مەلۇملۇق، ھازىر iOSنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرى 5.0.1 . بىراق بڭ نەشىرنىڭ تۈرمىدىن قاچمىقى بەسى مۈشكۈلگە توختىدى. بۇنىڭدىن كىيىنكى نەشىر بولسا 5.1. بۇ نەشىرنىڭ تۈرمىدىن قېچىشى تېخىمۇ مۈشكۈل بولىدۇكى ئاسانلاشمايدۇ. Apple نىڭ خەۋەرلىرىدىن پەرەز قىلىشىمىزچە يىقىندىلا 5.1 نەشىر بولىقى تارقىتىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا 5.0 ياكى 5.0.1 غا نەشىر چۈشۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. چۈنكى بىز ئۇزۇندىن بىرى ئىشلىتىۋاتقان SHSH ئارقىلىق نەشىر چۈشۈرۈش ئۇسۇلى 5.0 دىن كىيىن كارغا كەلمەيدۇ. چۈشۈشكە توغرا كەلسە پەقەت 4.x كە چۈشۈشكە بولىدۇ.
ھازىر A4 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتكەن ئۈسكىنىلەرنىڭ ھەممە نەشرى، A5مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتكەن (iPhone4s, ipad2) ئۈسكىنىلەرنىڭ قىسمەن نەشرى تۈرمىدىن قاچتى (iPad2 نىڭ 4.3.3).
A5مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتكەن (iPhone4s, ipad2) لەرنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى تېخىچە پارتىزانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئىش. بىز پەقەت ساقلىيالايمىز.
شۇڭا ھازىر تۆۋەن نەشىرىكى ئۈسكىنىلەرنىڭ 5.0.1 غا كۆتۈرۈپ ئاندىن مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۋىلىش ئەڭ ئاقىلانە چارە ھىسابلىنىدۇ. بولمىسا كىيىن 5.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىدىن بۇرۇن iOS5 كە كۆتۈرگەندە يەنە مورافونچە تۈرمىدىن قېچىشنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولىمىز.
نىمىشقا 3.1.3 ياكى 4.2.1 لاردا بولمايدۇ؟ بولغان بولسا iphone2نى ئىشلەتكەنلەرگە بەك ياخشىبولاتتىدە.
لىكىن مەن ئىشلەتكەن نىڭ بۇرۇنقى نەشىرى4.1ئىدى، كىيىن 5.0.1گە كۆتۈرۈپ يەنە 4.3.3كە تۆۋەنلەتتىم
مەنمۇ بىرنى ئالغان بۇ چوقىدىن تازا بىلمەيتتىم بولسا كىلىپ ئوڭ شاپ بىرىڭلا مىنىڭ ihpone رىمنىمۇ
3GS نى مۇشۇ يېڭى نەشىرگە كۆتۈرسەم سىگنال يوقاپ كەتتى ئامال قىلىپ بەرسەڭلار
3گ س دېگەنگە قاملىشامدىكەن بۇ ئوقەت؟
دېمەك، شاشنى زاپاسلىغاننىڭ ئەھمىيىتى يوقكەندە ھازىرچە!
5.0 دىن كىيىن SHSH نى ئىشلىتىشكە چارە تېپىلمىدى تېخى.
ئاپلا، مەن تېخى قايسى كۈنى ھەپىلىشىپ يۈرۈپ 5.0.1 نىڭ شاشنى زاپاسلىۋالغانىدىم… iPhone4s نى نەشىر چۈشۈرگىلى بولماسمۇ ئەمدى. بۇ گۇيلار بۈگۈن ئېلان قىلىمىز، ئەتە ئېلان قىلىمىز دەپ بۈگۈنگىچە تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى ئېلان قىلمىدى……
ihpone يوقلار ئاستا ئىشىمىزنى قىلايلى بېرىپ…ھا ھا…
ئۇرۇنلۇق گەپ ھېلىمۇ.5.0.1 نىڭ جاپاسى خېلىبا 5.1 نىڭ مۇ شۇنداق بۇلىشى مۇقەررەر .5.1
itunes قا يۈكلەنگىچە 5.0.1 نى تۈرمىىن قاچۇرۇپ ئەڭ ياخشى ئىجرا ھالىتىگە ئەكىۋىلىشىمىز كېرەك.