تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى بۇ تېمىدىن كۆرۈڭ ../445.html
يىقىندا apple شىركىتى iOSنىڭ 4.3.3 نەشرىنى ئىلان قىلدى. قوشۇلغان ئىقتىدارلارنى بۇ تېمىدا دەپ ئۆتكەن. بۈگۈن ئەتىگەن داڭلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش گۇرۇپپىسى redsn0w_win_0.9.6rc15 نى ئىلان قىلدى.بىز تۆۋەندە مۇشۇ يۇمشاق دېتال ئاقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىمىز . تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىمغا ئاساسەن تەپسىلىيراق قىلىپ تورداشلارغا دەرسىلىك تەييارلىدىم. دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولغاي. تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بۇرۇنقى 4.2.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش بىلەن ئوخشاش.
ئەڭ ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم:
1. SHSH نى چوقۇم زاپاسلاڭ (دەرسلىك بىلوگىمغا يوللانغان). ../852.html
ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دىتاللارنى چۈشۈرۈپ تەييار قىلىڭ.
1.iOS4.3.3 نىڭ ئورگان تەرەپ بولىقىنى چۈشۈرۈڭ. ../down/
2.redsn0w_win_0.9.6rc16 نى چۈشۈرۈڭ . http://dl.dbank.com/c09n5jx5bc (20110509)
3.iTunes ئارقىلىق بارلىق ماتىرياللىرىڭىزنى زاپاسلاڭ.
4. iTunes نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. http://www.apple.com.cn/itunes/download/
ئەمدى رەسمىي قەدەمنى باشلايمىز.
itunes نى قوزغىتىپ ئۈسكىنىنى چاتىمىز. كۆرۈنمە يۈزىدەshift كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ ئەسلىگە قايتۇرۇش دىگەننى تاللايمىز.
بۇ ۋاقىتتا ھۆججەت كۆرسىتىش تىزىملىكى چىقىدۇ. بۇنىڭغا بىز بايام چۈشۈرگەن ئورگان تەرەپ بولىقىنى كۆرسىتىپ بىرىمىز(بۇ رەسىم كونا تېمىدىن ئىلىندى. ئەمىليەتتە 4.3.3 نىڭ بولىقىنى تاللايمىز).
بۇ ۋاقىتتا ئۈسكىنىگە مەشغۇلات سىستىمىنى قايتا يىزىش مەشغۇلاتى قىلىۋاتقان بولىدۇ، شۇڭا بىز ھىچقانداق يەرنى باسماي ساقلايمىز. تەخمىنەن 5 مىنۇتتىن كىيىن ئۈسكىنە قايتا قوزغىلىدۇ. itunes مۇ نورمال تونۇپ بىزدىن بۇيرۇق ساقلاش ھالىتىگە ئۆتىدۇ.
2- قەدەمدە بىز بايام چۈشۈرگەن redsn0w_win_0.9.6rc15 نى قوزغىتىمىز.
ئەسكەرتىش : بىر قىسىم win7 ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ جايدا قېتىۋېلىپ سېستىما ئۆچۈپ كېتىشى مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن redsn0w_win_0.9.6rc15 نى قوزغاتقاندىن كېيىن 任务管理器 نى قوزغىتىپ، كۆزنەكنىڭ سول ئاستى قىسمىدىن 显示所有用户进程 نى تاللىۋېتىپ ئاندىن redsn0w.exe نى تاپىمىز.مائۇس ئوڭ تەرىپىدىن 设置相关性 دىكى CPU 1 نىلا تاللاپ باشقىلىرىنى تاللىمىساق بولىدۇ. يۇقارقى رەسىمدىكىدەك…
يۇقارقى تاللايدىغان ئورۇنغا بىز ھىلىلا چۈشۈرگەن ئورگان تەرەپ بولىقىنى تاللاپ بىرىمىز(بۇ رەسىم كونا تېمىدىن ئىلىندى. ئەمىليەتتە 4.3.3 نىڭ بولىقىنى تاللايمىز).
ئاندىن كىيىنكى قەدەمنى باسىمىز . بۇ ۋاقىتتا تۈرمىدىن قاچۇرۇش دىتالى ھۆججەتنى ئىچكى ساقلىغۇچقا يۈكلەيدۇ.
كۆرۈنگەن تاللاش كۆزنىكىدە چوقۇم تۆۋەندىكى رەسىمدىكى بويىچە تاللايمىز. يەنى cydiaنىلا قاچىلايمىز.
كىيىنكى قەدەمنى باسقاندىن كىيىن ئۈسكىنە (iphone,ipad,ipod) نى ئۆچۈرىمىز.
يەنى ئىكران ئۈستىدىكى power كۇنۇپكىسىنى 5 سىكۇنت بېسىپ تۇرساق ئوڭغا تارتىلىدىغان تاياقچە كۆرۈلىدۇ. ئوڭغا تارتساقلا بولدى.
مۇشۇ باسقۇچتا ھاردۇقىنى بىر چىقىرۋىلىپ ، ئۆزىڭىزنى توختىتىپ دىققەت قىلغايسىز!
بۇ ۋاقىتتا ئۈسكىنە ئۆچۈرۈلگەن، ئىكراندا يۇقارقى off خېتى بار ھالەت كۆرۈنگەن.
قولىڭىزنى ئاۋۋال ئىكران ئۈستى تەرەپكە ئاپىرىپ ئاندىن ئىكراندىكى next نى باسىمىز. ئاندىن كىيىنكى قەدەمگە كىرىمىز.
تۆۋەندىكى باسقۇچلار DFU غا كېرىش جەريانى بولۇپ مۇناسىۋەتلىك تېمامدىن كۆرۈشكە ياكى تۆۋەندىكى باسقۇچ بويىچە قىلىشقا بولىدۇ ../32.html
nextكۇنۇپكىسىنى بىسىش بىلەن تەڭ ئۈسكىنىنىڭ power كۇنۇپكىسىنى 3 سىكونت بىسىپ تۇرىمىز، بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئىكراننىڭ ئاستىدىكى يۇمىلاق home كۇنۇپكىسىنى 10 سىكونت بېسىپ تۇرىمىز(بۇ ۋاقىتتا power كۇنۇپكىسىمۇ قويۋىتىلمەيدۇ. ھەر ئىككى كۇنۇپكا بىسىغلىق ھالەت)، يەنە بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا power كۇنۇپكىسىنى قويۇۋىتىپ home كۇنۇپكىسىنىلا 15 سىكونت بېسىپ تۇرساق بولىدۇ.
بۇ جەرياندا كومپيۇتېر ئىكرانىدا يۇقارقى ئۇچۇرلار كۆرۈلىدۇ. ئۈسكىنە بۇ جەرياندا بىر نەچچە يىنىپ ئۆچىدۇ. نورمال ئەھۋال.
ئاخىردا كومپيۇتېردا يۇقارقى ئۇچۇر كۆرۈلىدۇ. كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.
ئالما ئىكرانىدا قارائىكران ھالەتتە نۇرغۇن ئۇچۇرلار يېزىلىدۇ. 5 مىنۇتچە ۋاقىتتىن كىيىن ئالما قايتا قوزغىلىپ ئىكراندا cydia نىڭ سىنبەلگىسى كۆرۈنىدۇ. بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ مۇۋاپقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنمىگەن نوقتىلىرى بولسا خالاستان بىلوگى تېخنىكىلىق مەسلەھەت تەمىنلەيدۇ. www.../
[...] تۆۋەندىكى يازمىلاردىن بەدىئىي زوق ئالاي دېسىڭىز ئاۋۋال ئۈسكىنە نەشىرنى 4.3.5 غا كۆتۈرۈپ ئاندىن تۆۋەندىكى دەرسلىككە ئوخشاش تەرتىپ بويىچە تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ.../1509.html [...]
[...] ئورنىڭىز : باش بەت >تۈرمىدىن قاچۇرۇش>مەزمۇنى RSS ئالدىنقىسى كېيىنكىسى 4.3.5 نى 4.3.3 گە چۈشۈرۈش دەرسلىكى ئېلان [...]
تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشاش.
مەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 6999 يۇەن سۆزلىشىش ھەققى تۆلىسە بىرىدىغان 32گ لىق ئالمىنى ئالغان مۇشۇنىم سىز دىگەندەك تۈرمىدىن قاچۇرسام ماس كىلەرمۇ
بىرلەشمە خەۋەرلشىشنىڭ ئالما 4 بىلەن ئادەتتىكى ئالما 4 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئوخشاشمۇ
ئۈستىدىن قايتا قاچۇرۋەتسىڭىزلا تامام. ھىچقانداق دېتال تەسىرگە ئۇچۇرمايدۇ.
جددىي سۇئال بۈگۈن قانداق قىلدىم cydia نى دىققەتسىزلىكتىن ئۈچۈرۈپ تاشلاپتىمەن!cydia تېلفۇنىمدىن يۇقاپ كەتتى؟ بۇنىڭ قانداق تەسىرى بۇلدۇ؟ ئەمدى يەنە قايتا قاچۇرامدىم؟
تۈزۈت قىلماڭ!
http://www.weiphone.com
http://www.tgbus.com
http://www.51ipa.com
مەن مۇشۇ كۆرسەتمە بۇيچە 4.3.3 نەشىرنى تۈرمىدىن قاچۇردۇم،تۇنجى قىتىمدىلا مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى.كۆپ رەھمەت! بىر سۇئال قايسى توربەتتىن يۇمشاق دىتاللارنى كۆپرەك تاپقىلى بۇلدۇ؟
ھازىرچە تېخى بولمايدۇ.
بۇ تىما بىلەن ipad 2 نى تۇرمىدىن قاچۇرغىلى بولامدۇ ؟
شۇنداق. بەلباغ نەشرىنى كۆتۈرسە توك جىقراق كىتىدۇ. باشقا چاتىقى يوق.
ھەر قانداق ئۈسكىنىنى چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇش شەرت ئەمەس، ئەمما تەكلىپ.
تور قۇلۇبى بار ئۈسكىنىنى تۈرمىدىن قاچۇرمىسا ھىچقانداق ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا چوقۇم قاچۇرۇش شەرت. تۈرمىىدن قاچقاندىن كىيىن ئاندىن تور قۇلۇبى يېشىلىدۇ.
ئەجەپ قاچۇردۇميا تۈرمىدىن.بىر سوئال:بىر خەن تۇنۇشۇم قۇلۇپلۇقنىمۇ قاچۇرۇش مۇمكىن ئاساسلىق بەلباغنىڭ نەشرىنى كۆتۈمەسلىك لازىم دەيدۇ. بۇ راستمۇ ؟قانداق مەشغۇلات قىلىدۇ؟ رەھمەت.
[...] ئۈسكىنە(ipod,iphone,ipad). تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكىنى ../1509.html دىن [...]
قارىغاندا سىز dfuھالەتكە نورمال كىرمىگەن ئوخشايسىز.
سىز نەشىر كۆتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن itunesنى ئۆچۈرۋىتىڭ
plesa wait while your divice is beeng processed دىگەن ئۇچۇر چىقىۋالدى ئاخىرقى مەشغۇلاتتا. تاماملاش ھالىتى تولۇقلانغان بولسىمۇ ئۈسكۈنە قايتا قوزغالمىدى. قايتا قوزغىسام يەنە قاچىلانماپتۇ cydia
shsh نى زاپاسلاش بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. سىز تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولۇپ زاپاسلىسىڭىزمۇ ياكى زاپاسلاپ بولۇپ ئاندىن نەشىر كۆتۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
مەن قوشتۇم
assalamu alaykum man shsh ni zapasliwalmayla trumidin kaquruptiman baxka qong qatah qikmas qq numirimni kaqiliwalgan bolsigiz 280645614
چاتاق چىقمايدۇ. چاتاق چىقسا شۇ ئەسلىگە قايتمايدۇ. مەسىلە يوق
مۇشۇ تېمىدىكى تەرىپ بويىچە قىلسىڭىزلا مۇۋاپقىيەتلىك قاچۇرالايسىز.
سەۋىرچان بولۇپ قايتا سىناڭ. DFU غا كىرىدىغان جاينى پىششىق ئۈگىنىپ ئاندىن قەدەم باسقايسىز
ئاپلا مەن shsh ھۆججىتىنى ئويلاشمايلا سېستىمىنى 恢复 قىپتىمەن . بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە ئوڭشىلارمۇ ؟
دىمەكچى بولغىنىم مەن تىخى تۈرمىدىن قاچۇرمىغانتىم!! ھازىر مانا 4.3.3 نەشىرىنى يىڭىلاپ بولغان ئەمدى تۈرمىدىن قاچۈراي دەپ ھەپلەشسەم بولماي تۇرىدۇ ،، بۇرۇنقى دىتاللارنىڭ ھىچقايسى ئىشلىمىدى ،،
مەن قوشۇۋالدىم
خاتىرجەم بولۇڭ چاتاق چىقمايدۇ
نەشرىنى چۈشۈرمەي تۇرۇڭ. يۇقىرى نەشىرنى ئىشلەتكەننىڭ زىيىنى يوق
نەس باستى نەزەرى ئەپەندى…ئاق ئالما بۇلۇپ قالدى..
0615基带 مۇشۇنداق ئىكەن..نەشىرىنى كۈتۈرسەم 1015 خاتالىقى چىقىۋالدى.. بىلوگىڭىزنى ئاقتۇرۇپ 1015 خاتالىقىنى ئوڭشاش ئۇسۇلىنى تاپتىم..لىكىن يېڭىياچە بولغانلىقىم ئۈچۈن پەقەتلا قىلالماي قالدىم..سەل ۋاقتىڭىز بولسا ماڭا بىر يول كۆرسەتسىڭىز بوپتىكەن… سىزگە چ چ دا دوسىت قوشۇش ئۇچۇرىنى يوللاپ قويدۇم..ياكى ئاۋارچىلىق كۆرمىسىڭىز مىنى قوشىۋالسىڭىز..نۇمۇرىم 1144078654 قۇشۇلۇش جاۋابى : 51021523
سىزگىلا قاراپ قالدىم
ئەگر نەشىرىنى ئاللىقاچان 4.3.3كە كۆتۈرۈپ بولغان بولساق قانداق قىلىمىز؟ نەشىرنى تۆۋەنلىتەمدۇق؟
مەن ئىشلەتكىنى ipad 1ئىدە ، نەشىرنى كۆتۈرۈپ بولغانتىم !
ئالما shsh مۇلازىمتېرىنى تاقىشىنىڭ مۇقىم تەرتىپى يوق.
مۇنۇ تېمىدا توختالغاندەك ../1272.html
بۇنى بىلىشنىڭ بىردىنبىر ئامالى سىناپ بېقىش. قاچان تاقىلىشىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.
Cydia نىڭ مۇلازىمىتىرنى قانداق تاقىغان-تاقىمىغانلىقىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟ قارىغاندا بۇمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىشكەن.
ئۇ دېتالنى نورمال ئىشلتىش ئۈچۈن http://www.java.com/zh_CN/download/windows_ie.jsp?locale=zh_CN دىن java نى قاچىلاڭ.
shshنى زاپاسلاش بىلەن باشقا ھىچقانداق يۇمشاق دېتالنىڭ مۇناسىۋىتى يوق.
shshنى زاپاسلاش پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى. ئەگەر تۈرمىىدىن قاچمىغان ئۈسكىنە بولسا tinyumbrella دا زاپاسلايمىز، ئەگەر قاچقان ئۈسكىنە بولسا بۇرۇن تونۇشتۇرغان دېتالنى cydia دىن قاچىلاپ ئاندىن زاپاسلايمىز.
ئالما shsh مۇلازىمتېرىنى تاقىۋەتمىگەنلا بولسا كۆپ خىل دېتالدا ئۇنى زاپاسلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر تاقىغان بولسا ھىچقانداق دېتال كارغا كەلمەيدۇ. ھەم كومپيۇتېردا ئۇنى ساقلاشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق.
مەن يەنە بىر ئىشنى چۈشىنەلمىدىم. بىلىكتىكى بىر تېمىدا SHSH نى زاپاسلاش ئۈچۈن يانفون يىشىلمىگەن، ھېچنېمە قاچىلانمىغان بولۇشى كېرەك، دېگەندەك بىر ئىنكاسنى ئۇچراتتىم. مەن 4.3.2 نى يىشىپ بولغاندىن كېيىن SHSH زاپاسلىغانىدىم… دېمەك، زاپاسلىغان SHSH كېيىن ئىشلىتىش ئۈچۈن جەزمەن يانفون تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغان ئەھۋالدا SHSH نى زاپاسلاش كېرەكمۇ؟ مەن ھازىر 4.3.3 نى قاچىلاپ تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقانىدىم. ئەگەر شۇنداق بولسا 4.3.3 نى قايتا قاچىلاپ تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ SHSH نى زاپاسلاپ قويايمۇ؟
ئۆتكەندە سىز Cydia دىن بىر كىچىك دېتالنى چۈشۈرۈپ SHSH نى زاپاسلاشنىڭ بىر ئاددىي ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرغانىدىڭىز. بۇنىڭدىن قارىسام تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىنمۇ SHSH نى زاپاسلىسا ئۈنۈملۈك بولىدۇ، دېگەن يەكۈن چىقىدىغاندەك. شۇڭا بۇ جەھەتتە سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىزنى ئاڭلاي دەيمەن.
مەندە tinyumbrella دېگەن دېتال قوزغالمايۋاتىدۇ. خاتالىق ئۇچۇرىنى ماۋۇ سۈرەتتىن كۆرۈڭ:
http://b3.ac-images.cdnmyspace.cn/cnimages01/3/l_c0ea67df36e638c45228a873db97ae98.png
ئالما ئىككىنچى ئەۋلاد بولسا يەنىلا 3.1.3 نى قاچىلاڭ. ھازىر مۇشۇ نەشرى ئەڭ ماس كىلىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھۆكۈمەت تەرەپ بولىقىنى قاچىليالماسلىقىڭىز مۇمكىن. shsh بولمىسا قاچىلىيالمايسىز. يۇقىرى نەشىرگە چىقىپ قالسىڭىز تېىلفون ئۇرالمايسىز، ئەمما خش بولۇپ قالمايدۇ. ئوڭشىغىلى بولىدۇ، ئاۋارچىلىق. بازاردا 200 سومغا ئوڭشاپ بىرىدۇ، خالاستان بىلوگىدا ھەقسىز مەسلىھەت ئارقىلىقمۇ ئوڭشاپ بىرىمىز.
تەكلىۋىم ، سىز weiphone دىن 2-ئەۋلاد iphone 自制固件 دەپ ئىزدەپ 无基带 دەپ ئەسكەرتىلگەن بولىقىنى چۈشۈرۈپ شۇنى قاچىلاڭ. 3.1.3 نىڭ بولسۇن.
يەنە بىر مەسىلە بار ئىدى..يانفۇنۇم بىر قانچە كۈن بولدى.قاچىلىغان ئويۇنلىرىم ئۆزلىكىدىن چىكىنىپ تورۋالدى.. ئەسلىدىغۇ نۇرمال ئىدى..
ھازىرقى نەشىرى 3.1.3 قايسى نەشىرىنى قاچىلىسام بولار..ياردىمىڭىزنى كۈتىمەن
مىنىڭ ئالما يانفۇن 2-ئەۋلات ئىدى..مەنمۇ سېستىما قاچىلاشنى ئۆگىنەي دىگەن..بۇزۇپ قويارمەنمۇ؟ قاملاشماي قالسا قانداق ئەھۋال كىلىپ چىقار؟ يانفۇن بېكارچى بۇلۇپ كېتەرمۇ؟
ئالما 2 ئامىرىكا نوسخىسى ئىدى..
[...] ئۈسكىنە(ipod,iphone,ipad). تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكىنى ../1509.html دىن [...]
مېنىڭ مۇشۇ باسقۇچ بىلەن مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغانتى.سىز قايتا سىناپ بېقىڭ بولمىسا…
مەن مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچۇرامىدىم …
تېمىنى ئوبدان تۈزۈتۈپسىز.
ئالما تەرەپ بۇرۇنقى يوچۇقى ئەتمەپتۇ، شۇڭا ئاۋۇ يەشكۈچىلەر يەنە كونا «يوچۇق» تىن ئىشىك ئېچىپتۇ.
تۆت بەش قېتىم سىنىدىم يرىمىغا كەلگەن دە قېتىپ قالدىغۇ…
redsn0w_win_0.9.6rc15 قاچىلاۋاتقاندا يېرىم يولدىلا قېتىۋالدى…
ھەجەپ تېزلا چىقىپتا؟؟؟