ئۇيغۇرلاردىن لىجىياچىڭدەك كارخانىچىلار چىقامدۇ؟ (يېڭى)
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جۇڭگودىكى داڭلىق بايلارنىڭ ئىچىدە ئەلى بابا گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن(马云)، تېڭشۇن گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ماخۇاتىڭ (马化腾)نى تونىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككەيلەندىنمۇ كۈچلۈك بولغان چاڭجىياڭ گورۇھى(长江集团)نىڭ قۇرغۇچىسى لىجىياچىڭ(李嘉诚) ۋە ۋەندا گرۇھى(万达集团) نىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭجىيەنلىن(王健林) نى كۆپۈنچە كىشىلەر تازا بىلىپ كەتمىسە كېرەك.
تېمىنى نەق گەپتىن باشلايى، لىجىياچىڭ(李嘉诚) زادى كىم؟لىجىياچىڭ 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى گۇاڭدوڭنىڭ چاۋجوۋ(广东潮州) دىگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدە شىياڭگاڭغا كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ ئۆزى كانادا دۆلەت تەۋەلىكىدە. چاڭجىياڭ خېجى ئوقەتچىلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(长江和记实业有限公司) ۋە چاڭجىياڭ ئوقەتچىلىكى ئۆي-مۈلۈك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(长江实业地产有限公司) نىڭ قۇرغۇچىسى.
1999-يىلى <<فوربىس ژورنىلى>> باھالىغان ئەڭ چوڭ جۇڭگولۇق باي بولۇپ سايلانغاندىن تارتىپ ئۇدا 15 يىل ئەڭ چوڭ جۇڭگولۇق باي بولۇپ باھالانغان شۇنداقلا 2014-يىلى 31مىلىيارد دوللارلىق ساپ مۈلىكى بىلەن <<فوربىس ژورنىلى>> تەرىپىدىن ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ باي ۋە دۇنيادىكى 20-قاتاردا تۇرىدىغان باي بولۇپ باھالانغان شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىگىلىكى ئاستىدىكى خېجى خۇاڭپۇ گورۇھى <<بايلىق ژورنىلى>> تەرىپىدىن دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا دەپ باھالانغان بولۇپ ئىسمى جىسمىغا لايىق كاتتا ماگىنات ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ كارخانىلىرى ئاساسەن ئۆي-مۈلۈك ۋە مېھمانخانا ،ياساش ۋە پارچە سېتىش،ئېنىرگىيە ۋە ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە مۇلازىمىتى، خەۋەرلىشىش، مەبلەش سېلىش، ئېلىكتېر ئېنىرگىيىسى ۋە لىجىياچىڭ فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە50 دىن ئارتۇق دۆلەتتە تىجارەت ئېلىپ بارىدىغان، ئومۇمىي خىزمەتچىللىرى نەچچە يۈزمىڭدىن ئارتۇق بولغان غايەت زور كۆلەمدىكى كارخانا ھېسابلىنىدۇ. لىجىياچىڭ ئىگىلىكىدىكى چاڭجىياڭ ئوقەتچىلىكى ۋە خېجى خۇاڭپۇ گورۇھىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى يەر-زىمىن زاپاس مىقدارى 20مىلىيون 920مىڭ كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ جۇڭگودىكى زاپاس مىقدارى ئومۇمى يەر-زىمىن زاپاس مىقدارىنىڭ %78.96نى ئىگىلەيدۇ(2013-يىلىدىكى ئىستاستىكا)، ئۇنىڭ زاپاس مىقدارىنىڭ قىممىتى ئالاھىزەل 39مىلىيارد 600مىلىيون يۈەندىن ئارتۇق. 1980-يىلى قۇرۇلغان لىجىياچىڭ فوند جەمئىيتى 2013-يىلىغىچە بولغان 33 يىل جەريانىدا 14مىلىيارد 500 مىلىيون شىياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلغان بولۇپ، ھەممىسىنى دېگۈدەك لىجىياچىڭ يالغۇز ئىئانە قىلغان.
خوش ئەمدى ئۆزىمىزگە نەزەر سالساق ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلار جەمەتىنى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىلىدۇ، ئۇلار گىرمانىيەدىن زامانىۋى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتىنى كۆچۈرۈپ ئەككىلىپلا قالماي يەنە يېڭىچە كەسپىي مائارىپنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىپ چەتئەللىك ئېنجىنىرلارنىڭ تېخنىكىلىق ھەمدەمدە بولىشى بىلەن زامانىسىدا جۇڭگودىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ زامانىۋى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتىنى قۇرۇپ (ئەينى دەۋىردە مۇسابايوفلار زاۋۇت قۇرغاندا ياپونلۇقلارنىڭكىدىن باشقا بۇنداق زۆر كۆلەمدىكى زاۋۇت يوق دېيەرلىك ئىدى) ئۆز دەۋرىنىڭ ماگناتلىرىغا ئايلانغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مىللىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلار يوقتىن بارلىققا كېلىپ دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار ئارقىمۇ-ئارقا مەيدانغا كەلمەكتە. يېقىنقى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە دۇنيادا نام قازانغان ماگنات بارمۇ دەپ ئېيتىشقا توغرا كەلسە فوربىس باھالاپ چىققان قازاقىستاندىكى ئىككىنجى نومۇرلۇق باي، نېفىت ماگناتىئەلىجان ئىبراھىموف(دادىسى ئۇيغۇر، ئانىسى يەھۇدى) نى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بازىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئىچكىردىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە مال چىقىرىپ بېيىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئەڭ ئالدىن بېيىغان كىشىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان سودا كارۋان يولى بازار رىقابىتىنىڭ كەسكىن بولۇشى، زامانىۋى ئىگىلىكنىڭ ئەنئەنىۋى سودا تىجارەت يولىغا ئېلىپ كەلگەن خىرىسىنى بايقىغان كىشىلەر شىركەتلىشىپ ئۆز ئالدىغا مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش يولى بىلەن راۋاجلاندى. دەسلىپىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەپ چىقارغان بولسا مانا بۈگۈن ئارقىمۇ-ئارقا قۇرۇلىۋاتقان زامانۋى زاۋۇتلار مەيدانغا كەلمەكتە. مەھسۇلاتلىرى دىيارىمىزدىلا ئەمەس ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەردە سېتىشلىشقا باشلىدى. شۇنداقتىمۇ ئوڭ قانتىدا 1 مىلىيارد سول قانىتىدا 1 مىلىيارد نوپۇس ياتقان بۇ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەل مۇھىتتا پۈتۈن جۇڭگو ھەتتا چەتئەللەرگە تونۇلغان جۇڭگودىن يېتىشىپ چىققان ئۇيغۇر ماگىناتلارنى تېخى ھازىرغىچە كۆرمىدۇق. بەلكىم بەزەن كارخانىلاردا ئىختىساسلىق خادىملار كەم بولۇش، ناتوغرا بولغان جەمەت ئىگىلىكىگە ئايلاندۇرۇپ ئۇنى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىپ تۇرىدىغان ئىختىساسلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلماسلىق ياكى چەتكە قېقىش، باشقا مىللەت ياكى دۆلەت ئىختىساسلىق خادىملىرىدىن پايدىلىنىش تۆۋەن ھەتتا يوق بولۇش، كارخانا قۇرغۇچىلىرىنىڭ بەزەنلىرىدە ئەمەلىي تەجىربە كۆپ ئەمما ئۇنى توغرا ۋە ساغلام يېتەكلەپ ماڭىدىغان بىلىم كەمچىل بولۇش، يەنە بەزەنلىرىدە نوقۇل سېستىمىلىق نەزىرىيە بولۇپ ئەمەلىي تەجىربە ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتكە باغلاش كەم بولۇش قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىزدە ھەممىگە تونۇلغان ماگناتلار يېتىشىپ چىقمىغان بولىشى مۇمكىن. قانداق قىلغاندا ئۇزاققا قالماي دۆلىتىمىزدە ئۇيغۇرلاردىنمۇ لىجىياچىڭ، ۋاڭجىيەنلىن، روسچىلىد جەمەتى، فورد جەمەتى، روكفېللېر جەمەتى (دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ ئىچىدە %40تىن ئارتۇقى جەمەت ئىگىلىكىدى كارخانا ئىكەن) كەبى داڭلىق ماگناتلار قايتا يېتىشىپ چىقىدۇ؟ ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئىستىقباللىق ئۇيغۇر كارخانىچى كىم بولىشى مۇمكىن؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن كىم كەلگۈسىدىكى لىجىياچىڭ بولۇپ قالىدۇ؟
|