ئۇيغۇرلاردىن لىجىياچىڭدەك كارخانىچىلار چىقامدۇ؟
شىركەت ۋە كارخانا ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشى مەلۇم دۆلەت ياكى رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە ئىجدىمائىي ھاياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىن كېيىن جۇڭگودىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغاندى ۋە ناھايىتى تېزلا دۇنيانىڭ زاۋۇتىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئۇدا نەچچە يىللىق قوش خانىلىق ئېشىش سۈرئىتى بىلەن تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى ئىككىنجى كۈچلۈك ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى. شۇنىڭدەك ئۆز نۆۋىتىدە بىر قاتار دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان باي زەردارلارنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە لىجىياچىڭ، ۋاڭ جىيەنلىن، مايۈنقاتارلىق بىزلەرگە تونۇشلۇق بولغان كارخانىچىلار مەيدانغا كېلىپ دۆلەتىمىزنىڭ شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ماگىناتلار يېتىشىپ چىقتى.
تېمىنى بۈگۈنكى تېمىدا تونۇشتۇرماقچى بولغان لىجىياچىڭدىن باشلايلى. لىجىياچىڭ 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى گۇاڭدوڭنىڭ چاۋجوۋ دىگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدە شىياڭگاڭغا كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ ئۆزى كانادا پۇقراسىدۇر. ئۇ چاڭجىياڭ خېجى ئوقەتچىلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە چاڭجىياڭ ئوقەتچىلىكى ئۆي-مۈلۈك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نىڭ رەئىسى. 1999-يىلى <<فوربىس ژورنىلى>> باھالىغان ئەڭ چوڭ جۇڭگولۇق باي بولۇپ سايلانغاندىن تارتىپ ئۇدا 15 يىل ئەڭ چوڭ جۇڭگولۇق باي بولۇپ باھالانغان شۇنداقلا 2014-يىلى 31مىلىيارد دوللارلىق ساپ مۈلىكى بىلەن <<فوربىس ژورنىلى>> تەرىپىدىن ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ باي ۋە دۇنيادىكى 20-قاتاردا تۇرىدىغان باي بولۇپ باھالانغان شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىگىلىكى ئاستىدىكى خېجى خۇاڭپۇ گورۇھى <<بايلىق ژورنىلى>> تەرىپىدىن دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا دەپ باھالانغان بولۇپ ئىسمى جىسمىغا لايىق كاتتا ماگىنات ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ كارخانىلىرى ئاساسەن ئۆي-مۈلۈك ۋە مېھمانخانا ،ياساش ۋە پارچە سېتىش،ئېنىرگىيە ۋە ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە مۇلازىمىتى، خەۋەرلىشىش، مەبلەش سېلىش، ئېلىكتېر ئېنىرگىيىسى ۋە لىجىياچىڭ فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە50 دىن ئارتۇق دۆلەتتە تىجارەت ئېلىپ بارىدىغان، ئومۇمىي خىزمەتچىللىرى نەچچە يۈزمىڭدىن ئارتۇق بولغان غايەت زور كۆلەمدىكى كارخانا ھېسابلىنىدۇ.
مىللىي كارخانا ۋە ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشى 90-يىللاردىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ نۇرغۇنلىغان كارخانىچىلار ۋە زەردارلارنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئەپسۇسكى بىرقىسىم كارخانىچىلارنىڭ پۇلى ۋە تەجىربىسى مول لېكىن بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن، يەنە بىر قىسىم كارخانىچىلاردا نەزىرىيە جەھەتتە كۈچلۈك ئەمما ئەمەلىي تەجىربە ۋە ئىقتىسادنىڭ چەكلىمىلىكى سەۋەبىدىن يەنە شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى ئىقتىسادى خەۋەرلەر ۋە ئىقتىسادى تەشكىلى قۇرۇلما بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ كەمچىللىكى ۋە زىيادە بېكىنمىچىلىك، قارىغۇلارچە كارخانىلارنى جەمەت ئىگىلىكىگە ئايلاندۇرۇپ مەيلى مىللىيلار ۋە مەيلى باشقا مىللەت ئىختىساسلىقلاردىن پايدىلانماسلىق ھەتتا چەتكە قېقىش قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىزدىن پۈتۈن جۇڭگوغا تونۇلغان، دۇنيا سەھنىسىدە بەلگىلىك تەسىر كۈچى بار ماگناتلار تاھازىرغىچە يېتىشىپ چىقالمىدى. ئەلۋەتتە دۇنيادا روسچىلىد جەمەتى، فورد جەمەتى ۋە روكفېللىر جەمەتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان جەمەتنى ئاساس قىلغان كارخانىلارمۇ ھەم دۇنيادا غايەت زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە %40تىن ئارتۇق كارخانا جەمەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بۇ ئالدى نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە جەمەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ تۇتقان تىجارەت يولى بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئەنئەنىۋى جەمەت ئىگىلىكىدىن زور پەرقلىنىدۇ. قانداق قىلغاندا بىزدىمۇ ئۇزاق كەلگۈسىگە قالماي يىپەك يولىدىكى لىجىياچىڭدەك كارخانىچى ماگناتلارنى مەيدانغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن كىم كەلگۈسىدىكى لىجىياچىڭ بولۇپ قالىدۇ؟
لىجىياچىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىرقىسىم ئۇچۇرلار
1979-يىلى ئەنگىلىيە مەبلەغ سالغان خېجى خۇاڭپۇ سودا سارىيىنى سېتىۋېلىپ تۇنجى ئەنگىلىيە مەبلىغىدىكى سودا ساراينى سېتىۋالغان جۇڭگولۇق بولۇپ قالىدۇ. 1981-يىلى شىياڭگاڭدىكى <<داڭلىق شەخىسلەر>> قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ، 1989-يىلى ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ س ب ئې ئوردىنىغا ئېرىشىدۇ، 1992-يىلى شىياڭگاڭ ھۆكىمىتىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنىدۇ، 1993-يىلى شىياڭگاڭنىڭ <<داڭلىق شەخىسلەر>> قاتارىدىن يەنە ئورۇن ئالىدۇ، 1995-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە شىياڭگاڭ ئالاھىدە رايونى تەييارلىق خىزمىتى ھەيئىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ. 1999-يىلى <<فوربىس ژورنىلى>> باھالىغان ئەڭ چوڭ جۇڭگولۇق باي بولۇپ سايلانغاندىن تارتىپ ئۇدا 15 يىل ئەڭ چوڭ جۇڭگولۇق باي بولۇپ باھالىنىدۇ شۇنداقلا 2014-يىلى 31مىلىيارد دوللارلىق ساپ مۈلىكى بىلەن <<فوربىس ژورنىلى>> تەرىپىدىن ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ باي ۋە دۇنيادىكى 20-قاتاردا تۇرىدىغان باي بولۇپ باھالانىدۇ شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىگىلىكى ئاستىدىكى خېجى خۇاڭپۇ گورۇھى <<بايلىق ژورنىلى>> تەرىپىدىن دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا دەپ باھالانىدۇ.
چاڭجىياڭ گوروھى بايرىقى ئاستىدىكى كارخانا ۋە فوندلار
1.چاڭجىياڭ ئوقەتچىلىكى
چاڭجىياڭ ئوقەتچىلىكى گورۇھى بولسا چاڭجىياڭ گورۇھىنىڭ بايراقدار كارخانىسى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ 2013-يىلىغىچە بولغان بازار باھاسى 1 تىرلىيون شىياڭگاڭ پۇلى بولۇپ، بۇ گورۇھنىڭ مۇلازىمىتى 52 دۆلەتكە تارالغان، ئومۇمىي خىزمەتچىللىرى 270مىڭدىن ئارتۇق.
2.خېجى خۇاڭپۇ گورۇھى
خېجى خۇاڭپۇنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسە پۈتۈن دۇنياغا تارالغان زور كۆلۈمدىكى دۆلەت ھالقىغان كارخانا بولۇپ، دۇنيانىڭ نۇرغۇن بازارلىرىدىكى ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان پارچە سېتىش ، ئۆي-مۈلۈك ۋە ئۇل ئەسلىھە ۋە ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىق خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتىنى ئاساس قىلغان گورۇھ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ گورۇھ دۇنيادىكى 54 دۆلەتتىكى بەش يادرولۇق مۇلازىمەتنى ئېلىپ بارىدىغان، خىزمەتچى سانى 200مىڭدىن ئارتۇق بولغان گورۇھ بولۇپ، يادرولۇق مۇلازىمەتلىرى پورت ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلىرى، خەۋەرلىشىش، ئۆي-مۈلۈك ۋە مېھمانخانا، پارچە سېتىش ۋە ياساش، ئېنىرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردۇر. خېجى خۇاڭپۇ گورۇھى <<بايلىق ژورنىلى>> تەرىپىدىن دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
3.چاڭجىياڭ ئۇل ئەسلىھەسى شىركىتى
چاڭجىياڭ ئۇل ئەسلىھەسى شىركىتى شىياڭگاڭنى مەركەز قىلغان قۇرلۇش شىركىتى بولۇپ، مەركەزلىك ھالدا تەرەققىيات، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرگۈزۈشلىرىنى ئاساسلىق شىياڭگاڭ، چوڭ قۇرۇقلۇق، ئاۋىستىرالىيە، ئەنگىلىيە، كانادا، فىلىپىن ۋە باشقا ئەللەردە ئۇل ئەسلىھە مۇلازىمىتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ.
4.ئېلىكتىر ئېنىرگىيە ئوقەتچىلىكى
شىياڭگاڭدىكى ئاساسلىق ئۈچ ئېلىكتىر كارخانىسى ۋە ئۇلارنىڭ تارمىقىدىن شەكىللەنگەن غايەت زور كارخانا.
5.يەر-زىمىن زاپىسى كۆلىمى
لىجىياچىڭ ئىگىلىكىدىكى چاڭجىياڭ ئوقەتچىلىكى ۋە خېجى خۇاڭپۇ گورۇھىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى يەر-زىمىن زاپاس مىقدارى 20مىلىيون 920مىڭ كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ جۇڭگودىكى زاپاس مىقدارى ئومۇمى يەر-زىمىن زاپاس مىقدارىنىڭ %78.96نى ئىگىلەيدۇ(2013-يىلىدىكى ئىستاستىكا)، ئۇنىڭ زاپاس مىقدارىنىڭ قىممىتى ئالاھىزەل 39مىلىيارد 600مىلىيون يۈەندىن ئارتۇق.
6.لىجىياچىڭ فوندى
1980-يىلى قۇرۇلغان بۇ فوند جەمئىيتى 2013-يىلىغىچە بولغان 33 يىل جەريانىدا 14مىلىيارد 500 مىلىيون شىياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلغان بولۇپ، ھەممىسىنى دېگۈدەك لىجىياچىڭ يالغۇز ئىئانە قىلغان.
|