- تىزىملاتقان
- 2015-12-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 601
- نادىر
- 0
- يازما
- 7
ئۆسۈش
20.2%
|
ئەسسالامۇ ئەلايكۇم،مېنىڭچە گۈلەن ئۇستازنىڭ يازمىلىرى ياخشى چىقىۋاتىدۇ.ھېس قىلغان ئىكەن چوقۇم يېزىش كىرەك.يېزىشنىمۇ ھەممە ئادەم قاملاشتۇرالىشى ناتايىن. ئەگەر يازما مەزمۇنىدا سىزنىڭچە توغرا بولمىغان مەزمۇن بولسا مۇنازىرە ئەخلاقىغا بويسۇنغان ئاساستا مۇنازىرە قىلسىڭىز بولىدۇ.يازماسلىققا مەجبۇرلاش توغرا ئەمەس.خەلقىمىزنىڭ تەپەككۇرى غىدىقلىنىشقا مۇھتاج.گۈلەن ئۇستاز يازمىسىدا ئەرەبنى ناچار دىمىدى،پەقەت تۈزۈمنى ناچار دىدى.ھەيرانمەن ئۇيغۇرنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى سۆككەنلەرگە گەپ يوق.مۇشۇ ناچارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مائارىپ تۈزۈلمىسى،سىياسىي تۈزۈلمە كەلتۈرۈپ چىقارغان تەرەپلىرىنى ئويلاشماي يازما يازىمىز ئۇنىڭغا گەپ يوق.شۇ ناچارلىقلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئەمىلى ئىشلارنى قىلمايمىز.يەنە تەكىتلەش كېرەككى گۈلەن ئۇستاز ھەرگىزمۇ بىرمىللەتنى سۆكمىدى،بەلكى مۇستەبىت تۈزۈمنى سۆكتى.خاتا بولسا تامامەن كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ يازمىنى يېزىشتىكى مەقسىتى بەلكىم ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئوقۇۋاتقان تالىپلارنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغان بولۇشى مۇمكىن.3000ئەتراپىدىكى تالىپ ئاز سان ئەمەس.لېكىن ھازىرغىچە ئابلىكىم مەخسۇماجىمغا ،ياكى ئابدۇقادىر داموللامغا يېقىن كېلىدىغان بىرسى يوق.گۈلەن ئۇستازلار يەسلى ئاچتى،بالا تەربىيلىدى.ئەجەبا شۇلار يەسلى ئاچمىسىمۇ ،يەسلىدە ئىشلىسە،قۇرئان ئۆگەتمىسىمۇ ئەخلاق ئۆگەتسە،ئەرەب تىلى ئۆگەتمىسىمۇ تۈرۈك تىلى،خەنزۇ تىلى،ياكى ئۇيغۇرتىلى ئۆگەتسە،زۇلپىقارلاردەك ئىلىم چېيى قىلسا بولماسمۇ.مەھەللىدە ئىماملىق قىلالمىسىمۇ،شۇ مەھەللىدە ياشاپ،تىجارىتىنى شۇ جايدا قىلسا ئاللاھ شۇلارغا رىزىق بەرمەسمۇ.مېنىڭچە خەلقىمىز دىنى ئۆلىمالارغا قاغجىراپ كەتتى.يۇرتنىڭ نىرىسىگە ئۆتۈپ باقمىغان،خەنزۇتىلى،ئىنگىلىزتىلىنى قويايلى،ئەرەب تىلىنىڭ ئۆزىدىمۇ تەبلىغدىن بۆلەك نورمال بىر ئەرەب بىلەن سۆزلىشەلمەيدىغان كىشىلەرنى بىزگە روھى ئوزۇق بولىدىغان دىنىمىزنىڭ ۋەكىلى بول دېسە ،ھازىرقى مائارىپتا ئۆسۈپ چوڭ بولغان كىشىلەر قوبۇل قىلامدۇ؟شۇ 3000 نىڭ 300كىشى 30دىن 10شەھەرگە تارقالساڭلار،ھېچ ئىش قىلمىساڭلارمۇ ،شۇ يەردە ياشاپ دىنى ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقساڭلار بولماسمۇ؟...يۇرتنىڭ ئەھۋالىدا توغرا بىر دىنى ئىدىيەگە كىشىنى تاپماقنىڭ ئۆزىمۇ بىر مۈشكۈلچىلىك تۇرسا.مېنىڭچە گۈلەن ئۇستاز ياخشى يازدى،خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى يازدى.يازغاندىمۇ ئوتتۇرا يولدا، كىشىگە ئەمەس تۈزۈمگە،شۇ ھادىسىگە قارىتا يازدى. ئۇستاز غەيرەت قىلىڭ.ئاللاھ دىن سىزگە سەبىر تىلەيمەن. |
|