تىزىملاتقان 2012-6-24 ئاخىرقى قېتىم 2016-6-20 ھوقۇقى 1 جۇغلانما 15837 نادىر 64 يازما 187
ئۆسۈش
14.59%
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: 8451
ئالدى بىلەن بۇلار ئۆلچەملىك ئىمتىھاندىن ئۆتۈشى كېرەك. مەسىلەن تولۇق كۇرسقا كىرمەكچى بولسا SAT I ۋە SAT IIدېگەن ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق كۇرسىغا كىرىشتە ھەر بىر ئوقۇغۇچى بېرىدىغان ئۆلچەملىك ئىمتىھانىنى بېرىشى كېرەك.
SAT ئۇلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى سىنايدىغان ئۆلچەملىك ئىمتىھان. ئۆلچەملىك ئىمتىھان دېگىنىمىز - ئوخشىمىغان سەۋىيىدىكى كىشىلەردىن ئىلىنىدىغان ئوخشاش سوئاللاردىن تەركىپ تاپقان ئىمتىھان بولۇپ ئۇنىڭغا نومۇر قويۇش ئۆلچىمى بىردەك، بۇ ئارقىلىق ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسىنى سىنىغىلى ھەم سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن ئوخشاش بىر يىللىقتا ئالايلى تولۇق ئىككىنچى يىللىقتا ئاتۇشتىكى قىزىلسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئەلى بىلەن ئۈرۈمچى 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان زىۋىدەمنى كىشىلەر ئوخشاشلا "دەرستە ئەلاچى " دېيىشىدۇ. بىراق بۇلار راست ئەلاچىمۇ، كىم كىمگە قارىغاندا بەكرەك ئەلاچى دېگەننى بىلمەكچى بولساق قانداق قىلىمىز؟ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ نومۇرىنى سېلىشتۇرىمىز. ئەمما بىز زادى كىمنىڭ ھەقىقى ئەلاچىلىقنى بىلمەكچى بولساق ئۇلارنىڭ ئۆز مەكتەپلىرىنىڭ ئىمتىھانلىرىدا ئالغان نەتىجىسىگە ئاساسەن سېلىشتۇرما قىلساق بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىككىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن، جاۋاپلىرى ئېنىق بولغان ئوبېيكتىپ سوئاللاردىن تەركىپ تاپقان ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ ئاندىن كىم كىمدىن دەرستە ياخشى دېگەننى بىلسەك بۇ قايىل قىلارلىق بولىدۇ.
نەرسىلەرنى سېلىشتۇرۇشتا مەلۇم ئۆلچەم كېرەك. مەسىلەن مىنى لىللا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى - كارخانىچى مۇتىللا ئاكا بىلەن تۇرغۇزۇپ ئىككىمىزنىڭ بويىنى سىلىشتۇرساڭلا مەن پاكار ھېسابلىنىمەن، لېكىن بايبول شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى قەيسەر ھاجى بىلەن بىللە تۇرغۇزۇپ سىلىشتۇرساڭلا مەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كېلىمەن ھەم ھەر ئىككىمىز ئوتتۇرا بوي كېلىمىز. ئەمما مىنى ۋىتناملىق پەنۋېنكەيلەر بىلەن سىلىشتۇرساڭلار بەلكى ئۇلارغا قارىغاندا ئېگىز بوي ئادەممەن. بۇنىڭلىق بىلەن مەن ئېگىز بوي كۆرىنىدىكەنمەن دەپ خانويغا كۆچۈپ بېرىپ ياشىغىلى بولمايدۇ دە! دېمەك بوي سىلىشتۇرشتىمۇ مۇئەييەن ئۆلچەم كېرەك. يەنى ئەرلەرنىڭ ئىچىدە بويى 1.65 تۆۋەن بولغانلار پاكار ھېسابلانسا، 1 مىتېر 65 تىن 1.73 ئارىلىقىدا بولغانلار ئوتتۇرا بوي ھېسابلىنىدۇ دىگەندەك.
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھارۋارد ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىمۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا SAT نومۇرىغا قارايدۇ. شۇڭا بۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغۇچى SAT دىن يۇقىرى نومۇر ئىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ تولۇق نومۇرى 2400 بولۇپ خارۋاردقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچى كەم دېگەندە 2200 دىن يۇقىرى ئالمىسا بولمايدۇ. لېكىن بۇ ئىمتىھاندىن تولۇق ئۆمۈر ئىلىش خارۋاردقا قوبۇل قىلىنىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاتا ئانىسى جۇڭگولۇق بىر بالا قايسى بىر يىلى خارۋاردتنى ئەرز قىلىپ يۈردى يەنى "مەن SAT" دىن تولۇق نومۇر ئالسام خارۋارد قوبۇل قىلمىدى، بۇ قىلمىش ئاسىيالىققا قارىتا كەمسىتىش’ دەپ.
خارۋارد مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: پەقەت نومۇر ئىلىشنىلا بىلىدىغان باشقا ئالاھىدىلىگى بولمىغان ئادەمنى بىز ئالمايمىز. بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى ۋە باشقا تەرەپلىرىگىمۇ قارايمىز، خارۋاردقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە 17% ئوقۇغۇچى ئاسىيالىقلار پۇشتىدىن".
خارۋارد ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى يەنە – ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى ياكى ئەمەسلىگى، سىنىپىدا ئەلاچى ئوقۇغۇچى ياكى ئەمەسلىگىگە ھەمدە كاندىداتنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ياكى باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۆتىمىگەنلىگىگە شۇنداقلا سەنئەت ،تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتتە ئالاھىدىلىگى بار يوقلىقىغا قارايدۇ. بۇلار مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىجتىمائىيلىقى بار شەخىسمۇ ئەمەسمۇ مۇشۇنىڭغا ئالاھىدە قارايدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا خارۋارد ئۆزى قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ كىيىن جەمئىيەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا زۆرۈر بولغان خىمىرتۇرۇچنىڭ بار يوقلۇقىغا قارايدىكەن.
بىز ئادەتتە "مىنى باشقىلار نېمە دىسە دېسۇن پەرۋايىم پەلەك" دەپ قويىمىز. ئەمما ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئوقۇشقا ۋە خىزمەتكە ئىلتىماس قىلىشتا باشقىلارنىڭ سىز توغرىسىدا نېمە دېيىشى ئىنتايىن مۇھىم.
مەكتەپلەر، ئىدارە ۋە كارخانىلار سىز ئوقۇش ياكى تۇنجى خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغاندا سىزنى "مىنى ياخشى بىلىدۇ" دەپ قارىغان ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سىزگە بولغان باھاسىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ.
جۈملىدىن خارۋاردمۇ ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ خەت يىزىپ بېرىشىنى شەرت قىلىدۇ بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىنىڭ خاراكتېرى، ئالاھىدىلىگى ھەققىدە باشقىلار ئارقىلىق مەلۇم ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە سىز بۇ خەتنى يازىدىغانغا سىزنى ياخشى چۈشىنىدىغان "ماڭا ياخشى خەت يېزىپ بېرىدۇ" دەپ قارايدىغان ئادەملەرنى تاللايسىز. بۇ كىشىلەرمۇ سىز ھەققىدە راستچىللىق بىلەن سىزگە ئىجابىي سۆزلەرنى ئىشلىتىپ يىزىپ بېرىدۇ. مەسىلەن مۇنۇ باغداشنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەرجان "قەيسەر ئاكا، ئۆزلە مىنى خارۋاردقا تونۇشتۇرۇپ خەت يېزىپ بەسىنا، گاڭ ئاكام دەپ كېتەي دىسە، ،مەن دەرھال يېزىپ بىرىمەن" چۈنكى مەن ئەكبەرجاننى ياخشى بىلىمەن . ئەگەر مەن خاراكتېرىنى بىلمەيدىغان ھوشۇر قارى ماڭا " مىنى خارۋاردقا تونۇشتۇرۇپ خەت يېزىپ بىرىڭلار قەيسەرجووون غوجۇۇۇممم دىسە، مەن نېمە دەپ يېزىپ بىرىمەن.؟ ھوشۇر قارى ناخشا ئېيتالايدۇ، بۇرۇتى بار" دەپ يېزىپ بەرگىلى بولمايدۇ، ئامېرىكىلىقلار ئۆزى ياخشى بىلمەيدىغان ئادەمگە بىر نەرسە يېزىپ بېرەلمەيمەن دەپ رەت قىلىدۇ. خەت يىزىپ بىرىش ئۇچۇن قارشى تەرەپنى ياخشى تونۇش كېرەك. بوستوندا ئاسىيە ماخمۇت ئىسىملىك كورلىدىن كىلىپ ئۈرۈمچىدە تىببى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن بىر سىڭىلچاق بولىدىغان.USMLE ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ دوختۇرلۇققا ئىلتىماس قىلغاندا، ئايالىمدىن بىر پارچە خەت ئىلىش ئۈچۈن ئايالىمنىڭ دوختۇرخانىسىغا ئىككى ھەپتە باردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن خىزمەتتە بىللە بولدى. چۈنكى يېزىپ بەرگەن خەتلەردە چىنلىق بولۇشى كېرەك، يالغاننى يىزىپ بەرگىلى بولمايدۇ. يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار "ئاكا مەن ئوقۇيتتىم، ماۋۇ ماتىرياللىرىمنى كۆرۈپ تۈزۈتۈپ بەرسىڭىز ياكى يېزىپ بەرسىڭىز" دەپ خەت يازسا "ياق" دېمەي كىچە كېچىلەپ بولسىمۇ خەت يېزىپ بېرەتتىم ياكى ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ تەھرىرلەپ بېرەتتىم. "ئۆزىمىزنىڭ ياشلىرى ئەمەسمۇ ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئىششىپ ئوقۇپ قالسا ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئاندىن خەلققە پايدىسى تىگىپ قالا، مەن ياردەم قىلمىسام كىم قىلىپ بېرىدۇ" دېگەن ئوي بىلەن. ئەمدى ھازىر ھەم ياش چوڭىيىپ قىلىۋاتىدۇ ھەم ئالدىراش بوپ كېتىۋاتىمەن، شۇڭا بۇندىن كىيىن كۆپ چاپالماسلىقىم مۇمكىن ھەم بەزىلەرنىڭ كۆز بويامچى قېچىپ قىلىشى بىلەن ئادەمنىڭ رايى يېنىپ قالىدىكەن. لېكىن بىز ھەقىقى ئوقۇيدىغان سەمىمى ياشلارنى قوللىشىمىز كېرەك. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بەلكىم 5-6 ياشلىق پەرزەنتىڭلار بارلار بار دېمەك خۇدا بۇيرىسا يەنە 10-15 يىلدىن كىيىن ئۇلار ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈدەك بولىدۇ. مۇبادا سىلەر بالاڭلارنى ھازىردىن باشلاپ ياخشى تەربىيلىسەڭلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. مەن راست گەپنى سۆزلەيمەن. مەن يۇقىرىدا ئالى مەكتەپكە تۇنجى قېتىم كىرگەندە يۈز بەرگەن يۇمۇر تۈسىگە تولغان ئۆزۈمنىڭ كەچمىشىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم يەنى "سەن قايسى فاكۇلتېتتىن" دەپ سورالغان خەنزۇچە سوئالغا شۇنى ئۇقالماي "قايسى شەھەرنىڭ دەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ "مەن ئاتۇش فاكۇلتېتتىن" دەپ سۆزلەپ خەقنىڭ كۈلكىسىگە قالغان چاغلىرىمنى سۆزلەپ ئۇتتۇم. بۇ ئارقىلىق مىنىڭ دېمەكچى بولغىنىم مەنمۇ بىر چاغلاردا ئاشۇنداق گەپلەرنى دەپ يۈرۈپ خەنزۇچە ئۈگۈنۈپ، كىيىن ئېنگلىزچە ئۈگۈنۈپ ئاخىرى خارۋاردقا كىردىم ۋە ئۇنىڭ دىپلومىنى ئىلىش نىسپ بولدى. ھازىرقىدەك ئىچىلىپ كەتكەن دۇنيادا، ياشلىرىمىزنىڭ چىقىش نۇقتىسى - بىزنىڭ دەۋردىكى ياشلارغا قارىغاندا بۇرۇن.....ئەڭ ئەقەللىسى ھازىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلار كومپيۇتور ئارقىلىق بىمالال مەشغۇلات ئىلىپ بارالايدۇ.
بىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كومپيۇتېرنى ئۇقۇپ كەتمەيتى. ئۇنداق بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ كومپيۇتېر قىممەت بولغانلىقتىن كىشىلەردە ھەم يوق ئىدى.
مەن ئۆزۈممۇ ئەينى چاغدا كومپيۇتېرغا قەتئىي قىزىقمىغان ئىدىم.
ئەمما ئامېرىكىغا كەلگەندىن كىيىن دەرسنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆگەندىم.
ئوقۇش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدا قىينالغاندا پەلسەپىدىكى "گۈرۈچ بولمىسا ئۇستا ئاشپەزمۇ پولو ئىتەلمەيدۇ" دېگەن گەپ بار، ئەينى چاغدا مەندە كومپيۇتېر بولمىسا مەن ئۇنى قانداق ئۈگۈنەتتىم" دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەرگەندەكمۇ بولدۇم. لېكىن تېگى تەكتىكىدىن ئېيتقاندا ئۇنى ياخشى بىلمەسلىكىم مىنىڭ ئۇنى ئۈگۈنۈشكە سۇس قاراپ قالغانلىقىمدىن. دېمەك پوزىتسىيە دېگەن ناھايىتى مۇھىم ئىكەن. بولمىسا شۇ چاغلاردا ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلامنىڭ دىلشات ھەۋزۇللا دەيدىغان بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى بولىدىغان ئۇ مىنىڭ يېقىن دوستلىرىمنىڭ بىرى ئىدى ("مەڭگۈلۈك ياشلىق دېگەن ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ئىككىنجىسىدە يازغان). مەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەنلىرىمدە كومپيۇتېر ئۈگۇنۇپ قوي دىسە، قىزىقىپتىكەن. ئۇ شۇ چاغدا دۆلەتلىك 863 تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەۋاتقان بولۇپ ئىشخانىسىدا 4-5 كومپيۇتېر بولىدىغان. چۈنكى مەن ھەرىكەتچان، قۇرۇتتەك قىمىرلاپ تۇرىدىغان بىر ئادەم. بىر يەردە ئۇزاق ئولتۇرالمايدىغان ئادەم شۇڭا ئانام مىنى كىچىك چېغىمدا "قورسىقىمدا قىمىرلايدىغان قۇرۇت بار بۇ بالامنىڭ" دەپ قويىدىغان. ئادەتتە دائىم مېڭىپ تۇرىمەن، ماڭمىسام سۆزلەپ تۇرىمەن، ھەر ئىككىسىنى قىلمىسام يېزىپ تۇرىمەن، ئۇخلاپ قالسام خورەك تارتىپمۇ قويىمەن بەلكىم. بۇ كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش ئۇچۇن ئۇزۇن ئولتۇرىدىغان گەپكەن، ئۇنداق بىر يەردە ئۇزۇن ئولتۇرسام ئىچىم پۇشۇپ كىتەتتى. ئەمدى ھازىر ئۇزۇن ئولتۇرماي ئامال يوق. تۇرمۇش ئولتۇرغۇزىدىغان گەپكەن، خىزمەتتە كۈندە كومپيۇتېر بىلەن مەشغۇلات قىلىدىغان گەپ. "كاجنى بازار ئوڭشاپتۇ دەپ، مەندەك گومۇشنى مانا ماۋۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئوڭشىۋەتتى . مۇشۇ سورۇندىكى ياشلار سۆزۈمگە دىققەت قىلىڭلار:
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ناھايىتى ئىرادىلىك ياشلار بار، ئالايلى ئابلىكىم، مەمەتتۇرسۇن، ئەكبەرجان، ئانارگۇل ئايقىز مۇتىللا ئاكىنىڭ قىزلىرى، ھە راست ئەمىن كىتاپچىلىغنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمىنجان ھاجىمنىڭ بوستوندا ئوقۇۋاتقان قىزى، سىلەر، ھەممىڭلار خارۋاردنىڭ ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق پروگراممىلىرىغا كىرىپ ئوقۇيمەن دېسەڭلا بۇ مۇمكىنچىلىكى يوق ئىشمۇ ئەمەس.
خارۋاردقا ئىلتىماس قىلغۇچى يەنە ئۆزى ھەققىدە ۋە نىمىشقا خارۋاردتا ئوقۇماقچى ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرۇپ،ئۆزىنىڭ خارۋارد ئالمىسا بولمايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىپادىلەپ بىر پارچە ماقالە يىزىشى كېرەك.
مۇبادا ھەر جەھەتتىن بىر بىرىدىن قىلىشمايدىغان ئىككى كاندىدات بىر ساننى تالىشىپ قالسا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى نېمىگە قارايدۇ؟
ئەلۋەتتە ئۇلار يازغان ماقالىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىگە. مۇئەييەن ئۆزگىچە پىكىر ياكى تەپەككۇر ئۇلارنىڭ
دىققىتىنى تارتىدۇ.
مەن خارۋاردقا ئىلتىماس قىلغاندا ئۇلار تەلەپ قىلغان شەرتلەرنى ھازىرلاش بىلەن بىرلىكتە يەنە 22-23 ياش چاغلىرىمدا يازغان "ئۆزۈملا بولالايدىكەنمەن" دېگەن ئەسىرىمنىڭ ئېنگلىزچە نەشرىنى قوشۇپ قويغان ئىدىم. مەن شۇنىڭمۇ پايدىسى بولدىمىكىن دەپ ئويلايمەن ئۆزۈمچە. چۈنكى بۇ يازما مەكتەپتە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن شەرقى شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنغان گورباچىۋ فوندى جەمىيىتىنىڭ دېرىكتورى شەيلا پاففىر دىگەن ئايال پروفىسسور فاكۇلتىتىمغا تىلىفۇن قىلىپ مىنى ئۆزى دەرس ئوتۇۋاتقان سودا باشقۇرۇشنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئىلىش ئۇچۇن ئوقۇۋاتقانلارغا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئۇ كۈنى مەن كانۋاي كۆينەك ۋە چىمەن دوپپىنى كىيىپ سىنىپقا كىرسەم بۇ خانىم،
ئۇ يازمامنى كۆپەيتىپ بېسىپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇپتىكەن. شۇڭا مۇشۇنداق دەپ ئويلاپ قالدىمغۇ ،ئەمدى.
تۆۋەندە مەن بۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگلىزچىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچىسى:
**********************************************************
ئۆزۈملا بولالايدىكەنمەن
*************************************************************
ئاتىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىش، ئانىلارنىڭ چىرىغىنى يورۇتۇش - پەرزەنتنىڭ پەرزەنتلىك بۇرچىدۇر.
دەۋر تەلىپىدىن قارىغاندا، تەدبىرسىز، قارىغۇلارچە ئەگىشىش ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئەكسىچە، پەرق ئېتىش ئاساسىدىكى تاللاش - تەرەققىيات يولىغا يېتەكلەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، تەرەققىياتقا پايدىلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش - مۇئەييەن ئىجتىمائىي كۈچنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ھېچكىمنىڭ ئۆزىنى كەمسىتكۈسى كەلمەيدۇ. خۇددى دالې كارنېگىې ئېيتقاندەك &قۇئوت؛باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختىشىنى تەلەپ قىلىش - بارلىق ئىنسانلارغا خاس پسىخىكا بولغاندەك، ئۇ يەنە مىللەتنىڭ پسىخىكىسىغىمۇ ئورتاقتۇر. ئوبيېكتىپ ۋە مۇۋاپىق يوسۇندا باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇش ۋە بۇنىڭ بىلەن پەخرلىنىش يوللۇق، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار. لېكىن، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان ھالدا كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش ياكى ئۆتمۈشنى دەستەك قىلىپ سۆزلەش -زىيانلىق. خەلق ئىچىدە "ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە" دېگەن ماقال بار.
بىر پۈتۈن ئاۋامغا دىئاگنوز قويۇش تەس. ئەمما، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز دىئاگنوز قويۇش ئوڭايراق بولىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىز، خاراكتېرىمىز ئۆزىمىزگىلا ئايان. مۇبادا چوڭقۇر دىئاگنوز ئارقىلىق، مىسىر ئېھراملىرىغا ئويۇلغان "ئۆزۈڭنى تونۇ" دېگەن سۆزنى چۈشىنىپ ئۆزىمىز ھەققىدە ت؛مەن ئاجىز ئەمەس ئىكەنمەن"؛ دېگەن يەكۈنگە ئېرىشەلىسەك ئىدۇق، بىز ئىنسان مۇكەممەللىكىگە قاراپ ئاتلانغان بولار ئىدۇق.
مۇكەممەللىك- ئاللاھقىلا خاس. گەرچە بۇ دىنىي مەدەنىيەت قارىشى بولسىمۇ، لېكىن سىرى نامەلۇم بولغان چەكسىز كائىناتنىڭ ئۆزى بىر مۇكەممەللىكنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە تەبئىئەت قانۇنىيەتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئالەمنىڭ ئۆزىدە قانداقتۇر بىر مۇكەممەللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇپتۇ.
مەن پىكرىمنىڭ تېيىزلىقىغا باقماي، ھاياتنى سۆيۈش ئىستىكىم ۋە چالا-پۇلا بىلىملىرىم بىلەن ئۆز-ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئۇزاق سەپىرىدە كېتىۋېتىپ، مۇشۇ خىياللارغا دۇچار بولۇپ ئەپسۇسلىنىش ۋە خەۋپسىرەش تۇيغۇلىرىنىڭ ئازابلىرىدا قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
مەن بۇ خىل ھېسسىياتقا ئورتاقلىشىدىغان دوستلارنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ھەتتىڭەي، 22 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ھېسابلىغاندىمۇ 16 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. تەپسىلىي ئويلىنىپ كۆرسەم، مەن نىيوتون بولالمايدىكەنمەن، بۇ مېنىڭ ئالما دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرمايدىغانلىقىم ياكى ئالمىنىڭ مېنىڭ بېشىمغا چۈشۈپ مېنى چەكسىز خىيالغا باشلاپ كىرىشىدەك تاسادىپىيلىقنىڭ تۇغۇلماسلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئىلگىرى پۇرسەت ۋە شارائىتنىڭ بولمىغانلىقى تۈپەيلى، قىزىقىش ۋە شىجائەتنىڭ مەندە يېتىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمىغانلىقىدا. ئەگەر پۇرسەت ۋە شارائىت كىچىكىمدىلا ماڭا يار بولغان بولسا ئىدى، مېنىڭمۇ بېشىمغا ئەنجۈر ياكى خۇۋەينە ئۈرۈك چۈشۈپ كېتىپ، مېنىمۇ خىيالغا سېلىپ ئالەمنىڭ باشقا قانۇنىيەتلىرىنى تېپىشقا نىسىپ قىلار ئىدى.
بېكون؛ بىلىم - تەجىربىدىن كېلىدۇ؛ دېگەن ئىكەن. گوركى داڭلىق يازغۇچى. تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ۋە تىرىشچانلىق ئۇنى يازغۇچى قىلغان. بىراق، مەن گوركىدەك تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىنىڭ مەندە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ كەتمەيمەن، ھەم ئۇ مۇمكىنمۇ ئەمەس. ئەمما، بۇ ھەقتە مەن ئاز-تولا ئۇرۇنۇپ كۆردۈم-يۇ، يېڭىمنى شىمايلاپ، پۇشقاقلىرىمنى تۈرۈپ چىقمىدىم.
ئېدىسوننىڭمۇ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرى بولغان. ئۇنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى --- ئۇنى ئىلمىي تەجرىبە بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇۋەپپەق قىلغان.
مەن بۇ چۈشنىمۇ كۆرگەن. كىچىككىنە، ھەممە تەرىپى بېكىك بۇ تاغلىق يېزىدا توك چىراغمۇ يوق تۇرسا، ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟.
ئويلاپ باقسام، مەن دارۋىنمۇ بولالمايدىكەن. بۇ دارۋىننىڭ بۇ خىل تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى دارۋىنغا خاس ئىستېداتنىڭ مەندە يوقلۇقىدىن. چۈنكى مەن، "توخۇ ھايۋانمۇ، قۇشمۇ؟" دېگەن سوئالغا توغرا ۋە تېز جاۋاب بېرەلمىگەن تۇرسام؟!
مەن پىئرر كيۇىرې بولالامدىمەن؟
بۇ ئارزۇيۇم مېنىڭ ئىستىدات ۋە جاسارەتتە، مەندىنمۇ كۈچلۈك مارىئە كيۇرىئىنىڭ ماڭا جۈپ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، مەن مۇنۇ ناخشا بىلەن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇدەكمەن:
باقىمەن ھەر يانغا،
ئىنتىزار بولۇپ، ئىنتىزار...
ئۇنداقتا ماتېماتىكچۇ؟
دىففىرىنسىئال-ئىنتېگرالنى خېلى ئوبدانلا ئىگىلىگىنىم بىلەن، لېكىن گائۇسسچىلىك ۋاقتىمدا، بىردىن يۈزگىچە بولغان ساننى نەچچە سائەتلەپ ئاۋارە بولۇپ قوشۇپ چىققىنىم ئېسىمدە.
ئۇنىڭدىنمۇ يالتايدىم.
ئىشقىلىپ، مەن پەننىڭ ھەرقايسى ئىشىكلىرىدىن كىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ باقتىم-يۇ، لېكىن بۇرنۇم قاناپ كەتتى. ياكى تېنىم شۇ قەدەر ئاجىزمۇ؟ ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن. بەلكىم، شۇنداق بولسا كېرەك؛ دەپ ئويلىغان ئىدىم ئىلگىرى. لېكىن بارغانسېرى ئۇنى ئېتىراپ قىلغۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.
ھازىر مەن، ئاشۇ خىل ئىدىيىنىڭ مەندە بولغىنى ئۈچۈنمۇ ئۆزۈمگە ئاچچىقلىنىمەن. رېئاللىققا يۈزلەنگۈلۈك. مەن بۇ گەپنى توغرا تېپىپ قالدىم. ئۆتمۈشنى ئەسلىدىم. پەننىي تەربىيە بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىرمنى ۋە ئۇلارنىڭ ساپاسىنى دەڭسەپ چىقتىم. بۇ دەۋر ۋە ئۆتكەن بىر نەچچە دەۋر كىشىلىرىنى توغرىسىغا ھەم ئۇزۇنىسىغا سېلىشتۇرما قىلىپ چىقتىم. ئاخىر، پۇشايمان ۋە ئەپسۇسلىنىشىممۇ ئازىيىشقا قاراپ يۈزلەندى. تۇرمۇشتىمۇ رەتلىك ھەم پۇختا بوپ قالدىم.
تەنھالىق - بەلكى بىر قىسىم كىشىلەرگە ئازاب ئېلىپ كېلىدىغاندۇ. لېكىن، مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ قەلب تەكتىدىكى ئاجايىپ پىكىرلەرنى سۈزۈۋالىمەن. شۇ پىكىرلەرنىڭ بىرسى: مەن ئۈچۈن قۇياش يەنىلا ئالدىمدا ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەقەت ئۆزۈملا بولۇشۇم كېرەك ئىكەن ھەم شۇنداقلا بولالايدىكەنمەن. بەلكى، بۇ ئىلاھتىكى مۇكەممەللىكنى ئىزدەپ ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشۈم ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلىرىمنىڭ مۇكاپاتىدۇر
ئۇلانمىسى بۇ يەردە:
./thread-11622-1-1.html
ئىنگلىزچىسى:
************************************************************
Lesson learned from afar: Be yourself
*********************************************************
When I was a child, I dreamed of being a famous man when I grew up. I recently celebrated my birthday alone here in Boston. That day I could not sleep; a deep thought kept me awake the whole night. Questions wandered in my head, asking what kind of man was I to become?.
When I was 9 years old, I was pretty interested in the miracles of this world, like the miracle of invention. Later, I read that most of the inventors were born in towns close to industrial life, but I was born in the mountainous village of Kashgar, where people seldom go. The village had no electricity, telephone or television, although it was the beginning of the 1980s.
Thinking of Thomas Edison, and of inventors in general, I asked myself: “How can a small black box speak? Is there a man inside it? How can a small bulb give off light? How can a truck ‘walk’?”. I remember I always asked these questions to my parents when I saw these wonderful “miracles” on our trips into town.
Their explanation was: “You’ll know why when you grow up.” On such occasions I always remained silent, hoping that I would grow up quickly. As time passed by, however, I knew my parents could not answer these kinds of questions — and I could not get a satisfactory answer from anyone else — because my parents were among the small number of “intellectual people” in their working unit who graduated high school. The other people were illiterate and semi-illiterate people.
So I thought to myself in those days, “What kind of famous man did I want to become?” After a long thought it seemed that I had discovered it. I wanted to become a scientist!
The next question came to me easily: “Could I, or can I become a scientist?” The answer is half yes, half no. I could not be Edison (though I wanted to be a man like him) — but not because I don’t have the kind of talent, or because he invented all the things and left nothing for others to invent. I couldn’t be a scientist because I did not have social and natural environment. Imagine: How could I become a man like Edison without having some condition?
Edison said “talent comes from two percent inspiration and 98 percent perspiration.” Now I also understand that without a clear goal, determination and objective condition, all the perspiration in the world can’t make a man a scientist. Everything has its own way of growing.
I also thought of being a man like Charles Darwin. I found that I absolutely could not be such a man. You see, I could not answer this question: “Is a chicken a bird or an animal?”
I also wanted to be writer as famous as Leo Tolstoy or as Qingghiz Aytmatov. I began to write something at age 12, but later I decided to give it up.
How about being Pierre Curie? I would need a Madame Marie Curie to accompany me. Oh! It seemed that I wasted a lot of my time singing this song:
“I am looking at my around no perfect Marie is being found!”
And unlike mathematician Johann Carl Gauss, I still remember that it took me several hours to add numbers from one to 100 as he had done in minutes, though I studied differential-integral quite well. I gave this up too.
Am I a complete failure then? No, I refused this point and admitted that I have not yet succeeded! I believe that there is always a way to go for everyone if he is determined to go.
We embrace a new sun in every 24 hours ....
Each of us could not be someone that we wished to be, but at least we can be ourselves, and this is the most valuable, most glorious thing in our lives!
******************************************************************