بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-22 14:34
بىر ئالى مەكتەپ پىروپېسورىنىڭ ئەندىشىسى
ـــــ پوزىتسىيە توغرىلانمىسا ئىش ئاقمايدۇ
2015-يىلى 18-ئۆكتەبىر چۈشتىن كىيىن ئەلدوسىت شىركىتى پائاليەت زالىدا "شەكىل نەزەريىسى ۋە 29-تېئورېما تەجرىبە نەتىجىلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش" ئىلمى يىغىلىشى ئۆتكۆزۆلدى.يىغىلىشقا قاتناشقان مۇتەخەسىسلەر شەكىل نەزەريىسىگە نىسبەتەن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بىر قانچە تەكلىپلەرنى بەردى.مەن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ بۇ يىغىلىشقا قاتناشقان ھەممەيلەنگە ،جۆملىدىن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگەن فىزىكا ساھەسىدىكى مۇتەخەسىس ئۇستازلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېتىمەن.
بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا مېنى ھەيرەتتە قالدۇرغان پوزىتسىيە ۋە بايانلارمۇ يوق ئەمەس.مەن بۇلار ھەققىدە ئايرىم -ئايرىم تېمىلاردا توختۇلىمەن.بۇ تېمىدا توختۇلىدىغىنىم، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى،يەنى، شىنجاڭ ئونېۋېرىستېتى فىزىكا ئىلىمى ۋە تېخنىكا ئىنىستېتوتىدىن يىغىلىشقا قاتناشقان بىر پىروپېسۇرنىڭ ئەندىشىسى.
بۇ پىروپېسۇر شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالاقىدار كىلاسسىك ئىدىيەلەرگە بولغان گۇمانى ۋە تەنقىدى پوزىتسىيىىگە قايتۇرغان ئىنكاسى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.بۇ پىروپېسۇرنىڭ قارىشىچە شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالاقىدار تەشەببۇسلىرى ئورۇنلۇق بولسا،ئۇلارنى توغرىكەن دەيلى،دېسە،ئۆزلىرىنىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى دەرىس مۇنبىرىدە بالىلارغا بېرىپ كەلگەن بىلىملىرى بىكار بولۇپ كەتكەن،ئۆزلىرى شۇنچە يىللاردىن بېرى خاتا نەرسىلەرنى دەرىس قىلىپ ئۆتكەن بولۇپ قالىدىكەن.
مۇنداقلا قارىماققا بۇ بۇ بىر ئورۇنلۇق ئەندىشىدەك قىلىدۇ.لىكىن،چوڭقۇرراق ئويلاپ كۆرسەك،بۇ بەكمۇ ھاجەتسىز ئەندىشەيەنىمۇ چوڭقۇرراق ئويلاپ كۆرسەك،بۇنداق روھى ھالەت ،بۇنداق ئەندىشىنىڭ ئورۇنسىزلىغى ۋە ھەتتا تولىمۇ خەتەرلىكلىگى ئاشكارە بولىدۇ.مېنىڭ بۇ گەپنى قىلىشىمدا بىرمۇنچە ئاساسلار بار.ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1.يېڭى ئىدىيە ۋە بۇ ئىدىيەلەرنى ئىسپاتلايدىغان يېڭى تەجىرىبە نەتىجىلىرىگە بىز ھازىرغىچە ئۆتۆپ كەلگەن دەرىسلىكلەردىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئىنكار قىلىدىكەن ،دىگەن پوزىتسىيىنى چىقىش قىلىپ مۇئامىلە قىلسىڭىز سىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىڭىز ئىچىدىن پەقەت سىز ئۆتكەن دەرسلەرنى يادىلاشنىلا بىلىپ،يېڭىلىق يارىتىشقا جۆرئەت قىلالايدىغان،ئىنسانىيەتكە تۆھپە يارىتالايدىغان تالانىتلار مەيدانغا كەلمەيدۇ.بۇ مائارىپنىڭ تۈپ غايىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان تولىمۇ خەتەرلىك پوزىتسىيە ۋە ئاقىۋەت ئەمەسمۇ؟!
2.سىز ئۆتىۋاتقان ئالى مەكتەپ تەبىئي پەن(فىزىكا) دەرسلىكنى مائارىپ مىنىستىرلىگى بىر تۇتاش تۆزۆپ بېرىۋاتىدىغۇ دەيمەن؟ بەلكىم سىز ئۆزىڭىز بىرەر خاس قاراش ۋە ئۇنىڭ تەجىربىلىرىنى دەرىسخانىدا دەرىس قىلىپ ئۆتمىگەن بولغىيتىڭىز؟.ئۆزىڭىزنىڭ خاس قاراشلىرى بولمىسا ياكى بولغان تەقدىردىمۇ بۇ قاراشلىرىڭىز گۇمانى پۇزىتسىيىگە دۇچ كەلمىگەن بولسا تېخمۇ ئەندىشە قىلماڭ مۇئەللىم.چۈنكى،ھازىر جوڭگۇ مائارىپىدا يېڭىلىق يارىتىش تەكىتلىنىۋاتىدۇ.جۇڭگۇدىن بەزى ئەنئەنىۋى ئىدىيەلەرنى بىكار قىلىپ،تېخىمۇ توغرا بولغان ،يېڭى ئىدىيە ۋە ئالاقىدار تەجىرىبىلەرنى ئىشلىيەلەيدىغانلار چىقسا بۇ جۇڭگۇ مائارىپنىڭ شان-شەرىپى،ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى بولۇپ قالمامدۇ؟.بۇ ۋا قىتتا دەرىسلىكنى مائارىپ مىنىستىرلىكى يېڭىدىن تۆزۈپ بېرىدۇ.سىز ئادەت بويىچە يەنىلا يېڭى تۆزۆلگەن،بۇرۇن ئۆتكەنلىرىڭىزدىن پەرىقلىق بولغان يڭى دەرىسلىكنى بىمالال ئۆتىۋىرىسىز.بۇ ئىشنىڭ سىزنىڭ پايدا-زىيىنىڭىز،ئار-نۇمۇسىڭىز بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق.شۇڭا زادىلا ئەندىشە قىلماڭ مۇئەللىم.
شەكىل نەزەريىسى 29-تېئورمىسىنىڭ ئىلىكتىر ماتور ماياتنىك بېشى قىلىپ ئىشلەنگەن ماياتنىك تەجىرىبىسى بۇ قېتىقى يىغىلىشتا قايتا ئىشلەپ كۆرسىتىلدى.سىز شۇ يىغىلىشتىكى موھىم مۇھاكىمە تېمىسى بولغان بۇ تەجىربىگە نىسبەتەن نەق مەيداندا بىرەر پوزىتسىيە بىلدۆرمىدىڭىز .مەن ھېزىنبېرىگە ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپىنىڭ گېپىنى قىلسام،سىز پەرىق ئىتەلمىدىڭىزمۇ - قانداق، پائۇلى سىغىشماسلىق پىرىنسىپىنى ئىنكار قىلماقچى بولدى،دىگەن گەپنى كۆتۆرۈپ چىقتىڭىز.نەق مەيدانىدىكى بارلىق ئاڭلىغۇچىلار ۋە سىن ھۆججىتى بۇنى ئىسپاتلىيالايدۇ.دىمەكچىمەنكى،پوزىتسىيە توغرىلانمىسا ئىش ئاقمايدۇ.ۋاقىت ئىسراپچىلىغى بولىدۇ.مەيلى بۇ قېتىمقى يىغىلىش ۋە مەيلى بۇندىن كىيىن بولسۇن ماياتنىك تەجىرىبىسى شەكىل نەزەريىسىنىڭ تەقدىرىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان تەجىرىبىلەرنىڭ بىرى.مەن سىزدك مۇتەخەسىسلەرنىڭ بۇ تەجىرىبىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىڭلارنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم.ھالبۇكى،سىلەر دائىم تەجىرىبە ئاساسىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇغلۇق،تەجىرىبە كۆرسەتسە تەجىربىگە بېۋاستە پوزىتسىيە بىلدۆرمەي ،ئالاقىسىز مەسىلىلەرنى،پەن تارىخنى سۆزلەپ،بىر مۇنچە ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ كەتتى. مەن بۇ ئىشلارغا تولىمۇ ھەيران قالدىم.سىزدىن مەمنۇن بولغان يېرىم شۇكى،سىز شىنجاڭ ئونىۋېرىستىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس توختۇلۇپ،مۇنازىرە -مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز.ئاغزىڭىزغا ناۋات،مەن مۇشۇنداق پۇرسەتلەرگە تەقەززا!،شۇنداق ئىمكانىيەت بولسا ماياتنىك تەجىربىسىنى نۇقتۇلۇق مۇھاكىمە قىلىپ باقساق چۈشەنمەسلىكلەرمۇ ھەل بولغان بولاتتى.بۇرھان مۇئەللىمنىڭ ماياتنىك تەجىربىسى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار قاراشلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىغى بايان قىلىنغان، مەن يېزىپ توردا ئېلان قىلغان "ئىلمى مۇنازىرە تەكلىپنامىسى" ھازىرغىچە بۇرھان مۇئەللىمنى ساقلاپ بوينىنى قىسىپ تۇرۇپتۇ.بۇرھان مۇئەللىم تور مۇنازىرىسىنى بېئەپ ياكى سالاھىيەتكە ماس ئەمەس دەپ قارىسا مۇنازىرىگە گېزىت -ژورناللاردا تەكلىپ قىلساممۇ بولىدۇ.جانابىڭىز شىنجاڭ ئونىۋېرىستېتىدا مۇنازىرە سەھنىسى تەييارلىيالىسىڭىز ھەر قايسىڭىزلار بىلەن شۇ يەردە پاراڭلاشساقمۇ،تەييارلىيالمىسىڭىز توردا ياكى گېزىت-ژورناللاردا دىئالوگلاشساقمۇ بولىدۇ.ئادىل،ئىلمى بولغان پوزىتسىيە بىلەن دىئالوگلاشساق جاھاندا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق.
يەنە بىر قېتىم ئارتۇقچە ئەندىشە قىلماسلىقىڭىزنى تەكىتلەپ،كەمىنىڭىز قاسىم سىدىق بىرقىسمى بېۋاستە خىتاپ شەكلىدە يېزىلغان بۇ تېمىنى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتۇرۇدۇ.
2015.10.22
|