بۇ يازمىنى ئەسلى «ئۇيغۇر كومپيۇتېر تەجىربىخانىسى » بىلوگىغا يازغان. لىكىن مىنىڭ تور سۈرىتىم بەك ناچارمۇ بىلمىدىم، ئەسلى تېمىنى ئۆزۈممۇ كۆرەلمىگەچ، بۇ يەرگە ئېھتىياج تۈپەيلى قايتا يىزىشقا مەجبۇر بولدۇم.
rss نىڭ بۇ ئۇچۇر دەۋرىدىكى مۇھىملىقىنى مەن يەنە كۆپ ئەزۋەيلەپ سۆزلىمىسەممۇ كۆپچىلىك ئاساسەن چۈشىنىپ بولدى. ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئۇستىلىرىنىڭ 90%ى، خەنلەرنىڭ 30-40% كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىسىنىڭ كۈندىنلىك ئۇچۇرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى RSS تىن كىلىدۇ.مەن تۆۋەندە ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن RSS تور يۈزى ئوقۇغۇچىسى GoogleReaderنى تونۇشتۇراي.
1.ئالدى بىلەن چوقۇم GoogleAccount كىرەك بولىدۇ. بۇ يەردىن ھىساب ئېلتىماس قىلىمىز. باسقۇچى ئاددى، خالىغان ئېلخەتكىلا تېزىملاتقىلى بولىدۇ.
2. يۇقاردا تېزىملاتقان ھىساب نومۇرى بىلەن http://www.google.com/reader/view/ بەتكە كىرىمىز.
3. رەسىمدە كۆرۈنگەندەك ماقالىگە ئەزا بولماقچى بولغان بەتنىڭ ئادىرسىنى (ئەگەر RSS ئادىرسى تەمىنلىگەن بولسا RSS ئادىرسىنى) تولدۇرۇپ 添加 نى باسىمىز.
4. كىيىنلا بەت ئۆزى يىڭىلىنىپ بارلىق يازمىلار قوشۇلىدۇ. بۇ يەردىن بىر چىكىپلا ئەسلى تېمىنى كۆرۈشكە، ياكى مەزمۇنىنى مۇشۇ يەردىلا ئوقۇشقا بولىدۇ.
بۇنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، بىز بەتمۇ بەت كىرىپ يىڭى تېما بارمۇ يوق دەپ ئىزدەپ يۈرۈشىمىز ھاجەتسىز.
3- تەرتىپ بويىچە يەنە ئۆزىمىزگە كىرەكلىك تور بەتلەرنىڭ RSS لىرىگە زاكاس بولىۋالساق بولىدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا، ئەڭ كۆپ ئۇچۇرغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.
توربار مۇھىتلا بولسا بىز http://reader.google.com دىگەن ئادىرىسقا كىرىپ ئەڭ يىڭى يازمىلارنى شۇ يەردە تۇرۇپلا كۆرەلەيمىز.
تور بەتتىكى خەتلەرنىڭ چىرايلىق چېقىشى ئۈچۈن ئەقىللىق ئوقۇرمەن http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=10760 دىكى تەرتىپ بويىچە تەڭشىسىلا ئۇيغۇرچە خەتلەر تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.
[...] زاكاسلار بىۋاستە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ ../1836.html دىكى يازمىلار ../1834.html دىكى يازمىلار [...]
[...] : باش بەت >تەرمىلەرگىچە, پۈتۈكلەر>مەزمۇنى RSS ئالدىنقىسى iOS ئۈچۈن ئەڭ ياخشى RSS ئوقۇغۇچىسى MobileRSS ئېلان [...]