- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8513
- نادىر
- 0
- يازما
- 784
ئۆسۈش
70.26%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-11 12:20
ئۇيغۇرلاردا دۇنيادا ھېچقانداق مىللەتتە بولمىغان پۇرسەت بار،يەنى بىز تۆت مىليارد نوپۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىساد چەمبىرىگىنىڭ مەركىزىدە ياشايمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەڭداشسىز مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىمىز بار. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى،لى جياچېڭ كەبى مىليادېرلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى خالاس.لېكىن بۇنى مۇقەررەر يۈزلىنىش دېيىشكە ئاساسىم يېتەرلىك ئەمەس.شۇڭا ئۇيغۇرلىرىمىز پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ مېھنەت سەرىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۇنداقتا بىز بۇ پۇرسەتنى تۇتۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ مېنىڭچە تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتە ماھىيەتلىك يۈزلىنىش پەيدا قىلىشىمىز كېرەك:
1- چوقۇم ھەمكارلىشىپ جەمئىيەتتىكى مەبلەغ ۋە ئىقتىساسلىق خادىملارنى بىر نىشانغا يېتەكلەپ ،كۆلەم ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ،رىقابەت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز شەرت.بىر ئۇيغۇر پۇل تاپقان ئىشنى ھەممە ئۇيغۇر دورۇيدىغان،ئىچكى جەھەتتە رىقابەتلىشىپ بىر بىرىنى ھالاك قىلىدىغان يولدا داۋاملىق مېڭىشقا قەتئىي بولمايدۇ.بىر باي نەچچە ئون ئادىمىگە تايىنىپ ھەرقانچە تىرىششىمۇ،ھەتتا يېتىپ پۇل سانىۋالسىمۇ مىلياردلاپ پۇل تاپالىشى مۈمكىن ئەمەس.پەقەت ئۈنۈم قانچە يۇقۇرى،كۆلەم قانچە چوڭ بولغاندىلا،ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆپەيتمىسى مىليارد بولىدۇ.ئىككىسىنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.
2-قېلىپلاشقان كارخانا تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. خادىملار ۋە سېلىنمىنىڭ سانى كۆپەيگەنسىرى ئاددى تەجرىبىگە تايىنىپ كارخانا باشقۇرساق چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ پۇت قولىنى كۈشەپ قويىمىز،ھەرگىز ئۈنۈم ۋە كۆلەم ھاسىل قىلالمايمىز.
3-ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ چوقۇم خەلقارالىشىش يولىغا قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى كۆزلەپلا ئولتۇرساق،كارخانىلىرىمىز چوقۇم پېقىر ھالەتتىن قۇتۇلالمايدۇ،پەقەت ئەتراپتىكى تۆت مىليارد نوپۇسقا ئىگە بولغان ئالاھىدە چوڭ بازارغا يۈزلەنگىنىمىزدە ئاندىن مىلياردلاپ دوللار ئۇيغۇرلارنىڭ يانچۇقىغا قاراپ ئاقىدۇ.
4-ھالال پۇل تېپىش بىر چوڭ ئىبادەت دەيدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈپ،جەمئىيەتتە بايلارنى ھۆرمەتلەيدىغان،ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلارنى قوللايدىغان(مەنىۋىي ۋە مەبلەغ جەھەتتە) ئاڭنى شەكىللەندۈرۈپ,ئومۇمى خەلىق ئىگىلىك تىكلەش يولىغا مېڭىشىمىز كېرەك.
|
|