قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: Bumeryem

سۆيۈملۈك ئوغرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

1692

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22397
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 12:48:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇۈن  دۈشەنبە  ئىشقا  چىقىپلا   ئالدىراپ    ھېكايىڭىزنىڭ  داۋامىنى  ئوقۇدۇم   ،،،،، تېزاراق  بولۇڭ    يازغۇچى  سىڭىل  بۈمەريەم   ،  ئادەمنى  تولا  تاقىلداتماي  ....كوزۈم  توردا ....
uyghuray

15

تېما

15

دوست

1304

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56444
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 21:02:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمەت بىلەن ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبىنى بىلىپ زۇليار ئانچە ھەيران قالمىدى:
- راستىنى ئېيتسام مەن بۇرۇن سېنى كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن دەپ ساڭا دېمىگەن ئىدىم ئىسمەتنىڭ رەپقەتنىڭ مۇھەببىتى ئىكەنلىكىنى. ئەمدىغۇ بىلگەنسەن ئۇنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى. ئۆتۈنۈپ قالاي جېنىم مېنىڭ يۈرۈكۈم پەقەت چىدىمايدىكەن ئەمدى ئىسمەتنىڭ ئېغىزىنى ھېچقايسىمىز تىلغا ئالمىساق. گۈزەل كۈنلىرىمىز ئالدىمىزدا. مەن پۈتۈن ھاياتىمدا سەندىن باشقىسىنى سۆيمەيمەن. سېنى چوقۇم بەختلىك ياشىتىمەن.
- سەنمۇ بىلىپ بولغان دېگىنە. ئىسىت يۈزۈم. ۋاي نومۇسۇم. ئەمىسە ھېلىقى دىلمىرە دېگەن سېنىڭ تۇققىنىڭما؟
- پىتچىلىك تۇققان. ئۇنى تۇققان دېگىلىمۇ بولمايدۇ. كېلىن ئاچامنىڭ يىراق تۇققىنى.
- ئەمىسە ئىسمەت...
- يەنە شۇ ئىسمەتما؟ مەن نېمە ھالدا سەن نېمە كويدا رەئىسە. ماڭا ئىسمەت، ئىسمەت دەۋەرمە. ئەگەر بەك كۆڭلۈڭ ئۇنىماي شۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ قالغان بولساڭ، يولۇڭنى توسمايمەن. قوش جىنىسلىق ئىسمەتنىڭ قوينىغا ئۆزۈڭنى ئات. – زۇليار تېزلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا دۈمبىسىنى قىلىپ قول- پۇتىنى سىلكىگىنىچە ئىككى يېقىغا قاراپ تېز- تېز تىندى. ئاچچىقى كەلگەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.
- ...- ھېچنەرسە دېيەلمەي تۇرۇپ قالدىم.
- ئەمدى مېنىڭ ئالدىمدا ئىسمەت دەيدىغان سۆزنى قىلىدىغان بولساڭ، مەن بىر ئۆمۈر سەنسىز ياشاشقا رازىمەنكى، سېنى ئەسلا كەچۈرمەيمەن.- دېدى ئۇ كەينىگە شاپپىدە ئۆرۈلۈپ كۆزلىرىمگە قاراپ.
- خاپا بولمىغىن جېنىم. ئەمدى ئىككىنجى ئۇنى ئېغىزىمغا ئالمايمەن.
- كۆڭلۈڭدىنمۇ چىقىرىۋەت. مەنمۇ ئوغاۋالا. مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق غۇرۇرۇم بار. ماڭا «سەن بىلەن بىر ئۆمۈر ئۆتۈشكە رازى» دەپ، ۋەدە بەرگەن سەن. بۇنى ھەرگىز ئۇنۇتما.
- ئۇنۇتمايمەن.- دېدىم ئۇھسىنىپ. ئەمما كۆڭلۈمدىن چىقىرىۋەتتىم ياكى چىقىرىۋېتىمەن دېيەلمىدىم. چۈنكى بۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسلىمىلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىش،  ھەر ئەسلىگىنىمدە يۈرۈكۈمنىڭ سېغىنىش ئىلىكىدە مەست بولۇشىنى توختىتىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيتتى.
ئۇنتۇش نەقەدەر قىيىن بولسىمۇ، ئەسلىمىلەر ماڭا يېنىمدىكى كىشىنى ئەمەس، يۈرىكىمنىڭ ئەڭ ئىچكى قېتىدىكى يارىدار كىشىنى ئويلاتقۇزسىمۇ يالغان كۈلۈمسىرەش، بەخىتلىك مەلىكە سىياقىغا كىرىۋېلىش ئارقىلىق ئىسمەت قالدۇرۇپ كەتكەن يارىنى چۈمكەشكە تىرىشاتتىم. بۇنى زۇليارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىغا يول قويمايتتىم.
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە ئىسمەت بىلەن بىرەر نۆۋەتمۇ كۆرۈشۈپ، پاراڭلىشىپ باقمىدىم. ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى ئامال بار تارتىپ يۈردۈم. ئۇچراپ قالغانلىرىدا ئۇ بار يەردىن دەرھال يىراقلاشتىم. كۆڭلۈم ئۇنىمىسىمۇ ئۆز- ئۆزۈمنى ئىسمەتتىن يىرگىنىشكە زورلايتتىم. ئۆز- ئۆزۈمگە ئىسمەتنى ئېچىپ كەتكەن بېلىق كونسېرىۋاسىدىن سەسكىنگەندەك سەسكىندۈرەتتىم. ئۆزۈمنى ئىسمەتنىڭ باشقا بىر تائىپە ئىكەنلىكىگە، ئەگەر ئۇنى ئۇنۇتمىسام ياكى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام مەڭگۈ بەخىتسىز بولىدىغانلىقىمغا ئىشەندۈرۈشكە تىرىشاتتىم. جىنس ئېڭىدا ئېنىقسىزلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ باشقا بارلىق ئىنسانىي ھېس- تۇيغۇلىرىنىڭ، قەدر- قىممىتىنىڭ، پىكىرلىرىنىڭ، كۆز- قاراشلىرىنىڭ، سۆيگۈ- نەپرىتىنىڭ مەن ئۈچۈن تىيىن چاغلىق قىممىتى يوق ئىدى. جىنس ئېڭىدىكى ئېنىقسىزلىقنىڭ ئۆزىلا مېنىڭ ئۇنىڭغا ھەرقانداق يامانلىقنى ئويلىيالىشىمنىڭ سەۋەبى بولۇشقا يېتەتتى. قوشجىنىسلىقلار ھەققىدىكى يامان گەپ- سۆزلەرنى ھەر ئاڭلىغىنىمدا زۇليار بىلەن بولغان ئارىلىقىم تېخىمۇ يېقىنلاپ، قەلبىمنىڭ ئىچكى قېتىدىكى ئىسمەتكە دائىر ھېسسىياتلار سۇسلاپ باراتتى.
ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن يىلى ئۇنىڭ ئاۋۇسترالىيەگە ئوقۇشقا كەتكەنلىكىنى شادىيەدىن ئاڭلىدىم. كۆڭلۈمنى بىلگىلى بولمايدىغان غەشلىك قاپلىۋالدى.
- ئاۋۇستۇرالىيەگە كېتىپتۇ ئاداش ئىسمەت دېگەن ئوغاۋالا.- دېدى شادىيەكۆزىنى ئالاڭ- بۇلۇڭ قىلىپ.
- كەتسە كەتمەمدۇ ئاداش كەتكىنى ياخشى بولدى. شۇ يەرگە بېرىپ گېيلار بىلەن ئۆي تۇتامدۇ، نېمە ئىش قىلسا قىلمامدۇ. بولدى قىلە ئەمدى ئۇنىڭ ئىسمىنى مېنىڭ ئالدىمدا تىلغا ئالمىغان بولساڭ.- دېدىم چىرايىمنى تۇتۇپ.
- ۋاي- ۋۇي خاپا بولمىغىنە. دەپ قويدۇم ئاڭلىغان گەپنى. ئادەمنىڭ رازۋېتچىكلىق قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىپلا تۇرىدىكەنسەن.  ھە راست بودىكىم، مەن ئەمدى رەسمىي ئالاھىدە قىسىم ساقچىسى بولۇپ كېتىدىغان بولدۇم. ماتىماتىكا پاتىماتكىلار قالدى بىر ياندا. دېمىسىمۇ ئوقۇشۇمنى ئاران- ئاران پۈتتۈرىۋالغان ئاداش. ئويلاپ باق، مەندەك بىر ئادەم بىر ئۆمۈر دوسكىغا چەمبەر سىزىپ، گىرادۇس ھېساپلاپ، فورمۇلا يادىلاپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۆتەمتى. ئۆتەپ بارسۇن. پوچى ساقچى بولۇپ كېتىدىغان بولدۇم. ئىمتىھاننى بېرىپ قويدۇم. دادامغا ئۆتكۈزىمەن دەپ ئوتتۇرىدۇ. قاراپ باقمامدۇق، ئۆتەلمىسەم ئەرگە تېگەرمەن. ۋەەەەت. قىززىق ھە مەن. ئەرگە تېگىش نەدە، مەن نەدە. پىخ پىخ پىخ
- ئاچچىقىمنى كەلتۈرمە ھە. ئىسمەت دېگەن بىرمىنىڭ ئىككىمىزگە قارا چاپلىغىنى يادىمغا كېلىپ قالدى. ئەرگە تەگمەي خوتۇن ئالامتىڭ قىزىقكىنا.
- ماڭەۋا. مۇھابىتىم بار مېنىڭ جۇمۇ.
- ۋاي بىلىمەن. بۈگۈنى مانى مۇھەببىتىم دەيدىكەنسەن. ئەتىسى ئاۋۇنى دەيدىكەنسەن. تۇتامىڭ يوق.
- قالغانلىرىنى تېپىۋەتتىم. ھازىر جانابى توخنىيازخانلا قالدى. ھى ھى
- خۇدايىم ئاشۇ توخنىيازخانغا سەۋىر بەرسۇن.
- ماڭەۋا ساراڭشۇناس.
- قويە ئاداش. گېزىتخانىدا ئىشلەيدىغان بولدۇم.
- نېمە، نېمە؟
- شۇ ئامال قانچە. ئورۇن بولمىسا. خەنزۇچە بىلگەندىن كېيىن، شۇ يەردە خەۋەر تەرجىمە قىلىڭ، دەيدۇ مەن قانداق قىلاتتىم.
- چەتكە چىقمامسەن؟
- قويە ئاداش. زۇليار ئۇنىمايدۇ. ئۇ بېيجىڭدا ئىشلەۋاتسا.
- بېيجىڭغا كېتەمسەن يا؟
- ئاشخانا ئاچامدىم بېرىپ.
- كاۋاپچىلىق قىل، ناۋايلىق قىل، ئاق سات، بالا سات، ماتاڭ سات، چىلان سات، كىشمىش سات، قوغۇن سات، ئۇسسۇل ئوينا، ناخشا توۋلا. قىلاي دېسەڭ ئىش ئازما؟
- ئېغىزىمغا بەك چىرايلىق گەپتىن بىرسى كەپتى دېمەي ھە...
- ئوماق بودىكىمنىڭ خاپا بولۇشىنى.
- ئىچىم سىقىلىپ تۇرغاندا ئادەم جىلە قىلمىغىنە تولا.
- بىكا تىرىكتۈرۈپ قويدۇم مانى.
-...
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر يىلغىچە زۇليار بېيجىڭدا ئىشلىدى، مەن بولسام تۆۋەنگە چۈشتۈم. خىزمىتىم مۇقىملىشىپ توي قىلىشنى ئويلىشىپ يۈرگەنلەردە زۇليارغا فىلم تارتىش ئىشى چىقىپ قېلىپ خوتەنگە كەتتى. خوتەندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر شىركەتكە ئورۇنلاشتى. نېمىشقىكىن، ئارىمىزدا چوك- كىچىك سوقۇشۇشلار توختىماي يۈز بېرىدىغان بولۇپ قالدى. مانا ئەمدىلىكتە بولسا ئىسمەت قايتىدىن پەيدا بولۇپ، مېنى كاللىسى ھېچنەرسىنى ئويلاشقا يەتمەيدىغان بىر نىمجان كىشىگە ئوخشىتىپ قويدى.  ئىسمەتنىڭ كەلگەنلىكىنى شادىيەگە ئېيتتىم.
- توۋا..... ھەي سەن باخشىغا ئوقۇتۇۋاپتۇ دەپ ئىسمەتنى دېمەيۋاتقانسەن ھە. ھازىرغىچە شۇنى ياخشى كۆرەمسەن؟ ئەمىسە مەنچە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ باق ئاداش. – دېدى شادىيە.
- ئۇنداقتا سەن بىللە بارغىن.
- چاتاق يوق.  
ئىسمەت بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ تېلېفون قىلدىم.
- مەن سېنى تېلېفونۇڭنى ساقلاۋاتقان جېنىم. مەن سېنىڭ چوقۇم تېلېفون قىلىدىغىنىڭغا ئىشىنەتتىم.
- نېمە گەپ بولسا ئېنىق دەيسەن. مېنىڭ كۆپ ۋاقتىم يوق. كۆرۈشكىنىمىزدىن زۇليارنىڭ خەۋىرى بولمىسۇن.
گېپىمنى دەپلا تېلېفوننى قويۇۋېتىپ ئۈندىداردىن كۆرۈشىدىغان يەرنى يوللاپ بەردىم.
ھەيران قالارلىقى، ئىسمەت كۆرۈشۈشكە رەپقەت بىلەن دىلمىرەنى ئېلىپ كەلدى. كۆرۈشىشىمىز ھامان ئىسمەت تېلېفونۇمنى قايتۇرۇپ بەردى.
- سۆيۈملۈك ئوغرى مالنى تەسلىم قىلىدۇ. – دېدى ئۇ.
- راست گەپ قىلسام گەپنى قەيەردىن باشلىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن. سىز مېنى شاپلاق بىلەن ئۇرۇپ كېتىپ قالغان ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ۋىجدان ئازابىدا ياشىدىم. ئەگەر زۇليارنىڭ سىزگە بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام، مەن ھەرگىز سىزگە يالغان سۆزلەپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايتتىم. ئۇ ماڭا مەن رەئىسەسىز ياشىيالمايمەن، دەپ ئىسمەتنى يامان كۆرسىتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مەن غورۇرۇمنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ، شۇنداق يالغان سۆزلىدىم. - دېدى رەپقەت سۆزنى باشلاپ.
- خاپا بولماڭ، زۇليار ئاكامنىڭ بۇنداق ئادەم ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمەپتىمەن. ئىسمەت ئاكامغىمۇ بەك ئامراقتىم ئۇنىڭ ئۈستىگە. زۇليار ئاكام ماڭا يالۋۇرۇپ، مەن رەئىسەنى قولغا كەلتۈرۈپلىۋالسام ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتى. قالايمىقان سۆزلەپ شۇنداق بولمىغۇر ئىشلارنى قىلدىم. ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشىنى قىلماپتىمەن. مەن زۇليارنىڭ بۇنداق قىلىدىغىنىنى بىلمەپتىمەن. ئىسمەت ئاكامنىڭ سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغىنىنىمۇ بىلمەپتىمەن. خاپا بولماڭ.- دېدى دىلمىرە.
- مەن سېنىڭ ئالدىڭدا نەچچە يىل بىر ئوغۇل بالا مۇھەببەتلەشكەن بىر ئىنسان سۈپىتىدە كۆرۈلۈپ كەپتىمەن. بۇنداق پەسكەشلىككە مەن پەقەتلا چىدىيالمىدىم. بۈگۈن سېنى مۇشۇ ئىشنى بىلىپ قالسۇن، دەپ بۇ ئىككىيلەننىمۇ ئېلىپ كەلدىم. مەن ساڭا دەپ قوياي، مېنىڭ سېنى سۆيۈشتىن باشقا ھېچقانداق گۇناھىم يوق. سېنىڭمۇ مېنى ياخشى كۆرۈشتىن باشقا گۇناھىڭ يوق. ئەمما گېپىمنى ئاڭلاپ ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويما. كېلەر ھەپتە زۇليارنىڭ تويى بولىدۇ.
- ھە؟!- شادىيە ئىككىمىز تەڭلا توۋلىدۇق.
كۆزلىرىمدىن چىقىۋاتقان ياشنى توختىتالمىدىم.
- يىغلىۋال جېنىم. ھەممىسى ياش بىلەن تۈگەپ كەتسۇن. بىز يەنىلا بۇرۇنقى بىز. – دېدى ئىسمەت.
- زۇليار كىم بىلەن توي قىلىدىكەن؟- دېدى شادىيە.
- شىۋېتسىيەگە چىقىپ كەتكەن خالمىرە بارغۇ شىرئەلىنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببىتى. شۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىكەن. توي ئۈرۈمچىدە بولىۋېرىدىكەن. زۇليار ئىككى كۈندىن كېيىن ماڭارمىش.
- ھىم، مۇنداق دەڭلار. ھ ھ ھ .....- ئۆزۈمنى تۇتالماي بىر تەرەپتىن يىغلاپ بىر تەرەپتىن ئاچچىق كۈلۈپ كەتتىم.
- ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال ئاداش. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ.
- ياخشى كۆرۈش دېگەن مۇشۇنچىلىكما؟ سۆيۈش، ياخشى كۆرۈش، كۆيۈپ- پىشىپ ئۆلۈپ بېرىش مۇشۇنچىلىكلىما؟
- كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ھەدە، ئىسمەت ئاكامنى سىزنى دەپ كەپتۇ. ئەگەر سىز ئۇ پەسنىڭ كەينىدىن يىغلىسىڭىز، ئىسمەت ئاكامغا ئۇۋال بولمامدۇ؟- دېدى دىلمىرە.
- مانا بۇ ئۈزۈكۈڭ.- كۆزى چىقىپ كەتكەن ئۈزۈكنى قۇتىسى بىلەن ئىسمەتنىڭ ئالدىغا تاققىدە قويدۇم.
- نېمە قىلىۋاتىسەن رەئىسە؟- دېدى شادىيە.
- ئاداش يۈرە كېتىمىز.
- ئاداش ئىسمەت...
- ماڭامسەن يوق؟ دوستۇم بولساڭ ماڭ، بولمىسا مىشەدە قال.
- رەئىسە...
شادىيە مەن بىلەن بىللە چىقىپ كەتتى. ئىسمەت تولىمۇ ئوڭايسىز ۋە ئۈمىدسىز بىر ھالەتتە قالدى. مېنىڭ ئىچىم خۇددى جىن كىرىۋالغاندەك سىقىلاتتى. ئېغىزىمدىن سۆز چىقمايتتى. پۈتكۈل خىيالىمدا زۇليارنىڭ ماڭا قانداق ئاشىقلىقى، مەن ئۈچۈن قىلغان بارلىق مۇھەببەتلىك سۆزلىرى ۋە ئۇنىڭ ماڭا كۈلۈپ قارىغان سىماسى قايتا- قايتا تەكرارلىناتتى. دېگەندەك بىر ھەپتىدىن كېيىن زۇليارنىڭ تويى بولدى. تويدا رېستۇراننىڭ سەھنىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يوغان لاتا ئېكراندا زۇليار بىلەن خالمىرەنىڭ كىچىك ۋە ئوماق ئۆيىنى دوستلىرى بىلەن ياساۋاتقان، توي كىيىمى كىيىپ رەسىمگە چۈشۈۋاتقان، بىرلىكتە تورت كېسىۋاتقان، بىلەكلىرىنى چىرماشتۇرۇپ بىر- بىرىگە تورت يېگۈزىشىۋاتقان ياۋروپانىڭ كوچىلىرىدا بىر توپ قىز- ئوغۇلنى ئەگەشتۈرۈپ مېڭىشىۋاتقان، كونا پاسوندىكى ئۈستى ئوچۇق ئوماق ماشىنىغا ئولتۇرۇپ قوللىرىنى ھاۋادا لەپەڭىشتىپ شار ئۇچۇرۇپ كېتىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى تەكرار- تەكرار قايتىلىناتتى.  ئىچىم پۇچىلىنىپ كەتتى. مېنى سۆيگىنىدە مەن ئۇنىڭ يۈزىگە قاراشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلاتتىم. ئەمدىلىكتە ئۇ باشقا بىرى بىلەن خۇشاللىق ئىلىكىدە ئەللەيلىنىۋاتاتتى.
- مەن سېنى سۆيىمەن جېنىم، نېمىشقا ماڭا قارىمايسەن. ماڭا بۇنداق ئۇۋال قىلمىغىن جېنىم.- دېدى ئىسمەت يېنىمغا كېلىپ.
- مەن بۇنىڭغا ئامالسىز ئىسمەت. مەن ئەمدى سىلەرگە قانداق ئىشىنىمەن؟- دېدى ئۇھسىنىپ.
- مېنى كەچۈر جېنىم. مەن بىپەرۋالىق قىلىپ مۇھەببىتىمىزنى ۋەيران قىلدىم. – دېدى ئىسمەت لېۋىنى چىشلەپ.
- سەنمۇ مېنى كەچۈر. مەن ھەقىقەتەن ئەمدى ھېچقانداق بىرسىڭلارغا ئىشىنەلمەيمەن. ئىشەنمىگىنىم ئەنە.- دېدىم ئېكراننى كۆرسىتىپ
- بۇ ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى تاقاتقۇزۇپ قويدۇم. مۇشۇنى بولسىمۇ ئېلىپ قال.- دېدى ئىسمەت چۈشكۈن ھالدا ئۈزۈكنى سۇنۇپ.
- مېنى بۇنداق قىينىمىغىن.
- كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ جاۋاپ بەر، مېنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرەمسەن؟- دېدى ئىسمەت تىترىگىنىچە.
ئۇنىڭ گېپىگە جاۋابەن بېشىمنى سۆزسىز چايقىدىم.
ئۇ ئۈزۈكنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ رېستوراندىن چىقىپ كەتتى.
روھسىز، چۈشكۈن، كەمسۆز، ھارغىن، خامۇش رەئىسە ئۆيدە، كوچىدا، ئىشخانىدا لەيلەپ يۈرەتتى.  مېنى بىردىنبىر تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان نەرسە « نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ياشاش» ئىدى. ئالدىراشچىلىق ئىچىدە خەۋەر تەييارلاۋاتاتتىم نامسىز گۈلدىن يەنە بىرسى كەلدى. دەرھال ئىسمەتكە تېلېفون قىلدىم.
- ئاكامنىڭ تەتىلى توشۇپ قايتىپ كەتتى ھەدە.- دېدى جىيەنى.
- بوپتۇ ئۇنداقتا. قاچان ماڭدى.
- ئىككى كۈن بولدى.
- ئۈندىدار نومۇرىنى دەپ بېرىڭە.
- XXXXX
ئىسمەتكە ئۈندىداردىن خەت يازدىم.
- كېتىۋاپسەن، ياخشى قىپسەن. ئەمدى بۇندىن كېيىن ھېلى ئۇنى قىلىپ ھېلى بۇنى قىلىپ مېنىڭ كاللامنى قالايمىقان قىلىشنى توختات. ماڭا ئۈمىد بېرىشنىمۇ توختات. مەن ئەمدى ساڭا ئىشىنەلمەيمەن. بۇ مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. گۈلمۇ بەرمىگىن. سەن ھەربىر گۈل ئەۋەتكىنىڭدە كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك يېرىم بولىدىغىنىنى بىلەمسەن؟ ئەمدى مېنى بۇنداق قىينىمىغىن. مېنى خاتىرجەم ئىشلىگىلى قوي.  سېنىڭ دەستىڭدىن مېنى ئىشخانىدىكىلەر، مۇھەببىتى توي قىلىۋالسا ئۆز- ئۆزىگە گۈل سوۋغا قىلىپ ئۆز كۆڭلىكىنى ئۆزى خۇش قىلىدىغان قېرى قىز، دەپ زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ. ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن، ئەمدى ماڭا گۈلۈڭ لازىم ئەمەس.
- مەن ساڭا گۈل بەرمىدىم. ئىچىمنى بۇنداق ئەزمىگىن. ئەگەر خالىساڭ يېنىمغا كەل. بىز توي قىلايلى. مېنىڭ كۆڭلۈم ساڭا ھەردائىم ئوچۇق.
ئۈندىداردا يېزىشىپ ئولتۇراتتىم خىزمەتدېشىم قۇدرەت كىرىپ كەلدى.
- قانداق تۈگىتىپ بولدىڭىزما؟ مېنىڭ تۈگىدى.
- نەدىكىنى دەيسىز شۇ پېتى بار تېخى.
- ياردەم لازىمما؟
- خۇدايىم بەردى جۇمۇ سىزنى. تۇتىڭە مانى.
ئېشىپ قالغان ئىشلارنى بىر نەچچە سائەتتە قۇدرەت بىلەن بىللە تۈگەتتۇق. ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك ۋە يېقىشلىق پاراڭلىرى كەيپىياتىمنى خېلى ئۆرلىتىپ قويدى.
ئەتىسى يەنە گۈل كەلدى. بۇ قېتىم ئېلىپ كەلگۈچىنى تۇتۇۋالدىم.
- كىم بېرىۋاتىدۇ بۇ گۈللەرنى؟ نېمە ئادەم ئەخمەق قىلغاندەك قاملاشمىغان قىلىق بۇ؟- دېدىم.
- مەن بىلمەيمەن. دۇكانغا تېلېفون قىلىپ بۇيرۇتىدۇ. مەن شۇ نەگە قانداق گۈلنى دېسە شۇنى ئاپىرىپلا بېرىمەن. كىملىكىنى دۇكاننىڭ ئىگىسىدىن سوراڭ.- دېدى گۈلچى.
شادىيەگە تېلېفون قىلدىم:
- گۈلۈڭگە رەھمەت جېنىم ئاداش.- دېدىم تېلېفوننى ئېلىشى ھامان.
- گۈل؟ قايسى گۈلۈمگە؟
- ھە... سەن بەرمىگەنما؟ ئىشخانىغا توختىماي گۈل كېلىپ ئىچىمنى سىقىۋەتتى نامسىز گۈل.
- ۋاي- ۋۇي نېمە توختىمايدىغان نامسىزلىق بۇ ئىككى نامەلۇملۇق بىرىنجى دەرىجىلىك تەڭلىمىدەك.
- ئۇنى بىر دېمە. جېنىم چىقىپ قېلىۋاتىدۇ.
- ساڭا جان كىرگۈزىۋېتەيما بىر خەۋەرنى دەپ.
- قانداق خەۋەر؟
- ئاداش مەن توي قىلاي دەيمەن.
- ۋوييەي..... قاچان؟
- بىرەر ئىككى ئايدىن كېيىن ھەقاچان. ئۆيدىكىلەر دېيىشىپ يۇ قىلدى. رېستوران ئوقۇشۇپ ھازىر شۇ. بىزگە قاچان نۆۋەت كېلەركىن ھەممىسى توشاق.
- جېنىم ئاداش مۇبارەك بولسۇن. ئوغاۋالا دېگەن مۇشۇنداق بولسا مانا ئالاي دەپ مەيدىسىنى تۇتۇپ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ. سەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن خۇشال بولۇۋاتىمەن. بەختلىك بولۇپ كەت.
- رەھمەت. سەنمۇ شۇ.
كەچتە ئۆيگە ماڭاي دەپ تۇرسام قۇدرەت ئۇچۇر يوللىدى:
- مېڭە ھەي خوگوخانىغا ئاپىراي.
- راستما؟
- تېز بولۇڭ ئىشىك ئالدىدا مەن.
- ھە مانا چۈشۈۋاتىمەن.
قۇدرەت بىلەن خوگوخانىدىن چىقىپ ئۆيگە ماڭغاچ ئۇ گۈلنى بەرگەن كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
- نېمانداق، كىمكىن دەپتىمەن. نېمىشقا بۇنداق ئادەم ئەخمەق قىلىسىز- دېدىم قىزىرىپ.
- مەن سىزنى ئەخمەق قىلمىدىم. سىز ئىدارىغا كەلگەن كۈندىن بېرى مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ كېلۋاتىمەن. ئەمما لايىقى بار دەپ ئاڭلاپ ئىچىمگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدىم. سىزنى ئۇنتۇپ كېتەيمۇ دېدىم، ئەمما پەقەتلا كۆڭلۈمدىن چىقىرىۋېتەلمىدىم. سىزدىن قانچە ئۇزاق تۇراي دېگەنسېرى، ئىچىمدىكى ئوت شۇنچە كۈچىيىپ مېنى ئازاپلىغىلى تۇردى. بىر كۈنى سىزنى كۆرگىلى يېنىڭىزغا كىرىپ باقاي دەپ ئىشىك ئالدىغا كەلسەم ئاۋازىڭىز چىققىلى تۇرۇپتۇ « مەن بىر ساڭا ئاشىق بولدۇم دەپ يالۋۇرۇپ كەينىڭگە كىرىۋالمىغان نېمە قوغامنى ئېگىدۇ...» دەپ قاقشىغىلى تۇرۇپتىكەنسىز تېلېفوندا. پۇرسەتنى نەق تۇتدۇم، دە ئەتىسىلا ۋالاققىدە گۈل ماڭغۇزدۇم. ئايرىلىپ كېتەر ئىلاھىم دەپ تازا قاغاپتىكەنمەن. راست دېگەندەك ئىككى- ئۈچ كۈن ئۆتمەي رەسمىي ئايرىلىپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. مانا تويىمۇ بوپتىغۇ. سىز ئۇنداق نېمىلەرگە بىكارغا كېتىسىز راست گەپ قىلسام.
- مەن ھازىر ھېچقانداق ئوغۇللارغا ئىشەنمەيمەن.
- مەن ئوغۇل ئەمەس. شۇڭا ماڭا ئىشىنىۋېرىڭ.
- نېمە؟- ئۇنىڭغا چۆچۈپ قارىدىم.
- راست دەۋاتىمەن. مەن ئوغۇل ئەمەس ئەركەك. شۇڭا ماڭا ئىشەنسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
- قېنى قاراپ باقايلى.
- قاراپ باقىدىغان ئىش يوق. مەن ئەتىلا ئۆيىڭىزگە ئاپاملارنى ماڭغۇزىمەن.- دېدى ئۇ شادلىنىپ.
- توۋا...- دېدىم كۈلۈپ.
ئۇ مېنى ئۆينىڭ ئالدىغىچە ئەكىلىپ قويۇپ كېتىپ قالدى. بىنا ئىشىكىدىن كىرەي دەپ تۇرغىنىمدا ئۇ يۈگۈرگەن پېتى يېنىمغا قايتىپ كەلدى ۋە كۈلگىنىچە:
- ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەتە كەچتە ئۆيىڭىزگە ئەلچى كىرىدۇ.
- ....
ئۇ شۇنداق دەپلا يەنە يۈگۈرگەن پېتى كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ تېزلىكتە يۆتكىلىۋاتقان گەۋدىسىگە تىكىلىپ كۈلۈمسىرىگىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.
تۈگىدى.
2016- يىلى 7- مارت.
Angara

5

تېما

8

دوست

4330

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1258
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 23:13:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمانداق ئۇزۇن ، ، ،

5

تېما

8

دوست

4330

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1258
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 23:15:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ رومانتىكقۇ سىلەر  ،  ،  ،   ،
uyghuray

1

تېما

0

دوست

1692

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22397
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 12:22:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىز  قالتىس  چىقۇپتۇ   ، زامانىمىز  ياشلىرىنىڭ    سەزگۈرەشتىلىرى  تولۇق  نامايەن  بوپتۇ    ، تەسۋىر  ،  دىئالوگلار  ئىخچام   تېتىملىق  ، ئادەمنى  زېرىكىشلىك  قىلىپ  ئاتلاپ  ئۆتۈپ  كېتىدىغان  ئەھۋاللاردىن  خالى    بوپتۇ  ، زامانىمىزدىكى  قوش  جىنسلار  ياكى  ئوخشاش  جىنىسلىقلار   مۇھاببىتى  [  مەن ئىدارىدا   مۇشۇ   كەسىپنى  ئىشلىگەشكە    بىلىدىگىنىم   باشقىلاردىن  كۆپ ]   نى  سۇس  يورۇتۇپ  چوڭقۇر  مەنىگە  ئىگە  قىلىپ  ئۆتۈپ  كېتىپسىز  ...ھېكايىنىڭ  ئاخىرىمۇ   ياخشى  چۈشۈپتۇ  .....
    بۇ  ئەسەردىن  قەلەم  تۇلپارىڭىزنىڭ  تولىمۇ   شاش سېمىزلىگىنى  ھېس  قىلدىم  ....

0

تېما

1

دوست

1929

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28894
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 602
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 18:54:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولنى يۇغان بىلەن پولۇ يەيدىغان ئادەم باشقا

15

تېما

15

دوست

1304

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56444
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 02:42:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈزىتىش:
3-بەتتىكى 23- نومۇرلۇق ئىنكاستىكى «ئىسمەت بىلەن گۇگوڭغا كەلدۇق» دېگەن جۈملە خاتا يېزىلىپ قاپتۇ. بۇنى تۈزىتىپ «زۇليار بىلەن گۇگوڭغا كەلدۇق» دەپ ئوقۇغايسىلەر.

2

تېما

22

دوست

6058

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   21.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1887
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 20:40:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللاھ ! بەك ياخشى رومانتىك يىزىلغان ئەسەر بولۇپتۇ .ھارمىغايسىز !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )