باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 10 چوڭ پەن-تېخنىكا شىركىتى - [جاھاندىكى يېڭىلىقلار]

    2008-10-07


    9-ئاينىڭ 27-كۈنى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇلار  IT ساھەسىدىكى 10 چوڭ شىركەتنى باھالاپ چىققان بولۇپ، IBM ئەڭ ئالدىغا چىققان، Microsoft ۋە NOKIA لارمۇ 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئەپسۇسكى، Yahoo بۇ تىزىملىككە كىرەلمىگەن. Google مۇ كۈچلۈك ئۈستۈنلۈك بىلەن بۇ تىزىملىككە كىرگەن. بۇ باھلاش نەتىجىسى نوپۇزلۇق باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن شىركەتنىڭ مالىيە دوكلاتى، مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتى، مەھسۇلاتنىڭ ئىچىكى قىممىتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەركىبلەرگە ئۈنىۋېرسال باھا بېرىش ئارقىلىق ۋوجۇدقا چىققان.

    بىرىنچى ئۇرۇندا چىققان IBM نىڭ قىممىتى 590.13 مىليارد ئامرىكا دوللىرى بولغان. ئوبزوردا بۇ ھەقتە :" قايتىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت شىركىتى،  يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت كەسپىدىكى يوقىرى پايدا بىلەن "كۆك گىگانت" Microsoft نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى" دىيىلدى. ئۆتكەن يىلدا IBM نىڭ قىممىتى %3 ئۆرلىگەن. بۇ شىركەت 100 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئاساسلىقى ئامىلە كومپيۇتېرى ۋە مەسلىھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. پۈتۈن يەر شارىدا بۇ شىركەتنىڭ 400 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار. نۆۋەتتە جۇڭگو، ھىندىستان، بىرازىلىيە، ئاۋسترالىيە، كورىيە قاتارلىقلار بۇ شىركەتنىڭ چەتئەلدىكى ئاساسلىق بازارلىرىدىن بولۇپ تۇرىۋاتماقتا. ھەر بىر رايۇن بىر يىلدا بۇ شىركەتكە 1 مىليارد ئامرىكا دوللىرىغا يېقىن نەپ ئېلىپ كېلىدۇ.

    ئىككىنچى ئۇرۇندىكىسى Microsoft  بولۇپ، Microsoft نىڭ 2008- يىلدىكى بازار قىممىتى 590.07 مىليارد ئامرىكا دوللىرىغا يەتكەن. Windows مەشغۇلات سېستىمىسى پۈتۈن دۇيادىكى %90 تىن ئارتۇق بازارنى ئىگىلىگەن، ھەقىقىي نەشىردىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانىلا 1 مىلياردقا يېتىدۇ. Office مۇ %90 تىن ئارتۇق بازارنى ئىگىلەش بىلەن يەنىلا ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ. ئەمما ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى Google دەك كۈچلۈك رىقابەتچىلەرگە دۈچ كېلىۋاتىدۇ. Yahoo نى سېتىۋېلىش ئىشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، Microsoft نىڭ ستراتېگيىسى ئېنىق بولماي كەلدى، شىركەت ئۆز-ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق تەكشۈرۈپ بېقىشقا مۇھتاج. ئالدىنقى پەسىلدە، شىركەتنىڭ ساپ پايدىسى %42 ئېشىپ، تەخمىنەن 4 مىليارد 300 مىليۇن ئامرىكا دوللىرىغا يەتتى. نۆۋەتتە بۇ شىركەتنىڭ 80 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار، %60 ى ئامرىكىدا.

    ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغىنى NOKIA بولۇپ، قىممىتى 359.42 مىليارد ئامرىكا دوللىرى بولغان.

    Intel نىڭ قىممىتى 321.61 مىليارد ئامرىكا دوللىرى، Google نىڭ 255.9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، HP نىڭ 235.09 مىليارد ئامرىكا دوللىرى، Cisco نىڭ [思科] بازار قىممىتى 213.06 مىليارد ئامرىكا دوللىرى، SAMSUNG نىڭ 176.89 مىليارد ئامرىكا دوللىرى،  Oracle نىڭ [甲骨文] بازار قىممىتى 138.31 مىليارد ئامرىكا دوللىرى، Apple نىڭ 137.24 مىليارد ئامرىكا دوللىرى بولغان.

     

    مەنبە: http://tech.163.com/08/0928/09/4MTTQL8E000915BD.html


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • گفگـ
    Boghlan回复asirlar说:
    ???
    2010-05-25 09:36:06
  • http://www.wabei.com/news/200811/169911_14.html
  • http://www.wabei.com/news/200811/169903_7.html
  • http://www.wabei.com/news/200811/169780.html