- تىزىملاتقان
- 2016-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1304
- نادىر
- 1
- يازما
- 79
ئۆسۈش
30.4%
|
ئەتە نەنجىڭغا ماڭىمەن دېگەن كۈنى شادىيە بىلەن باغچىدىن يېنىپ بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇراتتۇق. زۇليار يېنىمىزدا پەيدا بولدى:
- ياخشىمۇسىلەر؟ قانداق ياخشىما؟ مېڭىشتىن بۇرۇن تازاي يەي دەپسەندە؟- دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.
- ئۇنى بىر دېمەڭ. مۇشۇ كۈنلەردە زادى يەپلا ئۆتۈۋاتىمىزغۇ غەمدىن تارتىپ ئاشۇ...
- ھە راست مەن ئەتە سەن بىلەن بىللە ماڭىمەن. – دېدى زۇليار. ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە سۆزلەۋاتقىنىدا پۈتۈن بەدىنىدىن ھەتتا روھىدىن تارقىلىۋاتقان كۈچلۈك بىر دولقۇننى ھېس قىلغاندەك بولدۇم. خۇشاللىق، بەخىت تۇيغۇلىرىنى ئەتراپقا تارقىتىپ مېنى ئەسىر ئېلىۋالغان بۇ دولقۇن ئىختىيارىسىز زۇليارغا قاراپ كۈلۈمسىرىشىمگە سەۋەپ بولدى.
- نەگە؟
- سىنىپتىكى بالىلار يۈنتەيشەندە فىلمگە ئالىمىز. ئوقۇش پۈتتۈرۈش فىلىمىگە تەييارلىق قىلىپ دەڭلار ھازىردىن باشلاپ. ئالدىنقى قېتىم ناراتقا بارغان. بىزنىڭ گۇرۇپتىن ئىككى جياڭسۇلۇق بارتى. شۇلارنىڭ مەھەللىسىدە ئويناپ كەلگەچ ئاشۇ يۈنتەيشەن دېگەن يەردە نىمقىلىدىكەنمىز. ئەسلى تەتىلدە بارماقچى بولغان ئا خەقنىڭ چېغى چىقىپ بولالماي ئەمدى ماڭدۇق. يۈنتەيشەنگە بارىمىز تۆت كۈندە ئىشنى پۈتتۈرۈپلا بېيجىڭغا كېتىمىز.
- ماندا دە. ۋاي مەنمۇ بارمىدىم تېخى نەچچە يىل جياڭسۇدا يۈرۈپمۇ؟ نېمانداق يامان سىلەر؟بەك چىرايلىق دەپ ئاڭلىدىم لېكىن ئۇ يەرنى.
- بىزنىڭ گۇرۇپتىكى ئىككى جياڭسۇلۇق ئۇ يەر چىرايلىق دېسە بۇ يەر چىرايلىق دەپ يۈرۈپ ئاخىرى شۇ يۈنتەيشەندە توختىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغۇچە ئاساسەن جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق تەبئىي مەنزىرىلىك رايونلارنى، بۇتخانا، يايلاقلارنى تارتىمىز. بىزنىڭ سىنىپتىكى بىرسىنىڭ شۇنداقراق مەزمۇندىكى بىر ھۆججەتلىك فىلىم لاھىيەسى باركەن «جۇڭگودىكى تاغلىق رايون ئىمارەتلىرى» غۇ دەيمەن ئىشقىلىپ. قىرغىز- قازاقنىڭ كىگىز ئۆيلىرىنى تارتىپ كەتتۇق تاغمۇ- تاغ چۆرگىلەپ. مەنمۇ كىرگەنتىم ئۇ گۇرۇپنىڭ ئىچىگە. كىگىز ئۆيغۇ مەيلى. بىز بارمىغان سچۈندىكى ئېمىيشەننىڭ بۇتخانىلىرى قالمىدى.
- كىرىپ نامئامى توفو ئوقۇدۇڭلارمۇ يا؟ كاسايالىق تاز كاللا راھىپلارمۇ بارمىكەن بېشىغا چېكىت سىزىۋالىدىغان؟- دېدى شادىيە.
- ئۇنى بىر دېمەڭ. ھەممە يېرى بۇتخانا توشۇپ كەتكەن بىر يەركەن ئۇ لېشەن دېگەن تاغلىق ناھىيەدىكى. رەسمىي تاڭسېڭ بىلەن كىنو ئىشلەۋاتقاندەك، جىگۇڭ بىلەن بىر دەۋردە ياشىغاندەك بولۇپ قالدىم. ھەممە يەرنى شياڭزى تۆگىدەك رېكشا سۆرەيدىغانلار قاپلاپ كەتكەن بىر خىل. ئەمما تاغنىڭ مەنزىرىسى رەسمىي نوچى. بىز تۇرغان مېھمانخانىمۇ خۇددى خېشىننىڭ سارىيىدەكلامكەن. ۋەھشىي ياسىۋېتىپتۇ ھەممە يېرىنى قىزىل ياغاچتىن قىلىپ. بارغان كۈنى ئاخشىمى ھېرىپ كېتىپ گوپلا يېتىپ ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن. ئەتتىگەن قاق پودا داڭ بىلەن نومنىڭ ئاۋازىدا ئويغىنىپ كەتتىم. تېخى بىر خىل ئىس پۇراپ كەتسە بولىدۇ كىنولاردىكى بۇتخانىدەك قىلىپ. مەن تېخى بىزنى كەلدى دەپ، مەخسۇس راھىپلارنى يىغدىمىكى دەپتىمەن. نەدىكىنى بۇ يەر مۇشۇنداقلا تۇرىدىغان بىر يەركەن. فىلىمغا ئالغىلى بۇتخانىمۇ بۇتخانا چۆرگىلەپتىمىز. رەسمىي ھېلىقى ئامىتابۇتتانىڭ چۆرىسىگە چىقىۋېلىپ تاۋىقىنى تەتۈر تۇتۇپ «نوم، نوم، نوم» دەپ سۈپكۆشلەيدىغان كاسايالىق راھىپلار باركەن. بىز بارساق ھويلا دېگەن لىق ئادەم. ئۇن، ياغ، گۈرۈچ، سەي- كۆكتات دېگەن ھارۋىلاپ توشۇيدىكەن خەق يېزىمۇ يېزىدىن بۇتخانىغا. ئۇ راھىپلار مەخسۇس بۇتخانىلاردا نوم ئوقۇپ ئاشۇ شەھەرنىڭ پۈتۈن ساياھەتچىلىك ئىشىنى تۇتۇپ تۇرىدىكەن. لېكىن ئۇلارنىڭ مەقسىتى ساياھەتچىلىك ئەمەستەك قىلىدۇ مەن قارىسام. ئۇ راست ئىشىنىدىغانلاركەن. ھېچنەرسە خىيالىدا يوق كۆزىنى قىمىر قىلىپ قويماي ئولتۇرىدىغان گەپ. تېخى ھېلىقى بۇتلارنىڭ يوغانلىقى، قارا قۇيۇن لىكۈينىڭ ھەجىۋىي رەسىمىدەكلا بىلىندى ماڭا. نوم ئوقۇشتىن باشقا يەنە گۇمپىكەشلىكمۇ قىلىپ قويىدىغان چېغى ئانچە- مۇنچە. ئەمما مەن ئۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ بۇرۇنقى دەۋردىكى راھىپ كالانلارنىڭ نېمە دەپ تاغنىڭ چوققىسىغا بۇتخانا ياسىۋېلىپ شۇ يەردىن چۈشمەي ياشىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالدىم. ئۇنداق چىرايلىق يەردە ئۆي تۇتۇپ بەرسە مەنمۇ ئۆلگىچە شەھەر يۈزى كۆرمەسلىككە رازى.
- ۋايجان ئەجەپمۇ بىر بارغۇمنى كەلتۈردىڭىز. بېرىپ تازا ئاۋازىمنى بولۇشىغىچە قويۇۋېتىپ ۋارقىراپ، جارقىراپ ئىچىمنى بىر بوشىتىۋالسام يىغلاپ...
- نېمە بولدى يىغلىغۇدەك، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
- ھېچنېمە.
- بىللە ئاپىراي ئەمىسە يۈنتەيشەنگە. بىللە يىغلىمامدۇق.
- ۋوي بولدى بۇنى ئاپارماڭ. بىر توۋلاپلا تاغدىكى راھىپلارنىڭ ھەممىنى قاچۇرىۋەتسە نېمىنى تارتىسىلەر؟- دېدى شادىيە قوللىرىنى ئىككى ياققا مىدىرتىپ.
- ھەجەپپىركەنسە. مەن بارالماي قالىدىغان بولدۇم دەپ ئىچىڭ ۋىژىلداپ كېتىپ بارامدا؟ نەنسەنگە چىق، بولمىسا قىزىل تاغقا چىقىپ توۋلارسەن. خوشياقمىسا سىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ كازىۋەن رايونىدىكى ھېلىقى يووووووووغاااان ئورمانلىقىڭلاردا ئوينا. پىخ پىخ پىخ...
- خەپ قاراپ تۇر. مۇشۇنداق دېگىنىڭگە ئونىنجى ئاي بايرام بىر كەلسۇن. يېنىڭغا بېرىۋېلىپ سەن خەقنى گاڭسا- جۇسا قىلىۋېتىپ كەلمىسەم.
- كەل. تازا تويغۇزمىسام مەنمۇ. شىنجاڭلىققا ياتاق بەرمەيمىز دەپ كىرگۈزمىسە بىفېڭتاڭدا تۈنەرسەن. ھا ھا ھا
- مانى قارا. نىيىتى يامان. ھېلىتىن بىفېڭتاڭدا تۈنەر دەپ كەتمىسەڭمۇ بېرىۋالمايمەن ۋا ئۇنداق مايماق شەرىڭگە. داڭلاپ كېتىشكىنىنى ھە دەپ بەرسەم. بىزنىڭ ئۈرۈمچىگە يېتىدىغىنى بارما؟ تەتىلدە ئاچ پاقىدەك كېلىشىسەن ھەرقايسىڭ. ھەپتىگىچە ئاشخانىدىن چىقىشمايسەن ئېشى ئارتىپ قالىدىغاندەك كۆزى نېمىنى كۆرسە يەپ. كېتىدىغاندا ئەسلى يەپ تويمىغان. يەنە تېخى يۈنتەي، پۈنتەي، مىشەن، پىشەن دەپ پو سوقىۋېرىدا ئادەم گەپ قىلماي تۇرۇپ بەرسە. ھە راست ئۇ يەردە ئاشۇنداق كىنوغا تارتىپ بەرسەڭلار نەچچە پۇل بېرىدۇ ئاندىن سىلەرگە؟ - دېدى شادىيە.
- ھېچقانچە پۇل. بىكاغا. ئۇ ھېساپتا شيۆنيەن لۈنۋېندەك بىر نەرسە. كېيىن بىرەر يەرگە سېتىپ قالسا ئاندىن پۇل كېلىپ قالار. بولمىسا مەشىق دېگەن گەپ. بەرىبىر كامېرانى مەكتەپ بېرىدىغان بولغانكىن، بىزمۇ تارتىۋالغانغا خووووش. ئەمەلىي مەشىقتە ئۇ.
- مەشىق؟ سىلەر يا ھاۋاغا مۇش ئاتىدىغان مەشقاۋۇللار بولمىساڭلار، قىزىقكىنا. « ھەيۋەتلىك يۇ ھەيۋەتلىك، ئاپاق غوجام ھەيۋەتلىك. خەلق ئۈچۈن ئىشلەيتتى، لېيپىڭ تاغام رەمەتلىك،» دەپ بىكارغا ئىشلەيمىز دەڭلار.
- ھاھاااايت...- شادىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ زۇليار ئىككىلىمىز قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتۇق.
- نېمە دېدىڭ ئاداش؟ قايتا بىر دېگىنە. – دېدىم كۈلگىنىمچە.
- بىكاغا دەپ بېرىۋەرگىلى بولمايدۇ. باياقىسى سىناق نۇسخا ئەمدى ئاڭلايمەن دېسەڭلار چۆنتەككە تەڭگە تاشلايسىلەر.
- سەن رەسمىي يېتىشىپ قاپسەن جۇمۇ ئايال تۇداخۇن.
- ئۇنى بىر دېمە ياتىقىمدا ئىككى غۇلجىلىق بار، ئەتىدىن كەچكىچە «ۋەەەەت، ۋەەەەت» لا دەپ، ئېڭەكلىرىممۇ ئىسكىلىت شاھنىڭكىگە ئوخشاپ قالغىلى تۇردى.
- كۈلكەم ياراشسۇن جۇمۇ ئاداش. ھېلىمۇ ئەتىگەندىن بېرى كۈلۈپلا يۈرۈپتىمىز. ھازىر ئازراق كۈلسەممۇ قورسىقىم ئارغرىۋاتىدۇ. بەك كۈلدۈرىۋەتتىڭ بۈگۈن مېنى.
- مومىياغا جان كىرگۈزىۋەتتىڭ ئاداش ھېلىمۇ. بىز كۈلمەي كىم كۈلسۇن؟
- ھە؟ نېمە مومىيا؟- زۇليار گېپىمىزنى چۈشەنمەي سوئال نەزىرىدە ئىككىمىزگە قارىدى.
«مومىياغا جان كىرگۈز» ىۋەتكىنىم يادىمغا يېتىپ كۆڭلۈمنى يا كۈلگىلى يا يىغلىغىلى بولمايدىغان بىر ھېسسىيات قاپلىۋالدى.
- نېمە بولدى سىلەرگە. ھېلى بىر ياڭزا ھېلى بىر ياڭزا ئۆزگىرەپ؟ مومىيا دەپ مېنى زاڭلىق قىلىۋاتامسىلەر؟
- ياق. باشقا بىر ئىش. دەپ بەرسەكمۇ بىلمەيمىز. – دېدىم.
- سىلەر قىزلار بەك ئاجايىپ ھە. ئادەم يېنىڭلاردا تۇرسا نېمە دېيىشىۋاتقىنىڭلارنى پەقەتلا بىلگىلى بولمايدۇ.
- بىلمىگىنىڭىز تۈزۈكمىكىن. بىلسىڭىز يۈنتەيشەندىن ئۆزىڭىزنى تاشلىۋاپ ئاندىن، نېمە بوپتىكە دېسە شىنجاڭدىن ئۆلۈۋالغىلى كەپتىكە دەپ جېنىس رېكورتى يارىتىۋېتىپ بىكا. پىخ پىخ پىخ...- دېدى شادىيە كۈلۈپ.
- بولدى ئاداش.- دېگىنىمچە ئۇنىڭ يوتىسىنى ئازغىنە چىمداپ قويدۇم.
- ۋايجان نېمە چىمدايسەن ئادەمنى روڭ مومايدەك. قارىسا جىڭمومىدەك تۇرغان بىلەن نېماندا قولى قاتتىق بودەك ماۋۇ. ۋىيجا ۋىيجا ۋىيجا ۋىيجا ئاغرىپ كەتتى.... – دېدى شادىيە يوتىسىنى سىيلاپ.
- چىمدىمىدىم ئاداش نىمداق قىلىسەەەەەە.- دېدىم كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ.
- ھە راست خاپا بولما. ھى ھى ھى ...
ئاشخانىدىن يانغاندىن كېيىن زۇليار بىلەن كۆرۈشىدىغان ۋاقىتنى دېيىشىۋېتىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. تېلېفونۇم يەنە جىم. ئىسمەتكە تېلېفون قىلىپ تازا بىر تىللاپ، ئۈزۈكنى يۈزىگە ئېتىپ، ئارقىدىن ھېلىقى دىلمىرەنى تېپىپ چاچ- پاچنى يۇلۇپ قورسىقىغا تۆت- بەشنى تىزلىۋېتىشنى ئويلىدىم. ئەمما ئۇنداق قىلالمايدىغانلىقىمنى ئويلاپ جىمىپ قالدىم.
زۇليار بىلەن يۈنتەيشەندە ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرى ھېساپلانغۇدەك كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزدۈم. يېشىللىققا چىلاشقىنىچە بۇلۇت ۋە تۇمانغا پۈركۈنگەن ئاسمانغا قاراپ بەلدەم بەلدەم چوقچىيىپ تۇرغان تاغلار، ئۇزۇنراق قاراپ تۇرسا ساپلىقىدىن ئادەمنى ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان ليەنيۈنگاڭ ئېقىنلىرى، ئىنسان شۈمۈرۈپ- شۈمۈرۈپ قانمايدىغان نەمخۇش ھاۋا مېنى ھەممىلا نەرسىدىن ئايرىدى. بۇ مەنزىرىنىڭ ئىچىدە تۇرغىنىمدا، تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغ ساپلىقىغا ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن كېچە- كۈندۈز ئاكتىپ ئېنىرگىيە دولقۇنلىرى يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان سىرلىق كۈچىگە چوڭقۇر ئىشەندىم. يەر يۈزىگە قوزۇقتەك قېقىلغان تاغلارنىڭ، يىلتىزلىرى بىر- بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن دەرەخلەرنىڭ، ساپ ئىشقىدىن كۇكۇم تالغان بولۇپ يۇمىلاپ كېتىدىغان تاشلارنىڭ ۋە مۇشۇ بارلىق گۈزەللىكلەر بويسۇندۇرۇلۇپ بېرىلگەن ئىنساننىڭ ئىگىسىگە شۈكۈر ئېيتتىم. ھاياتىمدىكى بىر ئىشىك يۈزۈمگە ئېتىلگىنىدە، ئۇنىڭ ماڭا باشقا بىر ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدىغىنىغا، بىر قەدەمنى خاتا باسقىنىمدا ماڭا بىر يامانلىق يەتكۈزۈپ خاتا قەدەملىرىمنىڭ ئارقىسىدىكى تۆلەش ئېغىر كېلىدىغان بەدەللىرىمنى يۇيىۋېتىدىغىنىغا چەكسىز ئىشەندىم. يالغۇز بۇلارغىلا ئەمەس، ئۇ كىتاپقا يازغان بارلىق سۆزلەرگە چىن يۈركىمدىن ئىشەندىم.
نەنجىڭغا قايتىدىغان كۈنى تاڭ سەھەردە يۈنتەيشەندىكى پەلەمپەيسىمان چوققىلىرى يېنىغا تېشىپ كەتكەن مايماق تاغنىڭ تۈۋىدىكى ياغاچ تۇتقۇچلۇق چىغىر يولدىن ليەنيۈنگاڭغا كۆز تىككىنىمچە زۇليارنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلدىم.
« ئەگەر سىز ھەقىقەتەن مېنى ياخشى كۆرسىڭىز، مەن بىر ئۆمۈر سىزدەك ئاقكۆڭۈل بىر ئىنسان بىلەن ئۆتۈشكە رازىمەن»
زۇليار ئۇ قەدەر ھاياجانغا تولدىكى، ئۇنىڭ ھەربىر ھۈجەيرىسىدىن چىقىۋاتقان تىتىرەكلەر خۇددى تاغدىكى ھەربىر مەۋجۇداتنىڭ تېنىدىن تارقىلىۋاتقان ھاياتلىق دولقۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك ئىدى.
- جېنىم. مەن ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ ئەڭ بەختلىك ئادىمى. سىزگە رەھمەت. – ئۇ شۇنداق دېگىنىچە گۈپۈلدەپ تۇرغان يۈرىكى بىلەن مېنى شاپپىدە ئۆزىگە تارتىپ مەھكەم قۇچاقلىۋالدى. ئۇ قەدەر مەھكەم قۇچاقلىدىكى خۇددى ھېچبىر زامان ھېچقانداق بىر كىشى بىزنى ئاجرىتالمايدىغاندەك. مەن تاكى ئاستا ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئاجرىغىچە ئۇنىڭ بەدىنىدىن تارقىلىۋاتقان تىتىرەكنى سېزىپ تۇردۇم. ئۇ قولۇمنى مەھكەم تۇتۇۋالدى. نېرىدا تۇرغان ساۋاقداشلىرى بولسا ۋارقىرىشىپ زۇليار ئىككىمىز ئۈچۈن چاۋاك چېلىشىپ كەتتى.
- ھا.........
ئۇ شۇنچىلىك يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىدىكى ئەكس ساداسى خېلى ئۇزۇنغىچە قارشى يۆنلىشتىن ئاڭلىنىپ تۇردى. ئەنە شۇ ۋارقىراشتىن كېيىن ئۇنىڭ ھاياجانى سەل پەسكويغا چۈشتى. ئەمما ئۇ يەنىلا شۇنچىلىك بەختلىك كۆرۈنەتتى.
- خۇدايىمنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىدى.- دېدى ئۇ.
- خۇدايىمنىڭ ماڭىمۇ ئىچى ئاغرىدى. مېنى يامانلاردىن يىراقلاشتۇرۇپ ياخشىلارغا يېقىنلاشتۇردى.
- ھازىرلا ھەممە دوستلىرىمغا دەيمەن.
ئۇ بىردەمدىلا پۈتۈن دوست بۇرادەرلىرىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ چىقتى.
دۆلەت بايرىمىدا بېيجىڭغا باردىم. بايرامنىڭ بىرىنجى كۈنى زۇليار بىلەن مىندانىڭ بېقىنىدىكى بىر ئاشخانىدا تاماق ساقلاپ ئولتۇراتتۇق. بىر قىز بىلەن يان ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرغان ئىسمەت ماڭا قارىدى:
- تاماقتىن كېيىن كەتمەي تۇرۇڭلار دېيىشىدىغان گەپ بار.
- نېمە گېپىڭ بار؟- دېدى زۇليار ئىسمەتكە تىكىلىپ.
يۈرىكىم ۋىژىلداپ ئېچىشىپ كەتتى. ئىسمەتنىڭ يۈزىگە قارىمىدىم. ئۇنىڭ يېنىدىكى ناتونۇش قىزغىمۇ قارىمىدىم. تامىقىمىزنى ھاپلا- شاپلا يەپ بولۇپ ئۇلارنى ساقلاپ تۇرۇشىمىزغا ئىسمەت چىقتى. ئۇ يېنىدىكى قىز بالا بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ماڭا قاراپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
- بۇ قىز ساۋاقدېشىمنىڭ ساۋاقدېشى. بىر نەرسە ئەۋەتكەنىدى، شۇنى بېرىپ قويدۇم خاتا چۈشەنمەڭ.
- مەن بىلەن نېمە ئالاقىسى؟ ئوغۇل بالا بىلەن تۇرساڭمۇ خاتا چۈشەنمەيمەن مەن سېنى. – دېدىم.
- قىلە گېپىڭنى گۇگوڭغا ماڭدۇق بىز ئالدىرايمىز. – دېدى زۇليار مۈرەمگە قولىنى ئېلىپ.
- ھېي شۇم، ماڭە ئادەم يوق يەرگە بېرىپ گەپلىشىمىز.- دېدى ئىسمەت مۇشتىنى تۈگكىنىچە. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئېغىزىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ ئۇنى ھازىرلا چاچراپ كېلىپ رەقىبىنى مۇشتلاپ كېتىشكە تەمشىلىۋاتقان سەنداچىدەك ئۆرلىتىۋەتتى.
- ماڭە.- زۇليارمۇ بوي بەرمىدى.
- سەن سەييارلارغا تېلېفون قىلىپ شۇلارنىڭ ياتىقىغا چىقىپ تۇرە مەن سېنى ھېلى شۇلارنىڭ يېنىدىن تېپىۋالاي.- دېدى زۇليار ماڭا. ئۇنىڭ يۈزى تاتىرىپ كەتكەندەك قىلاتتى.
- رەئىسە جايىڭدا جىم تۇر. مەن مىيەگە ما لاۋزىنى دەپ ئەمەس، سېنى دەپ كەلدىم. – دېدى ئىسمەت.
- ۋوي نېمانداق نومۇس قىلمايسىلەر مېڭىڭلار بىر دالدىغىراق بېرىپ قىلىشىڭلار نېمە گېپىڭلار بولسا. ھەممە خەق قارىغىلى تۇردى مانا يۈزۈمنى چۈشۈرۈپ. ساپا دېگەن بارمۇ يا؟ جاڭگالدا قالغان بيەنتەيدەك ۋارقىراپ.- دېدىم ئىسمەتكە قاراپ چەكچەيگىنىمچە.
- كىمنىڭ يۈزى چۈشىدىغاننى ھېلى كۆرىسىز، مېڭىڭلار. – دېدى ئىسمەت زۇليارنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇۋالغان قولۇمغا چەكچەيگىنىچە.
ئۈچەيلەن مەكتەپنىڭ باغچىسىدا ئولتۇردۇق.
- شۆمېيرىم دىلمىرە سېنىڭ نېمەڭ ھېي لاۋزا؟- دېدى ئىسمەت زۇليارغا؟
يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى.
- نېمە بولدى ؟ نېمەمكەن؟- دېدى زۇليار.
- ھېي تۇققىنىڭنى ئىشقا سېلىپ رەئىسە دېمىگەن گەپنى، قىلمىغان ئىشنى ماڭا توشۇتقۇزۇپ، خەقنىڭ ئالدىدا ئىسمەت ماڭا تەلەپ قويدى، دېگۈزۈپ بىزنىڭ ئارىمىزنى بۇزۇپ مەقسىتىڭگە يەتتىما؟ ئالىمەن دەپ يۈرگەن ئادىمىممۇ شۇنىڭغا ئىشەندى. – دېدى ئىسمەت ئاچچىق كۈلۈپ.
- نېمە؟ نېمە دەيدۇ ما بيەنتەي؟- دېدىم زۇليارغا قاراپ. ئۇنىڭمۇ ئىسمەتتەك مۇشتلىرى تۈگۈلۈپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.
- سېنى توي كۈنى جوزىدىكى قىزلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، توي بىلەن بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنى قوشۇپ تىللاپ چىقىپ كەتتى، دەپ كەپتۇ دىلمىرە. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىپ ساڭا خاپا بولۇپتىمەن مېنى كەچۈرىۋەتكىن جېنىم. ئەتىسى شادىيە ئىككىڭلارنى يۈرۈۋاتىدۇ، قىلىقسىز ئىشلىرىنى ھەممە قىزلار بىلىدۇ، دەپ كەپتۇ. مەن دىلمىرەگە ئىشىنىپ قاپتىمەن. ھەممىسى مۇشۇ گۇينىڭ تاپقان ئويۇنى ئىكەن. مەن زۇليار بىلەن رەئىسە يۈرۈۋاپتۇ دەپ ئاڭلاپ، ساڭا تېلېفون قىلسام بوش نومۇر دەپ چىقتى. دىلمىرە ھەممىنى ماڭا دەۋېتىپ سالدى بىر كۈنى ئىچىپ ئولتۇرۇپ. – دېدى ئىسمەت تىترىگىنىچە. يۈرۈكۈم سېلىپ چىشلىرىمنى مەھكەم چىشلىۋالدىم. «مەن سەندەك بيەنتەي ئەمەس شادىيە بىلەن يۈرىدىغان. شادىيە دېگەن مېنىڭ بالا ۋاقتىمدىن باشلاپ دوستۇم. ئۆزۈڭ ئوغۇل بالا بىلەن مۇھەببەتلىشىشتىن نومۇس قىلماي ماڭا قارا چاپلاۋاتامسەن؟» دېمەكچى بولۇپ توختاپ قالدىم.
- شادىيە بىلەن يۈرۈپ؟ ھەي بىر نېمە سەن تېخى ئۆزەڭنىڭ بيەنتەي جېنىڭغا ماڭا گەپ قىلىۋاتامسەن. ميەدە يۈزۈڭنى تۆكۈۋېتىپ سالماستا يولۇڭغا مېڭىۋال نېرىۋامنى ئۆرلەتمە تولا. خەق بىلەن ھاراق ئىچىپ يۈردۈم دە تېخى. بېشىڭلار باش ئايىغىڭلار تاش بولسۇن.
- نېمە دەۋاتىدۇ ما شۇم. ھېي ئوغاۋالىمۇ سەن لاۋزا؟- دېدى زۇليار مېنىڭ گېپىم تۈگىمەستىن ئىسمەتكە قاراپ.
- مانا ئوغاۋالا دېگەن. – ئىسمەت زۇليارنى ئۇرۇپ بۇرنىنى قانىتىۋەتتى.
- جېنىم، مانى ئال.- زۇليارغا قەغەز سۇنغىنىمچە يىغلاشقا باشلىدىم.
- يەنە مۇشۇ گۇيغا ئىچ ئاغرىتىۋاتامسەن رەئىسە. مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن جېنىم. مۇشۇ يالغانچىغا ئىشىنىۋاتامسەن؟ بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز مۇشۇنچىلىكما؟ قارىغۇ ئادەم بولغان بولسىمۇ يۈرۈكى تونۇيتتى. كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ، يەنە مۇشۇنى جېنىم دەۋاتامسەن؟- دېدى ئىسمەت تىترەك ئاۋازدا.
- كۆڭلۈمنى ئېلىشتۈرمىگىنە تولا. مېنىڭ سەندەك بيەنتەينى كۆرە كۆزۈم يوق. ئىككىنجى كۆزۈمگە كۆرۈنمە. راست دەيسەن مەن بىر قارىغۇچىلىكىمۇ بولالماي ساڭا ئىشىنىپ قاپتىكەنمەن.
زۇليار بىلەن قولتۇقلاشقىنىمىزچە كېتىپ قالدۇق. مېنىڭ كۆزۈمدىن ياش، يۈرۈكۈمدىن ئاچچىق تىنىق سىرغىيتتى. زۇليار بولسا يېنىمدا بۇرنىدىكى قاننى سۈرتكىنىچە تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ماڭاتتى. ئىككىمىز خۇددى مۈرىسىگە خۇرجۇنىنى ئارتىپ دەلدەڭشىگىنىچە نىشانسىز كېتىۋاتقان دەرۋىشتەك ئىلگىرلەيتتۇق. كۈز ھاۋاسى گەجگەمنى قورۇدىمۇ ياكى ئىسمەتتىن سەسكىنىپ كەتتىممۇ، بىلمىدىم. تېنىمگە ئېغىر بىر تىتىرەك ئولىشىپ، پۈتۈن بەدىنىمنى جۇغۇلدىتىۋەتتى. زۇليار دۈمبەمنى ئىسىتماقچى بولماقچى بولغاندەك بىلىكى بىلەن توسۇۋالدى:
- بېيجىڭنىڭ سوغۇقى يوق، ئەمما شامىلى جاندىن ئۆتىدۇ،- دېدى ئۇ.
- ھەقىقەتەن جاندىن ئۆتتى.- دېدى تىترىگىنىمچە ئۇھ تارتىپ. شامالدىنمۇ ياكى ئازاپتىنمۇ، كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىپ قالغان ئىدى.
ئىسمەت بىلەن گۇگۇڭغا كەلدۇق. گۇگۇڭنى بىرەر قۇر كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئارقا دەرۋازىسىدىكى جىنشۈي كۆلنىڭ بويىدا ئولتۇردۇق. ھەر ئىككىمىزلا يىراق تۇغقىنىڭ نەزىرىگە كېلىپ يىغلىيالماي قالغان ئادەمدەك بىزىرىپ ئولتۇراتتۇق.
- ماڭا ئىشەن مېنىڭ بۇنىڭ دېگەن گەپلىرى بىلەن قىلچە ئالاقەم يوق.- دېدى زۇليار جىمجىتلىقنى بۇزۇپ. ئۇ قوللىرىمنى تۇتۇۋالدى. ئۇنىڭ قولى تىتىرەپ، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنى مەندىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم.
- مەن ساڭا ئىشىنىمەن جېنىم. ئەمما كۆڭلۈم بەك يېرىم، مېنىڭمۇ ساڭا دېيەلمەي يۈرگەن نۇرغۇن گەپلىرىم بار. – دېدىم ئۇھسىنىپ.
داۋامى بار |
|