يىقىندا apple دىكىلەر ios نىڭ نەشرىنى ناھايتى تېز يىڭىلاپ قىسقا ئىككى ھەپتىدىلا 4.3.3 دىن 4.3.4 ۋە 4.3.5 غا كۆتۈردى. بۇ ھەقتە خالاستان بىلوگىمۇ كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرىغا مەلۇمات بىرىپ نەشىر كۆتۈرمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان. چۈنكى بۇ يىڭى نەشىرلەردە ئىشلەتكۈچىلەرگە جىق ئىقتىدار پەرقى يوق. پەقەت ئورگان تەرەپنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرغۇچىلارغا كىچىك سېگىنالى ۋە «ئەسلىدىلا مەلۇم بولغان» يوچۇقلارنى ئېتىش يامىقى ھىسابلىنىدۇ.بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار بۇرۇن يوللانغان.
لىكىن بىر قىسىم تورداشلار نەشىر كۆتۈرگەندىن كىيىن مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرالماي (4.3.3 تىن كىيىنكى نەشىرلىرى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچمايدۇ) نەشىر چۈشۈرۈش ئىھتىياجى تۇغۇلۇپتۇ.شۇڭا تۆۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىمىز.
ئەسكەرتىش: shsh زاپاسلانمىغان ئەھۋالدا يۇقىرى نەشىرنى تۆۋەن نەشىرگە چۈشۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. نەشىر چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن ماس shsh نىڭ بار يوقلۇقىنى cydia نىڭ باش بەت ئەڭ ئۈستىدىن كۆرۈڭ، ياكى زاپاسلاڭ. tag/shsh
1. بۇرۇن يوللانغان 4.3.2 دىن 4.1 غا چۈشۈش دەرسلىكى بويىچىمۇ مەشغۇلات قىلىشقا بولىدۇ. بۇ يەردىكى 4.1 نىڭ ئورنىغا 4.3.3 نىڭ بولىقىنى ئىشلەتسەكلا بولىدۇ. تېما 1272.html
2. يۇقارقى ئۇسۇلدىن باشقا تۆۋەندە رەشىدكام تەۋسىيە قىلغان تېمىنى تونۇشتۇراي.
تۆۋەندىكى مەزمۇنلار iPhone、iPad、iPod Touch گە ماس كىلىدۇ. لىكىن تور قۇلۇبى بار iPhone دىكىلەر سىنىمىغايسىزلەر.
نەشىر چۈشۈرۈشنى رەسمى باشلىدۇق
1. http://www.app111.com/iOS.html#touch4 دىن ماس نەشىر بولىقىنى چۈشۈرۈڭ.
2.iTunes نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى چۈشۈرۈڭ http://www.apple.com.cn/itunes/
3. ئۈسكىنىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ DFU ھالەتكە كىرىڭ. 32.html
4.كومپيۇتېرنىڭ \Windows\System32\drivers\etc\ مۇندەرىجىسىدىن host ناملىق ھۆججەتنى خاتىرە دەپتەر ئارقىلىق ئېچىپ ئۈستۈنكى قۇرغا تۆۋەندىكى كودنى قوشىسىز.
74.208.10.249 gs.apple.com
قوشقاندىن كىيىنكى كۆرۈنۈشى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ.
5.كىيىنكى قەدەمدە iTunes نى قوزغىتىمىز. چىققان كۆزنەكنى مۇقىملاپ Shift نى بېسىپ تۇرۇپ چۈشۈرگەن بولاق (4.3.3) نى تاللاپ بېرىمىز
كىيىنكى جەرياندا ئۈسكىنە قايتا قوزغىلىدۇ. ھىچقانداق مەشغۇلات قىلماي ساقلاپ تۇرىمىز. تور سۈرىتىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە ئوتتىن ساقلىنىش تېمىنىڭ تەسىرىدىن بۇ جەريانغا 5مىنۇتتىن 2 سائەتكىچە ۋاقىت كىتىدۇ. iTunes دا قايتۇرۇش مەشغۇلاتى تاماملىنىپ بىرەر ئىنكاس كۆرۈنگەندىن كىيىن (خاتالىق ئۇچۇرى دېگەندەك )ئۈسكىنىنى كومپىيۇتېردىن چېقىرۋىلىشقا بولىدۇ.
ئەگەر 1013 خاتالىقى كۆرۈلسە:خاتالىق ئۇچۇرىغا تەگمەيلا تۆۋەندىكى دېتالنى چۈشۈرۈپ ئېچىدكى zlib1.dll دېگەن ھۆججەتنى WINDOWS/system32/نىڭ ئېچىگە كۆچۈرىمىز. چۈشۈرۈش ئادىرسى
ئاندىن Ctrl + Shift + Esc كۇنۇپكا ئارقىلىق windows任务管理器 نى ئېچىپ iTunes.exe ۋە iTunes Helper.exe دېگەن ئىككى ھالەتنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرىمىز. بولمىسا iTunes قاچىلاش مۇندەرىجىسىدىن قايتا قوزغىتىمىز. قوزغىتىپ بولۇپ يەنە 任务管理器 دىن يۇقارقى ئىككى ھالەتنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرىمىز. بار بولغانغا قەدەرتەكرارلىنىدۇ.
ئاندىن ئۈسكىنىنى قايتا چېتىپ Fix recovery نى قوزغىتىمىز. ئاندىن يۇقارقى باسقۇچتەك DFU غا كىرىمىز. كىرىپ بولغاندىن كىيىن Fix recovery ئۈسكىنىنى ئاپتوماتىك قوزغىتىدۇ.
مەشغۇلات ئاخىرلاشقاندىن كىيىن Host ھۆججىتى ئېچىدىكى بىز قوشقان بۇيرۇقنى # 74.208.10.249 gs.apple.com قىلىپ ئۆزگەرتىمىز (يەنى 74 دېگەن رەقەمنىڭ ئالدىغا # بەلگىسى قويىۋىتىمىز(ئۆچۈرگەنگە باراۋەر)).
ئەگەر 1394 خاتالىقى چىقىۋالسا تور سۈرىتىنىڭ ئاستىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا Host ھۆججەتكە نورمال قوشۇلغانلىقىنى جەزىملىگەندىن كىيىن تور سۈرىتى ياخشىراق پەيىتلەرنى تاللاپ سىنايمىز.
3194 خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالسا قانداق ئوڭشايمىز؟
سىز TinyUmbrella ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىپ تەكشۈرسىڭىزلا قايسى نەشىرلەرگە چۈشۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلىسىز. قايسى نەشىرلەرنىڭ shsh زاپاسلانغان بولسا شۇنىڭغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
shsh زاپاسلانمىغان ئەھۋالدا يۇقىرى نەشىرنى تۆۋەن نەشىرگە چۈشۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ دەپسىز. مەن ipad2نى ئالغاندىلا سىستىمىسى 4.3.5 كەن . بۇنى 4.3.3 گە چۈشۈرۈش مۇمكىن ئەمەسمۇ ؟ ياكى 4.3.5 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بارمۇ ؟
ئۇنداق ئەمەس. چوقۇم تۈرمىدىن قاچىدۇ. لىكىن قېچىش ئۇسۇلى بەك ئالدىرمايراق ئېلان قىلىنارمىكىن
hormatlik akka bunngden kiyin amde ios hojatlar turmiden kaqurlmaydu degan gap rasmidu
مۇكەممەل قاچتىمۇ؟ جەرياننى بىلىشكە بولارمۇ؟
تېما تۈزۈتۈلدى. قايتا چۈشۈرگەيسىز. ئەمدى ئۆچۈپ كەتمەيدۇ.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم. نەزەرى ئەپەندى. سخ سخ زاپاسلاش دىگەننى تۈرمىدىن قاچۇرمىغان تىلفۇندىمۇ قىلغىلى بولامدۇ.
yahximu sila ,halastan bilogi diki tordaxla man iphone4 nig 4.3.5 naxirini bimalal turmidin kaqurdum
hapa bolmay tuzutup okasila jiddiqilikta haripmu hata kitiptu
tahximu sila almiqi tordaxla ,aga bu dital bak muhim bopkaldi quxurux adirisidin quxuray disam wakti otkan daydu hapa bolmay quxurganla bolsa awatip bargan bolsagla ( zlib1.dll) bu minig QQ rim 865009588
yahximu siz man 4.3.5 ni 4.3.3 quxuray digan amma 1013 hataliki qikiwaldi siz digan ditalni quxuray disam pakat quxuralmidim u tor batta 115 tor korguxtin baxka nimi komidimgu hapa bolmay quxandurup koysagla ?
[...] 4.3.5 نى 4.3.3 گە چۈشۈرۈش دەرسلىكى 2495.html [...]
مانا مەن ھازىر يۇقارقى تەرتىپ بويىچە ھىچقانداق خاتالىققا ئۇچۇرماي نەشىر چۈشۈردۈم .
بايام 4.3.5 غا چېقىپ ئىقتىدارلىرىنى سىناپ باقتىم، جىق ئۆزگىرىش يوق ، يەنە چۈشۈۋالدىم . يۇقارقى تېمىدىكى خاتالىقلارمۇ ئۇچۇرمىدى.
راستلا 4.3.5 نى http://www.jailbreakme.com دا تۇرۇپ قاچۇرالمىدىم.
ھەممىسى ئوڭۇشلۇق زاپاسلاغلىقكەن. نۆۋەتتە لازىملىق نەشىرلەرنىڭ ھەممىسى باركەن.
كىلەر ئايدا 5.0 نىڭ shsh ئېچىۋىتىلىشى مۇمكىن، شۇ چاغدا شۇنى بىر زاپاسلىۋەتسەكلا بولدى. ۋاقتى كەلسە بىلوگدا ئۇقتۇرۇش قىلىمەن.
مەن مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە 4.3.3 كە يېنىۋالدىم ۋە دەرھال تۈرمىدىن قاچۇردۇم. قىلغان بىرىنچى ئىشىم يەنە شاشنى زاپاسلاش بولدى. ئەمما مەن بۇ مەشغۇلاتنى ئېلگىرىمۇ قىلغان. شۇنداق تۇرۇپ بۇ قېتىم يەنە ئۇڭۇشلۇق نەشر چۈشۈرەلمەي بۇ تېمىدىن پايدىلىنىپ ئاندىن مەقسەتكە يەتتىم.
تۆۋەندىكى سۈرەتلەرگە قاراپ باڭسىڭىز، شاش ئۇڭۇشلۇق زاپاسلىنىپتۇمۇ؟ زاپاسلانغان بولسا مەن قايسى نەشرگە ئوڭۇشلۇق چۈشەلەيمەن؟
http://b1.ac-images.cdnmyspace.cn/cnimages01/3/l_56c43e143096bde7c98b207ea9488c50.png
http://b4.ac-images.cdnmyspace.cn/cnimages01/4/l_dd7d8a94ce29e55e99f5ba99012619aa.png
http://b2.ac-images.cdnmyspace.cn/cnimages01/3/l_02b28c9fdbccebad49ea8617aff94d15.png
http://b2.ac-images.cdnmyspace.cn/cnimages01/3/l_9af99b29ae23016f011f73ecd25c38e8.png
http://b0.ac-images.cdnmyspace.cn/cnimages01/3/l_84be03de88779dcdc2019c44a7fa08af.png
http://b1.ac-images.cdnmyspace.cn/cnimages01/4/l_5f82566b0f1c04c71d17c4d5fc736f85.png