Google دىن 3 يىڭىلىق

بىر ھەپتە ئىمتىھان ھەلەكچىلىكىدە بىلوگقىمۇ بىر نەرسە يوللاپ بولالمىدىم. مۇركەبىر ئىنىملا يالغۇز تېما يوللاپ يۈردى.بۈگۈن ئازراق ئارام بولغان، يەنە كونا ئادەت بويىچە ئېنگىلىزچە بەت كۆرۈۋىتىپ Google نىڭ بەتلىرىدىن بىر نەچچە ئۆزگىرىش بايقىدىم.
تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ قوياي دەپ يوللىشىم. كىين قالغان بولسام بىلمىگەنلەر بىلىۋالغاي…
1.GoogleTranslate دە ئاۋازلىق كىرگۈزۈش خىلىلا توغىرلىنىپتۇ.
GoogleTranslate نى بىلمەيدىغانلار بەلكىم يوقتۇ. ھازىرقى كومپيۇتېر تەرجىمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

بۇرۇن بەك دىققەت قىلىمىغان، بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئىغىزچە مەشىق قىلىپ بۈگۈن خىلى ئۇزۇن جۈملىلەرنى ئوقۇپلا كىرگۈزسەممۇ نورمال كۆرسىتىپ ، تەرجىمە قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا دوستلارغا بۇ يەر ئارقىلىقمۇ ئىغىز تىلى مەشىق قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشۇم.تۆۋەندىكىلىرى مىنىڭ ئۈنۈم رەسىملىرىم.

كىرگۈزۈش رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋىنىدە بىر مىكروفوننىڭ بەلگىسى بار. شۇنى چېىكىپلا ئېنگىلىزچە(ياكى باشقا تىلدا) سۆزلەپ تىل مەشىق قىلىشقا بولىدىكەن.

GoogleTranslateنىڭ ئادىرسى    http://translate.google.com

2.Googlesearch نىڭ  ”ۋاقىتچان ئىزدەش“ ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپتۇ.

http://.www.google.com غا كىرىپ Google.com in English نى تاللاپ بەتنى ئېنگىلىزچە ھالەتكە ئۆزگەرتىپ خەت كىرگۈزۈڭ.

ئەگەر english ياكى خەنچە بولسا خەتلەر سول تەرەپكە، ئۇيغۇرچە،ئەرەبچە بولسا خەتلەر ئوڭغا تېزىلىپلا ھەر بىر ھەرىپ بىسىلىشقا ماس بەت يۈزى AJAX ئۈنۈمىدە يىڭىلىنىپ تۇرىدىكەن. ئىزدەش سۈرىتى بۇرۇنقىدىن خىلىلى تىزلىشىپتۇ. بولۇپمۇ بەتنىڭ يىڭىلىنىش ئۈنۈمى ئادەمنى بەك قايىل قىلىدىكەن.

 googleadsense ئېلانى ئېلتىماس تەرتىپى ئۆگەردى.

بۇرۇن ئېلان ئېلىشتا پەقەت شۇلارنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان، ئېلان قويۇلمىغان، زىيارەت سانى كۆپ توربەتتىن بىرسى بولسىلا بىر ئېلان ئالغىلى بولاتتى. ھازىر ئېىلتىماسچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىنىقلاش ئۈچۈن بوشلۇققا بەلگىلەنگەن ھۆججەت چىقىرىش، ئېلتىماسچى ئىگىدارلىقىنى تەكشۈرۈش، تىز بولسا 4 كۈندە جاۋاب بېرىش قاتارلىق غەيرى رەسمىي شەرتلەر قوشۇلۇپتۇ.مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىنى http://adsense.google.com دىن كۆرۈشكە بولىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن ئىلتىماس جەريانى سەل مۇرەككەپلىشىپتۇ. ئەمما ئېلتىماس تەستىقلىنىش نېسبىتى ئۆسۈپتۇ. شۇڭا يىقىندىن بىرى خالاستان بىلوگى باش بولۇپ ئېلتىماس قىلىۋاتقان ئىلانلارنىڭ تەستىقلىنىش ۋاقتى سەل ئۇزۇن(بۇرۇن 1 كۈندە، ھازىر 4 كۈندە) ، ئەمما مۇۋاپپەقىيەتلىك بولۇش نېسبىتى يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ.

يقىندىن بىرى خەنلەردىكى نۇرغۇن ئېلانلار توختاپ كەتتى. بۇنىڭ تەسىرى بىزگىمۇ بولىدۇ. شۇڭا خالاستان بىلوگى كەڭ ئېلان قويغۇچىلارنىڭ Googleنىڭ ئېلان ھەمكارلىقى پىلانىغا (مۇھىمى بىر بەتكە ئىككى رەسىملىك، ئىككى خەتلىكتىن ئارتۇق ئېلان قويماسلىق. بىر بىكەتكە بىردىن ئارتۇق ھېسابتىن ئېلان قويماسلىق، ئۆزى چەكمەسلىك، چېكىشكە كۈشكۈرتمەسلىك«دىققەت! Google دىكىلەر ئۇيغۇرچە ”ئېلان، چېكىش“دىگەندەك گەپلەرنى چۈشىنىدۇ»، چېكىلىش نېسبىتىنى تۆۋەن ساقلاش، ئېلان كودىنى تاللىغاندا پەقەت ئۆزىنىڭ بېتىدىلا كۆرۈنىدىغان قىلىش) خىلاپ ئىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىشنى ئۇقتۇرىدۇ.

خالاستان بىلوگى داۋاملىق ھالدا بىكەت باشلىقلىرىغا ئىشەنچلىك باسقۇچ ئارقىلىق googleadsense ئېلانى تەمىنلەيدۇ. تەپسىلاتى: ../vip

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: