بۇ فىلىم بولسا جەسۇر كۇلۇبى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ، گەرچە مەيدان شارائىتى ناچار بولسىمۇ ،كۈندە داسكا ئالدىدا بورا توزانلىرى ئىچىدە دەرس ئۆتۈپ چارچىغان ئوقۇتقۇچىلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پوتبول ئويناپ ئوقۇغۇچىلار ئۈلگە تىكلەپ بەرمەكتە. گەرچە تۆۋەنكى فىلىمدىكى پوتبولچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە تېخنىكا جەھەتتە سەۋىيىسى تۆۋەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ئۇستازلاردىكى پوتبول روھى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ .
قومۇلدىكى مەرىپەت بۆشىكى قومۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە مانا مۇشۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا روھى جەھەتتىن ئۈلگە بولالايدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىشى قومۇل مائارىپى ، قومۇل تەنتەربىيەسى شۇنداقلار قومۇل مەدەنىيىتى ئۈچۈن غايەت زور كۈچ ،
جەسۇر ئوغلانلار ئەنە شۇنداق بىر شارائىتتا مەيدانغا كېلىدۇ !
سىز نەچچە مىليون مەبلەغ ئاجىرتىلىپ سېلىنغان ئۆلچەملىك پوتبول مەيدانلىرىنىڭ قىز ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتلىشى سورۇنىغا ئايلانغانلىقنى كۆرگەنمۇ ؟
سىز ۋەزىپىگە دەرسنى ئۆتۈپ بولۇپ ئاللىقاياقلارغا تۇرمۇش ھۇزۇرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرگەنمۇ ؟
بەلكىم كۆرگەنسىز ؟ ۋە بەلكىم كۆرمىگەنسىز ؟
تۆۋەندە كۆرىۋاتقىنىڭىز بولسا 21-ئەسىردە قومۇلدەك تەرەققى قىلىۋاتقان سانائەت شەھرىدىكى ئەڭ غوللۇق مەرىپەت بۆشىكى بولغان قومۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ توپا مەيدانىدا توپ تېپىۋاتقان ئۇستازلار !
بۇ ئاددى بىر مەيدان مۇسابىقە ئەمەس ، بەلكى بىر ئۈلگىلىك دەرس !
جەسۇر ياش - ئۆسمۈرلەر پوتبول كوماندىسى تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان مۇسابىقىگە 27-چېسلا ئاتلانماقچى ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە غۇلجا ،تۇرپان ، ئۈرۈمچى ، قارىماي قاتارلىق شەھەرلەردىكى كۈچلۈك كوماندىلار قاتناشقان بولۇپ جەسۇر كوماندىسىمۇ مۇشۇ قاتاردا بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ، جەسۇر كۇلۇبىغا ئۇتۇق تىلەيمىز ! |