قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 17926|ئىنكاس: 99

جەسۇر پۇتبول كۇلۇبى ھەققىدە(تەۋسىيە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

94

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 28
مۇنبەر پۇلى: 1642
تۆھپە : 2975
توردىكى ۋاقتى: 3370
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 20:17:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

<جەسۇر >پۇتبول  كۇلۇبى ماركىسى بېكىتىلدى . يوقىرىقى ماركىنى باغداش تورى تور بېكەت لاھىيەلەش گۇرۇپپىسىدىن  TAJIN ( نىجات شاۋكەت) لاھىيلىگەن .

  ماركا چۈشەندۈرۈلىشى :
   ماركىغا چۈشۈرۈلگەن ئات غەلبىنىڭ سىموۋولىدۇر ، ئاتنى چىقىرىشتىكى مەقسەت <جەسۇر> كۇلۇبى ئەزىمەتلىرىنىڭ مۇسابىقىلەرنى غەلبىنى قولغا كەلتۈرىشى ئۈچۈندۈر ، ئات ئۈستىدىكى ئۇيغۇر يىگىتى  بىر قولىدا مىللى چالغۇلارنىڭ بىرى بولغان سۇناينى ،بىر قولىدا پۇتبولنى كۆتۈرۈپ تۇرغان جەسۇرانە قىياپىتى  <جەسۇر> كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىدە قولغا كەلتۈرگەن شان -شەرىپىگە تەنتەنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.




















<جەسۇر> پۇتبول كۇلۇبى دەسلەپكى لاھىيەسى

************
        بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ پوتبولچىلىقى كۈندىن –كۈنگە راۋاجلىنىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى .ئارقا –ئارقىدىن  يېتىشىپ چىقىپ جۇڭگو بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى دۆلەتلىك پوتبول كوماندىسىغا  يېڭى بىر سوئال قويدى.جۇڭگو دۆلەتلىك ئەرلەر پوتبول كومانسىدىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ۋە ئىستىقبالىدا شىنجاڭ پوتبولچىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ۋە مەبلەغ سېلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇردى.
     ئاساسى گەپكە كەلسەك ،97-98- يىللىرى قومۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئابلىمىت مۈسا  مۇئەللىم باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئىزچىلار پوتبول كوماندىسى ۋە شۇ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ‹ئابلىمىت موسا لوڭقىسىنى تالىشىش› پوتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن قومۇل رايونىدا بىر مەزگىل پوتبول ھەركىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى،شۇ مەزگىللەردە ھېچقانداق ئىقتىسادى كۈچى بولمىغان‹ ئابلىمىت موسا ئىزچىلار پوتبول كوماندىسى ›جاپالىق سەپەرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۈرۈمچى ،خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ دىيارىمىز قومۇلغا زور شان-شەرەپ كەلتۈردى.
       مانا بۈگۈنكىدەك مەملىكەت مىقياسىدا ھەممىنىڭ كۆزى شىنجاڭ پوتبولچىلىقىغا تىكىلگەن .ئۇيغۇر پوتبول ئەزىمەتلىرى مەملىكەت دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە ئۆزىنى تونىتىۋاتقان خوشاللىق مىنۇتلاردا ئەسلىدىكى ئىزچىلار كوماندىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلىمىت مۈسا مۇئەللىم ۋە ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ، پوتبول سۆيەر كارخانىچىلار بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ‹جەسۇر پۇتبول كۇلۇبى› نى كېڭەيتىپ مۇنتىزىم بولغان كۇلۇپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش دەسلەپكى لاھىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېكىتتى.



‹جەسۇر پوتبول كۇلۇبى›نىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى :

      جەسۇر پوتبول كۇلۇبىدا ھازىر ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى  ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار ،جەمئىيەتتىكى پوتبول سۆيەر ئەزىمەتلەردىن بولۇپ 100 گە يېقىن كۇلۇپ ئەزاسى بار .گەرچە كۇلۇبىمىزنىڭ مۇنتىزىم ئۆلچەملەشكەن مەشق مەيدانى تولۇق ھازىرلانمىغان بولسىمۇ كۇلۇپ ئەزالىرىنىڭ ئوتتەك قىزغىلىنلىقى بىلەن مەشىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە رەھبەرلەرنىڭ قىزغىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆلچەملىك مەشىق ۋە مۇسابىقە مەيدان شارائىتى ھازىرلاش تولىمۇ زۆرۈر خىزمەتتۇر .

       جەسۇر كۇلۇبىنىڭ مەقسىتى :

        1.ئوقۇتقۇچىلار كوماندىسى :
     ئوقۇتقۇچىلار كوماندىسى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ئەزا سانى دەسلەپكى قەدەمدە 50دىن ئاشتى ، بۇ كوماندىنى تەشكىللەشتىكى ئاساسى مەقسەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىش بىلەن بىرگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ۋە چېنىقىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش .(رايونىمىزدىكى مائارىپ سېپدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى قارشى ئالىدۇ)

         2.‹جەسۇر› كۇلۇبى ياشلار كوماندىسى:
بۇ كوماندا ئاساسلىق  بەلگىلىك پۇتبول ماھارىتى ئىگەللىگەن ،مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن ، تېخنىكىسى يوقىرى ياشلاردىن تەشكىللەنگەن ،بەلگىلىك كۈچكە ئىگە بولۇپ كېيىنكى قەدەمدىكى ئاپتونوم رايونلۇق مۇسابىقىلەردە قاتنىشىشىتا قومۇل ئۈچۈن كوزۇر كوماندا بولالايدۇ. 

        3. ياش –ئۆسمۈرلەر كوماندىسى (ياش –ئۆسمۈرلەر تەربىيلەش كۇرسى ):
       بۇ كوماندا ئاساسلىق ياش نوتىلارنى تەربىيلەشنى ئاساس قىلىنغان بولۇپ پۈتكۈل قومۇل رايونىدىكى ئۆسمۈرلەرنى كەڭ كۆلەملىك تەربىيلەش نۇقتا قىلىنىپ رايونىمىزدىكى ئۆسمۈرلەردە پۇتبول قىزغىنلىقى قوزغاش .تەربىيلەش شەنبە-يەكشەنبىلىك ،تەتىللىك تەربىيلەش ئۇسۇللىرى بىلەن پۈتكۈل دىيارىمىزدىكى ئۆسمۈرلەرنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۆسمۈرلەرمۇنتىزىم تەربىيلىنىدۇ.

         4.يېقىندا شىنجاڭ رايونىدا قانات يايدۇرىلىۋاتقان ‹يېزىلارغا پوتبول ھەركىتىنى يەتكۈزۈش›،‹دېھقان بالىسىنى پوتبولچى قىلىش› ھەركىتىگە ئاۋاز قوشۇپ دەسلەپكى قەدەمدە 100 نەپەر يېزا رايونىدىكى ھەۋاسكار ئۆسمۈرلەرگە ‹جەسۇر كۇلۇبى›پوتبول كىيىمى ۋە بىردىن پۇتبول تەمىنلەش ئارقىلىق ئۆسمۈرلەرگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىش.

          5.كېيىنكى قەدەمدىكى لاھىيە ۋە پىلانلار كېيىنكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدۇ ،رايونىمىز پوتبولچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۇلۇبىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىزگە قىممەتلىك پىكىر –تەكلىپلەرنى بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .دىيارىمىز پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنى قوللاش ھەر بىرىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇررىيىتى.پوتبول سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ ،كارخانىچى دوستلارنىڭ، رەھبەرلەرنىڭ ‹جەسۇر كۇلۇبى›نى ھەر-قايسى جەھەتلەردىن قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!




     قومۇل دىيارىدىكى ئىۋىرغول رېستۇرانى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قىزغىن قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈپ ئىقتىسادى جەھەتتىن3000يۈەن ياردەم بەردى .
    باغداش تور بېكىتى جەسۇر كۇلۇبىنىڭ ۋە مەزكۈر كۇلۇبنىڭ يېزىلارغا پوتبول ھەركىتىنى يەتكۈزۈش ھەركىتىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى . پات ئارىدا <جەسۇر >كۇلۇبىغا باغداش تور بېكىتى ئارقىلىق ئەزا بولۇش ئەمەلگە ئاشىدۇ .



ئەسكەرتىش: ياش-ئۆسمۈرلەر تەربىيلەش كوماندىسىغا تىزىملاتقان ئەزالاردىن ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ. ياشلار كوماندىسىغا تىزىملىتىش يىللىق ئەزالىق ھەققى : 240يۈەن. كېيىنكى تەپسىلاتلار داۋاملىق تۈردە باغداش تورى ئارقىلىق ئۇقتۇرۇپ تۇرىلىدۇ.
  <جەسۇر >كۇلۇبىغا ئەزا بولماقچى ياكى پىكىر -تەكلىپ بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشڭ ، يەنە يېزىلارغا پوتبول يەتكۈزۈش سېپىمىزگە قوشۇلماقچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭىز : پەقەت 3 كىشى 30 يۈەندىن خىراجەت قىلسا بىر يېزا بالىسىغا بىر يۈرۈش كىيىم ۋە پوتبول سوۋغا قىلغىلى بولىدۇ .

   ئالاقىلاشقۇچىلار : ئابلىمىت موسا مۇئەللىم : 13999448114    ، قادىر مەممەت مۇئەللىم : 13565199973
    قادىر ئوسمان : 13899353862   ئەسقەرجان : 13999686240   ئەلىجان : 18299369759 ،

            ھۆرمەت بىلەن :
                           ‹ جەسۇر› پوتبول كۇلۇبى ، باغداش تور بېكىتى :


باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!

hayat zor, ama bende kolay sa

15

تېما

3

دوست

7628

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1622
تۆھپە : 1253
توردىكى ۋاقتى: 1307
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 20:21:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىلايەتلىك ئوتتۇرىدا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىغان قانداق بوپ كېتىۋاتىدىكىن؟
ئالىم بولۇش ئاسان، ئادەم بولۇش تەس.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1759
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6587
توردىكى ۋاقتى: 1551
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 20:46:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاھىيە ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپتۇ. مېنىڭچەماركىنىڭ تىگى ئاسمان كۆك رەڭدە چىققان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى...ھەمدە ئاۋۇ ئىنگىلىزچە خەت ئاستىغا چۈشۈپ، ئۇيغۇرچە خەت ئۈستىگە چىقىرىلىشى كېرەك...سەمىمىي تەكلىپىمنى ئويلۇشۇپ كۆرەرسىزلەر!...
چۈنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەرقانداق ماركا، ۋىۋىسكىلاردا ئۇيغۇرچە خەت بارلىق يېزىقلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلىدۇ.
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!

36

تېما

0

دوست

3326

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4227
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 795
تۆھپە : 475
توردىكى ۋاقتى: 237
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 20:50:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ جەسۇرلىرىرىمىزغا مەدەت بەرسۇن! بۇ تېمىنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم، قومۇلدىكى بارلىق پۇتبولچىلار بىر يەرگە يىغىلىپ، بىر نىيەتتە ئىلگىرلىسە نىمە دىگەن ياخشى، تېما ئىگىسىگە رەھمەت........
گۈزەللىك چىرايدا ئەمەس، قەلبتە .

4

تېما

0

دوست

1802

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   80.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4009
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 404
تۆھپە : 267
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 22:26:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە خەت ئۈستىدە يېزىلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى

5

تېما

0

دوست

1406

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1537
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 320
تۆھپە : 219
توردىكى ۋاقتى: 597
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 23:26:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما !!! ھەقىقەتەن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قومۇل پۇتبولچىلىقى بىر ئىزدا توختاپلا قالغان ئىدى ھەتتاكى كەيىنىگە چىكىنىشمۇ بولغان بولساكېرەك.بىز يۇرۇتتا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا توپ ئوينايدىغان بالىلار بەك جىق ئىدى .شەھەر ئىچى باشلانغۇچ بىلەن ۋىلايەتلىك ئۇتتۇرىنىڭ پۇتبول مەيدانى بۇزۇلغاندىن كىيىنلا بىزنىڭ قومۇل پۇتبولچىلىقىمىزنىڭ تەرەقىياتى يوقاپلا كەتتى . ھەتتا بىز بۇرۇن مەھەلىلەردىكى تار كوچىلار دا توپ تىىپەتتۇق ھازىرقى كىچىكلەردە بۇئشلارمۇ يوق ! مەنچە بۇنىڭ سەۋەبى بىرىنچىدىن بىچارە بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ،«كۇرۇس»بېسىمى بەكلا ئېغىر ،  دىگەن ئىككى بىسلىق پىچاقنىڭ ئشى يانا بىر سەۋەپ ئاتا ئانىلاردىمىكىن دەپ ئويلايمەن .بالىلىرى كۈنلەپ «دىلبۇزۇر»،كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدىن كەتمەي ئولتۇرسا بالام ماڭ سىرىتلارغا چىقىپ ئۇيناپ كىر دىمەيدۇ ھەرگىز. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ئابلىمىت ئاكىمىز باشچىلىقىدىكى تۆھپىكارلىرىمىز بۇ قەدەمنى ياخشى بېسىپتۇ .ھەممىمىز ماددى،مەنىۋى ۋە ياكى باشقا جەھەتتىن بولسۇن قاتتىق قوللايلى !ئاخىردا  كۇلۇپنىڭ تەرىقىياتىنڭ تېز ئوڭۇشلۇق ۋەئۇتۇقلۇق بولۇشىنى چىن دىلىمدن تىلەيمەن!    ئۇلۇغ اللا يولۇڭلارنى ئوچۇق قىلسۇن !

0

تېما

0

دوست

126

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4449
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 10:23:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم، داۋاملىق تىرىشقايسىلەر
بەخىت ياربولسۇن !

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1759
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6587
توردىكى ۋاقتى: 1551
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 11:33:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماركىدىكى ئات بىلەن چەۋەنداز شۇ قەدەر ماسلاشقان، سۇنايمۇ مەڭگۈلۈك غەلبە چىلاشنىڭ سىموۋولىدەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.
بىراق ماركىنىڭ رەڭگى ئىسسىق رەڭگە ماھىل بولۇپ قاپتۇ. پۇتبول تەنھەركىتى لاھۋۇلداپ يېنىپ تۇرىدىغان جاسارەتنى تەلەپ قىلىدىغان تەنھەركەت تۈرى. ئەگەر تەنھەركەتچى يان بىلەك ۋە مەيدىسىگە توق چىلان رەڭلىك ماركا بىلەن بېزەلگەن مايكىنى كەيسە قىسمەن بولسىمۇ روھى كەيپىياتىغا تەسىر (تەرلەپ كەتكەندەك) يەتكۈزىدۇ. بەدەن ئوتتتەك، ماركىمۇ بەك قىزىق رەڭدە...ئىككى ئىسىق بىرلىشىپ ئەزىمەتلەرنى بىئارام قىلماسمۇ؟!
شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا تەگ رەڭگىنى ئاسمان كۆك رەڭگىدە ئېلىش كېرەك. چۈنكى، كۆك رەڭ مەڭگۈلۈك غەلبىگە سىموۋول بولالايدۇ. ئاسمان كۆك رەڭ ئۇ ھەرقانداق جايدا  ئوچۇق،ئاشكارە، مەردەنە رەڭدۇر! ئاسمىنى كۆك، ھاۋاسى ساپ مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلارمۇ قەيسەر ، مەردۇ-مەردانە ،ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى سۆيىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ھاۋاسى تۇتۇق مۇھىتتا ياشىغانلار قىتىغۇر، كۆرەلمەس، چىدىماس، ھورۇن بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزىمەتلىرىمىز ئۆزىنى بېسىپ تۇرىدىغان رەڭ بىلەن بېزەلمەستىن چوقۇم ئۆزىنى تېخىمۇ جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرغۇزالايدىغان ئاسماندەك كۆك رەڭ بىلەن بېزەلسىمىكىن دېگەنتىم.
يەنە كېلىپ ماركىدىكى ئىنگىلىزچە خەت چوقۇم ۋە قەتئىي ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئاستىغا يېزىلىشى كېرەك...
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )