- تىزىملاتقان
- 2016-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1304
- نادىر
- 1
- يازما
- 79
ئۆسۈش
30.4%
|
تېخى تولۇق ساقايمىغان يارىلىرىم قايتىدىن ئەۋجىگە چىقتى. ئىسمەتنىڭ مېنى قانداق ئالدىغانلىقى ۋە بۇنى زۇليارغا ئارتىپ قويغانلىقى، ئۇنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىقى، ئىسمەت بىلەن يېقىن ئۆتكەن كۈنلىرىمدە زۇليارنىڭ بىر كۈنمۇ ئۈمىدىنى ئۈزمەي ماڭا يېقىنلىشىش ئۈچۈن قولىدىن نېمە كەلسە قىلغانلىرى، مېنى تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن قارا قىشتىكى ئاشىق- مەشۇقلار بايرىمىدا بىر باغلام قىپقىزىل ئەتىرگۈلنى تۇتۇۋېلىپ تالادا سائەتلەپ مېنى كۈتۈپ تۇرۇشى، ئىسمەتنىڭ قىلغانلىرىغا چىدىماي يىغلىغىنىمدا ماڭا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن ئالدىمدا پايپېتەك بولۇشلىرى كۆز ئالدىمدىن بىر- بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.
«ئەگەر ئاشىق بولۇش، سۆيۈش مانا مۇشۇ بولسا، ھەقىقەتەن مېنىڭ كۆڭلۈم ياتقان يەردە ئىت ياتمايدىكەن. ئىسمەتتەك بىر ئىنساننى ھېلىمۇ ئەپۇ قىلغۇم- ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلسە قۇچىقىمنى ئۇنىڭغا ئاچقۇم بار. بۇ زادى قانداق كۆڭۈل؟ بۇ زادى قانداق بىر ئەپسۇن» دېدىم ئۇھسىنغىنىمچە ئۆز- ئۆزۈمگە. تۇيۇقسىز داخان خوتۇنلارنىڭ سۈف كۆچلەپ قىز- ئوغۇللارنىڭ كۆڭلىنى بىر- بىرىگە باغلاپ قويىدىغانلىقى يادىمغا يېتىپ ئۈندىدارنى ئېچىپ شادىيەگە ئۇچۇر يوللىدىم.
- ئاداش، سەن بارمۇ؟ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ ئاداش سەن ئۆتكەن بىر چاغدا بىر قىز بالا دوستۇمنىڭ لايىقىنى ئۆزىگە ئوقۇتۇۋاپتىكەن ئۇ بالا شۇ ئالۋاستى بىلەن توي قىلىۋاپتۇ، دەپ قاقشاپ يۈرۈيتۈڭ. راست مۇشۇنداق ئىش بارمىدۇ؟
- بولمامدىغان، قۇمۇل بىلەن غۇلجىدا بەك داڭلىق داخانلار بار دەيدۇ. نە نەدىن كېلىپ، نەچچە مىڭ كويغا ئوقۇتۇپ كېتەرمىش.
- قانداق بولىدىغاندۇ بىلەمسەن ئاداش؟ مەسىلەن مېنى بىرسى ئوقۇتۇۋالسا مەن قانداق بولۇپ كېتىمەن؟
- ۋاي تاڭ. ۋاي نېمە بولدى ساڭا، بىرەرسى سېنى ئوقۇتۇۋالمىغاندۇ؟ ما دەلتى ئادىشىم ئەمدى داخانلىقنى تەتقىق قىلغىلى تۇردى.
- ياقەي، ئىدارىدىن ماقالە تەييارلا دېگەن، شۇڭا مۇنداقلا سوراپ قويغانتىم.
- يازىدىغان خەۋەرنىڭ جىقلىقىدا داخانچىلىقنى باساي دەپتۇ دە...پىخ پىخ پىخ
- بوپتۇ ئۇنداقتا ئاداش بىلمىسەڭ، مەن كىتاپلارغا قاراپ باقاي.
- ھە راست ئاداش، ما گەپنى ئاڭلا. كىتاپ دەپ قالدىڭ. داخانچىلىقنى ئىلمىي چۈشەندۈرمەكچى بولسا ھېلىقى ياپونىيەلىك ئادەمنىڭ كىتابىدىن پايدىلانغىن. مەن بۇرۇن داخانچىلىققا ئىشەنمەيتىم. ھېلىقى سۇنى تەتقىق قىلىپ كىتاپ يازغان ئادەم بارغۇ ياپونلۇق شۇ ئادەمنىڭ كىتابىنى دەيمەن. شۇنى ئوقۇ. مەن ئاشۇنى ئوقۇپ داخانلىققا ئىشىنىپ قېلىۋاتىمەن. ھېلىقى بۇتخانىدىكى راھىپلار بىر كۈن كەچكىچە توپلىشىپ دۇئا قىلىپ، شۇ يەردىكى كۆلنىڭ سۈيىنى تازىلىۋېتىدىغانچۇ، ھە ئاشۇ. ئانىڭدىن كېيىن گېرمانىيەدىكى زەمزەم بىلەن دىمىدە سۈيىنى تەتقىق قىلىدىغان ھېلىقى ئادەمنىڭ ماقالىسى دېگەندەك. ئاشۇلارنى تەرجىمە قىلىپ باسساڭمۇ بولىدۇ.
- ...
شادىيەنىڭ سۆزلىرى ئىچىمدىكى ئىسمەتنىڭ مېنى ئوقۇتۇۋالغانلىقى ھەققىدىكى گۇمانلىرىمنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى. دەرھال ئىسمەتكە ئۇچۇر يازدىم:
- شۇنچە قىلغانلىرىڭ يەتمىگەندەك، ئەمدى نومۇس قىلماي مېنى ئوقۇتۇۋاپسەن. سەن ئادەم ئەمەسكەنسەن. مەن سېنىڭ ئىپى ئەۋلادىڭغا نېمە قىلغان بولغىيتىم؟ سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، تېلېفون سەندە قالسىمۇ قالسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەندەك باخشى- ئوتاقچى تۇتۇپ قويغان تېلېفوننى ئەمدى ئىشلەتكۈممۇ يوق، ئەمما سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، خۇدايىم خوش بولۇپ قالسۇن ئەپسۇنلىرىڭنى بىكار قىلىۋەتكىن، ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن. مەن يالغۇز قىز. ماڭا بىر نېمە بولسا ئاتا- ئانام بۇنىڭغا پەقەتلا چىدىيالمايدۇ. سەنمۇ بىر ئىنسان بالىسى، سېنىڭمۇ ئاتا- ئاناڭ بار. ئەگەر بىر قىز سېنى ئۆزىگە ئوقۇتۇۋالسا ئاتا- ئاناڭ قانداق بولۇپ كېتەر مۇشۇنى ئويلاپ بولسىمۇ، مېنى ئەمدى قويۇپ بەرگىن. مەن سەندىن ئىككى دۇنيا رازى بولۇپ قالاي. ئۆزۈمدىن باشقا قانداق نەرسە تەلەپ قىلساڭ مەن بېرىشكە رازى.
- پىخ پىخ پىخ، ئەمما ماڭا سەندىن باشقا ھېچنەرسە كېرەك ئەمەس. – ئۇ ئېغىزىنى تۇتۇپ پىخىلداپ كۈلگەن قونچاقنى ئەۋەتتى.
- سەن ھەقىقەتەن بىر كېسەلكەنسەن، دېمىسىمۇ سەندەك بىر ھەمجىنىستىن نېمىنى كۈتكىلى بولاتتى. جازايىڭنى خۇدايىم بېرەر!!!!!!
ئىسمەت ئەڭ ئاخىرىقى سۆزۈمگە ھېچقانداق جاۋاپ يازمىدى. ئەمما بۇ گەپلەر ئۆزۈمنىڭ ئىچىگە ئولتۇردى. ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىم، ماڭا قالدۇرغان يارىلىرى يادىمغا يىتىۋېلىپ ئىچىمنى خۇددى تىكەن قاچىلانغان تاغاردەك ئېيتقۇسىز ئازاپ بىلەن تولدۇردى.
ئالىي مەكتەپتىكى چاغلىرىمنىڭ بىر يازلىق تەتىل كۈنى ئىدى. زۇليار تولۇق ئوتتۇرىدىكى بارلىق ساۋاقداشلارنى توپلاپ بىر تۇغۇلغان كۈنى ئولتۇرۇشى قىلدى. ئۇ كۈن بىر نەچچە ناتونۇش ئوغۇللارمۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا ئىدى. پەقەت ئىسمەتلا بىزنىڭ ئارىمىزدا يوق ئىدى. ئۇ تەتىلدىن پايدىلىنىپ شېنجىندا ئاكىسىنىڭ ئېلكترونلۇق مەھسۇلاتلار ئېمپورت- ئېكىسپورت شىركىتىگە ياردەملىشىۋاتاتتى. ئولتۇرۇشقا پەقەتلا شادىيەنىڭ زورلىشى بىلەنلا، ئۇنىڭ كۆڭلىنى دەپ، كەلدىم دېسەممۇ بولىدۇ. ئولتۇرۇش داۋامىدا ئارىمىزدىكى ناتونۇش ئوغۇللاردىن بىرى مەن بىلەن تونۇشۇۋالدى. بۇ بالا غىتمەك چىراي گەپ قىلىدىغان بولغاچقا مەنمۇ ئوشۇق قورۇنماي ئۇنىڭ گەپلىرىگە «ھە » دەپ بېرىپ ئولتۇردۇم. ئۇنىڭ ئوغۇللارنىڭ ئۆزىنى «غىتمەك» دەپ چەتكە قېقىپ كەتكىنى داتلاپ بەرگىنىگە ھېسداشلىق قىلىپ، «ھەرقانداق ئادەم ھاياتتا باشقىلارغا ئۆز خاراكتېرىنىڭ ئەڭ ئۇتۇغلۇق يەرلىرىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. شۇڭا سەن ئانداقكەنسەن، سەن مانداقكەنسەن دەپ باشقىلارنى كەمسىتىپ، يەرگە ئۇرۇش پاسسىپ بىر تاجاۋۇز شەكلىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىنسان دېگەن ئاستا- ئاستا، كۈنمۇ- كۈن ئۆزگىرىپ تاكامۇللىشىدۇ. ئۇنداق بولمايدىغان ئىش بولسا ھەممە ئادەم ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەندىلا پەيلاسوپ بولۇپ چۈشمەمتى؟ خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان، گۇناھسىز ئىنسان بولمايدۇ. گۇناھ دېگەن ئىنساننىڭ ماھىيىتىدە بار نەرسە. بىرسى سىزنى غىتمەك، دەپ زاڭلىق قىلغان بولسا، باشقىلارمۇ ئۇنى يەنە بىر نېمە دەپ زاڭلىق قىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئادەم زاڭلىق قىلىش بەك پەس بىر گۇناھ. باشقىلارنى ئەيىبلەش ئەمەلىيەتتە بىر روھىي كېسەللىك. ئۆزىنى كەمسىتىش خاھىشىغا ئىگە كىشىلەر باشقىلارنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى تولۇقلايدۇ. كېسىلى قانچە ئېغىر بولغانسېرى باشقىلارنى شۇنچە چۆكۈرىدۇ. چۈنكى مۇشۇنداق قىلمىسا ئۆزىنى كەمسىتىلىدىغاندەك تۇيغۇ ئۇلارنىڭ ئېڭىغا ھاكىم بولۇۋالغان. شۇڭا ئۇنداق ئادەملەردىن ئامال بار قېچىڭ. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقىنىنىڭ بىر روھىي كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ياكى ئېتىراپ قىلمىغان بولغاچقا، بىر پىسخىكا مەسلەھەتچىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلمايدۇ. نەتىجىدە مەڭگۈ ساقايمايدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئۇلاردىن بالىسىغىمۇ ئۇدۇم قالىدۇ. مەنمۇ داشۆگە بارماس چېغىمدا قوش جىنىسلىقلارنى زاڭلىق قىلاتتىم. پىسخولوگىيەدە ئوقۇۋاتقاندىن بېرى ئۇنداق دېمەس بولدۇم. قانداق بىر ئادەم ساقايماس راك كېسىلى بىمارىنى چېچى يوق تاز، دەپ زاڭلىق قىلىدۇ؟ پەقەتلا ئىنسانلىقى ئۆلگەن پەس ئادەم بولمىسىلا ئۇنداق دېمەيدۇ، شۇنداقما؟ ئۇنداقتا قوش جىنىسلىقلارمۇ بىر كېسەللىك. بىرى جىسمانىي بىرى روھىي كېسەللىك. ئىنسانلار ھەممە يەردە ئىنسانىي روھ، دەپ شوئار توۋلايدۇ-يۇ، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىنساننىڭ روھىدا پەيدا بولغان كەمتۈكلۈككە ھېسداشلىق قىلماقتا يوق، ئۇنى زاڭلىق قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ناتسىسلىق گېتلىر گېرمانىيەسىدىلا بار نەرسە ئەمەس. ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى ئۆزىگە ئوخشىمىغان ھەممىلا ئادەمنى سۆكىدىغان خاھىشنىڭ ئۆزى شۇ. سىز خۇدايىم بار دەپ ياشاۋېرىڭ. سىزمۇ بىرەر قىز بالا بىلەن توي قىلسىڭىز، بىرەر دوختۇردىن ياردەم ئالسىڭىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىشىڭىزگە مەن ئىشىنىمەن » دەپ كۆڭلىنى ياساپ قويغىنىمدىن كۆڭلى ئاۋۇنۇپ قالدىمۇ تاڭ، مېنى دوست تۇتۇۋالماسلىقنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش، ئىكەنلىكىنى قايتا- قايتا دەپ تۇرۇۋېلىپ تېلېفون نومۇرىمنى ئېلىۋالدى. زۇليار بولسا ئەپ تاپسىلا مېنى ھېلى ئۇسسۇلغا، ھېلى تاڭسىغا تەكلىپ قىلىپ ھارمايتتى. يېڭىلگەن چېلىشقا تويماپتۇ، دەپ زۇليارنىڭ كاللىسىدىمۇ مېنىڭ كەينىمگە كىرىۋېلىش ھەرىكىتى رېفلىكىس شەكىللەندۈرۈپ قويدىمۇ، ياكى ئۇ ھەقىقەتەن ماڭا شۇنداق سەۋدايىلارچە ئاشىق بولدىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ ماڭا خۇددى ئۇتتۇرىۋەتكەن قىمارۋاز ئۇتتۇرىۋەتكىنىگە تەن بەرمەي، ھامان بىر كۈنى يېڭىپ ئۆزىنىڭ ئۇتتۇرىدىغانلا ئەمەس، ئۇتىدىغانمۇ بىر كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن توختىماي پۇل تىكىۋاتقىنىدەكلا بىلىنەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئۇتۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەربىر ھەرىكىتى ماڭا مەن ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرگەچكە، تەسىرلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ماڭا نىسبەتەن ئالدىمغا بىر دۆۋە قېلىپتا قۇيغان كېسەكنى دۆۋىلەپ قويغاندەكلا بىر ئىش ئىدى. مەن سۆيگۈنىڭ ئىنسان ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر تۇيغۇ ئىكەنلىكىگە، ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرىدىكى پەرقلەرگە قاراپ سۆيگۈنى ئىپادىلىشىنىڭمۇ قېلىپى بولمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكىمىكىن، زۇليارنىڭ كىنولاردىن ئۆگىنىۋالغان ياكى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىپ مېنى تەسىرلەندۈرمەكچى بولۇشى ماڭا ئەخمىقانە بىلىنەتتى. ئىنسانلار ھەرخىل ئىسىملارنى قويۇپ بايرام دەپ ئاتىۋالغان كۈنلەردە ماڭا ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىشى، يەنە ئەتىرگۈلچىلەرنىڭ گۈلنى جىقراق سېتىۋېلىش ئۈچۈن توقۇپ چىققان مانچە تال ئەتىرگۈل مانداق مەنىدە، دېگەنلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلاپ كېتىشلىرى، سوغۇق قىشتا ئىسسىغراق بىرەر يەردە چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ ساقلىسا مەن خۇددى «سەن مېنى ياخشى كۆرگەن بولساڭ تالادا دىر- دىر تىتىرەپ ساقلىغان بولاتتىڭ » دەپ تۇرۇۋالىدىغاندەك سىرتلاردا ساقلاپ تۇرۇشى دېگەندەك ھەرىكەتلىرى ماڭا سۆيگۈنى ئىپادىلەش ئەمەس، خەقنى دوراپ ئوينىغاندەكلا كۆرۈنەتتى. ئەمما ئىچىم ئاغرىيدىغىنى ئۇنىڭ بۇلاردىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىدى. شۇڭا بەزىدە ئۇنىڭغا ھېسداشلىقمۇ قىلاتتىم. ھېچقاچان ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان قاتتىق گەپلەرنى قىلىپ سىلكىشلىيەلمەيتتىم. ئىسمەت بىلەن داۋاملىق مۇشۇ ئىشنى تالىشىپلا ئۇرۇشۇپ قالاتتۇق. ئۇ مېنى زۇليارغا ئۈمىد بېرىۋاتىسەن، دەپ خاپا بولاتتى.
زۇليارنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشىدىن بىر نەچچە كۈن كېيىن ئىسمەت قايتىپ كەلدى.
- ئاخىرى ساڭا چىدىيالماي قايتىپ كەلدىم. بەكلا سېغىندىم جۇمۇ. تېزراق ئوقۇشىمىز پۈتسە تويىمىزنى قىلىپلىۋالايلى ھە. ئۇ چاغدا ئەر- خوتۇن بولغاندىكىن نەگەر بارساق تەڭ بارىمىز. يېنىمدىلا بولغانكىن سېغىنمايمەن ئۇ چاغدا.- دېدى ئۇ چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ.
- سېغىنمايمەن؟ ئۇنداق ئىش بولسا ھەرگىز توي قىلمايمەن مەن سەن بىلەن.
- نېمىشقا مۇشۇنداق ئامراقتىمەن مەن ساڭا. مۈشۈكمۇ بالىسىغا بەك ئامراقلىقى كېلىپ كېتىپ بوغۇۋېتەرمىش، مەنمۇ سېنى ئاشۇنداق بوغۇپ تاشلاشتىن قورقىمەن.
- تېخى ئالدىنقى مەۋسۇمدا ئوقۇغان نېرۋاشۇناسلىق دەرسىدە قايسىبىر كېسەللىكنىڭ ئىپادىسىدە شۇنداق چىققان ئىدى. ئادەمنى قورقۇتما.
- يو... مانا مۇشۇنداق بولىدۇ روھىيشۇناس ئالىم بىلەن مۇھەببەتلەشسە. ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى بىلىۋېلىپ زاڭلىق قىلىپ ئوينايدۇ مانا. ئادەم گەپ قىلىپ بولغۇچە كېسەلگە چىقىرىپ دېئاگىنوز قويۇپمۇ بولدى ماۋۇ.
- سېنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭنى بىلەلەيدىغان ئىشىم بولسا ئوقۇيمەن دېمەي، ئەتىلا ساراڭلار دوختۇرخانىسى ئاچاتتىم.
- يارىتىپ ئالاي دېگەنگە خوش بول ھە. ئەتە- ئۆگۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ساراڭلار دوختۇرخانىسى ئاچتىم دەپ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئەچى پەچى كىيىم كىيۋېلىپ يۈزۈڭنى مودوۋەندەك بوياپ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئالا تاغىل توۋلاپ، ئۇياقتىن- بۇياققا چاپىدىغان بولۇپ قالامسەن بىلگىلى بولمايدۇ. مەن ئاشۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئالتۇندەك ياشلىقىمنى، قىممەتلىك ھاياتىمنى ساڭا ئاتىغىلىۋاتىمەن. قاتتىق قەدرىمنى قىلىۋەتمىسەڭ بولمايدۇ دە لېكىن.
- سۇنۇقتىن باشقا ھەممىسى يۇقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نېرۋا كېسەللىكنىڭ يۇقۇش نىسبىتى ئەڭ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭكىدىنمۇ تېز ۋە ئۈنۈملۈك. شۇڭا مەن كاللىدىن كەتسەم سەنمۇ تەڭ تەييار بولىسەن دېگەن گەپ.
- يوپىر، قورقتۇم بولدى. مەن تەسلىم
- نېمىگە قورقتۇڭ؟ توي قىلمامدۇق؟
- مېنىڭ دادامنىڭ يۈرەك كېسىلى بار. مېنىڭ تۇتقاق بولغىنىمنى بىلسە چىدىمايدۇ.
- بىلگەن مەن. ھالىڭ مۇشۇنچىلىك. بولدى كېتىمەن مەن.- قېيداپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.
- پىخ پىخ پىخ. بولدى ھېي چاقچاق. ھەممىنى راست دەۋالىدىغان ئىشى مۇشۇنىڭ. ئولتۇرە قىزىقچىمۇ سەن. ئەمدى كەلدۇق تېخى. ھە راست ئالە جېنىم مانى ساڭا ئالغاچ كەلدىم. مانى تاشلىۋەتمە جۇمۇ يەنە يالغان ئۈزۈكمىكىن دەپ قېلىپ. ما جىڭ ئاق ئالتۇن دەپ قوياي. كۆزىمۇ جىڭ ئالماس ئاكاملارنىڭ شىركىتى مۇشۇ زىبۇ- زىننەت شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىك سېستىمىسىنى ئورنىتىپ بەرگەن. شۇ باھانادا تونۇشۇۋالغانتىم. قارىسام شۇنداق چىرايلىق ئۈزۈكلەر تۇرۇپتىكەن، سېنىڭ موتەك قوللىرىڭ يادىمغا كېلىپ چىرايلىق ئۈزۈكتىن بىرنى ئالاي دەپ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەنتىم. مەن بۇيانغا كېلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئۇلار بىر كومپىيۇتېر قۇراشتۇرغانتى. شىركەتتىن مېنى ئەۋەتىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى بۇنى دەپ تەسىرلەندۈرۈپ يۈرۈپ يېرىم باھاغا چۈشۈرىۋەتتىم.
- مەن راستىنلا نېمە دېيىشىمنى بىلەيۋاتىمەن جېنىم. بۇ بەك قىممەت مەن بۇنى ئالسام قانداق بولار؟ مەن ھەرگىز سېنىڭ چىقىم تارتىشىڭنى خالىمايمەن.
- بۇ ئۈزۈكنى ئالىدىغاندا ئۇلارنى قانداق تەسىرلەندۈرۈپ يىغلىتىۋەتكىنىمنى ئاڭلىساڭ چوقۇم تاقايسەن.
- نېمە دېدىڭ؟
- « مۇھەببىتىم راك كېسىلىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىدا، ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۇنى كېلىنگە ئايلاندۇرۇش مېنىڭ بىردىنبىر چۈشۈم شۇڭا تەتىلنى تەتىل دېمەي شاڭخەيدىن شىنجاڭغىمۇ قايتماي مۇشۇ يەرگە ئىشلىگىلى كەلدىم. يۇرتۇم شىنجاڭنى كۆرمىگىلى بىر يىل بولاي دېدى. تۆنۈگۈنلا دوختۇرغا تېلېفون قىلسام، ئەمدى بىزدە ئامال قالمىدى، دەيدۇ» دەپتىكەنمەن يىغلاپ پوتلىسى ئېقىپ قاپتۇ. ئاشۇنداق ئويۇن قويۇپ يۈرۈپ يېرىم باھادىلا ئېلىۋەتتىمغۇ. زاۋۇت باھا! ئەسلىي بىر ئامال قىلىپ مۇشۇ ئۈزۈكتىن 10-15 نى ئېلىۋالغان بولساق، ئۈزۈك سېتىپ بېيىپ كېتەتتۇق. مۇھەببىتىم بىر تاللا بولۇپ قالدى دە، ئامال يوق.
- ۋىييەي ما يالغانچىنى. ھەي نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن. كاللىدىن رەسمىي كېتىپسەن جۇمۇ سەن. كىم كېسەلكەن؟ بولسا ئونى بولسا بولامتى؟ جىلە قىلما ھە مېنى.
- ۋاي شۇنداق دېمىسەڭ بېرەمدۇۋا؟ تاپقان پۇلنىڭ ھەممىنى ئۈزۈككە بەرسەم بىر مەۋسۇم ئاچ يۈرەمدىم؟
- توۋا مانى......
- تاقغىنە باشتا بىر.
- رەھمەت...
ئۈزۈكنى تاقىۋالدىم. ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى. ئۇ كۈنى يۈرىكىم خۇشاللىقتىن تىپىرلاپ تۇرالمايلا قالدىم. ئۈزۈكنىڭ قىممەت باھالىقلىقى بىلەن چىرايلىقلىقىدىنمۇ بەك، ئۇنىڭ قولۇمغا نەق كەلگىنى مېنى خۇشال قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ كۈنى ئەڭ جىق قىلغان ئىشىم ئۈزۈككە قاراش بولدى. سەل قىڭغىر بولۇپ قېلىشىغىمۇ يول قويمايتتىم. پارقىراقلىقى يەتمىگەندەك قولۇمنى توختىماي سوپۇنلاپ يۇيۇپ ئۈزۈكۈمنى قايتا- قايتا پارلىتاتتىم. شۇندىن باشلاپ ئۈزۈكنى خۇددى ھەممىلا كىشىگە كۆرسەتكۈم باردەك ھەر كۈنى تاقىۋالىدىغان بولدۇم.
ئەمما ئۈزۈكنى تاقاپ بىرەر ھەپتە ئۆتمەيلا يەرگە ئۇ قەدەر كۈچەپ ئاتتىمكى، كۆزى چىقىپ كەتتى. ئۇ ئىسمەتنىڭ نەۋرە ھەدىسىنىڭ توي كۈنى بولغان ئىش ئىدى.
داۋامى بار |
|