ئالدىنقى يازمىلىرىمىزدا iOS 5 نىڭ يىڭى ئىقتىدارلىرىدىن بىرى بولغان SIRI ئىقتىدارىنى دەپ ئۆتكەن. بۇ ئىقتىدار گەرچە بىزگە بىر نەچچە يىللىق يىراقتا بولسىمۇ ئازراق چۈشەنچە بىرەي.
بىچارە steve Jobs قۇرۇپ چىققان apple ئىكولوگىيسىگە ”ۋاكسىنا ئەملەپ“ تۇرىدىغان خاككېرلار ئالدىنقى ھەپتە siri نى iphone4كە قاچىلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كىيىن ھەممىنىڭ كۆزى بۇ نەرسىگە تىكىلدى. پاسىبان كىلۇبىمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بىرىپ ئۆتكەن. شۇ ئارلىقتا apple نىڭ مۇلازمتېرىمۇ بىر مەزگىل توختاپ كەتتى. تۈنۈگۈن يەنە بىر گوروھ siriنى بارلىق ios5 كە قاچىلىغلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتقان. بۈگۈنكى خەۋەردە تىڭشىغۇچنىڭ يىنىدىكى ئارلىق ئىنفىرا قىزىل نۇر سەزگۈرىنىڭ iphone4s تە داۋاملىق ئىجرا ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. باشقا ئۈسكىنىلەردە ئارلىق ئىنفىرا قىزىل نۇر سەزگۈرى ئادەم يۈزىگە يىقىنلاشقاندا ئاندىن قوزغىلىپ ئىكراننى ئۆچۈرىدۇ. ھازىر تەھلىلچىلەر بۇنىڭ SIRI بىلەن باغلىنىشى بولىشى مۇمكىن دېيىشمەكتە. چۈنكى apple تەرەپمۇ ئىنىقلا قىلىپ siri نى iphone4s تىن باشقا ئۈسكىنىلەرگە قوشۇش پىلانىمىز يوق دېدى.لېكىن كىيىنچە قوشۇلۇش ئىھتىماللىقى يوق ئەمەس.
Close[SWF] - siri
SIRI ئەمىليەتتە ئابونت نوقتىسى (i فامىلىلىك ئۈسكنىلەر)، ئالما مۇلازىمتېرى (apple siri servers) شۇنداقلا ئۇچۇر مۇلازىمتىرى(Information Servers)دىن تۈزۈلگەن.جەريانى: ئابونت نوقتىسى خالىغان مەزمۇندا ئاۋازلىق بىر بۇيرۇق بېرىدۇ. apple siri servers بۇ ئاۋازنى پەرقلەندۈرۈپ ئايرىيدۇ، شۇنداقلا ماس (Information Servers) غا ياكى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ(مەسىلەن تېلفون ئۇرۇش). (Information Servers) بۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ماس ھالدىكى جاۋابنى ماشىنا ئادەم ئاۋازى ئارقىلىق قايتۇرىدۇ.
مەسىلەن: بىر ئەپەندىم siri نى ئېچىپ :“خالاستان بىلوگى قاچان قۇرۇلغان؟“ دەپ سورىسا ، apple siri servers ئالدى بىلەن بۇ ئەپەندىمنىڭ گېپىنى بىر تەھلىل قىلىپ ئاندىن (Information Servers) ئارقىلىق www.../ نىڭ تېزىملانغان ۋاقتىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئوخشاشلا بىزمۇ :“ئامېركىغا جوڭگودىن 2 كىلو پالەك يۆتكىسەك قانچە پۇل؟ يەنە ئازراق نەشەمۇ ئېلىۋالساق بولارمۇ؟“ دېسەك يەنىلا يۇقارقى جەريان ئارقىلىق جاۋاب قايتىدۇ.
يۇقارقىسى بىر مىسال، ئەمىليەتتە ھازىر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلۋاتقان ئىقتىدارى wikipedia دىن ئۇچۇر ئاقتۇرۇش، ھاۋارايى ، پايچەك سۈرۈشتۈرۈش، قاتناش- بىلەت زاكاس قىلىش، خىزمەت ۋاقتى تەكشۈرۈش… قاتارلىق. siri نىڭ مۇلازىمتېرى (apple siri servers) بولسا ئۆگىنەلەيدىغان بولغاچقا بۇرۇن سورالغان، جاۋاب بېرەلمىگەن سۇئاللار ئاپتوماتىك خاتىرلىنىدۇ ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇچۇر مىقدارى كۈنىسىرى قوشۇلىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم تۇرمۇش ئادەت سۆزلىرىمۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك (apple siri servers) غا قوشۇلۇپ تۇرالايدۇ. (apple siri servers) بولسا siri نىڭ نېگىزى ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا siri نىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى apple شىركىتى ئابونت نوقتىسىغا ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەيلا يىڭى ئۇچۇرلارنى تاغدەك قوشالايدۇ.
يۇقاردا ئېيتىلغان (Information Servers) دەك مۇلازىمتېرلار جوڭگودا ئاز ھەتتا يوق دىيەرلىك بولغاچقا ئۇزۇنغىچە بۇ ئەرمەكنىڭ بىزگە مۇلازىمەت قىلىشى تەس. بىز ھازىرچە چۈشۈنۈپ تۇرساق، ياكى بۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ يەرلىك مۇلازىىمتېر قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ “سىرى(سىر-مەخپىيەتنى بىلگۈچى)” نى ياراتساقمۇ بولىدۇ.بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ يازمىنى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ.