- تىزىملاتقان
- 2012-5-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8391
- نادىر
- 0
- يازما
- 545
ئۆسۈش
67.82%
|
لى جياچېڭنى قاچۇرۇپ قويماڭلار» غا ئىنكاس
يەر شارى تورىنىڭ 15-سىنتەبىر خەۋىرى (ئوكيان تورىدىن ھاجىم تەرجىمىسى): چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بىر ئەقىل ئامبىرى «لى جياچېڭنى قاچۇرۇپ قويماڭلار» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، چاڭخې گۇرۇھىنىڭ جۇڭگودىكى مەبلىغىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ بولۇپ تاختىسىنى سۇغۇرۇۋالغاندەك ئىش ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا چاڭخې گۇرۇھىنىڭ باياناتچىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ، چاڭخې گۇرۇھىنىڭ مەبلەغ چېكىندۈرمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ نورمال سودا قىلمىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
شياڭگاڭ «نۇرلۇق گېزىتى» نىڭ 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «نەزەر ئەقىل ئامبىرى» نىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئەسلىدە سودا بازىرىنىڭ ماھىيىتى «پايدا قوغلىشىپ»، قەيەرگە بارغۇسى كەلسە شۇ يەرگە بېرىش بولسىمۇ، ئەمما لى جياچېڭنىڭ يېقىنقى 20 يىلدا جۇڭگودا ئېرىشكەن بايلىقىنىڭ ماھىيىتى سودىغا ئوخشاش ئۇنداق ئاددىي ئەمەس ئىكەن، چۈنكى جۇڭگودا ھوقۇق بايلىقى بولمىسا يەر زېمىن سودىسى قىلغىلى بولمايدىكەن. شۇڭلاشقا يەر زېمىن بايلىقىنىڭ پۈتۈنلەي بازار ئىقتىسادىدىن كەلمىگەنلىكى، بەلكىم ماڭىمەن دەپلا ماڭالمىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ ئارقىلىق «لى جياچېڭنى قاچۇرۇپ قويماڭلار» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماقالىدە يەنە لى جياچېڭنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۇل ئەسلىھە، پورت ۋە يەر زېمىن ساھەسىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغىنىنى نەزەرگە ئالماي، جۇڭگو ئىقتىسادى كىرىزىسقا يولۇققان سەزگۈر ۋاقىتتا توختىماي تۆكمە قىلىپ سېتىپ، ئۈمىدسىز كەيپىياتنىڭ قىسمەن ئامما ئارىسىدا تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت يۇقىرى نۇقتىسىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى تەنقىد قىلغان، «ھەمكارلاشقان ۋاقىتتا ھوقۇقتىن پايدىلىنىدۇ، سېتىۋەتكەن ۋاقتىدا بازارنىڭ ئىشى دەيدۇ، بۇ خۇددىي قوش ئۆلچەمگە ئوخشاش بولۇپ، كىشىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ». «نۇرلۇق گېزىتى» نىڭ شۇنىڭ بىلەن بىرگە تىلغا ئېلىشىچە، 9-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە «نەزەر ئەقىل ئامبىرى» غا بېسىلغان مۇناسىۋەتلىك ماقالە ئۆچۈرىۋېتىلگەن.
بۇنىڭغا قارىتا چاڭخې گۇرۇھى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاڭخې گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يېقىندا مۇخبىرلار يىغىنىدا چاڭخې گۇرۇھىغا مەبلەغ چېكىندۈرۈش ئىشىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىۋېلىش بولسا سېتىشنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ نورمال سودا قىلمىشى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.
ئوكيان تورى تەرجىمىسى |
|