- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8493
- نادىر
- 0
- يازما
- 782
ئۆسۈش
69.86%
|
janpolat110 يوللىغان ۋاقتى 2016-2-7 12:21
نادانلىقىڭ مۇشۇ يەردىن چىقىپ تۇرۇپتۇ .ئۇلار قانچىلىك ...
سىزنىڭ مۇنبەردىكى قوپاللىقىڭىزدىن مەن نومۇس قىلىۋاتىمەن.ئۆپكىڭىزنى بېسىۋېلىڭ.ئەمىلىيەتتە مەن ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئەشۇ 30مىڭ كىشىلىك(گۈلەن ئەپەندىمنىڭ يازمىسىدا شۇنداق دېيىلگەن) ئىسلام تالىپلىرىنىڭ مىللىتىمىز ئۈچۈن چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.توغرا،سىز تەمىنلىگەن پاكىتلار ئەمىلىيەتتە مەۋجۇت،مەنمۇ ئۇ قېرىنداشلىرىمغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن.لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇلار ئىنتايىن ئاز ساننى ئىگىلىگەن كۈچى ئىنتايىن ئاجىز.مۇتلەق كۆپ قىسىم تالىپلار خۇددى يەر شارىدا مەۋجۇت ئەمەستەكلا ئۈن تىنسىز.
تەنقىدىڭىز توغرا،مەن ھەقىقەتەن ئۇ تالىپلارنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ باقمىدىم،لېكىن ئىزدىنىش يوللىرىممۇ چەكلىك.مەن پەقەت بىلىمخۇمار ئۇستازنىڭ تەنھا ھالدا ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئۈزۈلدۈرمەي روھى ئوزۇق يوللاۋاتقانلىقىنىلا بىلىمەن.ئەرەپ ئەللىرىدە «ھىدايەت»ئىزدەۋاتقان تالىپلىرىمىزنىڭ نىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن،مېنىڭچە مۇتلەق كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىزمۇ ماڭا ئوخشاش.ئۇلار ئەمگەك مېۋىلىرىنى بىزگە توپلام-توپلام كىتاب قىلىپ ئىۋەرتىپ بېرەلمىگەن تەقدىردىمۇ،بىلىمخۇمار ئۇستازدەك تور ئارقىلىق ئۆز خەلقىگە ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ بەرسە بولاتتىغۇ؟
مەن سىزنىڭ ئەشۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روياپقا چىقارغان ئەمگەك مىۋىلىرى توغرىلىق قېرىنداشلىرىڭىزغا مەلۇمات بېرىپ،ھەممىمىزنىڭ كۆزىمىزنى ئېچىپ قويۇشىىڭىزنى ،بولسا قانداق تاپقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئاخىرىدا مەن سىزنىڭ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە زامانىۋى ئىلىملەرنى تەسىل قىلىۋاتقان ياكى خىزمەت قىلىۋاتقان ياشلىرىمىزغا قىلغان ھۇجۇمىڭىزنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايمەن.زامانىۋىي ئىلىم-پەننى كەمسۇندۇرىدىغان بۇنداق قاراش پەقەت مۇسۇلمانلارنى تۇيۇق يولغا باشلاپ،باشقىلارغا قۇل قىلىپ بېرىدىغان چېكىدىن ئاشقان مۇتەسسىپ ئۆلىمالارنىڭلا ئاغزىدىن چىقىدۇ.ئەمىلىيەتتە،ئىلىم-پەننىڭ دۆلەت چېگرىسى يوق،مىللەت چېگرىسى تېخىمۇ يوق.ئۇلار داتلىشىپ ياتقاندىن شارائىتى بار بولغان دۆلەتلەردە ئىلىم ساھەسىدە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئازدۇر-كۆپتۇر ھەسسە قوشسا بىز ئۈچۈن شەرەپ! ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئۈلگە! ئۇلار ھەرگىز ياۋروپالىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى قىرىشى ئۈچۈن كەتمەن چاپمايۋاتىدۇ،ئەكسىچە مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى قىرىۋاتىدۇ،نارىسىدە بالىلارنىڭ ۋە خوتۇن-قىزلىرىنىڭ يۇرت ماكانىنى تاشلاپ ياۋروپاغا ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.مېنڭچە،ئەرەبلەردەك ۋەتىنىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە تاشلاپ ياۋروپاغا قاچقاندىن،بىزنىڭ ياشلىرىمىزدەك قانۇنلۇق بېرىپ،ئىلىم تەسىل قىلغان مىڭ ئەۋزەل!
|
|