- تىزىملاتقان
- 2012-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1237
- نادىر
- 0
- يازما
- 89
ئۆسۈش
23.7%
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
يۇقىرىدا مۇرتەد ھەققىدە گەپ سۆزلەر بولاپ ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭ ھۆكمى كىتابىمىزدا ئېنىق بايان قىلىنغان. نىسا سۈرىسى137 - ئايەتكە قاراپ باقسا بولىدۇ.
ئىسلامدا ئىنسانلارنى دەۋەت قىلغان ئىبادەتلەرنىڭ مۇكاپات ۋە جازاسى ئاللاھ قا خاستۇر.
چەكلەنگەن ھاراملارنى قىلغۇچىلارغا بەلگىلەنگەن جازا، بىۋاستە ئىنسانغا زىيان يەتكۈزگەنلىكى، يەنى بەندىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن جازا بەلگىلەنگەن. ئوغرىلىق باشقىلارنىڭ مال - مۈلك ھەققىگە تاجاۋۇز بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ جازاسىنى بېرىش ھەققى ئىنسانغا بېرىلگەن ۋە جازا شەكلى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
قاتىللىق، باشقىلارنىڭ نۇرمال ھايات ھەققىگە تاجاۋۇز بولغانلىقتىن قاتىلنى ئۆلتۈرۈش بەلگىلىنىش بىلەن بىرگە، فىدىيە ئېلىپ كەچۈرۈم قىلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان.
زىنا ئىجتىمائى ئەخلاق، ئائىلە پۈتۈنلىكى ۋە ئىنسان نەسەبىنىڭ پاكلىقىغا خەۋپ ئېلىپ كەلگەنلىكتىن ئاممىۋى سورۇندا جازالاش بەلگىلەنگەن.
ئاللاھ بىلەن بەندىنىڭ ھەقلىرىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
ئىسلامدىكى ئېنىق پرىنسىپ شۇكى « دىندا زورلاش يوق، توغرا يول بىلەن خاتا يول ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھ قا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر » ( بەقەرە، 265 ).
ئىنسان دەۋەت قىلىنىدۇ، مەجبۇرلانمايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا مۇناپىق مۇسۇلمان پەيدا بولىدۇ. ئاللاھ قا مەلۇم بېسىم ياكى سەۋەپ تۈپەيلىدىن سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ كېرىكى يوق، ئۆزلىكىدىن سەجدە قىلغۇچىلار ئاللاھ نى رازى قىلىدۇ. مانا بۇ ئىخلاستۇر.
ئىنسانغا ھەم ئىتائەت قىلىش ھەم قارشى چىقىش ئىختىيارلىقى بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، پەقەت ئىنساننىڭلا مۇكاپاتى ۋە جازاسى بولىدۇ، يەنى جەننىتى ۋە جەھەننىمى بار.
مۇسۇلمانلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەت، ئىنسانىي تۇيغۇلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ھالدا كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار، ئۇلارنى مەجبۇرىي مۇسۇلمان قىلىش مەسئۇلىيتى يوق.
ھەم كاپىرلارسىز دۇنيا بەرپا قىلىشتەك ۋەزىپىسىمۇ يوق. بۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ خالىمىغان ئىشنى بەندە ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ ( يۇنۇس، 99 ). |
|