قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 24722|ئىنكاس: 53
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەيسەر مىجىت: خارۋارد ئۈچۈن ئالغا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

122

تېما

38

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   14.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 64
مۇنبەر پۇلى: 1016
تۆھپە : 5679
توردىكى ۋاقتى: 346
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-7 11:22:55 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
خارۋارد ئۈچۈن ئالغا
قەيسەر مىجىت
(بايبول شىركىتىنىڭ مۇئارىپ پروگراممىسى بويىچە بايبول ئىقتىساد سىنىپىدا سۆزلەنگەن لىكسىيەگە ئاساسەن يىزىپ چىقىلدى)

ياخشىمۇسىلەر ئەپەندىلەر، خانىملار - بايبوللۇقلار:
   مەن ئۆتكەندىكى تەلىۋىڭلەرگە ئاساسەن بەرگەن ۋەدەم بويىچە، بۈگۈن "خارۋارد ئۈچۈن ئالغا" دىگەن تېمىدا سۆزلىمەكچىمەن.
   بايبول شىركىتىمىز - پۇل-مۇئامىلە ۋە مۇئارىپ جەھەتتە جامائىتىمىز ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلىدىغان خەلقئارالىق شىركەت. دىمەك  مۇئارىپ مۇلازىمىتى بىز كۈچەيدىغان ۋە تەرەققى قىلدۇرىدىغان مۇھىم ساھەلەرنىڭ بىرى.بىز  ھەممىمىز مۇئارىپنىڭ مۇھىملىغىنى بىلىمىز، ئۇنىڭ كۈچىنى چۈشىنىمىز.شۇنداق ئىكەن گەپنى ئالدى بىلەن مۇنۇ سۇئال بىلەن باشلاي:
بىر ئادەم ئۈچۈن خارۋارددەك دۇنياغا مەشھۇر ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ھەقىقەتەن مۇھىممۇ؟
مىنىڭ جاۋابىم: "ياق، ئانچە مۇھىم ئەمەس!".
-ئۇنداقتا، نىمە مۇھىم؟
   مىنىڭ قارىشىمچە بىر ئادەم ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى - ئاق-قارىنى پەرق ئىتىدىغان، ياخشى ياماننى بىلىدىغان، ۋاپاغا ۋاپا بىلەن، ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرالايدىغان ، ئاتا-ئانىلارنى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ، ئۆزىنى، ھاياتنى ۋە ئۆز قەۋمىنى سۆيىدىغان، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ئىنسانىيەتنى سۆيىدىغان پەزىلەتلىك ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىش.
  مائارىپ - بىر ئادەمنىڭ ياخشى ئادەم بولۇپ چىقىشىدا تولۇقلىما  رول ئوينايدۇ، يەنى ئۇ شەخسلەرنىڭ كەسپى جەھەتتە مەلۇم بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ماددى ئېھتىياجىنى قامدايدىغان ئىلىم ۋە ھۈنەرلەرنى ئۆگىتىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ شۇ جەرياندا پىشىپ يېتىلىپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەملەردىن بولۇپ چىقىشىدا بەلگىلىك ھەسسە قوشىدۇ. مائارىپنىڭ كۈچى شۇ يەردىكى ئۇ - كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى بېيىتىدۇ، تۇرمۇشتا ياشاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق. ئەمما نوقۇل ھالدا مائارىپنىڭ ئۆزى، يەنى سىستېمىلىق ئوقۇش -  بىر ئادەمنى ئاشۇنداق خىسلەتلەرگە ۋە پەزىلەتلەرگە ئىگە قىلىدۇ دېيىش ناتوغرا. چۈنكى رېئال تۇرمۇشتا ئوقۇغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى لاياقەتلىك، ئىقتىدارلىق مۇھىمى ياخشى، پەزىلەتلىك ئىنسان بولۇپ كەتمەيدۇ. مەن بۇ يەردە مائارىپ تەربىيىسىنىڭ كۈچىنى تۆۋەن چاغلىماقچى ئەمەسمەن، ئۇنىڭ مۇھىملىقى ئېنىق، ئەمما مەن بۇ يەردە مەكتەپ تەربىيىسىگە يانداشقان، ئائىلە تەربىيىسى، جەمئىيەت تەربىيىسى ھەمدە شۇ كىشى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى ھەر خىل ئامىللارنىڭ بىر ئادەمنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە يەنى قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق بولمايدۇ دېمەكچىمەن. قايسى خىل سەۋىيىدىكى مەكتەپلەر بولسۇن، ئۇنىڭدا ئوقۇغان ۋاقىتتا، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسىدا ئوقۇشنى نىشان قىلىش ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئاداققى نىشان - بىر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ جېنىنى باقالايدىغان، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى باقالايدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايدىغان بىر تۈركۈم ئەۋلادلاردىن بولۇپ تەربىيلىنىپ چىقىش بولۇشى كېرەك.   شۇنداق بولغاندا جەمئىيتىمىز تەرەققى قىلىدۇ، بۇ ئەڭ ئاخىرقى نىشان.  ئەمدى بۇ نىشانغا ئوخشىمىغان مۇھىتتا تۇرۇپمۇ يەتكىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە. مەسىلەن، قەشقەردە تۇرۇپمۇ، بولۇپمۇ ھازىرقى شارائىتتا ئۈرۈمچىدە ياكى بېيجىڭدا ۋە ياكى بوستوندا تۇرۇپمۇ يەتكىلى بولىدۇ. بۇ يەردە پەقەتلا سېستىمىلىق ئۆتۈلىدىغان نەرسە سۈپەت جەھەتتە پەرق قىلىدۇ، دېمەكچى بولغىنىم مىسال ئۈچۈن ئالساق ئۈرۈمچىدە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئادەم تىرىشسا  ئاشۇ يەردە خەنزۇ تىلى، چەتئەل تىلى، يەنى ئىنگلىزچىنى  ياخشى ئۆگىنەلەيدۇ ۋە ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە قولاي بولغان تور ۋاستىسى ئارقىلىق خەلقئارالىق كەسپى دەرس ماتېرىياللىرى بىلەن ئۇچرىشالايدۇ.   ئۆگىنىمەن دېگەن كىشى ئۇچۇن بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىش تەسكە توختىمايدۇ، گەپ پەقەت  شۇ كىشىدە ئىنتىلىش، تېرىشىش ۋە ئىزدىنىش روھىنىڭ بولۇش بولماسلىقىدا. بۇ يەردە لېكسىيە تېمىسىغا زىتتەك يەنى ئۆزۈم دەسلىۋىدە ئوتتۇرىغا قويغان كۆزقاراشنى ئۆزۈم ئىنكار قىلغاندەك  سۆزلەپ قويۇۋاتىمەن يەنى خارۋاردتا ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ دىگەندەك چۈشەنچە بېرىپ قويۇۋاتىمەن، شۇنداقمۇ؟
   مەن يەنە بۇ ھەقتە داۋاملىق توختىلىپ ئۇ خىل تەسىرنى يوق قىلاي.  مەن خارۋاردتا ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ دېگىنىمدە مۇبادا سىز شۇنچە تىرىشىپ بۇ مەكتەپكە كىرەلمىسىڭىز، ئۇنچىۋالا ھەسرەت چېكىشنىڭ ھاجىتى يوق.  ئەگەر كىرەلىسىڭىز، ئۇنىڭدىن ئىرىشكەن بىلىمنى ئۆزىڭىزدىكى ئىچكى سۈپەت، پەزىلەت بىلەن بىرلەشتۈرەلىسىڭىز، ئۇنىڭدا ئوقۇيالمىغان ئەمما باشقا شارائىتلىرى سىز بىلەن ئوخشاش كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا  ئىشلاردا ئۇتۇق قازىنىشىڭىزنىڭ  مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ.
   بىزگە مەلۇم،  بىر دۆلەتتىن بىر دۆلەتكە بېرىش ئۈچۈن ۋىزا ئالىسىز، ۋىزا ئىلىش ئۈچۈن ئاۋال پاسپورت بولۇشى كىرەك. سىزنىڭ خارۋاردقا ئوقۇشقا كىرىشىڭىزنى  بىر پاسپورت ئىلىشقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن نۇرغۇن يەرلەرگە بېرىشكە ئىلتىماس قىلىش پۇرسەتلىرىڭىز بولىدۇ.  يەنى توسالغۇسىز ھالدا ئارزۇ قىلغان يەرگە بېرىشقا جۈرئەت قىلالايسىز ھەمدە كىرىپمۇ كېتەلەيسىز . خارۋاردنىڭ دىپلومى  ئۇ بىر تامغا سىزگە ئۇرۇلغان. خارۋادتا ئوقۇپ چىققان ئوقۇغۇچىلار مەيلى ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە بولسۇن بىمالال خىزمەت تاپالايدۇ. باشقا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرگە قارىغاندا خارۋاردنى پۈتتۈرگەنلەر ئايرىم ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا  تىز ھەم ئوڭۇشلۇق خىزمەت تاپالايدۇ. مەسىلەن 2013-يىلى خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ 9 ئاي ئىچىدە خىزمەت تېپىش نىسبىتى 95.67% بولغان.  چۈنكى خارۋاردقا كىرىش تەس.  خارۋارد ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆزىگە ئىلتىماس قىلغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئىچىدىن تاللايدۇ. خارۋاردقا كۆرگەنلا ئادەم ئىلتىماس قىلمايدۇ. ئۆزىگە ئىشىنىدىغان باشقىلارغا قارىغاندا ئالاھىدىلىگى ۋە خاسلىقى بار، دەرستە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلىدۇ.مەسىلەن بۇلتۇر خارۋاردقا  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولۇپ 35000 قا يېقىن ئادەم ئىلتىماس قىلغان بولۇپ قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچى سانى 2000 دىن سەل كۆپرەك.
    ئەمما مەن مۇشۇ يەردە بىر نەرسىنى تەكىتلەپ قوياي. ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئوقۇغان كەسپى بىلەن خىزمەت تېپىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇنداق بىر مۇناسىۋەت بار.  ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەردە ئەمگەك بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا زۆرۈر بولغان كەسىپلەرنى ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ خىزمەت تېپىشنىڭ پۇرسىتى باشقا كەسپلەرگە قارىغاندا ياخشى.  جۈملىدىن خارۋاردنىڭ بەزى  كەسىپلىرى بار بۇ كەسىپلەردە ئوقۇپ چىققان ئوقۇغۇچىلار دوكتۇرلۇقنى ئالمىسا ۋە ياكى ئالاھىدە ئىقتىدارى بولمىسا يەنە خىزمەت تېپىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ۋاھالەنكى ئىككىنچى رەتتە تۇرىدىغان ئالى مەكتەپلەرنىڭ مەسىلەن ماڭا ئەڭ دەسلەپتە ئوقۇش مۇكاپاتى بەرگەن خۇسۇسىلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالى مەكتەپ - شەرقى شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنژېنېرلىق، بوغالتىرلىق، سودا باشقۇرۇش كەسىپلىرىنى ئوقۇغانلار ئاسانلا خىزمەت تاپالايدۇ. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە خارۋاردنىڭ بەزى كەسىپلىرىنى ئوقۇپ خىزمەت تاپالمايدىغانلارمۇ بار، گەرچە ئۇلار ئاز ساندا بولسىمۇ. شۇڭا خارۋاردقا كىردى دېگەنلىك ھەممە ئادەم خىزمەت تاپالايدۇ دېگەنلىك ئەمەس.
   ئامېرىكىلىقلار مەسىلىگە ناھايىتى رېئال قارايدۇ. ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئىچىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغانلارنىڭ نىسبىتى بولۇپمۇ تەبىئىى پەندە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغانلارنىڭ نىسبىتى چەتئەلدىن كېلىپ دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغانلاردىن ئازراق.  مەلۇم ساھە بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئىچىدە  دوكتۇر ئاشتى بولۇشقا قىزىقىدىغانلار ئاساسەن يوق. نىمىشقا؟ چۈنكى بۇمۇ بىر خىل تاللاش مەسىلىسى، پۇرسەت تەننەرخى مەسىلىسى. چۈنكى ئالى مەكتەپتە توختىماي ئوقۇۋېرىش،   ئۇنۋان ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز ئوقۇۋېرىش ئۇلارنىڭ كىرىمىگە تەسىر قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دوكتۇرلۇق پروگراممىلىرىغا ئىلتىماس قىلماسلىقى ئۇلارنىڭ ئوقۇيالماسلىقىدىن ئەمەس بەلكى بۇ خىل ئوقۇشنىڭ پۇرسەت تەننەرخنىڭ يۇقىرى بوپ كېتىدىغانلىقىدىن.  يەنى مايكېل ئالى مەكتەپتە تۆت يىل، ماگىستىر ھەم دوكتۇرلۇقنى ئىلىش ئۇچۇن كەم دېگەندە 5 يىل ئوقۇسا دېمەك بۇ 9 يىل جەريانىدا ئۇ خىزمەت قىلماي ئوقۇيدۇ دېگەن گەپ.  ئادەم  ئىشلىمىسە، خىزمەت قىلمىسا نامرات بولىدۇ. ئامېرىكىدا ئادەملەرنىڭ ياشانغاندىكى پېنسىيە پۇلى ئۇنىڭ خىزمەت قىلغان يىل سانىغا ۋە   مائاشىغا قاراپ ئاز-كۆپ بولىدۇ. ئادەم ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدا نامرات بولىدۇ . چۈنكى ئوقۇش پۇلىنى تۆلىمىسە بولمايدۇ، ئوقۇش مۇكاپاتىنى بولغان تەقدىردىمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە لايىق تۇرمۇش چىقىملىرى بولىدۇ. بۇ خىراجىتىگە پۇل تاپىمەن دەپ ئىشلىسە، ئوقۇشى ئوقۇش بولماي قالىدۇ.  ئامېرىكىنىڭ ئالى مەكتەپلىرى ناھايىتى قىممەت. توختىماي ئوقۇۋەرسە ئوقۇش پۇلىنى تۆلەيمەن دەپ قەرز بەرگۈچى ئورۇنلاردىن قەرز ئىلىپ قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىدۇ.
   شۇڭا نۇرغۇن ئامېرىكىلىق ياشلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا خىزمەت تېپىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ 2-3 يىل ئىشلىۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن بەزىلىرى بازارلىق كەسىپلەرنى ئوقۇشقا باشلايدۇ.  يەنى دوختۇر، چىش دوختۇرى، دورىگەرلىك، بوغالتىرلىق، سودا-سانائەتنى باشقۇرۇش ھەمدە ئىنژېنېرلىق قاتارلىق كەسپلەرگە يۈرۈش  قىلىدۇ.
   خارۋاردتا  تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق پروگرامملىرى بار. ئۇلار ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا خارۋاردقا ئىلتىماس قىلغاندا قارىغۇلارچە ئىلتىماس قىلماسلىق كېرەك يەنى ئۇنىڭدا ئوقۇش نېسىپ بولغاندا ئىچىدە بازارلىق كەسىپلەرنى تاللاپ ئوقۇش كېرەك. ئۇنىڭ ئىقتىساد، سودا باشقۇرۇش، مېدىتسىنا، ئاممىۋى ساقلىق ھەم قانۇن كەسىپلىرى دۇنيادا داڭلىق.
   خارۋاردتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن نۇرغۇن پىرىزدىنتلىرى چىققان ھازىرقى دۇنياۋى بايلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى خارۋاردنى پۈتتۈرگەن. خارۋاردنى پۈتتۈرگەنلەر قانداقسىگە بۇ قەدەر جەمئىيەتتە ئابرويغا ئېرىشىدۇ، ياكى ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ دېگىنىمىزدە، ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەيمىز.
    بۇ مەكتەپ 400 يىلغا يېقىن  تارىخقا ئىگە دۇنياغا مەشھۇر مەكتەپ. بۇ مەكتەپنىڭ ئىقتىسادى كۈچى زور. بۇ مەكتەپنىڭ بىر يىلدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتقا سەرپ قىلىدىغان پۇلى يەمەنگە ئوخشاش  بەزى دۆلەتلەرنىڭ بىر يىللىق مىللى دارامىتىگە تەڭ كېلىدۇ. يەنى ئاشۇ دۆلەتلەردىكى 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم تىرىشىپ ئىشلەپ ياراتقان بايلىقنى  ئادەم سانى بەلكىم 25-30 مىڭ بولغان خارۋارد خەجلەيدۇ.
   بىز مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغان: مېكىيانىم  قاقىلدىمايدۇ  دەيسەن دان بەرمەيسەن، ئېتىم چاپمايدۇ دەيسەن يەم بەرمەيسەن.   دېمەك بۇ يەردە سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋەت بار. يەنى ئېتىڭىزنىڭ چېپىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يەم بېرىشىڭىز، مىكىيىنىڭىزنىڭ قاقىلدىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دان بېرىشىڭىز كېرەك بولغاندەك خارۋاردتىن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىقىشىدا ئۇلارغا سېلىنغان مەبلەغمۇ يۇقىرى. ئالدى بىلەن بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ناھايىتى مۇنەۋۋەر، بۇ مەكتەپ ھەرقايسى كەسىپلەردە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنى ئۆزىگە يىغىۋالغان . ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ  سابىق پرېزىدېنت ۋە مىنسىتىرلىرىمۇ   كىلىپ بۇ يەردە ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. مەسىلەن كولۇمبىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى خارۋاردنىڭ ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش ئىنستىتۇتىغا يەنى پەخىرىيە ئەشرەپ ئوقۇيدىغان مەكتەپكە كىلىپ ئىنستىتۇت باشلىقى بولدى. ھەتتا  بىزگە دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپى دېگۈدەك پادىشاھلارنىڭ ۋە باشباقانلارنىڭ ئىقتىسادى مەسلىھەتچىلىگىنى قىلىدۇ. مەن ئوقۇغان  فاكۇلتېتتا مەندىن بىر يىل بۇرۇن كىلىپ ئوقۇغان سپەسىيوسا  ئىسىملىك ئايالمۇ ئىلگىرى گانا دۆلىتىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بولۇپ ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەيدس ئىشلىرى بويىچە ئافرىقىغا مەسئۇل ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
   ئاندىن ئافرىقىدىكى قايسى بىر دۆلەتنىڭ شاھزادىسىمۇ بىز بىلەن بىرگە بىر دەرسنى ئاڭلىدى، خەنزۇچىنى كارامەت سۆزلەيدۇ ئۇ كاساپەت. تەيۋەندە  ئۆگىنىپتىكەن. مەكتەپنىڭ  بىر قېتىملىق پائالىيىتىدە ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىپ كىلىپ چوڭ سۈپەت ئولتۇرىدۇ بىر چاغدا. "شوخ ئولتۇرمامسەن دېسەم: مەن دادامنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولىدىغان ئادەم، مۇشۇنداق ئولتۇرمىسام بولمايدۇ دەپ جاۋاپ بەرگىنى ئېسىمدە .  كولۇمبىيە مەملىكىتىدىن كەلگەن ئالۋارز ئىسىملىك يەنە بىر دوختۇر كىشى بار ئىدى، خارۋاردتا ئوقۇپ كەتكەندىن كىيىن شۇ دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە ئەمەلدارى بولۇپ خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ. دېمەك،  خارۋاردا ئوقۇغۇچىلارنى كەسپى جەھەتتىلا تەربىيلىمەيدۇ بەلكى يەنە بىر تۈركۈم ھەر قايسى جەمئىيەتلەرگە كېرەكلىك ھەرقايسى ساھەلەردە ئالدىدا ماڭىدىغان ئالىم، تەتقىقاتچىلارنى ۋە رەھبەرلەرنى تەربىيىلەيدۇ.بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبنى يەنە بىر قەدەم ئىنچىكىلەپ چۈشەندۈرەي.
   يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك خارۋارددا  ئەڭ دەسلەپتە ئوقۇغۇچى ئالغاندا ئادەمنىڭ ئىچىدىن ئادەمنى بەك تاللايدۇ. يەنى بەك ئەگلەكتىن ئۆتكۈزىدۇ. خارۋاردقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا ئەڭ ئاۋال نەتىجىسىگە قارايدۇ، ئەلۋەتتە.  مەن بۇ نۇقتىنى مەقسەتلىك تەكىتلەۋاتىمەن. چۈنكى بۈگۈن لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ياشلار بار، بالىلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇشنى ئويلاۋاتقان ئىرادىلىك ئاتا ئانىلارمۇ بار.
    مۇبادا سىلەر ياكى پەرزەنتىڭلار ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغان بولساڭلار، سىلەر خارۋاردنىڭ ئاسپىرانتلىق پروگرامملىرىغا ئىلتىماس قىلساڭلار يوللار ئوچۇق.  ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلالايدۇ. مانا مەنمۇ پامىر تاغلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇغۇلۇپ، ئۈرۈمچىگە ئالى مەكتەپكە كەلگەندە "ۋو شى ئاتۇشى شى دى" دەپ خەنزۇچە سۆزلەپ يۈرۈپ، مەكتەپ تارىخىدىكى قىزىق يۇمۇردىن بىرنى تىپىپ قويۇپ يۈزۈمنى پوكاندەك قىزارتىپ تۇرۇپ ئوقۇپ خارۋاردقا كىرىپ كەتتىمغۇ؟. ھازىرقى ياشلار، ئەينى چاغدىكى مەندىن ئەقىل ۋە شارائىت جەھەتتە نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولماي!
   مانا بۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا ئىككى سىڭلىمىز خارۋاردنىڭ ماگىستىرلىق پروگراممىسىغا قوبۇل قىلىندى. دېمەك بۇ پۇرسەتلەر سىلەر ياشلارغا ياكى پەرزەنتلەرگە مۇمكىن. ھازىرغا قەدەر بىزدىن خارۋاردقا كىلىپ ئوقۇغان ئادەملەرنىڭ  سانى ساناقلىقلا. بىزنىڭ ۋە يۇرتىمىزدىن ئەڭ دەسلەپتە خارۋاردقتا ئوقۇغانلاردىن 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا كىلىپ تارىخ ئوقۇغان ئىككى كىشى بار ئىكەن. ئۇنىڭ بىرى قاھار بارات ئىسىملىك كىشى، يەنە بىرى ئەينى چاغدا سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان قازاق قېرىنداشلىرىدىن بولغان جانابىل ئەپەندىنىڭ جىگەر ئىسىملىك ئوغلى  ئىكەن. مەن ئىككىنچى ئۇيغۇر بولۇپتىمەن دەيمەن بۇ مەكتەپكە ئۇلار كىرىپ 16 يىلدىن كىيىن كىرگەن،  مەن كىلىپ بىر يىلدىن كىيىن ئەلنىگار دېگەن قىز  ۋە قۇدرەت ياقۇپ قوبۇل قىلىندى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا يەنە كىچىكىدىن خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇپ بېيجىڭ ئۇنۋېرستتىتى ئاكتيورلۇق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ خارۋاردنىڭ ئاكتيورلۇق كەسپىگە ماگىستىرلىققا ئوقۇشقا كەلگەن  بىر ئۇيغۇر قىزنى كۆرگەن ئىدىم، ئۆيىمىزگە بىر ھېيتتا كەلدى، ئۇنىڭدىن كىيىن كۆرمىدىم، ئىسمىنى ئىلنۇر دېدىمۇ ئىشقىلىپ، "دادام ئالى مەكتەپتە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، ئاپام ئۈرۈمچىدە دوختۇر" دىگەندەك قىلغان. ئادەم دېگەن يىققىن تۇرمىغاندىن كىيىنلا ئۇنتۇلىدىكەن. تولۇق ئىسىم فامىلىسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.  دېمەك بۇ يەردە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇردىن تۆتىمىز بار ئىكەنمىز. بۇ يىل كەلگەن ئىككى سىڭىلچاقنى قوشساق شۇنىڭ بىلەن 10 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە خارۋاردا ئوقۇغان ئۇيغۇرنىڭ سانى  7 بولىدۇ دېگەن گەپ. مەن دەيمەن مۇبادا ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلاردىن يەنە 30-40 ئى چىقسا مەن ناھايىتى خوش بولىمەن يەنى يىلىغا بىردىن كەلسىمۇ....دېمەك 1988-يىلىدىن تارتىپ 2015-يىلىغىچە بولغان 27 يىل ئىچىدە خارۋاردقا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىنىڭ سانى جەمئىي 7 شۇنداق ئىكەن بۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىدىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى كۆپلەپ چىقىشى كېرەك. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ،  ياشلىرىمىزنىڭ قوغلىشىدىغىنى مانا مۇشۇ ساھەدىكى تالانت بولۇشى كېرەك.
    مەن خارۋاردقا ئۆزىنى، ھاياتنى سۆيىدىغان، ئۆزىنىڭ قەۋمىنى  ۋە ئىنسانىيەتنى سۆيىدىغان مېھىر مۇھەببەتلىك پەرزەنتلىرىمىزدىن 30 ئى كىرەلىسە جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.  
   ئۇ بىر خىل ئەقلى كۈچنىڭ نامايەندىسى ۋە ئۈمىت ھەم ئىشەنچنىڭ ئىپادىسى. مەن تېخىچە قازاقىستان  ۋە ئۆزبىكىستاندىن كېلىپ ئوقۇغانلارنى ئۇچراتمىدىم. ئەمما ئۆزبىكىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىبراھىم ئىسىملىك بىر تاتار بالىنى بىلىمەن بۇ بالا خارۋاردتا پروفېسسور. تاتارلار مائارىپقا بەك دىققەت قىلىدۇ. مەن تاتار خەلقىنى ھۆرمەتلەيمەن ھەم سۆيىمەن  چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداش خەلقىمىز بولۇپلا قالماستىن يەنە بىزنىڭ ئاقارتىش ئىشلىرىمىزغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان . بىز ئۆزىمىزنىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشقان، ياردەم بەرگەن شەخس ۋە خەلقلەرنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. ئىبراھىم ئىسىملىك بۇ بالا روسىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ كىيىن يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان يىگىتتۇر.
   كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ خارۋاردتا ئوقۇغان پەرزەنتلىرىنىڭ سانىغا ھەر خىل سەۋەب تۈپەيلىدىن بەلكى قىزىقىش، بەلكى ئابروي، شان شەرەپ ياكى پەخىر تۇيغۇسى تۈپەيلىدىن دىققەت قىلىدىكەن. بىر چاغدا ماپپي دەپ ئەركىلەتمە ئىسمى بىلەن ئاتىلىدىغان بىر ياپۇنلۇق ساۋاقدىشىم دەيدۇ "مەن مۇشۇ خارۋاردا ئوقۇۋاتقان ياپۇنلۇقلاربىڭ سانىنى ئىستىلىستىكا قىلىپ باقسام كۆپ ئەمەسكەنمىز، ھەممىسىنى ساناپ بېرەلەيدىكەنمەن. بىزنىڭ ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ خىراجىتى بىلەن زىيارەتچى ئالىملىققا كەلگەن ياكى دوكتۇر ئاشتىلىق ئۇچۇن كەلگەنلەرنى ھىساپلىمىدىم چۈنكى ئۇ ئوقۇش ئەمەس. ئۇ بىر خىل خىزمەت. مەن مۇشۇ خارۋاردنىڭ قاتتىق  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرىدىن ئۆتۈپ ئۇنۋان ئۇچۇن ئوقۇغانلارنى ھىساپلاپ كۆرسەم سانىمىز ئاز ئىكەن، جوڭگۇلۇقلاردىن كۆپ كەينىدە تۇرىدىكەنمىز".
   ياپونلارمۇ يۇز نەچچە مىليون خەلق. ئۇلاردىن ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ خىراجىتى بىلەن ۋە ياكى بىرلەشمە تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىشلەش ئۇچۇن كەلگەن دوكتۇر ئاشتىلار خىلى بار.(ئەسكەرتىش: دوكتۇر ئاشتىلىق - ئۇ ئۇنۋان ئەمەس، بەلكى ئۇ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بىرسىنىڭ مەلۇم ساھەدە نەتىجىسى بار ئالىملارنىڭ يېتەكچىلىگىدە ئۆزى تاللىغان تېما بويىچە تەتقىقات ئىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەزىدە تاللاشتىن بولسا بەزىدە ئامالسىزلىقتىن بولىدۇ، ئالدىنقىسىدا قىزىقىش ۋە ۋاز كېچىش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرسا كىيىنكىسىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئىلىپ تولۇق كۇنلۇك خىزمەت تاپالمىغاندا تاللاشقا مەجبۇر بولۇشتىن  ئىبارەت )
   ئامېرىكىنىڭ جەمئىيىتىدىكى بەزى ئىشلار ئاجايىپ.
   ئامېرىكىدا ياخشى ئوقۇغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇش پۇتتۇرۇپلا خىزمەت تاپىدۇ. خىزمەت تەجرىبىسىنى يەكۇنلىۋالغاندىن كىيىن يېنىپ كېلىپ ئۇنۋان ئۇچۇن ئوقۇيدۇ. بىزنىڭكىگە ئوخشاش بىلىمسىراپ كەتكەن جەمئىيەتتە بىز ئۇنۋاننى چوڭ بىلىمىز، بۇ خاتا ئەمەس بەلكى بۇنى بىر مەزگىل قوغلىشىمىز زۆرۈر. ئەمما بۇ جەمئىيەتتە   دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرۈپمۇ خىزمەت تاپالمايدىغان ئىشلارمۇ بار. بۇنداق ئەھۋالدا دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغانلارنىڭ ئۆز يولىنى تېپىۋېلىشى ئۇچۇن مۇنۇ دوكتۇر ئاشتى دېگەن خىزمەت پۇرسىتى يارىتىلغان ئىكەن. ئادەتتە دوكتور ئاشتىلىققا كىرگەنلەرنىڭ مائاشى تۆۋەن  بولۇپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىشىغا ئاران يېتىدۇ. بۇ ئورۇنلار ئادەتتە بىر يىلدىن ئۇچ يىلغىچە بولىدۇ.   ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇنداقلا دۆلەت تەبىئىى پەنلەر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق ئورۇنلار ھەرقايسى ئالى مەكتەپ ۋە مېدىتسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوختۇرخانىلاردا دوكتۇر ئاشتىلىق پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ ئۇلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئەگەر بۇ دوكتور ئاشتىلار شۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ مائاشىنى قامدايدىغان  تەتقىقات تۈرىنى ئالالىسا ئاندىن ئۇلارنىڭ خىزمەت سالاھىتى رەسمى خىزمەتچىگە ئۆزگىرىپ مائاشى ئۆسىدىكەن. بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەنلەردىن ئاشۇ دوكتور ئاشتىلىق مەزگىلىدە تەتقىقات تۈرىنى قوللايدىغان مەبلەغنى قولغا كەلتۈرەلمەي ئىشتىن بوشاپ كەتكەنلەر بولدى. بۇ خۇددى ئۈرۈمچىدە خىزمەت تاپالماي جەنۇبقا بارسا بىر نېمە چىققاندەك بىر ئىشكەن. يەنى ئۇلار خارۋارد سىستېمىسىدا بىر نەچچە يىل تۇرۇپ باشقا يەرگە بارسا ياخشى پۇرسەتلەر چىقىدىكەن.  مەن مۇنداق بىر نەرسىگە دىققەت قىلدىم. ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئىلىپ تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرگە بىسىم خىلى ئېغىر ئىكەن، چۈنكى ئىلمى ساھەدە رىقابەت قاتتىق، تەلەپ يۇقىرى شۇڭا ئۇلار توختىماي ماقالە ئېلان  قىلمىسا ئۆزىنىڭ تەتقىقات ساھەسىدە ماقالە ئېلان قىلمىسا خىزمىتى  مۇھىمى مائاشى ئۆسمەيدىكەن. يەنى تەتقىقات ماقالىسى ئىلان قىلىش - ئۇلارنىڭ خىزمىتى. ئۇلار ماقالە ئېلان قىلالىغىنى ئۈچۈنلا مۇئاش ئالىدۇ.   ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى ۋە كەسپى جەھەتتىكى كۆتۈرۈلۈشىنى بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېلان قىلىدىغان ماقالىسىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىگە باغلاپ قويۇش ۋە بۇ خىل بىسىم ئارقىلىق يېڭىلىقلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش - ئامېرىكىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر تۇزۇم بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم.
   مىنىڭ  يۇقۇرىدىكى نەرسىلەرنى سۆزلىشىم - كۆپچىلىككە ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپتە ئوقۇش، ئۇنۋان ۋە خىزمەت مەسىلىسىدە ئېنىقراق چۈشەنچىگە ئىگە بولسۇن دەپ ئويلىغانلىغىمدىندۇر.ئەركىن سۆزلەۋاتقىنىم ئۇچۇن گېپىم چۇۋالچاقراق بوپ كەتتى، ئەمدى مەن يەنە تېمىغا قايتىۋالاي. پەرزەنتلىرىمىز كېلەلىسە خارۋاردتەك داڭلىق مەكتەپتە ئوقۇسۇن، بولمىسا باشقا ئالى مەكتەپتە ئوقۇسىمۇ بولىۋېرىدۇ، گەپ ئۇلارنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىدا. يەنى دىپلومنى ياخشى يامانلىققا باغلاش توغرا ئەمەس، خارۋاردتا ئوقۇش ياخشى ئىش ئۇ شۇ ئادەمگە ئىشەنچ بېغىشلايدۇ چۈنكى ئوقۇغۇچى مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا شۇ يەردىكى ئادەملەر بىلەن تونۇشىدۇ، روھى كۆتۈرىلدۇ، ئۆزىگە تەلەپ قويىدۇ، دۇنيانىڭ قانداق يېرىگە بارسا مەن خارۋاردتا ئوقۇدۇم دىسە باشقىلارنىڭ دىققىتىگە ئېرىشىدۇ. چۈنكى خارۋارد دىپلومنى ئوڭاي بەرمەيدۇ. ئۇنىڭدا ئوقۇغان ئادەم بىرلا ساھە بويىچە تەربىيلىنىپ چىقمايدۇ.  مىنىڭ ئەننا دىئاز ئىسىملىك كولۇمبىيەلىك ساۋاقدىشىم بار  ئىدى. ئۇ قىزنىڭ ماڭا شۇنداق بىر گەپنى قىلىپ بەرگىنى ئېسىمدە: مەن يازدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى ئۇچۇن ماتېرىيال ئىزدەپ كولۇمبىيەنىڭ كىچىك بىر شەھىرىگە بارغان ئىدىم،  يەرلىكلەر "قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسەن؟" دەپ سورىلىۋىدى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دېسەم كىشىلەر ماڭا بىر خىل ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىشىپ ئىشلىرىمغا كۆپ قولايلىق تۇغدۇرۇپ بەردى.
     ھەتتا ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىمۇ "بالىلىرىمىز خارۋاردتقا ئوقۇسا ئىكەن" دەپ ئارزۇ قىلىدۇ  مەيلى بايلار، سىياسۇنلار بولسۇن ۋە ياكى  خەنزۇلار بولسۇن، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئارزۇ ئۇچۇن بەك تىپچەكلەيدۇ. چۈنكى ئۇنى كىشىلەر بىر خىل ئابروي، شان شەرەپ دەپمۇ قارايدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندابۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا نىسبەتەن بىر پايدىلىق يىرى بار ئىكەن يەنى بىر ئۆيدىن بىرەرى بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بولسا شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلسا مەكتەپ شۇنىڭغا .ئىتىۋار بىلەن قارايدىكەن. بۇ گەپ قانچىلىك ئاساسقا ئىگە بۇنىسى ماڭا ھازىرچە نامەلۇم.
    بۇ مەكتەپتە  ئوقۇغان ئادەملەر ئانچە كوپ ئەمەس، يىلىغا نەچچە مىڭ. جامائەتتە " كەم ئۇچرىغان نەرسە قىممەت" دېگەن گەپ بار. گەرچە بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ خىزمەت تېپىشى تىز ۋە خىزمەتلەردە ئىلگىرىلەش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولسىمۇ ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇن نەرسە يەككە شەخسنىڭ باشقا سۈپەتلىرىگە ھەم باغلىق. مەسىلەن بەزىلەر خارۋاردقا بارمايمۇ  ۋە ياكى  بىلل گەيتىستەك بەزىلەر بۇ مەكتەپتە تولۇق ئوقۇمايمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. دېمەك خارۋاردنىڭ ئۇنۋانى - مۇتلەق مۇۋەپپىقىيەتتىن دېرەك بەرمەيدۇ.
    مەن يۇقىرىدا يەنە  خارۋارد ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تاللىۋالىدۇ دەپ سۆزلەپ ئۆتتۈم، بەلكىم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلەرگە چوقۇم مۇنۇ سۇئال كەلدى.
ئۇلار زادى قانداق تاللىۋالىدۇ؟
ئۇنىڭ تەرتىپلىرى مۇنداق:
ئالدى بىلەن بۇلار ئۆلچەملىك ئىمتىھاندىن ئۆتۈشى كېرەك. مەسىلەن تولۇق كۇرسقا كىرمەكچى بولسا  SAT I ۋە SAT IIدېگەن ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىنىڭ  تولۇق كۇرسىغا كىرىشتە ھەر بىر ئوقۇغۇچى بېرىدىغان ئۆلچەملىك ئىمتىھانىنى بېرىشى كېرەك.
   SAT ئۇلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى سىنايدىغان ئۆلچەملىك ئىمتىھان. ئۆلچەملىك ئىمتىھان دېگىنىمىز - ئوخشىمىغان سەۋىيىدىكى كىشىلەردىن ئىلىنىدىغان ئوخشاش سوئاللاردىن تەركىپ تاپقان ئىمتىھان بولۇپ ئۇنىڭغا نومۇر قويۇش ئۆلچىمى بىردەك، بۇ ئارقىلىق ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسىنى سىنىغىلى ھەم سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن ئوخشاش بىر يىللىقتا ئالايلى تولۇق ئىككىنچى يىللىقتا  ئاتۇشتىكى قىزىلسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئەلى بىلەن ئۈرۈمچى 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان زىۋىدەمنى كىشىلەر ئوخشاشلا  "دەرستە ئەلاچى " دېيىشىدۇ. بىراق بۇلار راست ئەلاچىمۇ، كىم كىمگە قارىغاندا بەكرەك ئەلاچى دېگەننى بىلمەكچى بولساق قانداق قىلىمىز؟ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ نومۇرىنى سېلىشتۇرىمىز. ئەمما بىز زادى كىمنىڭ ھەقىقى ئەلاچىلىقنى بىلمەكچى بولساق ئۇلارنىڭ ئۆز مەكتەپلىرىنىڭ ئىمتىھانلىرىدا ئالغان نەتىجىسىگە ئاساسەن سېلىشتۇرما قىلساق بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىككىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن، جاۋاپلىرى ئېنىق بولغان ئوبېيكتىپ سوئاللاردىن تەركىپ تاپقان  ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ ئاندىن كىم كىمدىن دەرستە ياخشى دېگەننى بىلسەك بۇ قايىل قىلارلىق بولىدۇ.
نەرسىلەرنى سېلىشتۇرۇشتا مەلۇم ئۆلچەم كېرەك. مەسىلەن  مىنى لىللا شىركىتىنىڭ   قۇرغۇچىسى  - كارخانىچى مۇتىللا ئاكا بىلەن تۇرغۇزۇپ ئىككىمىزنىڭ  بويىنى سىلىشتۇرساڭلا مەن پاكار ھېسابلىنىمەن، لېكىن بايبول شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى قەيسەر ھاجى بىلەن بىللە تۇرغۇزۇپ سىلىشتۇرساڭلا مەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كېلىمەن ھەم ھەر ئىككىمىز ئوتتۇرا بوي كېلىمىز.  ئەمما مىنى ۋىتناملىق پەنۋېنكەيلەر  بىلەن سىلىشتۇرساڭلار بەلكى ئۇلارغا قارىغاندا ئېگىز بوي ئادەممەن. بۇنىڭلىق بىلەن مەن ئېگىز بوي كۆرىنىدىكەنمەن دەپ خانويغا كۆچۈپ بېرىپ ياشىغىلى بولمايدۇ دە!  دېمەك بوي سىلىشتۇرشتىمۇ مۇئەييەن ئۆلچەم كېرەك. يەنى ئەرلەرنىڭ ئىچىدە بويى 1.65 تۆۋەن بولغانلار پاكار ھېسابلانسا، 1 مىتېر 65 تىن 1.73 ئارىلىقىدا بولغانلار ئوتتۇرا بوي ھېسابلىنىدۇ دىگەندەك.
   مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش  ھارۋارد ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىمۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا SAT نومۇرىغا قارايدۇ. شۇڭا بۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغۇچى SAT دىن يۇقىرى نومۇر ئىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ تولۇق نومۇرى 2400 بولۇپ خارۋاردقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچى كەم دېگەندە 2200 دىن يۇقىرى ئالمىسا بولمايدۇ. لېكىن بۇ ئىمتىھاندىن  تولۇق ئۆمۈر  ئىلىش خارۋاردقا قوبۇل قىلىنىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.  ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاتا ئانىسى جۇڭگولۇق  بىر  بالا قايسى بىر يىلى خارۋاردتنى ئەرز قىلىپ يۈردى يەنى "مەن SAT" دىن تولۇق نومۇر ئالسام خارۋارد قوبۇل قىلمىدى، بۇ قىلمىش ئاسىيالىققا قارىتا كەمسىتىش’ دەپ.
  خارۋارد مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى:  پەقەت نومۇر ئىلىشنىلا بىلىدىغان باشقا ئالاھىدىلىگى بولمىغان ئادەمنى بىز ئالمايمىز. بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى ۋە باشقا تەرەپلىرىگىمۇ قارايمىز، خارۋاردقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە 17% ئوقۇغۇچى ئاسىيالىقلار پۇشتىدىن".
  خارۋارد ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى يەنە – ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى ياكى ئەمەسلىگى، سىنىپىدا ئەلاچى ئوقۇغۇچى ياكى ئەمەسلىگىگە ھەمدە كاندىداتنىڭ  ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ياكى باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۆتىمىگەنلىگىگە شۇنداقلا سەنئەت ،تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتتە ئالاھىدىلىگى بار يوقلىقىغا قارايدۇ. بۇلار مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىجتىمائىيلىقى بار شەخىسمۇ ئەمەسمۇ مۇشۇنىڭغا ئالاھىدە قارايدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا خارۋارد ئۆزى  قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ كىيىن جەمئىيەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا زۆرۈر بولغان خىمىرتۇرۇچنىڭ بار يوقلۇقىغا قارايدىكەن.
بىز ئادەتتە "مىنى باشقىلار نېمە دىسە دېسۇن پەرۋايىم پەلەك" دەپ قويىمىز. ئەمما ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئوقۇشقا ۋە خىزمەتكە ئىلتىماس قىلىشتا باشقىلارنىڭ سىز توغرىسىدا نېمە دېيىشى ئىنتايىن مۇھىم.
مەكتەپلەر، ئىدارە ۋە كارخانىلار سىز ئوقۇش ياكى تۇنجى خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغاندا سىزنى "مىنى ياخشى بىلىدۇ" دەپ قارىغان ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سىزگە بولغان باھاسىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ.
   جۈملىدىن خارۋاردمۇ ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ خەت يىزىپ بېرىشىنى شەرت قىلىدۇ بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىنىڭ  خاراكتېرى، ئالاھىدىلىگى ھەققىدە باشقىلار ئارقىلىق مەلۇم ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ.  ئەلۋەتتە سىز بۇ خەتنى يازىدىغانغا سىزنى ياخشى چۈشىنىدىغان "ماڭا ياخشى خەت يېزىپ بېرىدۇ" دەپ قارايدىغان ئادەملەرنى تاللايسىز. بۇ كىشىلەرمۇ سىز ھەققىدە راستچىللىق بىلەن سىزگە ئىجابىي سۆزلەرنى ئىشلىتىپ يىزىپ بېرىدۇ. مەسىلەن مۇنۇ باغداشنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەرجان "قەيسەر ئاكا، ئۆزلە مىنى خارۋاردقا تونۇشتۇرۇپ خەت يېزىپ بەسىنا، گاڭ ئاكام دەپ كېتەي دىسە، ،مەن دەرھال يېزىپ بىرىمەن" چۈنكى مەن ئەكبەرجاننى ياخشى بىلىمەن . ئەگەر مەن خاراكتېرىنى بىلمەيدىغان ھوشۇر قارى ماڭا " مىنى خارۋاردقا تونۇشتۇرۇپ خەت يېزىپ بىرىڭلار قەيسەرجووون غوجۇۇۇممم دىسە، مەن نېمە دەپ يېزىپ بىرىمەن.؟ ھوشۇر قارى ناخشا ئېيتالايدۇ، بۇرۇتى بار" دەپ يېزىپ بەرگىلى بولمايدۇ، ئامېرىكىلىقلار ئۆزى ياخشى بىلمەيدىغان ئادەمگە بىر نەرسە يېزىپ بېرەلمەيمەن دەپ رەت قىلىدۇ.  خەت يىزىپ بىرىش ئۇچۇن قارشى تەرەپنى ياخشى تونۇش كېرەك. بوستوندا ئاسىيە ماخمۇت ئىسىملىك كورلىدىن كىلىپ ئۈرۈمچىدە تىببى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن بىر سىڭىلچاق بولىدىغان.USMLE   ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ دوختۇرلۇققا  ئىلتىماس قىلغاندا، ئايالىمدىن بىر پارچە خەت ئىلىش ئۈچۈن ئايالىمنىڭ دوختۇرخانىسىغا ئىككى ھەپتە باردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن خىزمەتتە بىللە بولدى. چۈنكى يېزىپ بەرگەن خەتلەردە چىنلىق بولۇشى كېرەك، يالغاننى يىزىپ بەرگىلى بولمايدۇ. يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار "ئاكا مەن ئوقۇيتتىم، ماۋۇ ماتىرياللىرىمنى كۆرۈپ تۈزۈتۈپ بەرسىڭىز ياكى يېزىپ بەرسىڭىز" دەپ خەت يازسا "ياق" دېمەي كىچە كېچىلەپ بولسىمۇ خەت يېزىپ بېرەتتىم ياكى ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ تەھرىرلەپ بېرەتتىم. "ئۆزىمىزنىڭ  ياشلىرى ئەمەسمۇ ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئىششىپ ئوقۇپ قالسا ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئاندىن خەلققە پايدىسى تىگىپ قالا،  مەن ياردەم قىلمىسام كىم قىلىپ بېرىدۇ" دېگەن ئوي بىلەن. ئەمدى ھازىر ھەم ياش چوڭىيىپ قىلىۋاتىدۇ ھەم ئالدىراش بوپ كېتىۋاتىمەن، شۇڭا بۇندىن كىيىن كۆپ چاپالماسلىقىم مۇمكىن ھەم بەزىلەرنىڭ كۆز بويامچى قېچىپ قىلىشى بىلەن ئادەمنىڭ رايى يېنىپ قالىدىكەن. لېكىن بىز ھەقىقى ئوقۇيدىغان سەمىمى ياشلارنى قوللىشىمىز كېرەك. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بەلكىم 5-6 ياشلىق پەرزەنتىڭلار بارلار بار دېمەك خۇدا بۇيرىسا يەنە 10-15 يىلدىن كىيىن ئۇلار ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈدەك بولىدۇ. مۇبادا سىلەر بالاڭلارنى ھازىردىن باشلاپ ياخشى تەربىيلىسەڭلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. مەن راست گەپنى سۆزلەيمەن. مەن يۇقىرىدا ئالى مەكتەپكە تۇنجى قېتىم كىرگەندە يۈز بەرگەن يۇمۇر تۈسىگە تولغان ئۆزۈمنىڭ كەچمىشىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم يەنى "سەن قايسى فاكۇلتېتتىن" دەپ سورالغان خەنزۇچە سوئالغا  شۇنى ئۇقالماي "قايسى شەھەرنىڭ دەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ "مەن ئاتۇش فاكۇلتېتتىن" دەپ سۆزلەپ خەقنىڭ كۈلكىسىگە قالغان  چاغلىرىمنى سۆزلەپ ئۇتتۇم.  بۇ ئارقىلىق مىنىڭ دېمەكچى بولغىنىم مەنمۇ بىر چاغلاردا ئاشۇنداق گەپلەرنى دەپ يۈرۈپ خەنزۇچە ئۈگۈنۈپ، كىيىن ئېنگلىزچە ئۈگۈنۈپ ئاخىرى خارۋاردقا كىردىم ۋە ئۇنىڭ دىپلومىنى ئىلىش نىسپ بولدى. ھازىرقىدەك ئىچىلىپ كەتكەن دۇنيادا، ياشلىرىمىزنىڭ چىقىش نۇقتىسى - بىزنىڭ دەۋردىكى ياشلارغا قارىغاندا بۇرۇن.....ئەڭ ئەقەللىسى ھازىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلار كومپيۇتور ئارقىلىق بىمالال مەشغۇلات ئىلىپ بارالايدۇ.
بىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كومپيۇتېرنى ئۇقۇپ كەتمەيتى. ئۇنداق بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ كومپيۇتېر قىممەت بولغانلىقتىن كىشىلەردە ھەم يوق ئىدى.
مەن ئۆزۈممۇ ئەينى چاغدا كومپيۇتېرغا قەتئىي قىزىقمىغان ئىدىم.ئەمما  ئامېرىكىغا كەلگەندىن كىيىن دەرسنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆگەندىم.  ئوقۇش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدا قىينالغاندا پەلسەپىدىكى "گۈرۈچ بولمىسا ئۇستا ئاشپەزمۇ پولو ئىتەلمەيدۇ" دېگەن گەپ بار، ئەينى چاغدا مەندە كومپيۇتېر بولمىسا مەن ئۇنى قانداق ئۈگۈنەتتىم" دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەرگەندەكمۇ بولدۇم. لېكىن تېگى تەكتىكىدىن ئېيتقاندا ئۇنى ياخشى بىلمەسلىكىم مىنىڭ ئۇنى ئۈگۈنۈشكە سۇس قاراپ قالغانلىقىمدىن. دېمەك پوزىتسىيە دېگەن ناھايىتى مۇھىم ئىكەن. بولمىسا شۇ چاغلاردا ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلامنىڭ دىلشات ھەۋزۇللا دەيدىغان بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى بولىدىغان ئۇ مىنىڭ يېقىن دوستلىرىمنىڭ بىرى ئىدى ("مەڭگۈلۈك ياشلىق دېگەن ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ئىككىنجىسىدە يازغان). مەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەنلىرىمدە كومپيۇتېر ئۈگۇنۇپ قوي دىسە، قىزىقىپتىكەن.  ئۇ شۇ چاغدا دۆلەتلىك 863 تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەۋاتقان بولۇپ ئىشخانىسىدا 4-5 كومپيۇتېر بولىدىغان.  چۈنكى مەن ھەرىكەتچان، قۇرۇتتەك قىمىرلاپ تۇرىدىغان بىر ئادەم.  بىر يەردە ئۇزاق ئولتۇرالمايدىغان ئادەم شۇڭا ئانام مىنى كىچىك چېغىمدا  "قورسىقىمدا قىمىرلايدىغان قۇرۇت بار بۇ بالامنىڭ" دەپ قويىدىغان.  ئادەتتە دائىم مېڭىپ تۇرىمەن، ماڭمىسام سۆزلەپ تۇرىمەن، ھەر ئىككىسىنى قىلمىسام يېزىپ تۇرىمەن، ئۇخلاپ قالسام خورەك تارتىپمۇ قويىمەن بەلكىم.  بۇ كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش ئۇچۇن ئۇزۇن ئولتۇرىدىغان گەپكەن، ئۇنداق بىر يەردە ئۇزۇن ئولتۇرسام ئىچىم پۇشۇپ كىتەتتى. ئەمدى ھازىر ئۇزۇن ئولتۇرماي ئامال يوق. تۇرمۇش ئولتۇرغۇزىدىغان گەپكەن، خىزمەتتە كۈندە كومپيۇتېر بىلەن مەشغۇلات قىلىدىغان گەپ. "كاجنى بازار ئوڭشاپتۇ دەپ، مەندەك گومۇشنى مانا ماۋۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئوڭشىۋەتتى . مۇشۇ سورۇندىكى ياشلار سۆزۈمگە دىققەت قىلىڭلار:
   سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ناھايىتى ئىرادىلىك ياشلار بار، ئالايلى ئابلىكىم، مەمەتتۇرسۇن، ئەكبەرجان، ئانارگۇل ئايقىز مۇتىللا ئاكىنىڭ قىزلىرى، ھە راست ئەمىن كىتاپچىلىغنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمىنجان ھاجىمنىڭ بوستوندا ئوقۇۋاتقان قىزى،  سىلەر، ھەممىڭلار خارۋاردنىڭ ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق پروگراممىلىرىغا كىرىپ ئوقۇيمەن دېسەڭلا بۇ مۇمكىنچىلىكى يوق ئىشمۇ ئەمەس.
خارۋاردقا ئىلتىماس قىلغۇچى يەنە ئۆزى ھەققىدە ۋە نىمىشقا خارۋاردتا ئوقۇماقچى ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرۇپ،ئۆزىنىڭ خارۋارد ئالمىسا بولمايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىپادىلەپ بىر پارچە ماقالە يىزىشى كېرەك.
مۇبادا ھەر جەھەتتىن بىر بىرىدىن قىلىشمايدىغان ئىككى كاندىدات بىر ساننى تالىشىپ قالسا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى نېمىگە قارايدۇ؟
ئەلۋەتتە ئۇلار يازغان ماقالىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىگە. مۇئەييەن ئۆزگىچە پىكىر ياكى تەپەككۇر ئۇلارنىڭدىققىتىنى تارتىدۇ.
    مەن  خارۋاردقا ئىلتىماس قىلغاندا ئۇلار تەلەپ قىلغان شەرتلەرنى ھازىرلاش بىلەن بىرلىكتە يەنە 22-23 ياش چاغلىرىمدا يازغان  "ئۆزۈملا بولالايدىكەنمەن" دېگەن ئەسىرىمنىڭ ئېنگلىزچە نەشرىنى قوشۇپ قويغان ئىدىم. مەن شۇنىڭمۇ پايدىسى بولدىمىكىن دەپ ئويلايمەن ئۆزۈمچە. چۈنكى بۇ يازما  مەكتەپتە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن شەرقى شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنغان گورباچىۋ فوندى جەمىيىتىنىڭ دېرىكتورى شەيلا پاففىر دىگەن ئايال پروفىسسور فاكۇلتىتىمغا تىلىفۇن قىلىپ مىنى ئۆزى دەرس ئوتۇۋاتقان سودا باشقۇرۇشنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئىلىش ئۇچۇن ئوقۇۋاتقانلارغا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئۇ كۈنى مەن كانۋاي كۆينەك ۋە چىمەن دوپپىنى كىيىپ سىنىپقا كىرسەم بۇ خانىم،
ئۇ يازمامنى كۆپەيتىپ بېسىپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇپتىكەن. شۇڭا مۇشۇنداق دەپ ئويلاپ قالدىمغۇ ،ئەمدى.
  ئاتىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىش، ئانىلارنىڭ چىرىغىنى يورۇتۇش - پەرزەنتنىڭ پەرزەنتلىك بۇرچىدۇر.دەۋر تەلىپىدىن قارىغاندا، تەدبىرسىز، قارىغۇلارچە ئەگىشىش ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئەكسىچە، پەرق ئېتىش ئاساسىدىكى تاللاش - تەرەققىيات يولىغا يېتەكلەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، تەرەققىياتقا پايدىلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش - مۇئەييەن ئىجتىمائىي كۈچنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
  ھېچكىمنىڭ ئۆزىنى كەمسىتكۈسى كەلمەيدۇ. خۇددى دالې كارنېگىې ئېيتقاندەك &قۇئوت؛باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختىشىنى تەلەپ قىلىش - بارلىق ئىنسانلارغا خاس پسىخىكا بولغاندەك، ئۇ يەنە مىللەتنىڭ پسىخىكىسىغىمۇ ئورتاقتۇر. ئوبيېكتىپ ۋە مۇۋاپىق يوسۇندا باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇش ۋە بۇنىڭ بىلەن پەخرلىنىش يوللۇق، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار. لېكىن، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان ھالدا كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش ياكى ئۆتمۈشنى دەستەك قىلىپ سۆزلەش -زىيانلىق. خەلق ئىچىدە "ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە" دېگەن ماقال بار.
بىر پۈتۈن ئاۋامغا دىئاگنوز قويۇش تەس. ئەمما، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز دىئاگنوز قويۇش ئوڭايراق بولىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىز، خاراكتېرىمىز ئۆزىمىزگىلا ئايان. مۇبادا چوڭقۇر دىئاگنوز ئارقىلىق، مىسىر ئېھراملىرىغا ئويۇلغان "ئۆزۈڭنى تونۇ" دېگەن سۆزنى چۈشىنىپ ئۆزىمىز ھەققىدە ت؛مەن ئاجىز ئەمەس ئىكەنمەن"؛ دېگەن يەكۈنگە ئېرىشەلىسەك ئىدۇق، بىز ئىنسان مۇكەممەللىكىگە قاراپ ئاتلانغان بولار ئىدۇق.
مۇكەممەللىك- ئاللاھقىلا خاس. گەرچە بۇ دىنىي مەدەنىيەت قارىشى بولسىمۇ، لېكىن سىرى نامەلۇم بولغان چەكسىز كائىناتنىڭ ئۆزى بىر مۇكەممەللىكنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە تەبئىئەت قانۇنىيەتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئالەمنىڭ ئۆزىدە قانداقتۇر بىر مۇكەممەللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇپتۇ.
مەن پىكرىمنىڭ تېيىزلىقىغا باقماي، ھاياتنى سۆيۈش ئىستىكىم ۋە چالا-پۇلا بىلىملىرىم بىلەن ئۆز-ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئۇزاق سەپىرىدە كېتىۋېتىپ، مۇشۇ خىياللارغا دۇچار بولۇپ ئەپسۇسلىنىش ۋە خەۋپسىرەش تۇيغۇلىرىنىڭ ئازابلىرىدا قولۇمغا قەلەم ئالدىم.مەن بۇ خىل ھېسسىياتقا ئورتاقلىشىدىغان دوستلارنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ھەتتىڭەي، 22 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ھېسابلىغاندىمۇ 16 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. تەپسىلىي ئويلىنىپ كۆرسەم، مەن نىيوتون بولالمايدىكەنمەن، بۇ مېنىڭ ئالما دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرمايدىغانلىقىم ياكى ئالمىنىڭ مېنىڭ بېشىمغا چۈشۈپ مېنى چەكسىز خىيالغا باشلاپ كىرىشىدەك تاسادىپىيلىقنىڭ تۇغۇلماسلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئىلگىرى پۇرسەت ۋە شارائىتنىڭ بولمىغانلىقى تۈپەيلى، قىزىقىش ۋە شىجائەتنىڭ مەندە يېتىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمىغانلىقىدا. ئەگەر پۇرسەت ۋە شارائىت كىچىكىمدىلا ماڭا يار بولغان بولسا ئىدى، مېنىڭمۇ بېشىمغا ئەنجۈر ياكى خۇۋەينە ئۈرۈك چۈشۈپ كېتىپ، مېنىمۇ خىيالغا سېلىپ ئالەمنىڭ باشقا قانۇنىيەتلىرىنى تېپىشقا نىسىپ قىلار ئىدى.
بېكون؛ بىلىم - تەجىربىدىن كېلىدۇ؛ دېگەن ئىكەن. گوركى داڭلىق يازغۇچى. تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ۋە تىرىشچانلىق ئۇنى يازغۇچى قىلغان. بىراق، مەن گوركىدەك تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىنىڭ مەندە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ كەتمەيمەن، ھەم ئۇ مۇمكىنمۇ ئەمەس. ئەمما، بۇ ھەقتە مەن ئاز-تولا ئۇرۇنۇپ كۆردۈم-يۇ، يېڭىمنى شىمايلاپ، پۇشقاقلىرىمنى تۈرۈپ چىقمىدىم.
ئېدىسوننىڭمۇ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرى بولغان. ئۇنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى --- ئۇنى ئىلمىي تەجرىبە بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇۋەپپەق قىلغان.مەن بۇ چۈشنىمۇ كۆرگەن. كىچىككىنە، ھەممە تەرىپى بېكىك بۇ تاغلىق يېزىدا توك چىراغمۇ يوق تۇرسا، ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟.ئويلاپ باقسام، مەن دارۋىنمۇ بولالمايدىكەن. بۇ دارۋىننىڭ بۇ خىل تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى دارۋىنغا خاس ئىستېداتنىڭ مەندە يوقلۇقىدىن. چۈنكى مەن، "توخۇ ھايۋانمۇ، قۇشمۇ؟" دېگەن سوئالغا توغرا ۋە تېز جاۋاب بېرەلمىگەن تۇرسام؟!
مەن پىئرر كيۇرې بولالامدىمەن؟ بۇ ئارزۇيۇم مېنىڭ ئىستىدات ۋە جاسارەتتە، مەندىنمۇ كۈچلۈك مارىئە كيۇرىئىنىڭ ماڭا جۈپ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، مەن مۇنۇ ناخشا بىلەن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇدەكمەن:
باقىمەن ھەر يانغا،
ئىنتىزار بولۇپ، ئىنتىزار...
ئۇنداقتا ماتېماتىكچۇ؟
دىففىرىنسىئال-ئىنتېگرالنى خېلى ئوبدانلا ئىگىلىگىنىم بىلەن، لېكىن گائۇسسچىلىك ۋاقتىمدا، بىردىن يۈزگىچە بولغان ساننى نەچچە سائەتلەپ ئاۋارە بولۇپ قوشۇپ چىققىنىم ئېسىمدە.ئۇنىڭدىنمۇ يالتايدىم.
ئىشقىلىپ، مەن پەننىڭ ھەرقايسى ئىشىكلىرىدىن كىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ باقتىم-يۇ، لېكىن بۇرنۇم قاناپ كەتتى. ياكى تېنىم شۇ قەدەر ئاجىزمۇ؟ ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن. بەلكىم، شۇنداق بولسا كېرەك؛ دەپ ئويلىغان ئىدىم ئىلگىرى. لېكىن بارغانسېرى ئۇنى ئېتىراپ قىلغۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.
ھازىر مەن، ئاشۇ خىل ئىدىيىنىڭ مەندە بولغىنى ئۈچۈنمۇ ئۆزۈمگە ئاچچىقلىنىمەن. رېئاللىققا يۈزلەنگۈلۈك. مەن بۇ گەپنى توغرا تېپىپ قالدىم. ئۆتمۈشنى ئەسلىدىم. پەننىي تەربىيە بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىرمنى ۋە ئۇلارنىڭ ساپاسىنى دەڭسەپ چىقتىم. بۇ دەۋر ۋە ئۆتكەن بىر نەچچە دەۋر كىشىلىرىنى توغرىسىغا ھەم ئۇزۇنىسىغا سېلىشتۇرما قىلىپ چىقتىم. ئاخىر، پۇشايمان ۋە ئەپسۇسلىنىشىممۇ ئازىيىشقا قاراپ يۈزلەندى. تۇرمۇشتىمۇ رەتلىك ھەم پۇختا بوپ قالدىم.
تەنھالىق - بەلكى بىر قىسىم كىشىلەرگە ئازاب ئېلىپ كېلىدىغاندۇ. لېكىن، مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ قەلب تەكتىدىكى ئاجايىپ پىكىرلەرنى سۈزۈۋالىمەن. شۇ پىكىرلەرنىڭ بىرسى: مەن ئۈچۈن قۇياش يەنىلا ئالدىمدا ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەقەت ئۆزۈملا بولۇشۇم كېرەك ئىكەن ھەم شۇنداقلا بولالايدىكەنمەن. بەلكى، بۇ ئىلاھتىكى مۇكەممەللىكنى ئىزدەپ ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشۈم ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلىرىمنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
ئۇلانمىسى بۇ يەردە:
./thread-11622-1-1.html
خارۋاردقا كىرىش بىر گەپ، ئۇنىڭدا ئوڭۇشلۇق ئوقۇپ پۇتتۇرۇپ دىپلوم ئىلىش يەنە بىر گەپ. مەن يۇقۇرىدا دىدىمغۇ ئادەم ئوقۇغۇچۇلۇق ۋاقتىدا نامرات بوپ قالىدۇ. مەن  خارۋاردنىڭ دوكتۇرلۇق پروگراممىسىغا قوبۇل قىلىنغاندا پۇتۇن كۇنلۇك خىزمەت قىلاتتىم، يەنى ئۆينىڭ مورىسىدىن تۇتۇن چىقىرىشتىن ئىبارەت مەسۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ئۇستۇمدە بار ئىدى. ئەينى چاغدا مەن مۇنداق ئويلاپ قاپتىمەن:  بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىمەن يەنى ھەم تولۇق مۇئاش ئالىمەن، (ئامىرىكىدا تولۇق كۇنلۇك خىزمەت قىلسا باشقا پاراۋانلىقلىرىمۇ بار) ھەم دوكتۇرلۇقنى پۇتتۇرىۋىتىمەن.  لىكىن رىئاللىق مىنىڭ ئىككى قىيىققا دەسسىسە قەتئى بولمايدىغانلىغىنى ئىسپاتلىدى. سەھىيە ئىقتىسادى  بويىچە دوكتۇرلۇق پروگراممىسىنى پۇتتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئىشلىرىم ئوڭتەي توڭتەي بولۇپ كەتتى. يەنى كىلىشمەسلىك بولۇپ قالدى. دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيەسىنىڭ كەم قىلىشى بىلەن ("يىقىلدىم ئەمما يىتىپ قالمىدىم" ناملىق يازمىدا بۇ جەريان تەسۋىرلەنگەن) خارۋاردتىن ماگىستەرلىق ئۇنۋانىنى ئىلىپ ياندىم. مەن يىقىلىپ چۇشسە يىتىۋالمايدىغانلار تىپىدىكى ئادەم بولغاچقا يەنە تولۇق ئىشلەپ تۇرۇپ  ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپى بويىچە باشقا ئالى مەكتەپتە قايتىدىن دوكتۇرلۇقنى باشلىدىم (ئۇلار مىنىڭ پۇتۇن كۇن ئىشلەپ ئوقۇشۇمغا قوشۇلدى ھەمدە ئوقۇش مۇكاپاتى بەردى. ئەگەر ئوقۇش پۇلۇمنى كۆتۇرمىگەن بولسا مەن ئۇنى ئوقۇمايتىم) ئەلۋەتتە بۇ خىل ئوقۇش قارارىنى چىقىرىشىمدا شۇنداق قىلىشىمنىڭ پۇرسەت تەننەرقى تۆۋەن .ئىدى. شۇنداقتىمۇ بوشاشماي ئۇنىۋىرسال ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى بويىچە قايتىدىن ئىش باشلاپ دوكتۇرلۇق پروەراممىسىنىڭ دەرسلىرىنى ئوقۇپ، ئىمتىھانلاردىن ئۆتۇپ بولدۇم. ھازىر مەن دىسسىرتاتسىيە يىزىش باسقۇچىدا.ئامىرىكىدا ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتۇرلىقىغىنى ئىلىش ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس (بۇ ھەقتە ئايرىم يازما يازماقچىمەن) دىمەك ھازىرمۇ مىنىڭ كۇندۇلۇك تۇرمۇشۇم بىسىم ھەم ئالدىراشلىققا تولغان.
   پۇتۇن كۇن ئىشلەپ تۇرۇپ، شەنبە كۇنى بىر ئالى مەكتەپكە دەرس ئۆتىمەن، بايبول شىركىتىدە ئىشلەپ، بايبول سىنىپىدا دەرس سۆزلەيمەن. ئاتا-ئانامغا ياخشى بالا بولۇشقا ئايالىمغا ياخشى ئەر، بالامغا ياخشى دادا بولۇشقا تىرىشىپ تۇرۇش بىلەن بىرلىكتە مانا ئەمدى ھەرقايسىلىرىدەك ئىلىم سۆيەرلەرگە تازىم قىلىپ تۇرۇپ ياشاۋاتىمەن.
   ئادەم دىگەن ئۆزىگە ئۆزى كۈچ بەرمىسە، يەنى ئۆزىنىڭ ئىچىدىن ئۆزى ئوت ياندۇرۇپ تۇرمىسا بۇ ھايات -مەنىسىز، روھسىز بىلىنىدۇ.شۇڭا مەن ئۆزۇمگە ئۆزۇم مەدەت بىرىش ئۇچۇن - تاللىغان تۇرمۇش ئۇسۇلۇمنى تەسۋىرلەيدىغان ھىسلىرىمنى پات-پات ئىپادىلەپ تۇرىمەن. شۇلاردىن بىرى مانا ماۋۇ "جىددى ھايات" تەسۋىرىدۇر:
*************************************************************
‏  ئەتە ئۆلۈپ قالىدىغاندەك ياشا، دىدىڭ.
‏مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ياشا دىدىڭ.
‏مەن دەسلەپ «نىمە دەيدىغاندۇ؟» دىدىم.
‏ئەمما سىنى دانا كۆرۈپ، ئۆز كۆرۈپ،
‏ھەر ئىككى گىپىڭگە «ماقۇل» دىدىم.
‏بىرىنچى سۆزۈڭنى چۈشەنمەك بوپ،
‏ۋە جىددى بىر ھاياتنى بەرپا قىلدىم.
‏ھاياتنىڭ بۇ توختاۋسىز ئىقىنىدا،
‏ھەتتىڭەي، يىقىلدىم ھەم ھالسىرىدىم.
‏يىقىلغان چاغلىرىمدا تۇرغۇم كەلدى،
‏چارچىغان چاغلىرىمدا ئارام ئالغۇم.
‏مەن يىتىپ قالمىدىم ھەم تۇردۇم يەنە،
‏نەگىدۇر غايىپ بولدى چارچاش-قايغۇم.
‏يىقىلىش ئاسان ئىكەن تۇرماق بەك تەس،
‏تۇرساڭلا كىلىدىكەن داۋان ئاشقۇڭ.
‏ئىككىنچى سۆزۈڭنى ھەم تونۇپ يەتتىم،
‏تىپچەكلەپ جىددى ھايات قۇچىغىدا.
‏جىسمىڭنى ھاردۇرسىمۇ جىددى ھايات،
‏روھىڭغا قوشۇدىكەن ئۇچقۇر قانات.
‏توختاۋلىق-سۈر ھاياتنىڭ نىشانىدۇر،
‏ئۇنىڭدا بۇرۇختۇمدۇر ئىنسان قەلبى.
‏زەئىپلىك، لىڭتاسمىلىق بىر قوش گىزەك،
‏ئۇنىڭدا كەم سۇنىدۇ ئىنسان قەدرى.
‏سۆيىمەن سىنى شۇنداق جىددى ھايات،
‏سۆيگەندەك ياشلىغىمدا پەرىزاتنى.
‏سەن مەنا بەخش ئىتىپ قەلبلەرگە،
‏كۈچۈڭدە تەۋرىتىسەن مەۋجۇداتنى....
*******************************************************
   مەن ئۇچۇن خارۋاردا ئوقۇش مەقسەت ئەمەس، بەلكى بىلىمىمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەر دائىرەمنى كىڭەيتىدىغان بىر پۇرسەت بولدى.  دىمەك مەن ئۇنىڭدىمۇ ئوقۇپ كۆردۇم.
   ئۆز نوۋىتىدە يەنە دەپ قويىدىغىنىم، ئادەم ئۇچۇن ئەڭ مۇھىمى تېگى تەكتىدىن ئىيتقاندا "توغرا دۇنيا قاراش ھەم پەزىلەت بىلەن خوشال ياساش بەك مۇھىم ئىكەن ، يەنى بەختىيار ئائىلە قۇرۇش، ئۆزىگە، ئۆز ئەقىدىسىگە سادىق بولۇش، ئۆزى بىغىشلايدىغان ئىشلارغا ئۆزىنى بىغىشلاشنى بىلىش، ئۆزىنى ۋە ئۆز قەۋمىنى ھەم ئىنسانىيەتنى، ھاياتنى سۆيۇپ ياشاش بۇ بەك مۇھىم ئىكەن.
مەن ئۇرۇمچىدىن ھارۋاردقا كەلگۇچە كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۇردۇم، ھەر خىلئادەملەر بىلەن ئۇچراشتىم ھەم بەزىلەر بىلەن ئالاقە قىلدىم. ھىس قىلغانلىرىم ۋە كەچمىشلىرىمنى  باغداشتا ئىلان قىلدىم. چەتكە چىقىش جەريانلىرىمى  "شۇڭقار كەبى چاغلار" ناملىق يازمامدا بايان قىلىندى. بۇنى مانا مۇشۇ سىنىپىمىزدىكى  نېفىتچى شۆھرەت ئابلىز ئەپەندىممۇ ئوقۇپتۇ. مەن يەنە بۇ يەردە ياشاش جەريانىدا باشتىن ئۆتكەن ئىشلارنىمۇ يازدىم. مەسىلەن "دوختۇر ئۇيغۇر" ناملىق يازمىدا ئۇرۇمچىدە تىببى مەكتەپتە ئوقۇپ ئامىرىكىدا "دوختۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئىرىشكەن ئايالىم - رىزۋانگۇل ھاجى ۋە  بوستوندا بىر مەزگىل ياشىغان سىڭىلچىغىمىز ئاسىيە ماھمۇت قاتارلىقلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى يازدىم.
دوختۇرلار ئالدىراش خىزمەت قىلىدۇ ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ئىشلارغا كۆڭۇل بۆلگۇدەك ھالى ھەم ۋاقتىمۇ چىقمايدۇ. بىراق مەن،  ياشلىرىمىزغا ئىلھام بىرىش ئۇچۇن ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى يازدىم. ياشلار شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى بىزنىڭ خانىم قىزلىرىمىزمۇ تىرىشسىلا بىر ئىش قىلالايدۇ.سىلەر ھەقىقى مەنىدە تىرىشساڭلارلا قىلالمايدىغان ئىش يوق.  بەزىدە ئايرىم كەسپلەردە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇغاندىن جەمىيەتتە ئاقىدىغان كەسپى بىلىملەرنى ئىگەللىگەن  ياخشى.
   تىببى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سىلەر مۇبادا ئامىرىكىنىڭ دوختۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالالىساڭلار، خارۋاردتا ئوقۇمىساڭلارمۇ بولىدۇ بۇ بەك ئەمىليەتچىل جەمىيەت، ئىقتىدارغا بەك ھۆرمەت قىلىدۇ. مەسىلەن ئايالىم ئۇرۇمچىدە تىببى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ ئاپتونوم رايونلۇق دوختۇرخانىدا بىر يىرىم يىل ئىشلەپ ئىزىپ تىزىپ كىتىپ قىلىپ ماڭا تىگىپ سىلىپ ئامىرىكىغا كىلىپ جاپانىمۇ كۆپ تارتىۋالدى، يەنى جاپانى تەڭ تارتتۇق ئەمما مىنىڭ چىچىم چۇشۇپ كىتىپ قالدى. شۇ چەككەن رىيازەتلىرىگە يارىشا  بۇگۇنكى كۇندە ئۇ خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىنىڭ قارمىغىدىكى  خارۋارد تىببى ئىنستىتوتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى. خارۋارد تىببى ئىنستىتوتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا كىلىنىكىلىق دەرس ئۆتسە بولىدۇ. دىمەك خارۋاردتا ئوقۇماي تۇرۇپمۇ ئۇ بۇگۇن خارۋارد تىببى ئىنستىتوتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى دىگەن گەپ.
قايسى كۇنى ئايالىم دەپ كەپتۇ "دوختۇرخانىدا مۇنەۋۋەر دوختۇر دەپ تاللاپتۇ، بىر فىلىمغا ئالىدىكەن"ئۇ بۇنداق ئىشقا قىزىقمىغاچقا ئىرەڭسىزلىكىنى ئىپادىلىدى.ئەمما مەن دىققەت قىلىمەن-دە شۇڭا دىدىم: ئۇيغۇرچە ئەتلەس كىيىپ ئۇيغۇرچە دوپپا كىيىپ چىق" "كەسپى كىيىم كىيىش شەرتكەن. بىزنىڭ دوختۇرخانىدىن مىنى تاللاپتىكەن. ۋاي مىنى تاللىماڭلار،  ئېنگلىز تىلىدا تەلەپپۇزۇم ئۆلچەملىك ئەمەس دىسەم، ئۇنىمىدى. ئادەمنى ئاۋارە قىلىشىپ".
مەن ئۇنىڭغا رىغبەت بىرىدىغان سۆزلەرنى قىلىۋىدىم، ئۇ كەسكىنلا ئىيتتى:
نىمە پايدىسى ئۇنىڭ؟ ئەخمەق ئادەملەرلا نامغا ئامراق كىلىدۇ.مەن ئۇنىڭ ئەزەلدىنلا  مىنىڭ بىر نىمىلەرنى يىزىپ كىتىشىمنى خالىمايدىغانلىغىنى بىلىدىغان بولغاچقا ھەمدە دىققەتكە سازاۋەر بولىمەن دىگەن ئادەملەر مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ سۆزلەيدىغىنىنى بىلگەچكە ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. بەلكىم ئۇنىڭ دىگىنىنىڭمۇ ئاساسى بار.  ئويلاپ باقسام توي قىلغاندىن كىيىن ئۇزۇن مەزگىل بىر نەرسە يازماپتىمەن. چۇنكى ئايالىمنىڭ ئاشۇ گىپى بويىچە. ئەگەر ئۇنىڭ كوتۇلداپ قويۇشىغا پەرۋا قىلمىغان بولسام بەلكىم باغداشنى يازمىلىرىم بىلەن پاخال قىلىۋىتىپ قالاتتىممىكىن تاڭ.
   بۇ يەردە يەنە شۇنى تەكىتلەپ قويماقچىمەن: خارۋاردتا ئوقۇشنىڭ ئۆزى ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ كاپالىتى  ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ بىلىملىك ئادەم بولۇشقا پايدىسى بولىدۇ. شۇڭا ياشلار ئامال بار ھەم ياخشى ئادەم بولۇشقا ھەم خارۋاردقا كىرىشكە تېرىشىڭلار. خارۋاردنىڭ ئىشىكى ئوچۇق سىلەرگە، مەندەك ئاساسى ئاجىز بىر ئادەم كىرىپ كىتەلىگەن يەرگە ئۇچۇر دۇنياسىنىڭ دولقۇنلىرىدا ئۇزۇۋاتقان سىلەر، يەنى ماددى شارائىتى ۋە زىھنى مىنىڭكىدىن ياخشى سىلەر قىلالايسىلەر. پەقەتلا ئىشلار سىناپ باقمىغانلىقتىنلا، قىلماسلىقتىنلا قالىدۇ.  ھەر بىر ئىشقا ئۇرۇنسىلا ئاز بولسىمۇ نەتىجىسى چىقىدۇ.
مىنىڭ بىلىمگە ھىرىسمەن بىر ئاغىينەم بار، بۇ ئاغىينەم بالىسنى "ئاداش بالام سىلىنىڭ يىنىڭلىدا تەربىيلەنسۇن" دەپ يىنىمغا ئەۋەتكەن ئىدى. ئاغىينەمنىڭ بالىسى يىنىمغا كەلگەندىن كىيىن ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى:
   مەن بۇ يەرگە كىلىشتىن بۇرۇن دادام مىنى يىزىغا ئىلىپ چىقىپ، نامرات كىشىلەرنى كۆرسىتىپ، بالام كۆردۇڭمۇ مۇنۇ بىزنىڭ كىشىلەرنى. ئۇلار نامرات ھەم ئاجىز. سەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ مۇشۇلارغا ياردەم قىلالايدىغان پەن-تېخنىكا ئۈگىنىپ كەل. ھەر قىيىنچىلىققا يولۇقساڭ مۇشۇ كىشىلىرىمىز كۆز ئالدىڭغا كەلسۇن.مەن بۇ ھىكايىنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلەندىم ھەتتا كۆزۇمگە ياش كەلدى. دىمەك مىنىڭ ئاغىينەم - كۆڭلى مېھر مۇھەببەتكە باي ھەقىقى ئىنسان، چىن مەنىدىكى باي ئىنسان.
مەن مۇشۇنداق نىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىققا تېرىشىدىغان ئادەم. شۇڭا ئاغىينەمنىڭ بالىسىغا ئۆزۇمنىڭ بالىسىدەك كۆز-قۇلاق بولۇپ كۆڭۇل بولدۇم. بۇ يىل بۇ يىگىتشۇنداق بىر ياخشى مەكتەپكە كىردى. مەن بۇ يىگىتتىن ناھايىتى چوڭ ئۈمىت كۈتىمەن. ھەقىقى ئېسىل ئاتا ئانا مانا مۇشۇندق بولىدۇ، ئائىلىسىنىڭ كەلگۇسىگە، بالىلىرىنىڭ مۇئارىپىغا كۆڭۇل بولىدۇ. مېھرىنى بىرىدۇ، بىز بالىلىرىمىزغا مىھرىمىزنى بەرمىسەك، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرماي تاشلاپ قويساق، ئاددى ۋە مەنىۋى كۇچ بەرمەي تاشلاپ قويساق ئۇنداقتا بىز ئىنتايىن مەسۇلىيەتسىز ھەم شەخسىيەتچى باغرى تاش ئاتا ئانىلار تىپىدىن بولۇپ قالىمىز يەنى  ئۇلارنىڭ كەلگۇسى  بىلەن ھىساپلاشمىغان چۈپرەندىلەردىن بولۇپ قالىمىز.شۇڭا دەيمەن بىزنىڭ ئادىمىلىكىمىز ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىن ،ئائىلىمىزدىن باشلىنىدۇ. دەل شۇ سەۋەپتىن مىھرىمىزىنى ۋاقتىمىز ۋە كوڭلىمىزنى ئاۋال نەگە بىرىمىز دىگەندە باللىرىمىزغا بىرىشتىن باشلىشمىز كىرەك بۇ مىنىڭ قارىشىم.
   مىنىڭمۇ بالام بار. مەن بالامغا "سەن خاررۋاردقا بارمىساڭ بولمايدۇ" دەپ بىر نەچچە رەت دىسەم  "دادا مىنى قىستىما، خارۋاردقا بارمىسام نىمە بوپتۇ مەن ياخشى ئادەم بولسام بولمىدىمۇ" دەپ كەتتى. ئويلىسام ئۇنىڭ گىپى توغرا، "بالام ئۇنى ئۈگەن بۇنى ئۈگەن دىسەم، دادا مىنى قىستىما، ئۆزۇم ياخشى كورىدىغان ئىشنى قىلغىلى قوي، ئەركىمگە قويۇپ بەر، ئۆزۈم بىلىمەن نىمە قىلىشىمنى، ماڭا ئىشەن دەيدۇ. گەرچە مىنىڭ بالامنى شۇ مەكتەپتە ئوقۇسىكەن دەيدىغان ئارزۇيۇم بولسىمۇ لىكىن تېگى تەكتىدىن كۆڭۇل بۆلىدىغىنىم - ئۇنىڭ خارۋاردتا ئوقۇشى ئەمەس، بەلكى ياراملىق ئىنسان، خوشال ياشايدىغان يىگىت بولۇپ چىقىشىدۇر.  ئۇ بۇ مەكتەپكە ئۆتەلىسە ياخشى، ئۆتەلمىسىمۇ مەن رەنجىمەيمەن ئەمما ئۆزى دىگەندەك جانغا ئەسقاتىدىغان بىر ھۇنەرنىنىڭ پىشىنى تۇتسىلا. نىمىشقا؟ چۈنكى بىر پەرزەنت ئۈچۈن ياخشى ئادەم بولۇش ناھايىتى مۇھىم يەنى ئۇ بىزنى سۆيىدىغان، ھۆرمەت قىلىدىغان، تۇققانلىرىنى بىلىدىغان، خەلقىگە مۇھەببىتى بار، توغرا خاتانى بىلىدىغان، باشقىلارغا ھىسداشلىق قىلىش ۋە ياردەم قىلىشنى بىلىدىغان بالا بولۇپ چوڭ بولسا بولدى دەيمەن. شۇنداقتىمۇ مىنىڭ ئۇنىڭ خارۋاردتا ئوقۇشىنى كۆرگۇم بار، ئاۋۇ ئاغىينەمنىڭ بالىسىنى ھەم شۇنداق. جۇملىدىن   مۇسۇ سىنىپتىكى سىلەرنى ۋە ياكى پەرزەنتىڭلارنى خارۋاردتا ئوقۇسىكەن دەيمەن. زۆرۇرىيەت تىپىلسا تېگىشلىك ياردەمدە بولىمەن.ئەڭ كېمىدە ئۇلارنى تونۇشتۇرۇپ خەتلىرىنى يىزىپ بىرىمەن، بىر بالىنى ياخشى مەكتەپكە كىرگۇزۇشمۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس، ئاۋۇ ئاغىينەمنىڭ بالىسى ئۆلچەملىك ئىمتىھاندىن ياخشى نومۇر ئالغان بولسىمۇ  ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرى بولدى مەسىلەن خەت يىزىپ تونۇشتۇرۇش، ئۇ بالىنىڭ ئىستىبالىغا، خاراكتىرىگە ئىجابى باھا بىرىش دىگەندەك... خۇلاسە قىلغاندا كىشىلەرنى لوگىكىلىق پىكىر بىلەن قايىل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
مۇبادا مۇشۇ سىنىپتىكى ياشلار ياكى بۇ سىنىپتىكى قىرىنداشلارنىڭ پەرزەنتلىرى  كەلگۇسىدە ئامىرىكىنىڭ داڭلىق ئالى مەكتەپلىرىگە كىلىپ ئوقۇيمىز دىسە بىز ياردەم قىلىشقا تەييار.
مەن خىلى يىللاردىن بىرى مەيلى تونۇي ياكى تونۇماي كىم مىنىڭ ئالاقە ئۇچۇرۇمنى تىپىپ ئوقۇش توغرۇلۇق ياردەم سورىسا ئامالنىڭ بارىچە جاۋاپ بىرىپ تۇردۇم بەزىلەر بەك ئاۋارە قىلىپ كەتتى شۇنداقتىمۇ سورىغان سوئالىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە جاۋاپ بىرىپ تۇردۇم.  ئەمما ئۇلاردىن بىرلىرى كىيىن يوقاپ كەتتى. مەن بۇلاردىن رەنجىپ كەتمىدىم. چۇنكى ئۇلار - ئۆزۇمنىڭ خەلقى، شۇڭا ئۇلاردىن ئاغرىنمايمەن. ئۇلارنىڭ كىملىگىنى بىلمىسەممۇ  ئۇلار نەدە ياشىسا نەگە بارسا تىرىشىپ ياشاپ ياخشى كۇن كۆرسىلا، خارلىنىپ قالمىسىلا بولىدۇ. ئۇنداقتا مەن يەنە نىمىشقا ئۇلارغا جاۋاپ بىرىپ تۇردۇم؟ چۇنكى مىنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا  چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقسام دەيدىغان ئارزۇ ۋە ئاللا كىملەردىندۇر ياردەم كۈتۈپ قالغان چاغلىرىم بولغان. جەمىيەتتە كىچىكلەر بەزى ئىشلارنى ئەتراپىدىكى ئادەملەردىن بولۇپمۇ چوڭلاردىن ئۈگىنىدۇ. چوڭلار بىغىشلاشنى ئۇقمىساق كىچىكلەر بىغىشلاشنىڭ نىمىلىگىنى ئۇقمايدۇ. مەن ئىمكانىيىتىمىز بولسىلا، ئاز-تولا ۋاقتىمىز، زېھنىمىز ۋە مال-دۇنيارىمىزنى خەلقىمىزنىڭ يۈكسىلىشىگە سەرپ قىلىش يەنى شەخسىيەتسىز ھالدا بىغىشلاشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. چۇنكى  بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا ئەللىرى ئىچىدە تۇتقان ئورنى بولۇپمۇ، مۇئارىپ، ۋە پەن- مەدىنىيەت جەھەتتە تۇتقان ئورنىمىز تۆۋەن. بۇ بىزگە ئايان. شۇنداق ئىكەن بىز تىرىشىشىمىز، ھەسسىلەپ تىرىشىشىمىز بۇنىڭ ئۇچۇن ئەۋلاتلارنى مۇئارىپ ۋە ئىسىل ئىنسانى روھ بىلەن تەربىيىلىشىمىز كىرەك.
مىنىڭچە، بىزنىڭ ئورنىمىزنى كۆتۈرىدىغان، چىرايىمىزغا كۈلكە يۇگۇرتىدىغان يول ئىككى: بىرسى، مۇستەھكەم ئېتىقاد ئاساسىدىكى زامانىۋى مۇئارىپ، يەنە بىرسى - ئىقتىساد. ئىقتىساد -ماددى بايلىق ئىلىپ كىلىپ كىشىلەرنى ماددى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرسا، مۇئارىپ -مەنىۋى بايلىق ئىلىپ كىلىپ ئۇلارنى روھى گادايلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. بۇ ئىككىسى بىرلەشكەن ۋاقىتتا بىز دۇنيانىڭ نەرىدە ياشىمايلى ھۆرمەتكە سازاۋەر، باج تاپشۇرۇپ ھالال ياشايدىغان، يۈزى يورۇق جامائەتتىن  بولۇپ ياشايمىز. شۇڭا مەن كىشىلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىمەن. مۇبادا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئەڭ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇتالىسا، مەسىلەن  Harvard, MIT, Columbia, Yale, Princeton قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتالىسا تېخىمۇ ياخشى. مەن يەنە مۇنداقمۇ ئويلايمەن: ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىلار ئۇچۇن پەرزەنتلىرىنى ئامىرىكىنىڭ بەزى ئادەتتىكى مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقاندىن بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇنىۋىرسىتىتلاردا يەنى مەن ئوقۇغان ئۇنىۋىرسىتىتتا، مالىيە- ئىقتىساد ئۇنىۋىرسىتىتىدا،  يىزا ئىگىلىك ئۇنىۋىرسىتىتى ھەم تىببى ئۇنىۋىرسىتىتلاردا ئوقۇتقىنى كۆپ ئەۋزەل، ھىچ بولمىدى دىگەندە تولۇق كۇرسنى.
چۇنكى ئاشۇ مەكتەپلەردىكى بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ خىلى ساپالىق، قالغىنى ئادەمگە باغلىق. ئىچىدىن چىقمىسا بىكار. "بالام چەتئەلدە ئوقۇيدۇ" دەپ "مودا قوغلىشىپ" ئۇلارنى ئەۋەتىپ قويغان بىلەن "ئامىرىكىدا، ياۋروپدا،  ياپوندا ئوقۇتىمەن" دەپ چىقىرىپ قويۇپ ئۇلارغا مىھرىڭىزنى بەرمىسىڭىز، يىتىلمىگەن ياشتا چىققان بالىلار يولىنى تاپالمايدۇ. قۇلىغىمغا ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىغا ئويناپ يۇرگەن، ھەمدە نىشە چىكىپ قالغان بالىلارنىڭ خەۋەرلىرى كىلىپ تۇرۇپ ھەم ئاچچىغىمنى كەلتۇرسە ھەم ئىچىمنى ئاچچىق قىلىدۇ.  مەن مۇشۇ نىشە چەككەن ئادەملەرنى بەك زەيپانە كۆرىمەن. ئۇلار كۆزۇمگە ياقمايدۇ. زەھەرلىك چىكىملىك ئادەمنى غۇرۇرسىز قىلىۋىتىدۇ مەن ئاشۇنداق ئازغۇن ياشلارنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىشىنىدىن ئەنسىرەيمەن. ئامىرىكىدەك ھەم قوينى كەڭ تىرىشسا روناق تاپىدىغان، تىرىشمىسا ئىتنىڭ كۇنىگە قالىدىغان بۇ جەمىيەتتە بەزى ياشلارنىڭ پۇرسەتنى قەدىرلىمەسلىگى  ئادەمنى ھەقىقەتەن ئىچىندۇرىدۇ. شۇڭا مەن پەرزەنتلىرىگە مېھىر بىرىپ ئۇلارنى سەمىمىيىتى بىلەن قوللاپ ئوقۇتقان كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۇرىمەن. مەن مۇئارىپنىڭ بىر خەلقنى ھىدايەتكە ئىرىشتۇرىدىغانلىغىغا ئىشەنگۇچى شۇڭا مەن ھامان مۇئارىپنى يۇكسەلدۇرۇش تەرەپتە تۇرىمەن. باللىرىنى ئوقۇتقانلارنى ھۆرمەتلەيمەن، ئوقۇتاي دىگەنلەرنى  قوللايمەن. بىر ئادەمنىڭ ئىمكانىيىتى چەكلىك. ئەگەر نۇرغۇن كىشىلەر كۈچىمىز ، ئىقتىدارىمىز ھەم زىھنىمىز بىلەن ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تەربىيلىنىشىگە كۆڭۇل بولسەك، ئامال بار ئادەملەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا قولۇمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلالىساق.... جەمىيىتىمىزدە ياخشى ھەم دۇرۇس نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئىشلىرى يۇرۇشۇپ كەتسە ئۇ چاغدا ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ كىلەچىكىدىن ئۇمىت بار. لىكىن ئادەملەر ئارا ساپ نىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلغىنىڭىزدا بەزى بىر تۇزكور ئادەملەرمۇ چىقىپ قالىدىكەن.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئالى تەربىيە كۆرگەن بولسىمۇ، ياخشى مەكتەپتە ئوقۇغان بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنىڭ خەلقىدىن چانىدىكەن. باشقىلارنى چوڭ كۆرىدىكەن.  مەن مانا مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ خەلقىنى سۆيۇشنىڭ ئورنىغا، ئەيىپەيلەيدىغان بۇنداق تۇزكورلاردىن ئۆلگىدەك نەپرەتلىنىمەن. بىز ياشلىرىمىز ھەم، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بۇنداقلاردىن بولۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشىمىز كىرەك. پەرزەنتلىرىمىز ئۆز خەلقىدىن پەخىرلىنىدىغان بولۇپ ئۆسۇپ يىتىلىشى كىرەك. مۇنداقچە ئىيتقاندا، بىر ۋىجدانلىق كىشى ئۆزىنىڭ تۇققانلىرىنىڭ ئاجىز ھەم نامرات بوپ قالغانلىغى ئۇچۇن ئۇلاردىن تانمايدۇ، ۋاز كەچمەيدۇ. ئوز قەۋمىدىن تېنىش- يۇزسىز، مۇناپىقلارنىڭ ئىشى.
ھاياتلىق ھەممىمىز ئۇچۇن قىممەتلىك. مىنىڭچە ھەر بىرىمىز بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز ئامال بار بۇ قىسقىغىنە ھاياتتا  خوشال ياشاشقا، مەنىلىك ھەم ئادەمدەك ياشاشقا ھەقلىقمىز.مەن سۆزۇمىڭ بىشىنى "خارۋارد ئۇچۇن ئالغا دەپ باشلىغان". ھىلىمۇ "خارۋارد ئۇچۇن ئالغا" دەيمەن ئەمما بىرىنجى شەرت - ياشلىرىمىز توغرا كىشىلىك قاراش بىلەن چوڭ بولسا،  غايىلىك بولسا، قوسىقىغى كەڭ بولسا، ئىچى  تار بولمىسا. ئىككىنجىسى باللىرىمىزنى ھەر قايسى جەھەتلەردە تەربىيلىسەك مەسىلەن پەننىڭ ھەر قايسى تۇرلىرى بويىچە، تەنتەربىيە،  نۇتۇق سۆزلەش ھەم رىياسەتچىلىك قىلىش،  تەشكىللەش قابىليىتىنى يىتىلدۇرۇش جەھەتتە تەربىيلىسەك، بىز كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ كۇنىنى ياخشى قىلالايمىز.
خارۋارد ئۆزىگە ھەر ساھەدىكى ئىقتىدارلىق ئادەملەرنى قوبۇل قىلىدۇ. جۇملىدىن نۇتۇق چولپانلىرىدىننۇرئەلى ئابلىز  ۋە ئۆسمۇر قۇتلۇقجاندەك بالىلار بۇ مەكتەپكە كىرەلەيدۇ. بىزدە "ئۆدەك گوشى يەيمەن دىسەڭ غازنىڭ پىيىدە بول" دىگەن گەپ بار. چوڭ نەرسىلەرنى نىشان قىلىپ بۇيۇك ئارزۇلارنى قىلىپ تىرىشىپ تۇرساق سەۋەپ-نەتىجىلىك بۇ دۇنيادا قۇرۇق قول قالمايمىز. شۇڭا مەن بۇ لىكسىيەنى سۆزلەش ئارقىلىق سىلەرگە مۇنۇ نەرسىنى دەۋەت قىلماقچى. بالىلىرىمىزنى مۇشۇنداق بۇيۇك ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدىغان  قىلىپ تەربىيلەيلى مەسىلەن ئۇلارنى ئولىمپىك ماتىماتىكا مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرايلى، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرايلى. مەن كىلەر قىتىمقى "مۇئارىپ مەزمۇنىدىكى لىكسىيەدە "بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئامىرىكىدا قانداق ئۈگۇنۇدۇ، نىمە دەرسلەرنى ئوقۇيدۇ؟ " دىگەن تىمىدا سۆزلەپ بىرىشنى ئويلاپ قىلىۋاتىمەن.
بىزدەك چەتەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ قالغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆز ئۆرپ ئادىتىمىز ۋە تىل مەدىنىيىتىمىز بىلەن تەربىيلىشىمىز خېرسقا دۇچ كەلمەكتە. لىكىن چەتئەلدىكى نۇرغۇن كىشىلىرىمىز باللىرىغا ئۆزىمىزنىڭ ئەدەپ ئەخلاق ئۆرپ ئادەتلىرىنى ئۇگۇتۇشكە ئەھمىيەت بىرىپ كىلىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىشلار ئوڭاي ئەمەس، مىنىڭ بالام 5 ياشقا كىرگۇچە ئۇيغۇرچىنى ئۇرۇمچىدىكى بالىلاردەكلا سۆزلەيتى. ئەمما ئامىرىكىدا مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئانا تىلدا چىكىنىپ كەتتى. تىلىمىزنى ياخشى چۇشۇنىدۇ  بەزىدە تېخى مىنى گەپتە توسۇپ قويىدۇ. بىر كۇنى ئۇنىڭ توختىماي تىلىفۇن ئويناپ ئولتۇرۇشىغا قاراپ ئىچىم پۇشۇپ چوڭلىرىمىزنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئۇنىڭغا مۇنداق دىدىم ئۇيغۇرلىغىمنى قىلىپ:
- ئوينىما دىسەم گىپىمنى ئاڭلىمىدىڭ، سەن مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلىمىساڭ، كىيىن سىنىڭ بالاڭمۇ سىنىڭ گىپىڭنى ئاڭلىمايدۇ.
-ئەمىسە سەن مىجىتاخۇن دادامنىڭ گىپىنى ئاڭلىماپتىكەنسەندە؟ دىد بالام دەرھاللا.
شۇنىڭ بىلەن لام جىم بولدۇم.بالامنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر  بولغاچقا ئۇنىڭ كۆڭلى، يۈرىگىمۇ ئۇيغۇردۇر.  يىقىندا كونا يىزىقتا بىر نىمە يىزىپ ئولتۇرسام يىنىمغا كىلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتى ۋە تۇيۇقسىزلا مۇنداق دەيدۇ"
-دادا مەن 10-سىنىپقا چىققاندا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدىنىيتىمىزنى ئۈگىنىمەن.
-نىمىشقا ئۈگىنىسەن؟ بىزنى خوش قىلىمەن دەپ ئۈگۈنەمسەن دەپ باقسام ئەتەي، شۇنداق دەيدۇ:
-دادا مەن ئۇيغۇر تۇرسام مەن بىلمىسەم كىيىنكىلەر قانداق بىلىدۇ؟
دىمەك بالام يىشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ يەردە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ ئۇيغۇرلىغىمنى يوقۇتۇپ قويارمەنمۇ دىگەن كىرىزىس تۇيغۇسىغا چۆكۈپتۇ.
بالامنىڭ جاۋابى مىنى خوش قىلدى ئەلۋەتتە.
لىكىن بىزگە نىسبەتەن باللىرىمىزغا ئانا تىلىمىزنى سىستىمىلىق ئۈگۇتۇشمۇ تەسرەك ئىكەن. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مالايسىيادا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئىنىمىز بوستونغا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەندە بىزنىڭ ئۆيدە بولغان ئىدى، مەن ئۇنىڭ بالام بىلەن سۆزلەشكەن ياكى سۆزلەشمىگىنىگە دىققەت قىلماپتىمەن ئۇ چاغدا بالام 9-10 ياش ئەتراپىدا ئىدى، كىيىن بۇ مىھمان يىگىت  مالايسىياغا قايتقاندىن كىيىن چەتەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىنى يوقۇتۇپ قويۇۋاتقانلىغۇدەك ئەھۋالغا ئەپسۇسلىنىپ، ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن مىسال ئورنىدا مىنىڭ بالامنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمىگىنىنى يىزىپتىكەن، بىر كۇنى بۇنى بىر قىز ئوقۇغۇچى مەندىن يوشۇرۇپ يوشۇرۇپ بولالماي دەپ قويدى". ئۇ ماقالىنى ئوقۇپ كۆردۇم، ئەممە رەنجىپمۇ كەتمىدىم. چۇنكى ئامىرىكىغا كەلگىنىگە نەچچە كۈن بولغان بۇ بالىنىڭ ئامىرىكا جەمىيىتى ھەققىدىكى تەسىرات قىسمىنى ئوقۇپلا "ئەسلىدە بىرەر يىل تۇرۇپ ياشاپ باققان بولسا" بۇنداق دىمەيتى دەپ ئويغا كىلىپ بولغان ئىدىم. ئەمما ئۇنىڭ ئانا تىل مەسىلىسىدىكى گىپىنى بالامغا ئىيتۋىدىم بۇ كىچىك ئۆسمۇرنىڭمۇ ئۇيغۇرغا خاس نازۇك كۆڭلى بار ئىكەن، دەرھال رەنجىدى:
-ئۆيگە مىھمان بولۇپ كەلگەن ئادەممۇ ساھىپخان ھەققىدە شۇنداق دەمدۇ؟"
- بالام ئۇ ئاكاڭنىڭ دىگەن گىپىنىڭ ئاساسى بار.
-مەن ئۇيغۇرچە بىلىدىغان تۇرسام دىدى بالام ئۇيغۇرچە.
بىر ئىشلارغا ئالدىراپ يەكۇن چىقارغاندىن كىيىن مۇشۇنداق گەپلەر بولىدىكەن، ئەمدى.
شۇندىن كىيىن بالامىڭ ھەركىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. ئويگە مىھمانلا كەلسە ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دەپ مەن ئۇيغۇرچىنى ئۇقىمەن جۇمۇ دىگەندەك مەنىنى ئىپادە قىلىۋىتىپ كۆرۇشۇپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ.
دىمەك مەن "خارۋارد ئۇچۇن ئالغا" دىگەن گەپنى ۋە بۇ مەزمۇنلارنى  بۇگۇن مۇشۇ سىنىپتىكى ياشلار ۋە پەرزەنتلىرنى ئوقۇتۇۋاتقان ئاتا ئانىلار ئۇچۇنلا دىمەيۋاتىمەن، يەنە ئۇنى ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ دەۋاتىمەن.خۇدا بۇيرىسا ئىشىنمەنكى  ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن بۇنداق ئېسىل مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغانلار  چوقۇم كۆپ چىقىدۇ. ئۇلاردىن كەلگۈسىدە داڭلىق كەسپ ئەھلىلىرى - دوختۇرلار، ئالىملار، كارخانىچىلار، شەھەر باشلىقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارلامىنت ئەزالىرى چىقىدۇ. بۇ دۆلەتتە ئۇ ئىشلار تامامەن مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭغا ۋاقىت ھەم جەريان كىتىدۇ.
مەن يەنە قىزلىرىمىزنى ئوقۇتۇش ۋە تەربىيلەشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىغىنى تەكىتلەيمەن.
(لىكسىيەدە بۇ تۆۋەندىكى ھىكايە سۆزلەنمىدى، ئەمما باغداش ئوقۇرمەنلىرى ئۇچۇن سۇنۇلدى).
تۆۋەندە مەن سىلەرگە "مۇئارىپنىڭ كۇچى"  ھەققىدىكى مۇنۇ  يازمىنى سۇنىمەن:
بۇندىن 5-6 يىل مۇقەددەم ئىلگىرى "نېۋ يورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى - نىكولاس د. كرىستوف ئەپەندىنىڭ ھىندىستان مەملىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان ناگپۇر شەھرىدە ياشايدىغان ئۇشا نارايانە ئىسىملىك بىر قىز ھەققىدە يازغان ماقالىسىنى ئوقۇغان ئىدىم. نىمىشقىدۇر شۇندىن بۇيان بۇ ھىكايە مىنىڭ خىيالىمدىن كەتمەيدىغان بولدى. بۇ ماقالىسىدە كرىستوف ئەپەندى مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلىدۇ:
ناگپۇر شەھرىنىڭ ئەڭ نامراتلىرى ياشايدىغان مەھەللىسىدە - توۋەن تەبىقە دەپ قارىلىدىغان دالىتلار ئولتۇرىدىغان بولۇپ - ئاتالمىش يۇقۇرى تەبىقىدىن كىلىپ چىققان ئاككۇ ياداۋ ئىسىملىك بىر لۇكچەك ۋە ئۇنىڭ ئاپشاركىلىرى بۇ مەزلۇملارغا زورلۇق-زومبۇرلۇق قىلىپ ئۇلارنى ئانىي تاپىدىكەن. ئاككۇ ياداۋنىڭ دالىت جامائىتىگە كەلتۇرگەن تالاپەتلىرى نۇرغۇن بولۇپ دالىتلارنى خالىغانچە ئۇرىدىكەن، ئۆلتۇرىدىكەن، بۇلاپ تالايدىكەن بۇنى ئاز دەپ ھەتتا ئۇلارنىڭ ئايال -قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىدىكەن. ئۇنىڭ جىنايەتلىرى شۇ قەدەر ۋەھشى ئىكەنكى ھەتتا بىر ئاتىنى بويىغا يەتكەن قىزىنىڭ ئالدىدا قىپ-يالىڭاچ قىلىپ ئۇسۇلغا سالغان، يەنە بىر ئايالنى ئۆز قولى بىلەن ئۇ ئايالنىڭ قىزىنىڭ ئالدىدا چىپىپ قىيما قىلىۋەتكەن ئىكەن. ئۇ ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان بىر ئايال ئۆزىنى كۆيدۇرۇپ ئۆلۇۋالغان ئىشلارمۇ بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ ۋەھشى جىنايەتلىرىگە قارىتا ساقچىلار كۆرمەسكە سىلىشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئۇستىدىن "ماڭا باسقۇنچىلىق قىلدى" دەپ ئەرز قىلىپ كەلگەن ئايالغا "يامانغا يانتاياق بولۇشۇپ" ئوزلىرىمۇ باسقۇنچىلىق قىلىشقان ئىكەن. قىسقىسى بۇ ھايۋان، دالىت جامائىتىنىڭ ھەممە ئائىلىسىگە چىقىلىپ كۆرگەن ئىكەنۇ، ئەمما دالىت جامائىتىدىن بولغان بىرلا ئائىلىگە يەنى - مادھۇكار ۋە ئالكا نارايانە ئائىلىسىگە چىقىلمىغان ئىكەن. چۇنكى نامراتلىق ۋە ساۋاتسىزلىق پۇراپ تۇرغان يەنى ھىچكىم ئالى مەكتەپكە بىرىپ باقمىغان ئاشۇ مەھەللىدىن مادھۇكار ئائىلىسىنىڭ بەش پەرزەنتىنىڭ ھەممىسى ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ مانا مۇشۇ ئىشنىڭ ئۆزىلا زور كۇچ سۇپىتىدە ئاككۇ ياداۋ ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرىنى چۆچۇتكەن. دەرھەقىقەت ئاككۇ ياداۋ ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرى - مەرىپەتنىڭ كۇچى ئالدىدا يىڭىلىپ ئاخىرى ئۆز جانلىرىنىمۇ ساقلاپ قىلىشالمىغان، يەنى ئاككۇ ياداۋنىڭ قىسمىتى مۇنداق بولغان: مادھۇكارنىڭ شەھەردە ئوقۇۋاتقان قىزى - ئۇشا نارايانە 2004-يىلى تەتىل قىلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يىنىغا كەلگەن بىر كۇنى ئاككۇ ياداۋلار مادھۇكارلارنىڭ قوشنىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇشا نارايانە لۇكچەكلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي بۇ ئىشقا ئارىلىشىدۇ ۋە ساقچىغا بارىدۇ. ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئاككۇ ياداۋ 40 تىن ئارتۇق شايكىلىرى بىلەن باستۇرۇپ كىلىپ ئۇشا نارايانە نىڭ كىچىك كەپىسىنى قورشىۋالىدۇ ھەمدە بىر بوتۇلكا كىسلاتانى كۆتۇرۇپ ئۇشا نارايانە نىڭ ھۆسنىنى بۇزۇۋىتىش بىلەن تەھدىت سالىدۇ. ئۇشا نارايابە ئىشىكنى چىڭ تاقىۋىلىپ بىر تەرەپتىن ئاككۇ ياداۋنى راسا تىللايدۇ ھەمدە يەنە بىر تەرەپتىن ساقچىغا تىلىپون قىلىدۇ، ئەمما ساقچى دەرھال يىتىپ كەلمەيدۇ. ئامالسىز قالغان ئۇشا نارايانە گاز تۇڭىنى ۋە سەرەڭگىنى كۆتۇرۇپ ئەگەر "لۈكچەكلەر ئۆيگە بىسىپ كىرسە گاز تۇڭىنى پارتىلىتىۋىتىدغانلىغىنى" ئىيتىپ لۈكچەكلەرگە تەھدىت سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لۇكچەكلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرەلمەي كەينىگە چىكىنىشىدۇ. بىر ياش قىزنىڭ شۇنچىۋالا كۆپ لۇكچەكلەرگە تاقابىل تۇرۇپ ئۇلارنى قورقۇتالىغىنىنى كۆرگەن نامرات خەلق بىردىنلا ھەركەتكە كىلىدۇ ھەمدە ئاككۇ ياداۋنىڭ ئۆيىنى كۆيدۇرۇپ تاشلايدۇ، جان قايغۇسىدا قالغان ئاككۇ ياداۋ ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ.
2004-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۇنى ساقچىلارنىڭ ئاككۇ ياداۋنى قويۇپ بىرىدىغانلىغى ھەققىدىكى خەۋەر نامراتلار مەھەللىسىگە پۇر كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نەچچە يۈزلىگەن ئايال سەپ بولۇپ ساقچىخانىغا نامايىش قىلىپ بارىدۇ. قويۇپ بىرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئاككۇ ياداۋ، ئۆزى بۇرۇن باسقۇنچىلىق قىلغان بىر ئايالنى كۆرۇپ ئۇنىڭغا يەنە "باسقۇنچىلىق قىلىدىغانلىغى" ھەققىدە تەھدىت سالغىنىدا، ئۇ ئايال ئاككۇ ياداۋنى ئايىغى بىلەن ئۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باشقا ئاياللارمۇ يانلىرىدىن ئاچچىق لازىلارنى چىقىرىپ ئاككۇ ياداۋ ۋە ساقچىلارنىڭ يۈزىگە ئىتىشىدۇ. ئاياللار توپىنىڭ ھەيۋىسىدىن چۆچۇگەن ساقچىلار ئاككۇ ياداۋنى تاشلاپ قىچىپ كىتىشىدۇ. بۇنىڭدىن غەيرەتلەنگەن ئون نەچچە ئايال يانلىرىدىن پىچاق چىقىرىشىپ ئاككۇ ياداۋنى پىچاقلايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ جان يىرىنى كىسىپ تاشلايدۇ، نەپرىتىنىڭ چوڭقۇرلىغىدىن خۇددى "قارا قۇيۇن - لى كۈي" ئانىسىنى يەپ كەتكەن يولۋاسنى چاناپ قىيما قىلىۋەتكەندەك ئاككۇ ياداۋنى چاناپ قىيما قىلىشىۋىتىدۇ. كىيىن ساقچىلار ئۇشا نارايەنى قاتىللىق بىلەن ئەيىپلەپ قولغا ئالغاندا نۇرغۇن ئاياللار ئۇشا نارايەنىڭ ئەمەس ئۆزلىرىنىڭ ئاككۇ ياداۋنى ئۆلتۇرگەنلىكلىرىنى ئىيتىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز قالغان ساقچىلار ئۇشا نارايەنى قويۇپ بىرىدۇ.
دىمەك، نامراتلىق ۋە نادانلىق چىرمىۋالغان جەمىيەتتە - چىرىكلىك ۋە زوراۋانلىق توسالغۇسىز كىڭىيەلەيدۇ. ئەمما ئىتتىپاقلىق ۋە جاسارەت - مەرىپەتنىڭ كۈچى بىلەن توغرا بىرلىشەلىگەندىلا ئىزىلگۇچىلەر ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىپ ئەزگۇچىلەرنى لاغىلدىتالايدۇ!. دىمەك، مانا شۇنداق قۇدرەتلىكتۇر.
ئەمدى گەپنى يەنە خارۋارد ئۈستىدىكى تېمىغا ياندۇرۇپ كىلەي.
خارۋاردتا ئوقۇغان ئادەم ئۈچۈن خارۋارد بىر كۆۋرۈك سۈپىتىدە، پاسسپورت سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئۆزى كۆزلىگەن مەنزىللەرگە يىتىشىدە  مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز خارۋاردقا بىرىپ ئوقۇسا ئەڭ ياخشى ئىش، ئەگەر ئۇنىڭدا ئوقۇيالمىسىمۇ  بىر ياخشى ئادەم بولسا توغرا- خاتانى بىلىدىغان، مۇھەببەت نەپرىتى ئىنىق بولغان، ئۆز قەۋمى ۋە  ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق ئويلايدىغان ئادەم بولسىمۇ شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلىدۇ. چۇنكى بۇ خىل ئىسىل مۇئارىپ - بىر ئادەم ئۇچۇن نوقۇل ھالدا ئۇنىڭ تېرىكچىلىگى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان ۋاستە بولۇپ قالسا بولمايدۇ. چۇنكى ئىنسان بۇ دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ كەتكىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن ئىشلارنى قىسمەتلەرنى كۆرىدىكەنمىز، بىلىدىغىنىمىزدىن بىلمەيدىغىنىمىز كۆپ بولىدىكەن.  ئەمما ئادەم ئىكەنمىز مۇئەييەن پىرىنسىپ بىلەن، غايە ۋە ئەقىدە بىلەن ياشىشىمىز كىرەك ئىكەن.  ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتكەندىن كىيىنلا، تۇرمۇشتا ئەرزىمەس نەرسىلەرنى قوغلىشىپ ياشىغاندىن كىيىنلا، ۋاقتىمىزنى دالىدا توشقان قوغلاپ "ئۇ يەرگە بىرىپ باراۋەت يەيمىز، بۇ يەرگە بىرىپ نەغمە ناۋا ئاڭلايمىز" دەپ  ئۆتكۈزىۋەتكەندىن كىيىنلا ئەۋلادلىرىمىز يامان كۈنگە قالىدىكەن، جاھالەتكە قاراڭغۇلۇققا پىتىپ زامانىۋى قۇل بوپ قالىدىكەن.  ئوخشىمىغان جەمىيەتلەردىكى تۇرمۇش تەجىربىسى مىنى مۇنداق خۇلاسىگە كەلتۇردى.
بىزنى ھىدايەتكە، نۇرلۇق كىلەچەككە ئىرشستۈرىدىغان يول - كۈچلۈك ئىتىقاد بىلەن كۈچلۈك مۇئارىپنى بىرلەشتۇرۇش، ئەۋلادلىرىمىزنى بۇلار بىلەن قوراللاندۇرۇپ ئۇلارنى بىلىم ئىگىلىرىدىن  پەزىلەت بىلەن ياشايدىغان ئەۋلاتلاردىن قىلىپ چىقىش ۋە مۇشۇ جەريداندا زۆرۈر بولغان ماددى كۇچنى ھازىرلاش  بايلىق تىكلەش ئىكەن.
مىنىڭ بۈگۈن بايبول سىنىپىدا مەزكۇر لىكسىيەنى سۆزلىشىممۇ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا بايبول شىركىتىمىزنىڭ مەقسىدىنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈش يەنى بايبول شىركىتىنىڭ  پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن بەلكى يەنە قاراتمىلىقىغى بولغان، يۈكسەك مەسۇلىيەتچانلىققا تويۇنغان مۇئارىپ مۇلازىمىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىغانلىغىنى ئىپادىلەشتۇر.
قەيسەر ھاجى  ھەم مەن بايبوللۇقلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى، ئىنى سىڭىللىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ياخشى تەربىيلىشىنى  ئۈمىت قىلىمىز. سىلەرنىڭ بالاڭلار- بىزنىڭ باللىرىمىز، سىلەرنىڭ قىرىنداشلىرىڭلار- بىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىز.  پەرزەنتلىرىڭلارنى ھازىردىن باشلاپ  ياخشى تەربىيلىسەڭلا، ۋاقتى كەلگەندە بىز زۆرۈر ياردەمدە بولىمىز.
بىلىپ تۇرۇپتىمەن، مىنىڭ گىپىم بەك ئۇزۇن بوپ كەتتى. ئەمدى مەن سۆزۈمنى تۆۋەندىكى خىتاپقا يىغىنچاقلاي!
ئالغا، پارلاق كىلەچەك ئۈچۈن ئالغا!،
ئالغا، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ئالغا!
ئالغا، خارۋاردتەك داڭلىق ئالى مەكتەپلەر ئۈچۈن ئالغا!.
جاھاندا مۈمكىن بولمايدىغان ئىش يوق، تېرىشساقلا مۈمكىن بولىدۇ. بۇ پەقەت، ۋاقىت ھەم ئىرادە مەسىلىسى!مەن كۈندۈلۈك تۇرمۇشۇمدا خاتىرلەپ قويغان، مۇشۇ تېمىدىكى كۆزقاراشلىرىمنىڭ مىغىزنى يىغىنچاقلىغان تۆۋەندىكى پىكىرلىرىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىش بىلەن  ھەممىڭلەرگە خوشاللىققا، مۇۋەپپىقىيەت ۋە رازىمەنلىككە تولغان ھايات تىلەش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇراي!
(1)
ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولۇشمۇ قابىليەتلىكنىڭ جۈملىسىدىندۇر، چۈنكى بۇ تۇيغۇسى كەمچىل ئادەم-يىراقنى كۆرمەي بۈگۈننىلا كۆرىدىغان ئادەم.  
‏يىراقنى كۆرمەيدىغان ئادەمنى قابىليەتلىك دىگىلى بولامدۇ؟ ...
‏(2)
‏بىر مىللەت نامراتلىغىدىن يوقالمايدۇ، ئەخلاقسىزلىغىدىن ۋەيران بولىدۇ.
(3)‏
‏‏ئۈمىد -شەخسىيەتچى كىشىلەرگە ھاۋالە قىلىنسا، بارىدىغان يىرى گۆر بولىدۇ، ئۆزىنى بىغىشلاش روھىغا ئىگە كىشىلەرگە بىغىشلانسا، بەزىدە تۇتۇلۇپ قالسىمۇ ئەمما ئاخىرى پارلايدۇ.
(4)
‏يورۇقلۇقنى كىممۇ سۆيمىسۇن؟ -شەپەرەڭسىمان ئىنسان سىياقىدىكى ھايۋانلاردىن باشقا...
(5)
‏سەھەر تۇيغۇلىرىدىن بىر كەلىمە-:
‏ھەۋەس تۈگىگەندە ئادەم قىرىيدۇ،
‏نىشان ئۈچۈن كۈرەشكەندە ھايات قىزىيدۇ.
(6)
‏ھەۋەس-نىشان ئەمەس، ئەمما ھاياتنى قىزىتىدىغان يىقىلغۇ!
‏بىلىمسىز قالساڭ، زاماننىڭ كەينىدە قالىسەن.
(7)
‏بايبول سىنىپىدىكى دەرستىن قۇرۇق قالساڭ، شۇ سىنىپتا ئىلىم ئىلىۋاتقان كارخانىچىلارنىڭ كەينىدە قالىسەن.
‏ئۇچۇر-بىلىم، بىلىم-بايلىق.
‏باي بولۇش ئۈچۈن تەپەككۈرگە باي بولمىسىڭىز بولمايدۇ. تەپەككۈر-بىلىم ئىلىش ۋە مۇتائىلە قىلىشتىن كىلىدۇ.
(8)
ئۇنتۇلىدۇ سۆزلىمىگەنلەر،
‏ئۇنتۇلمايدۇ ھەق سۆزلىگەنلەر!
(9)
‏سەكرىمىسەڭ، ئۆتەلمەيسەن، سەكرىسەڭ، يىقىلىپ چۈشۈشىڭ مۈمكىن. يىقىلماي دىسەڭ، سەكرىمە. ئۆتىمەن دىسەڭ، سەكرە. ئۆتۈشتە-ئۇتۇش بار، ئۆتەلمەسلىكتە-ئۆكۈنۈش، ئۆتمەسلىكتە-ئەپسۇسلىنىش!
‏كۆپ خىل تاللاش ئالدىڭدا، ئەمما نەتىجىسى ھەر خىل!
(10)
تاماخور-«بىرەلمىدەم» دەپ ئەپسۇسلىنىشنىڭ ئورنىغا، «بەرمىدى» دەپ ئاغرىنىدۇ.
‏ھەسەتخور-ھىچنىمەڭ يوق چاغدا، «مىكىيىنىمۇ يوق بۇنىڭ » دەيدۇ، مىكىيىنىڭ كاكىلىسا، «خورىزىمۇ كاكىلايدۇ بۇنىڭ» دەپ ئولتۇرالمايدۇ.
(11)
‏**********
‏ياخشى نەرسىنى بىلىپ تۇرۇپ باشقىلارغا دىمىسە بۇ قوساقنىڭ تارلىغى. ئەگەر قابىليىتى بار ئادەمگە ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەت تەمىنلىسە، بۇ كۆڭۈلنىڭ كەڭلىگى
12)
‏‏يەنە خارۋاردنىڭ دەرۋازىسى ئىچىلدى...
‏***************
‏بايبول مۇئارىپ ئاگىنتىلىغى شۇنى كۆپچىلىككە خوشاللىق بىلەن يەتكۈزىدىكى يەنە بىر قىرىندىشىمىز، خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىندى.بۇ قىرىندىشىمىزنىڭ ئىلتىماسىدىن خەۋىرىم بار ئىدى، ھازىر دەرسخانىدا تۇرسام تىلىفۇن قىلىپ، بۇ خوشخەۋەرنى ئۆز ئاغزى بىلەن يەتكۈزدى. مەن مانا شۇ تاپتا بۇ خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزىۋاتىمەن.
‏شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل سىنتەبىردە خارۋاردتا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىككى بولۇپ، بۇ يىل مۇئارىپ تارىخىمىزدىكى «خارۋارد يىلى» دەپ ئاتىساقمۇ ئەرزىيدۇ.مۈمكىن بولمايدىغان ئىش يوق، پەقەت ئىزدەنسەك ۋە يىتەرلىك دەرىجىدە تىرىشساقلا...
‏پەخىرلەن پەرزەنتلىرىڭدىن خەلقىم!!!!!
‏مۇبارەك بولسۇن!
‏ۋاقتى كەلگەندە ئىسمى ۋە كەسپى ھەققىدە خەۋەر بىرىمەن، ھازىرچە كۆڭلۈمدە ساقلاپ قويدۇم!
‏▼

bagdax

1

تېما

3

دوست

2575

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22881
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 822
توردىكى ۋاقتى: 499
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-7 12:17:23 |ئايرىم كۆرۈش
داۋامىغا تەشنامىز.
‹‹كەپتەرلەر››نىڭ ئايىغى تۈگەپ كەتتىمۇ؟

1

تېما

4

دوست

1725

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   72.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34101
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 534
توردىكى ۋاقتى: 290
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-15
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-7 12:20:16 |ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل...ساقلاپ قالدۇق ئىڭەك يۆلەپ...

20

تېما

6

دوست

6560

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   31.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 2044
توردىكى ۋاقتى: 597
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-7 12:37:12 |ئايرىم كۆرۈش
بەك ئېسىل ،داۋامغا تەشنامىز ...
bagdax

0

تېما

0

دوست

435

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   67.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35168
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-4
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-7 12:44:33 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يازمىلىرىڭىزنى قويماي ئوقۇپ كېلىۋاتقان مەندىن سالام. مەنمۇ پەرزەنتلىرىمنى خارۋاردتدا ئوقۇتۇشنى ئۆمۇرلۇك ئارزۇ قىلىپ تىكلىگەن ھەم شۇ يولدا تىرىشىپ ياشاۋاتقان بىر ئانا بولۇش سۇپىتىم بىلەن سىزگە زور ئۇتۇقلار تېلايمەن . مەقسەتكە كەلسەم  قىزىم نەنجىڭ ئالەم ئاۋىئاتسىيە ئۇنۋېرسىستىنىڭ سانائەت لايىھەلەش كەسپىدە تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتىدۇ،ئاللا بۇيرىسا كىلەر يىلى توفۇ ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى، ئامىرىكىغا چىقىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئارزۇسى بار،بىراق خارۋاردنى تاللاشتىن قورقۇپ تۇرىۋاتىدۇ، ھەمدە باشقا كەسپتە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش خىيالى بار،شۇڭا بىز بىر ياخشى مەسلىھەدچىگە مۇھتاج بولۇۋاتىمىز.بىزگە توغرا بىر مەسلىھەد بېرەلەرسىزمۇ؟

0

تېما

0

دوست

4479

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1346
توردىكى ۋاقتى: 390
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-7 13:33:00 |ئايرىم كۆرۈش
ئسل   چقپتۇ      

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

14

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 2001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6449
توردىكى ۋاقتى: 1682
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-11
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-7 14:20:49 |ئايرىم كۆرۈش
ئوقۇپ ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم. قارىسام داۋامى بار دەپ تۇرىدۇ. سەۋر تاقەت سىزنىڭ يازمىڭىزنى ئوقۇشقا بولمىسا بولماس ئۇستاز.داۋامىغا تەشنامەن.

0

تېما

0

دوست

129

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35390
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-14
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-7 16:43:17 |ئايرىم كۆرۈش
قەيسەر ئەپەندى،سىزگە كوپ تەشەككۇر !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )