىتى مۇنداق بولغان: مادھۇكارنىڭ شەھەردە ئوقۇۋاتقان قىزى - ئۇشا نارايانە 2004-يىلى تەتىل قىلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يىنىغا كەلگەن بىر كۇنى ئاككۇ ياداۋلار مادھۇكارلارنىڭ قوشنىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇشا نارايانە لۇكچەكلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي بۇ ئىشقا ئارىلىشىدۇ ۋە ساقچىغا بارىدۇ. ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئاككۇ ياداۋ 40 تىن ئارتۇق شايكىلىرى بىلەن باستۇرۇپ كىلىپ ئۇشا نارايانە نىڭ كىچىك كەپىسىنى قورشىۋالىدۇ ھەمدە بىر بوتۇلكا كىسلاتانى كۆتۇرۇپ ئۇشا نارايانە نىڭ ھۆسنىنى بۇزۇۋىتىش بىلەن تەھدىت سالىدۇ. ئۇشا نارايابە ئىشىكنى چىڭ تاقىۋىلىپ بىر تەرەپتىن ئاككۇ ياداۋنى راسا تىللايدۇ ھەمدە يەنە بىر تەرەپتىن ساقچىغا تىلىپون قىلىدۇ، ئەمما ساقچى دەرھال يىتىپ كەلمەيدۇ. ئامالسىز قالغان ئۇشا نارايانە گاز تۇڭىنى ۋە سەرەڭگىنى كۆتۇرۇپ ئەگەر "لۈكچەكلەر ئۆيگە بىسىپ كىرسە گاز تۇڭىنى پارتىلىتىۋىتىدغانلىغىنى" ئىيتىپ لۈكچەكلەرگە تەھدىت سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لۇكچەكلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرەلمەي كەينىگە چىكىنىشىدۇ. بىر ياش قىزنىڭ شۇنچىۋالا كۆپ لۇكچەكلەرگە تاقابىل تۇرۇپ ئۇلارنى قورقۇتالىغىنىنى كۆرگەن نامرات خەلق بىردىنلا ھەركەتكە كىلىدۇ ھەمدە ئاككۇ ياداۋنىڭ ئۆيىنى كۆيدۇرۇپ تاشلايدۇ، جان قايغۇسىدا قالغان ئاككۇ ياداۋ ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ.

2004-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۇنى ساقچىلارنىڭ ئاككۇ ياداۋنى قويۇپ بىرىدىغانلىغى ھەققىدىكى خەۋەر نامراتلار مەھەللىسىگە پۇر كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نەچچە يۈزلىگەن ئايال سەپ بولۇپ ساقچىخانىغا نامايىش قىلىپ بارىدۇ. قويۇپ بىرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئاككۇ ياداۋ، ئۆزى بۇرۇن باسقۇنچىلىق قىلغان بىر ئايالنى كۆرۇپ ئۇنىڭغا يەنە "باسقۇنچىلىق قىلىدىغانلىغى" ھەققىدە تەھدىت سالغىنىدا، ئۇ ئايال ئاككۇ ياداۋنى ئايىغى بىلەن ئۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باشقا ئاياللارمۇ يانلىرىدىن ئاچچىق لازىلارنى چىقىرىپ ئاككۇ ياداۋ ۋە ساقچىلارنىڭ يۈزىگە ئىتىشىدۇ. ئاياللار توپىنىڭ ھەيۋىسىدىن چۆچۇگەن ساقچىلار ئاككۇ ياداۋنى تاشلاپ قىچىپ كىتىشىدۇ. بۇنىڭدىن غەيرەتلەنگەن ئون نەچچە ئايال يانلىرىدىن پىچاق چىقىرىشىپ ئاككۇ ياداۋنى پىچاقلايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ جان يىرىنى كىسىپ تاشلايدۇ، نەپرىتىنىڭ چوڭقۇرلىغىدىن خۇددى "قارا قۇيۇن - لى كۈي" ئانىسىنى يەپ كەتكەن يولۋاسنى چاناپ قىيما قىلىۋەتكەندەك ئاككۇ ياداۋنى چاناپ قىيما قىلىشىۋىتىدۇ. كىيىن ساقچىلار ئۇشا نارايەنى قاتىللىق بىلەن ئەيىپلەپ قولغا ئالغاندا نۇرغۇن ئاياللار ئۇشا نارايەنىڭ ئەمەس ئۆزلىرىنىڭ ئاككۇ ياداۋنى ئۆلتۇرگەنلىكلىرىنى ئىيتىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز قالغان ساقچىلار ئۇشا نارايەنى قويۇپ بىرىدۇ.

دىمەك، نامراتلىق ۋە نادانلىق چىرمىۋالغان جەمىيەتتە - چىرىكلىك ۋە زوراۋانلىق توسالغۇسىز كىڭىيەلەيدۇ. ئەمما ئىتتىپاقلىق ۋە جاسارەت - مەرىپەتنىڭ كۈچى بىلەن توغرا بىرلىشەلىگەندىلا ئىزىلگۇچىلەر ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىپ ئەزگۇچىلەرنى لاغىلدىتالايدۇ!. دىمەك، مانا شۇنداق قۇدرەتلىكتۇر.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36170
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-28 20:27:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

27

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35121
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-28 23:33:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ، ئەسىرىڭىزگە بۇنىڭدىن نەچچە كۈنلەر ئىلگىرى ، بىر قېتىم پىكىر قاتناشتۇرغان بولساممۇ ، سىزنىڭ بۇ ئەسەرگە داۋاملىق ئۈزۈلدۈرمەستىن يوللاپ تۇرغان ،ئەھمىيەتلىك يازمىلىرىڭىز ، مېنى يەنە بىر قېتىم ئۆزەمنىڭ كۆڭلۈدىكىنى ئېيتىۋىلىشىم ئۈچۈن پۇرسەت يارتىپ بەردى . يوللىغان تېمىڭىز ، ھەقىقەتەن ئېسىل بىر تېما . شەخسەن مەن ياقتۇردۇم Lifetime original movie   « Homeless to Harvard : The Liz Murray story » ناملىق فىلىمدە ، بىر ئۆي ماكانسىز ، ئاپىسى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان ، كۈندۈلۈك يەي دېسە يەيدىغان ئېچىدىغىنى يوق ، ياتاي دېسە ، بىر ئىسسىقراق ماكانى يوق ، بىر بىچچارە قىزنىڭ ، قانداق قىلىپ ، ئاخىرى نىيۇيوروك ۋاقىتلىق گېزىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ، ئوقۇش مۇكاپات  پۇلىغا ئېرىشىپ ، خارۋاردقا ئوقۇشقا كىرگەنلىكتەك ، ئادەمنى قايىل قىلارلىق ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن بۇ فىلىمنى ، مەن ھەقىقەتەن بەك ياقتۇرىمەن ، ھەر كۆرگىنىمدە ، بۇ فىلىم ماڭا باشقىچە كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ .

1

تېما

0

دوست

1920

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36006
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-29 22:56:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنى جاپانى تەڭ تارتتۇق ئەمما مىنىڭ چىچىم چۇشۇپ كىتىپ قالدى.
uyghuray

121

تېما

37

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   14.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 64
مۇنبەر پۇلى: 1014
تۆھپە : 5645
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2015-6-4 10:55:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەمدى گەپنى يەنە خارۋارد ئۈستىدىكى تېمىغا ياندۇرۇپ كىلەي.

خارۋاردتا ئوقۇغان ئادەم ئۈچۈن خارۋارد بىر كۆۋرۈك سۈپىتىدە، پاسسپورت سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئۆزى كۆزلىگەن مەنزىللەرگە يىتىشىدە  مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز خارۋاردقا بىرىپ ئوقۇسا ئەڭ ياخشى ئىش، ئەگەر ئۇنىڭدا ئوقۇيالمىسىمۇ  بىر ياخشى ئادەم بولسا توغرا- خاتانى بىلىدىغان، مۇھەببەت نەپرىتى ئىنىق بولغان، ئۆز قەۋمى ۋە  ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق ئويلايدىغان ئادەم بولسىمۇ شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلىدۇ. چۇنكى بۇ خىل ئىسىل مۇئارىپ - بىر ئادەم ئۇچۇن نوقۇل ھالدا ئۇنىڭ تېرىكچىلىگى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان ۋاستە بولۇپ قالسا بولمايدۇ. چۇنكى ئىنسان بۇ دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ كەتكىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن ئىشلارنى قىسمەتلەرنى كۆرىدىكەنمىز، بىلىدىغىنىمىزدىن بىلمەيدىغىنىمىز كۆپ بولىدىكەن.  ئەمما ئادەم ئىكەنمىز مۇئەييەن پىرىنسىپ بىلەن، غايە ۋە ئەقىدە بىلەن ياشىشىمىز كىرەك ئىكەن.  ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتكەندىن كىيىنلا، تۇرمۇشتا ئەرزىمەس نەرسىلەرنى قوغلىشىپ ياشىغاندىن كىيىنلا، ۋاقتىمىزنى دالىدا توشقان قوغلاپ "ئۇ يەرگە بىرىپ باراۋەت يەيمىز، بۇ يەرگە بىرىپ نەغمە ناۋا ئاڭلايمىز" دەپ  ئۆتكۈزىۋەتكەندىن كىيىنلا ئەۋلادلىرىمىز يامان كۈنگە قالىدىكەن، جاھالەتكە قاراڭغۇلۇققا پىتىپ زامانىۋى قۇل بوپ قالىدىكەن.  ئوخشىمىغان جەمىيەتلەردىكى تۇرمۇش تەجىربىسى مىنى مۇنداق خۇلاسىگە كەلتۇردى.
بىزنى ھىدايەتكە، نۇرلۇق كىلەچەككە ئىرشستۈرىدىغان يول - كۈچلۈك ئىتىقاد بىلەن كۈچلۈك مۇئارىپنى بىرلەشتۇرۇش، ئەۋلادلىرىمىزنى بۇلار بىلەن قوراللاندۇرۇپ ئۇلارنى بىلىم ئىگىلىرىدىن  پەزىلەت بىلەن ياشايدىغان ئەۋلاتلاردىن قىلىپ چىقىش ۋە مۇشۇ جەريداندا زۆرۈر بولغان ماددى كۇچنى ھازىرلاش  بايلىق تىكلەش ئىكەن.
مىنىڭ بۈگۈن بايبول سىنىپىدا مەزكۇر لىكسىيەنى سۆزلىشىممۇ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا بايبول شىركىتىمىزنىڭ مەقسىدىنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈش يەنى بايبول شىركىتىنىڭ  پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن بەلكى يەنە قاراتمىلىقىغى بولغان، يۈكسەك مەسۇلىيەتچانلىققا تويۇنغان مۇئارىپ مۇلازىمىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىغانلىغىنى ئىپادىلەشتۇر.

قەيسەر ھاجى  ھەم مەن بايبوللۇقلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى، ئىنى سىڭىللىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ياخشى تەربىيلىشىنى  ئۈمىت قىلىمىز. سىلەرنىڭ بالاڭلار- بىزنىڭ باللىرىمىز، سىلەرنىڭ قىرىنداشلىرىڭلار- بىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىز.  پەرزەنتلىرىڭلارنى ھازىردىن باشلاپ  ياخشى تەربىيلىسەڭلا، ۋاقتى كەلگەندە بىز زۆرۈر ياردەمدە بولىمىز.

بىلىپ تۇرۇپتىمەن، مىنىڭ گىپىم بەك ئۇزۇن بوپ كەتتى. ئەمدى مەن سۆزۈمنى تۆۋەندىكى خىتاپقا يىغىنچاقلاي!

ئالغا، پارلاق كىلەچەك ئۈچۈن ئالغا!،
ئالغا، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ئالغا!
ئالغا، خارۋاردتەك داڭلىق ئالى مەكتەپلەر ئۈچۈن ئالغا!.

جاھاندا مۈمكىن بولمايدىغان ئىش يوق، تېرىشساقلا مۈمكىن بولىدۇ. بۇ پەقەت، ۋاقىت ھەم ئىرادە مەسىلىسى!
مەن كۈندۈلۈك تۇرمۇشۇمدا خاتىرلەپ قويغان، مۇشۇ تېمىدىكى كۆزقاراشلىرىمنىڭ مىغىزنى يىغىنچاقلىغان تۆۋەندىكى پىكىرلىرىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىش بىلەن  ھەممىڭلەرگە خوشاللىققا، مۇۋەپپىقىيەت ۋە رازىمەنلىككە تولغان ھايات تىلەش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇراي!

(1)
ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولۇشمۇ قابىليەتلىكنىڭ جۈملىسىدىندۇر، چۈنكى بۇ تۇيغۇسى كەمچىل ئادەم-يىراقنى كۆرمەي بۈگۈننىلا كۆرىدىغان ئادەم.  
‏يىراقنى كۆرمەيدىغان ئادەمنى قابىليەتلىك دىگىلى بولامدۇ؟ ...
‏(2)
‏بىر مىللەت نامراتلىغىدىن يوقالمايدۇ، ئەخلاقسىزلىغىدىن ۋەيران بولىدۇ.
(3)‏
‏‏ئۈمىد -شەخسىيەتچى كىشىلەرگە ھاۋالە قىلىنسا، بارىدىغان يىرى گۆر بولىدۇ، ئۆزىنى بىغىشلاش روھىغا ئىگە كىشىلەرگە بىغىشلانسا، بەزىدە تۇتۇلۇپ قالسىمۇ ئەمما ئاخىرى پارلايدۇ.
(4)
‏يورۇقلۇقنى كىممۇ سۆيمىسۇن؟ -شەپەرەڭسىمان ئىنسان سىياقىدىكى ھايۋانلاردىن باشقا...
(5)
‏سەھەر تۇيغۇلىرىدىن بىر كەلىمە-:
‏ھەۋەس تۈگىگەندە ئادەم قىرىيدۇ،
‏نىشان ئۈچۈن كۈرەشكەندە ھايات قىزىيدۇ.
(6)
‏ھەۋەس-نىشان ئەمەس، ئەمما ھاياتنى قىزىتىدىغان يىقىلغۇ!
‏بىلىمسىز قالساڭ، زاماننىڭ كەينىدە قالىسەن.
(7)
‏بايبول سىنىپىدىكى دەرستىن قۇرۇق قالساڭ، شۇ سىنىپتا ئىلىم ئىلىۋاتقان كارخانىچىلارنىڭ كەينىدە قالىسەن.
‏ئۇچۇر-بىلىم، بىلىم-بايلىق.
‏باي بولۇش ئۈچۈن تەپەككۈرگە باي بولمىسىڭىز بولمايدۇ. تەپەككۈر-بىلىم ئىلىش ۋە مۇتائىلە قىلىشتىن كىلىدۇ.
(8)
ئۇنتۇلىدۇ سۆزلىمىگەنلەر،
‏ئۇنتۇلمايدۇ ھەق سۆزلىگەنلەر!
(9)
‏سەكرىمىسەڭ، ئۆتەلمەيسەن، سەكرىسەڭ، يىقىلىپ چۈشۈشىڭ مۈمكىن. يىقىلماي دىسەڭ، سەكرىمە. ئۆتىمەن دىسەڭ، سەكرە. ئۆتۈشتە-ئۇتۇش بار، ئۆتەلمەسلىكتە-ئۆكۈنۈش، ئۆتمەسلىكتە-ئەپسۇسلىنىش!
‏كۆپ خىل تاللاش ئالدىڭدا، ئەمما نەتىجىسى ھەر خىل!
(10)
تاماخور-«بىرەلمىدەم» دەپ ئەپسۇسلىنىشنىڭ ئورنىغا، «بەرمىدى» دەپ ئاغرىنىدۇ.
‏ھەسەتخور-ھىچنىمەڭ يوق چاغدا، «مىكىيىنىمۇ يوق بۇنىڭ » دەيدۇ، مىكىيىنىڭ كاكىلىسا، «خورىزىمۇ كاكىلايدۇ بۇنىڭ» دەپ ئولتۇرالمايدۇ.
(11)
‏**********
‏ياخشى نەرسىنى بىلىپ تۇرۇپ باشقىلارغا دىمىسە بۇ قوساقنىڭ تارلىغى. ئەگەر قابىليىتى بار ئادەمگە ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەت تەمىنلىسە، بۇ كۆڭۈلنىڭ كەڭلىگى
(12)
‏‏جىددى ھايات...
‏*********
‏ئەتە ئۆلۈپ قالىدىغاندەك ياشا، دىدىڭ.
‏مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ياشا دىدىڭ.
‏مەن دەسلەپ «نىمە دەيدىغاندۇ؟» دىدىم.
‏ئەمما سىنى دانا كۆرۈپ، ئۆز كۆرۈپ،
‏ھەر ئىككى گىپىڭگە «ماقۇل» دىدىم.
‏بىرىنچى سۆزۈڭنى چۈشەنمەك بوپ،
‏ۋە جىددى بىر ھاياتنى بەرپا قىلدىم.
‏ھاياتنىڭ بۇ توختاۋسىز ئىقىنىدا،
‏ھەتتىڭەي، يىقىلدىم ھەم ھالسىرىدىم.
‏يىقىلغان چاغلىرىمدا تۇرغۇم كەلدى،
‏چارچىغان چاغلىرىمدا ئارام ئالغۇم.
‏مەن يىتىپ قالمىدىم ھەم تۇردۇم يەنە،
‏نەگىدۇر غايىپ بولدى چارچاش-قايغۇم.
‏يىقىلىش ئاسان ئىكەن تۇرماق بەك تەس،
‏تۇرساڭلا كىلىدىكەن داۋان ئاشقۇڭ.
‏ئىككىنچى سۆزۈڭنى ھەم تونۇپ يەتتىم،
‏تىپچەكلەپ جىددى ھايات قۇچىغىدا.
‏جىسمىڭنى ھاردۇرسىمۇ جىددى ھايات،
‏روھىڭغا قوشۇدىكەن ئۇچقۇر قانات.
‏توختاۋلىق-سۈر ھاياتنىڭ نىشانىدۇر،
‏ئۇنىڭدا بۇرۇختۇمدۇر ئىنسان قەلبى.
‏زەئىپلىك، لىڭتاسمىلىق بىر قوش گىزەك،
‏ئۇنىڭدا كەم سۇنىدۇ ئىنسان قەدرى.
‏سۆيىمەن سىنى شۇنداق جىددى ھايات،
‏سۆيگەندەك ياشلىغىمدا پەرىزاتنى.
‏سەن مەنا بەخش ئىتىپ قەلبلەرگە،
‏كۈچۈڭدە تەۋرىتىسەن مەۋجۇداتنى....
‏(13)
‏‏يەنە خارۋاردنىڭ دەرۋازىسى ئىچىلدى...
‏***************
‏بايبول مۇئارىپ ئاگىنتىلىغى شۇنى كۆپچىلىككە خوشاللىق بىلەن يەتكۈزىدىكى يەنە بىر قىرىندىشىمىز، خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىندى.
‏بۇ قىرىندىشىمىزنىڭ ئىلتىماسىدىن خەۋىرىم بار ئىدى، ھازىر دەرسخانىدا تۇرسام تىلىفۇن قىلىپ، بۇ خوشخەۋەرنى ئۆز ئاغزى بىلەن يەتكۈزدى. مەن مانا شۇ تاپتا بۇ خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزىۋاتىمەن.
‏شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل سىنتەبىردە خارۋاردتا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىككى بولۇپ، بۇ يىل مۇئارىپ تارىخىمىزدىكى «خارۋارد يىلى» دەپ ئاتىساقمۇ ئەرزىيدۇ.
‏مۈمكىن بولمايدىغان ئىش يوق، پەقەت ئىزدەنسەك ۋە يىتەرلىك دەرىجىدە تىرىشساقلا...
‏پەخىرلەن پەرزەنتلىرىڭدىن خەلقىم!!!!!
‏مۇبارەك بولسۇن!
‏ۋاقتى كەلگەندە ئىسمى ۋە كەسپى ھەققىدە خەۋەر بىرىمەن، ھازىرچە كۆڭلۈمدە ساقلاپ قويدۇم!

2

تېما

15

دوست

5900

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1810
توردىكى ۋاقتى: 417
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-30 15:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر ئەپەندى،سىزگە كوپ تەشەككۇرلەر بولسۇن!!!!

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42484
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-14 11:23:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bak yahxe   yrzelip  tu  

0

تېما

0

دوست

58

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43437
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-26 14:17:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )