- تىزىملاتقان
- 2012-9-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-7-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 138
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
46%
|
ھۆرمەتلىك تىما ئىگىسى، ئېيتقانلىرىڭز بەرھەق، بىز بۈگۈنكى كۈندە ئۆزمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق،ئاشۇ قەدىمقى مۇشۇ ئانا دىياردا ياشاپ ئۆتكەن ئەجدادلارنىڭ ئىزلىرنى ھېلىھەم ناھايتى رۇشەن كۆرەلەيمىز.تەققى تۇرقىمىزغا، ناخشا مۇزكىلىرمىزغا،يىمەكلىرمىزگە،تۇرالغۇ ئۆيلىرمىزگە قارايدىغان بولساق، ئەتراپىمىزدىكى قوشنىلاردىن، تاجىك، ۋە ئافغانلارغا نىمە دىگەن ئوخشايدۇ،توردىن ئافغانىستان توغىرلىق خەۋەرلەرنى كۆرسەك ئافغان مەھەللىرى بىزنىڭ كونا مەھەللىلىرمىز بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش،、ئۆيلەرنىڭ سېلىنىشى،ئىچىنىڭ بىزلىشىى، يىگەن يىمەكلىىرى بۇلۇپمۇ نانلىرى ، داپ دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان مۇزىكىلىرى، بەدەخشانلىقلارنىڭ ئەر-ئايال جۇپ بۇلۇپ ئوينىغان ئۇسۇللىرى، تاجىكلارنىڭ كىيۋالغان بادام دوپپا ئەتلەسلىرى....بۇنداق ئوخشاشلىقىلارنى ئۇيغۇرنىڭ مەدىنيىتىنى چۇشەنگەن شۇ ئافغانلارمۇ ھىس قىلىپتۇ،توردا ئۇيغۇرنىڭ ناخشا مۇزكىلىرنى كۆرگەن بىر ئافغان ھاياجانلىنىپ ئۇيغۇرلارنى دۇنيادا مەدىنيەت جەھەتتىن ئۆزلىرگە ئەڭ يېقىن مىللەت دەپ ئېيتقىننى كۆرگەنمەن.
ئەكىسچە بىز 840- يىللىرى ئورخۇن ئالتاي دالىلىرغا تاشلاپ قۇيۇپ كەلگەن تۈركى قېرىنداشلىرمىزنىڭ بۇگۇنكى ئەۋلاتلىرى بولغان خاكاس، تۇۋالارغا قارايدىغان بولساق تىلىمىزدىكى ئوخشاشلىقتىن باشقا چوڭ بىر ئوخشاشلىقنى بايقىيالمايمىز، بىزگە خۇددى پۇتۇنلەي يات بىر خەلىقتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. يەنە يانلىرمىزدىكى تۇركى خوشنىلاردىن قىرغىز قازاقلاغا قارايدىغان بولساق يەنە شۇنڭدەك بىر سېىلشتۇرمىنى ھىس قىلالايمىز.
بۇ زادى نىمە ئۇچۇن؟
دىمەككى سىز ئېيتقاندەك بۇ زىمىندا ياشاپ ئۆتكەن ئەشۇ ئانا ئەجدادلىرمىزنىڭ بىر قىسمى دەل بۇگۇنكى تاجىك ئافغانلار بىلەن ئوخشاش بىر خەلىقتۇر. بۇلۇپمۇ سىز دىگەن ساكلار، يەنى مەھمۇت قەشقىرى زامانىسدا خاقانىيە تۇركچىسىنى بىلمەيدىغان ئۆزنىڭ ئايرىم تىلى بولغان قەدىمقى خوتەنلىكىلەر. ئالىملارنىڭ تەتىقىق قىلىشچە خوتەن ۋە مارالبېشلاردىن تېپلغان ساكلارغا ئائىت يازمىلاردا ئىشلىتىلگەن تىلنى ھازىرقى دۇنيادىكى ھايات تىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھازىرقى كۈنىدىكى پامىرلىقلارنىڭ تىللىرى بىلەن ئەڭ يېقىندۇر ديىلىگەن. يەنى پامىرلىقلار دىگەندە بۇگۈنكى كۈندە تاجىكىستان،ئافغانىستان،پاكىستاننىڭ قەشقەر بىلەن چىگىرالىندىغان جايلىردا ياشاۋاتقان تىللىرى شەرقى ئىران تىل سېستىمىسغا تەۋە بولغان خەلىقلەردۇر. رايونىمىزدا بولسا تاجىكلار ئەشۇ پارمىرلىقلارنىڭ بىر قسىمدۇر. دىمەككى قەدىمقى خوتەنلىلەرنىڭ بۇگۈنكى ئەڭ يېقىن تۇققانلىرى دەل تاشقورغا تاجىكلرى، ئافغانىستاننىڭ ۋاخان كاردوردا ياشاۋاتقان بەدەخشانلىقلاردۇر.
تەكلىماكاننىڭ شىمالىدىكى كۇچا ۋە تۇرپان ئەتىراپىدا ياشىغان توخرلارنىڭ تىلى بولسا قەدىمقى ھندى ياۋۇرپا تىللىرغا تەۋە بۇلۇپ،چوڭ جەھەتتىن خوتەن تىلى بىلەن بىر ئەجدادتىن كەلگەن، لېكىن، قەدىمقى تۇركىيە زىمىندىكى ھىتىتتلارنىڭ تىلى بىلەن ئازراق ئوخشاشلىقلارنى ھىىسابقا ئالمىغاندا ھندى ياۋۇرپا تىللىرى ئارىسدا يەككە يىگانە بىر تىلدۇر، ھازىرقى دۇنيادا بىۋاستە يېقىن تۇققانلىرى يوق.
بەزىدە تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن ، مۇشۇ ئافغانستان،ئىران،تاجىك،ھىندى پاكىستانلىقلارنىڭ خەلىق مۇزكىسنى ئاڭلىسام باشقىچىلا مۇڭلۇق ئاڭلىندۇ، ئىچىگە كىرپلا كېتىمەن، بىر زامانلاردا ھندى -پاكىستانلىقلارنىڭ ناخشا مۇزىكا كىنولىرى دىيارمىزدا مودا بولۇپ ئۆتكەن، مېنڭچە مۇشۇ قىزقىشلارنىڭ سەۋەبى بەلكىم شۇ ئانا ئەجداد(ئاريان) قېنىنىڭ ھېلھەم تۇمۇرمىزدا ئېقىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن بۇلشى مۇمكىن.
|
|