بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BilimZaDa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-20 00:23
تۈنۈگۈنكى ئىنكاسىمنىڭ داۋامى ....
قازا ۋە قەدەرگە ئىشىنىش ھەرگىزمۇ ئىشەنگۈچىنىڭ ھەرىكىتىگە ئىشكەل ئەمەس . ئاللاھ تائالا ئىنسانلاردىن ھەربىر كىشىنىڭ تولۇق ئىختىيارى بىلەن نېمىنى تاللايدىغانلىقىنى ئەزەلدە بىلگەنلىكى توغرا، دېمەك ھېچقانداق زورلاش ياكى مەجبۇرلاش يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر ئىنسان قىلغان ئىشلىرىغا جازالىنىشى تەبىئىي ۋە ئادىل بولغان: «كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى مۇ) ئۆزىگىدۇر» ۋە: «ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر» [مۇددەسسىر سۈرىسى 38- ئايەت] ناۋادا تۇلۇق مەجبۇرلاش بولغان بولسا، ئەلۋەتتە جاۋابكارلىققا ئورۇن قالمىغان بولاتتى، لېكىن مۇكاپات ۋە جازانىڭ بولغانلىقى، جاۋابكارلىقنىڭ يەنى ئىنسان كۆتۈرگەن تاپشۇرۇق جاۋابكارلىقىنىڭ نەتىجىسى بولغان. بۇ جەھەتتىن ئىنسان گۇناھ ۋە جىنايەتلىرىنى قىلىپ، ئۇندىن كېيىن: بۇ ئاللاھ نىڭ قازاسى، بۇ ئاللاھ ماڭا پۈتۈۋەتكەن تەقدىر، شۇڭا بۇنىڭدا مېنىڭ ھېچ ئامالىم يوق دېيىشى، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا توغرا بولمايدۇ . بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇنداق بىر ۋەقە رىۋايەت قىلىنغان: ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا بىر ئوغرى كەلتۇرۇلدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلدىڭ؟ دەپ سورىدى. ئوغرى: ماڭا ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلىۋەتكەن قازا - قەدەر دەپ جاۋاب بەردى. ھەزرىتى ئۆمەر قولىنى كىسىشكە ۋە ئۇنى قامچىلاشقا بۇيرۇدى. ئۇ ئادەمنى ئۆز لايىقىدىن ئارتۇقراق جازالىغانلىقى ئۈچۈن ھەزرىتمى ئۆمەر ئارتۇق جازالاش سەۋىبىدىن سورالغاندا ( چۈنكى ئوغرىلىق قىلىشنىڭ جازاسى پەقەت قولىنى كېسىش، ئەمما قامچىلاش بولسا سەۋەبسىز ئارتۇق ئىدى ) ھەزرىتى ئۆمەر مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى : « قولىنى كېسىش ئوغرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، قامچىلاش بولسا ئاللاھ تائالا ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن. بۇ ئوغرى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئوغرىلىق قىلىشنى پۈتۈۋەتكەنلىكىنى نەدىن بىلسۇن» . يەنە بىر خەۋەردە مۇنداق دەپ كەلگەن: « ئاللاھ نىڭ سىلەردىكى ئىلمىنىڭ مىسالى خۇددى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارنى قاپلاپ تۇرغان ئاسمان بىلەن سىلەرنى كۆتۈرۈپ تۇرغان زېمىننىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ، خۇددى سىلەر ئاسمان- زېمىننىڭ سىرتىغا چىقىپ كىتەلمىگىنىڭلاردەك، شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئاللاھ نىڭ ئىلمىدىنمۇ سىرتىغا چىقالمايسىلەر. خۇددى ئاسمان بىلەن زېمىن سىلەرنى گۇناھ - جىنايەتلەرنى قىلدۇرمىغاندەك ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىمۇ سىلەرنى گۇناھ قىلدۇرمايدۇ» دېمەك: ئىسلامدا قازا - قەدەرگە ئىشىنىش، سەلبىيلىككە ئىتتىرمەيدۇ. مۇسۇلمانلارنى سەۋەب قىلىشتىن توسمايدۇ، ئۇلارنى تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە جاۋابكارلىقىدىن بۇشىنىۋېلىشقا زورلىمايدۇ. ئىش قىلماي يېتىۋېلىش ۋە قۇرۇق ئارزۇ ئارمان ھاياتىغا ئېلىپ بارمايدۇ. بۇ ئەقىدە ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلەش ۋ تەرەققى قىلىپ گۈللىنىش يولىدا ـــ ئىسلام دۈشمەنلىرى داۋا قىلغاندەك ـــ توسالغۇ بولۇپ تۇرمايدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر نامازدىن كېيىن ئاللاھ غا تەۋەككۈل قىلىش داۋاسى بىلەن مەسجىتتە ياتقان كىشلەرنى كۆرۈپ ئولارغا بۇ مەشھۇر سۆزىنى ئېيىتقان: « ئاسمان ئالتۇن-كۆمۈش ياغدۇرمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ھېچقايسىڭلار: ئى ئاللاھ ماڭا رىزىق ئاتا قىلغىن دەپ تىرىشماي يېتىۋالسۇن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ناماز ئوقۇلۇپ بولغان ھامان،زېمىنغا تارىلىپ اللّەنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار» [جۇمۇئە سۈرىسى 10- ئايەت] شۇڭا قازا - قەدەر دېگەن ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئالەمگە ياراتقان، ئالەمدىكى سەۋەبلەرنى نەتىجىلەرگە، مۇقەددىمىلەرنى يەكۈنلەرگە باغلىغان، بىر قېتىممۇ بولماي قالمايدىغان ئومۇمىي قانۇنىيەت . ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى ئىش- ھەرىكىتىدە زورلانغان ياكى مەجبۇرلانغان ئەمەس، بەلكى ئەركىن ۋە تاللىيالايدىغان قىلىپ يارىتىشىمۇ شۇ قانۇنىيەتنىڭ بىرىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ھېچكىمنىڭ بىر مەسسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا يېتەرسىزلىك قىلىشىغا قازا - قەدەر بىلەن ئۆزرە ئېيتىپ ئۆزىنى ئاقلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش توغرا بولىدىغان بولسا، ئىنسان بۇيرۇلغان ئەمەللەر ۋە ئىشلار چوقۇم بىكار بولۇپ كەتكەن بولاتتى. پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش، كىتابلارنى چۈشۈرۈش ۋە ساۋاب بىلەن جازاغا ۋەدە بېرىش ئەلبەتتە بىھۇدە ۋە مەنىسىز بىر ئىش بولۇپ قالغان بولاتتى. ئاللاھ تائالا بۇنداق بىھۇدە ئىش قىلىشتىن پاك ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ئۈستۈندۈر.
|