- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 75301
- نادىر
- 0
- يازما
- 8418
ئۆسۈش
0%
|
بۇرھان مۇئەللىم!
سىىز شۇ كۆنى ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتكە گالىلى ئىنىرىتسىيە قانۇنى يول قويىدىغانلىغىنى،نىيوتۇن ئىنىرىتسىيە قانۇنى يول قويمايدىغانلىغىنى سۆزلەپ ئۆتتىڭىز.ئەپسۇس،تولىمۇ ئەپسۇس.مەن نىيوتۇن ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ مۇپەسسەل بايانىنىڭ ئەسلى ئىككى ئابزاس ئىكەنلىگى،1-ئابزاستا تۆز سىزىقلىق ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەت ھەققىدە توختالغانلىغىنى،2-ئابزاستا ئەگرى سىزىقلىق ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەت ھەققىدە توختالغانلىغىنى بايان قىلدىم ۋە پ پ ت دا شۇ بەتنى كۆرسەتتۇق.قولىڭىزدىكى تارقىتىپ بېرىلگەن ماتىريالدىمۇ ئالاقىدار بەتنىڭ رەسىمى بار.بۇ رەسىم نىيوتۇننىڭ"تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى"ناملىق كىتاۋىنىڭ 8-بېتىدىن ئېلىنغان.بۇ كىتاپ بىجىڭ ئونېۋېرىستىېتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى .
بۇ قانۇننىڭ مۇپەسسەل بايانى تۆۋەندىكىچە:
ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تۆۋەنگە يېتەكلىشى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.
كۆرۆنۈپ تۇرۇپتىكى،سىز ھەممەيلەنگە مەلۈم بولغان 1-ئابزاسنى (يېشىل ئابزاس)تەكىتلەپ،2-ئابزاس (كۆك ئابزاس) ھەققىدە بىرەر ئېغىز پوزىتسىيە بىلدۆرمىدىڭىز.مەن 29-تېئورمىچە ئېغىشقا نىيوتۇن ئىنىرىتسىيە قانۇنى(1-قانۇن) يول قويىدۇ،دېگىنىمدە ھېچقاچان ئاساسسىز گەپ قىلغان ئەمەس.قېنى دەپ بېقىڭا،2-ئابزاسنى نىمە دەپ چۈشەندۆرۆسىز ۋە بۇ ئابزاستىن نىمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىسىز؟! نىيوتۇن 1-قانۇنى يول قويغان ئېغىشقا كۈچەپ قارشى تورۇشۇڭلار سىلەرنىڭ كىلاسسىك ئىدىيەلەرنى قوغداش جاسارىتىڭلار بىلەن زىدىيەتلىك ئەمەسمۇ؟!
|
|