- تىزىملاتقان
- 2012-6-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1772
- نادىر
- 1
- يازما
- 108
ئۆسۈش
77.2%
|
qahqakqi يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 14:11
مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم:« ئىسلام دىنىغا ئاتىزىمچىل ...
تورداش.مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەندىڭىزمۇ؟
چۈشەنچىمىزنى ئايدىڭ،نېيىتىمىزنى دۇرۇس،ئېتىقادىمىزنى چىڭ قىلساقلا ھەرقانداق دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ھېلە -مىكىرى كارغا كەلمەيدۇ. چۈشەندىڭىزمۇ؟ ھەممە جېدەلنىڭ يىلتىزىنى يەھۇدىدىن،غەربتىن،ئامېرىكىدىن كۆرۈپ ئولتۇرمايتتۇق.
بىر مۇسۇلمان ئۆز پەزىلىتى بىلەن ياشىسا،باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەلىسە،ئىسلامنى ئۈممىتىنىڭ سانى تۇغۇلۇپ ئەمەس بەلكىي باتىلدىن يۈز ئۆرۈپ كۆپىيىدۇ. چۈشۈنۈپ ئېتىقاد قىلغان ئۈممەتتە «ئاسىيلىق،ساختىلىق» بولمايدۇ. ئەتىراپىڭىزغا قاراپ بېقىڭا! نېيىتى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك ئەمەس،ئىسلامنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈۋاتقان كىشىلەر ئازمىكىن.
ئىسلامدا چوڭ جىھاد - قەلىبتىكى رەزىللىك بىلەن قىلغان جىھادقا قارتىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالاممۇ :«مەن گۈزەل ئەخلاقىنى تاكامماللاشتۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم »دېدىغۇ! ھەدىستە:«ئادەم بار يەردە نومۇس قىلىپ،قىلمىغان ئىشنى،ئادەم يوق يەردىمۇ قىلماڭ» دېيىلگەن. قاراڭ ئەتىراپىڭىزغا. بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىۋاتقان،ئۆزىنى مۇسۇلمان سانىغانلار قانچىلىك ئىكەن.
شۇڭا دەيمەن. دىندا ئوقىغانلار نېمىش قىلىدۇ؟ چۈشەنمىگەنلەرگە چىرايلىق چۈشەندۈرىدۇ.پەزىلەتتە ئۈلگە بولىدۇ.ئىسلامنىڭ «مېھىرىۋانلىقى،ئادىللىقى»نى نامايەن قىلىپ،باتىل دىن مۇرىتلىرىنىڭ «قەلبىدىكى كاپىرلىقىنى ئۆلتۈرۈپ» ئىسلامغا بولغان قايىللىقىنى ئاشۇرىدۇ. بىلمىگەن چالا ساۋاتلار ئۆز مەيلىچە سۆزلەپ دىننىڭ كورسىنى چۈشۈرىۋەتكەچە،ئۇيغۇرلار ئىچىدىن «دىندىن تانىدىغان،خىرىستىيان يولىنى» تۇتىدىغانلار چىقىۋاتىدۇ. قېنى دەڭە،بۇنداق بالىلارنىڭ پەيدا بولۇشى كىمنىڭ سەۋەنلىكى؟ ئامېرىكىنىڭ؟ يەھۇدىنىڭ؟ خىرىستىياننىڭ؟ ئەگەر ئۇلارنىڭ ھېلىسى بولسا،نېمىشقا ،مەن ئالدانمىدىم؟ مېنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن بىر ئاغىينەم،مېنى خىرىستىيان دىنىغا «دەۋەت »قىلغان،لېكىن مەن چىرايلىق رەت قىلدىم. مەن ئەشۇلارغا ئۇچىرىدىم،لېكىن،باتىل بولۇپ كەتمىدىمغۇ؟
|
|