- تىزىملاتقان
- 2012-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19666
- نادىر
- 0
- يازما
- 925
ئۆسۈش
24.17%
|
بۇ ماقالە ئومۇمەن تۈرلۈك ھادىسىلەر ئارقىلىق ئىسلام دىنى پەلسەپىسىدىكى تەغدىرچىلىك ئېدىيىسىنىڭ بالايى-ئاپىتىنى ئېچىپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇپتۇ دەپ قارىدىم.
تەقدىرچىلىك دىنى پەلسەپىنىڭ يادرولۇق ئېدىيەلىرىدىن بىرى. ھەممە دىندا شۇنداق.
تەرەققى تاپقان خەلقتىمۇ، زاۋال تاپقىنىدىمۇ شۇ. ئېنسانلار ئاپەتكە دۇچ كەلسە تەڭرىدىن ئامانلىق تىلەيدۇ، بەخىت -سائادىتى ئۈچۈن تەڭرىگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ رەخمەن ئېيتىدۇ. ھەتتا ئارزۇ ئارمانلىرىنىمۇ تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە يۈكلەشكە ئادەتلەنگەن. مەسىلەن ئامىركا پىرىزدىنتى ھەر نوتقىدا تەڭرى ئامىركىنى ۋە ئامىركىلىقلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن دېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. دېمەك تەغدىرچىلىك يالغۇز ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس ، بارچە دىن بارچە خەلققە ئورتاق بىر ئېدىيە-ئادەت سانىلىدۇ. ئۇنداقتا بىز نېمىشكە نادانلىق-ۋەيرانىلىقنى مۇسۇلمانلىقتىن ، مۇسۇلمانلىقتىكى ۋەيرانچىلىقنى تەغدىرچىلىكتىن ئىزدەشكە شۇنچە ھېرىسمەن..؟! بۇ ماقالىنىڭ كەمچىلىگى دەل مۇشۇ يەردە دەپ ئويلايمەن.
مۇسۇلمانلاردا ماددىغا ئىشىنىش بىلەن روھقا ئىشىنىشنىڭ، ئەقىلنىڭ كۈچىگە ئىشىنىش بىلەن ئېلاھى قۇدرەتكە ئىشىنىش، تەقدىرگە ئىشىنىش بىلەن تەپەككۈرگە، قانۇنغا، ئېلىم-پەنگە ئىشىنىش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارىدىن ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغاچقا دىنسىز ياۋايىلىق بىلەن قاتمال روھانىيلىق ئارىسىدا تەمتىلەپ خار بولۇپ يۈرىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئىككى ئەسىر ئاۋالقى زاۋاللىقنىڭ بۇ ئالامەتلىرىنى تەكرار قىل-پال كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز.
ئۇندىن باشقا قەيسەر ئاكىنىڭ ئاخىرقى بايانلىرى ماڭا تولىمۇ قىززىقارلىق تۇيۇلدى.
بىز دائىم دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۇلۇغلىرىمىز بار تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئېدىيىسىنىڭ بىزدە قەدىر-قىممىتى يوق، ياكى يەكلىنىدۇ دەپ قارايمىز. لېكىن ھېچقاچان ئۆزىمىزدىن سوراپ باقمايمىز، ئۇلارنىڭ نېمە ھەققىدىكى قايسى ئېدىيەلىرى دېگەنگە مەن خىېلى كۆپ ئىجدىمائى پەن تەتقىقاتچىلىرىدىنمۇ قانائەت قىلغۇدەك بىر جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم.
ئۇلۇغلىرى بار، بىلىملىك - سەرخىل زېيالى ئالىملىرى بار، توغرىسى مەلۇم بىر ئىجدىمائى توپنىڭ مەۋجۇدلۇغىغا، كېلەچىگىگە ئىشەنچىسىنى يوقاتمىغان ، ئېتقادى سۇسلاشمىغان زېيالىسى بار مىللەت خاراپلاشمايدۇ دەپ قارايمەن. بىز ئەزەلدىن ئۇيغۇر نىڭ تىلىدا سۆزلەپ باقمىغان، ئۇيغۇرچە كېيىنىپ باقمىغان، ئۇيغۇرنىڭ تۇپرىغىنى سۆيۈپ باقمىغان، ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىدە ياشاپ باقمىغان ،ئۇيغۇرچە ئىسىممۇ قوللىنىپ باقمىغان، ئۇيغۇرنىڭ بارلىغىغىمۇ ، ئەتىسىگىمۇ ئىشەنچىسى قالمىغان. ئۇيغۇرلۇقىغا ئائىت ھېچ ئېدىيەلىرىنى ئۇيغۇرنىڭ تىلىدا ئۇيغۇر ئاتلىق ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇپ باقمىغان بىرىلىرىنىڭ روھىدىن غايىبانە ئۆمۈد كۈتىمىز. بىزنىڭ ئەشۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ شۇ نۇرانە ئېدىيەلىرى قېنى دېسەك ھېچ يەردىن تاپالمايمىز. قەيسەر ئاكا تىلغا ئالغان شۇ بۈيۈكلەرنىڭ گاڭگىرىغان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ يولىنى يورۇتقىدەك قانداق ئېدىيەلىرى باركىن بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىنى بىلىپ باققۇم بار. |
|