بالىلىق – بۇ بىر كونا تېما، ھەممەيلەن باشتىن ئۆتكۈزگەن، ھەممەيلەن مەڭگۈ قىيمايدىغان بىر جەريان. تالاي-تالاي شىئىرلار مۇشۇ بالىلىقنى ئەسلەش بىلەن باغلانغان. شۇڭا مەنمۇ بۇ ھەقتە تولا ئىزاھتىن تېمىغا قايتىشنى ئەۋزەل بىلەي……..
بۈگۈن توردىن بالىلىق دەپ ئىزدىسەم مۇنداق بىر مەزمۇن دىققىتىمنى تارىتتى:«مەن تۇرۇپلا شۇ بالىلىق چېغىمدىكى خوشال،غەم ئەندىشىسىز كۈنلىرىمىى سېغىنىپ قالدىم.بالىلىق چاغلىرىمىزدا تىزرەك چوڭ بولسامكەن دەپ نۇرغۇن ئارزۇ -ئارمان قىلىدىكەنمىز ئەكىسچە،چوڭ بولغاندا بولسا ئەشۇ بالىلىق دەۋرىمىزنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ بەخىتلىك مىنوت ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ قالىمىز .ئەمما ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت ئارقىغا يانمايدۇ دە-!».
ئاددىيلا بىر جۈملە ھەممەيلەننىڭ قەلبى سۆزىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ. تۆۋەندە بۇ ھەپتىلىك «بىر مۇڭ» ئۈچۈن Richard Clayderman ئورۇنلىشىدىكى SOUVENIRS D’ENFANCE ناملىق پىئانىنو يىنىك مۇزىكىسىنى يوللىدىم.
Richard Clayderman بولسا(خەنچە 理查德·克莱德曼 دەپ يىزىلىدۇ.) نۆۋەتتىكى ئەڭ داڭلىق pianist بولۇپ 1953-يىلى فىرانسىيەدە تۇغۇلغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن نۇرغۇن مۇھەببەت تېمىسىدكى مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان ۋە تەكرار كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى. نۆۋەتتىكى بىردىنبىر pianist تۈرى بويىچە تونۇلغان سەنئەتكار.
دىققەت تۆۋەندىكى مۇڭلۇق مۇزىكىدا بولسۇن.
بۇرۇندىنلا ياقتۇرىدىغان مۇزىكا ئىدى . ياش ۋاقلىرىمنى ئەسلىتىپ قويدى ما مۇزىكا .