مەشرەپسىز ھايات ئۇيغۇرغا يات!
بىزدە يۇقارقىدەك ئادەت سۆزى ئەقلىمنى بىلسەملا باركەن.
خوش، بۇ ھەقتە ئابدۇۋەلى ئايوپ ئەپەندىمنىڭ قانداق كۆز قارىشى بار. دىققەت تۆۋەندىكى يازمىدا بولسۇن.
بۇ ماقالە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى.____________________نەزەرى.
مەيلى كىم بولسۇن، قايسى ئىقلىمدا ياشىسۇن، دۇنيادا يىغىلىش، سورۇنلارسىز ئىنسان ھاياتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس. بولۇپمۇ ئۇيغۇرغا ئوخشاش جامائەتچىلىك ئېڭى ئالاھىدە كۈچلۈك مىللەتلەردە ئىنساننىڭ ئۆز سورۇن، مەشرەپلىرىدىن مۇستەسنا يالغۇز-يىگانە ياشىشى تەسەۋۋۇردىن تولىمۇ يىراق.
2000-يىللىرى ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپكە خىزمەتكە ماڭغىنىمدا بىر دوستۇم ”ئۇ يەردە يالغۇز زېرىكمەمسەن؟“ دېگەنتى. بۇ سۇئال ماڭا بىر قارىماققا تولىمۇ سۆيۈملۈك تۇيۇلدى، يەنە بىر ئويلىسام تولىمۇ قىزىق. ئۇيغۇرنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇر يوق يەر نەچچە مىليون نوپۇسلۇق شەھەر بولۇپ كەتسىمۇ ”ئادەم يوق، زېرىكىشلىك“ بولاتتى. ئىچكىرىدە خىزمەت بىلەن يۈرۈپ خەنزۇلارنىڭ سورۇنلىرىنىمۇ جىق كۆردۈم، لېكىن توختىماي گەپ قىلىپ ھاراق ئىچىدىغان يېرى ياقمىدى. بۇنداق سورۇنلاردا گەپ بىلەن نەپ پاسلاشتۇرىلاتتى. سورۇن، ھاراق پەقەت ۋاسىتە ئىدى. مەندەك ھاراق ئىچمەيدىغان، نەپسنى سورۇندىن ئەمەس ھالاللىقتىن ئىزدەيدىغان ئادەمگە بۇنداق ئولتۇرۇشلار تولىمۇ زېرىكىشلىك ئىدى. ئەسئەت سۇلايماننىڭ ”ئۆزلۈك ۋە كىملىك“ دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ ياۋرۇپالىقلارنىڭ سوغۇق مىجەزىگە ھەيران قالغاندىم. ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇنلا كاللامدا بىر مۇزدەك جەمئىيەتنىڭ ئوبرازى ئاللىقاچان سىزىلىپ بولغان ئىدى. ئامېرىكا ھەققىدىكى باشقا يازمىلاردىن ھېس قىلغىنىم كىشىلەرنىڭ زىيادە ئالدىراشلىقتىن يىغىلىشقا چولىسى تەگمەيدىغانلىقىنى، خەقنىڭ ئۆيىگە تولا بارمايدىغانلىقى ۋە خەقنىمۇ چاقىرمايدىغانلىقىى… دېگەندەك ئۇيغۇرغا تولىمۇ زېرىكىشلىك تۇيۇلىدىغان ”رېئاللىق“ ئىدى.بۇرۇن مەن پەقەت ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىلا شۇنداق ئادەمخۇمار بولامدىكىن دەپ ئويلايتتىم.
نەدىكىنى ئامېرىكىغا كېلىپ بىرىنچى ھەپتىسى سورۇنغا تەكلىپ قىلىندىم“مەشرەپ“ نى ئۇيۇشتۇرغۇچى مەن تۇرۇۋاتقان شەھەردىكى بىر ئائىلە بولۇپ ئارامغا چىققان ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن. ”مەشرەپ“ كە چاقىرىلغانلار خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇ كىشىنىڭ شۇ يەرلىك دوستلىرى ئىكەن. ئۆي ئىگىسى ئەر ئايال بىزنى ئىشىك ئالدىدا قارشى ئالدى. ئىشىكتىن كىرگەندىكى مىھمانخانىغا بىر پىيانىنو، بىر قانچە ساپا قويۇلغان بولۇپ مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ئۆينىڭ ھەر بۇلۇڭىدىكى قول يەتكۈدەك يەرلەرگە قويۇلغان لاتا ”كىتاب ئىشكاپ“ لىرى بولدى. بوش يەرلەرگە تىزىلغىنى ۋە تاملارغا ئېسىلغىلى مەن تازا بىلىپ كەتمەيدىغان رەسساملارنىڭ رەسىملىرى، بالىلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرى، ئاتا ئانىسىنىڭ سۈرىتى بېسىلغان گېزىتلەر، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قولىدا ياسىغان تۈرلۈك خاتىرە بويۇملىرى بولۇپ ماڭا بۇ مىھمانخانا بىر مۇزىيىدەك تەسىر بەردى.
مىھمانخانا ئىچىگە ئاشخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ساھىبخان بىلەن پاراڭلاشقاچ تاماق پىشىشنى ساقلىدۇق، بەزىسى تاماققا يارىمدەملەشتۇق. تاماق تەييار بولغاندا ھەممىمىز تاماقلارنى تاماقخانىسىغا تىزدۇق، ۋە ئۆچىرەت بويىچە تاماق ۋە سالاتلارنى چوڭ كىچىك تەخسىلەرگە ئېلىپ بەزىلىرىمىز ئولتۇرۇپ، بەزىلىرىمىز مېڭىپ يۈرۈپ پاراڭلاشقاچ غىزالىنىشنى باشلىدۇق. ئامېرىكىدا بۇنداق سورۇن ئىككى خىلكەن. بىرى مۇشۇنداق ساھىبخان تاماق پۇشۇرىدىغان، مىھمانلار خالىسا يىمەكلىك ياكى ئىچىملىك كۆتۈرۈپ كېلىدىغىنى، يەنە بىرى پاتلاك دەپ ئاتىلىدىغان، ساھىبخان تاماق ئەتمەيدىغان مىھمانلار تاماقلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ باشقىلار بىلەن بىللە يەيدىغىنى ئىكەن. ئاڭلىشىمچە بۇ پاتلاك دېيىلىدىغان ئولتۇرۇش ئەسلى ھىندىيانلارنىڭ ئادىتىكەن. تاماقنى ئولتۇرۇپ تېز يەپ بولغانلارغا قارىسام جوڭگۇلۇقلاركەن، يەرلىكلەر تېخى يېرىمىنىمۇ يەپ بولالماپتۇ. تاماقتىن كېيىن تاتلىق تۈرۈم ۋە ماروژنا يېيىش ئادىتىكەن. بۇ يەردە ”مەشرەپ“ دېگەن مۇشۇنداق بىر ئىستاكان پىۋا ياكى كولادەك ئىچىملىكنى كۆتۈرىۋېلىپ سورۇندىكى خالىغان كىشى ياكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىدىغان ئىشكەن. نە ناخشا- مۇزىكا، نە دۇتتار- تەمبۇر يوقكەن. ئۇلار ئۆزلىرىچە كۈلۈپ تېلىقىپ قالغان قالغان ”لەتىپە“ لەرىگە پەقەت ئەگىشىپ كۈلگەن بولۇۋالدىم، لېكىن شۇنچە ئادەتتىكى گەپلەرگە نېمىشقا قاقاقلىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدىم. بەلكىم چاخچاقلارنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى پەرقلىق بولغاچقا شۇنداقتۇر. مەسىلەن، بىزدىكى ”دۇنيا سىلەرنىڭ شۇنداقلا بىزنىڭ، چاپچال سىلەرنىڭ قومۇشى بىزنىڭ“ دېگەن لەتىپىنى ئىنگلىزچىگە ئۆرۈسە ھېچكىم كۈلمىگەندەك بىر ئىش.
ساھىبخان مۇسۇلمان مىھمانلار، گۆش يىمەسلەر ئۈچۈن ئالاھىدە تاماق ھازىرلاپتۇ. مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاشۇ تاماققا تىزىلغان ئۆچىرەتتە تونۇشتۇم. تايلاند، مالايسىيا، ھىندونېزىيە ۋە باشقا شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنى جۇنۇپلۇق خەنزۇلاردىن ئايرىماق تەسرەككەن. مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپلا كەتتىم، كاۋاپ دېگەن بۇ تاماق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىدە باركەن. ئەرەبىستانلىق ئەرەب ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇلارنىڭ مانتىنى بىزدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلىۋالدىم. قىزىق يېرى بىز لازىجان، ياغلازا دەپ خەنچىسىنى ئىشلەتسەك ئۇلار ئۇيغۇرچىسى ”ياغمۇچ“ نى ئىشلىتىدىكەن. بىز ئۆزىمىزدىكىنى ئەرەبلەرگە ئۆگىتىپ قويۇپلا ئۇيغۇرچىسنى تاشلاپ خەنچىسىنى ئۆگنىۋاپتۇق. ھىندىستانلىق، بېنگاللىق، پاكىستانلىق، ئىرانلىق ۋە ئەرەبلەردە بىزدىكىگە ئوخشاش پولۇ، نان، سامبۇسا دېگەندەك يىمەكلەر باركەن. تاماقلىرىمىز، ئادەتلىرىمىز، ناخشا ئۇسسۇلىمىز ۋە چىرايىمىز ئىرانلىقلارغا بەكرەك ئوخشايدىكەن. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ تەپسىلى بىلىدىغانلار تۈركىي مىللەتلەردىن قالسا ياپۇنلاركەن. ماڭا تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۆزىنى جۇڭگولۇق دېمەسلىكى ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە بەكرەك مايىللىقى يېڭىلىق تۇيۇلدى. جىياڭسۇلۇق بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ كۇچادا ياپۇنلۇق بولۇۋېلىپ يەرلىكلەرنىڭ ئىززىتىگە ئېرىشىشكە مەجبۇر بولغانلىقىدىن ئاغرىندى. مەن ياپۇنلۇق ساياھەتچىلەرنىڭ تەكلىماكاندا ئەخلەت تەرگەن تەسىرلىك كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپمۇ قايىل قىلالمىدىم. شۇندىن كېينكى“مەشرەپ“ لەردە باشتىن ئاياق بىر ئىش دىققىتىمنى تارتتى ئامېرىكىلىقلار ئاساسەن ئۆرە تۇرۇۋېلىپ ئىچكەچ پاراڭ سالىدىكەن. جۇڭگولۇقلار ئاساسەن ئولتۇرۇۋېلىپ يەپ ئىچكەچ سۆزلىشىدىكەن. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ”ئولتۇرۇش“ دېگەن سۆزنىڭ مەشرەپنىڭ ئورنىغا نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرگەنلىكىنى ئاڭقارغاندەك بولدۇم.
ماڭا سۆزدىكى ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇر سورۇنلارنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى مۇجەسسەملەشكەندەك بىلىندى. ئەجەبا خەنزۇلارنىڭ يەپ ئىچىشنى مەزمۇن قىلغان ”ئولتۇرۇش“ لىرى بىزگە كىرىپ، ئۆزىمىزنىڭ شاتلىق، شاشلىق، شەرەندازلىققا تويۇنغان مەشرەپلىرىمىز يەپ ئىچىدىغان ”ئولتۇرۇش“ قا ئايلىنىپ قالغانمىدۇ؟ بوۋىلىرىمىزدىن قالغان مەشرەپتىن شەرەپ قۇچتۇق، نامىمىز ب د ت نىڭ تىزىملىكىگە پۈتۈلدى، بىزدىكى بۇ ئولتۇرۇشلاردىن كېيىنكىلەر نېمە ئۇتار؟
بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ دەپ بېرىشىچە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن ”مەدەنىيەتلەردىن مەلۇمات“ پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ شاراپىدىن خېلى نام چىقىرىپ قاپتۇ، ئازراق پۇللۇق بولۇپ قاپتۇ. پائالىيەتتە بىر شىرەگە ئۇيغۇرلارنىڭ كەشتىلىك داستىخېنىنى سېلىپ، پولۇ، سامسا، قۇيماق، گوشنان قاتالىق تاماقلارنى تىزىپ كەينىدە باشقا شىتاتلاردىن ياردەمگە كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن دۇتار، تەمبۇر ۋە داپنى چېلىپ ئۇيغۇرچە كىيىنىپ تۇرۇپتۇ. خەلق ناخشىلىرىدىن ئارىيە ئوقۇلغاندا ئولۇشۇۋالغان زىيارەتچىلەر نوۋەت ئۇسۇللۇق ناخشىغا كەلگەندە يوپۇرلۇپلا قوشۇلۇپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ. ئون بەش مىنۇتقا قالماي ئەتكەن تامىقى تۈگەپتۇ، تاماققا تاپقان كەشتىلىك ياپقۇچ، كەشتىلىك داستىخان، دۇتار سېتىلىپ كېتىپتۇ. يەرلىك ئامېرىكىىقلار ساتمايمەن دېگەنگە قويماي تەمبۇر ۋە داپنى چۆرگىلەپ كېتەلمەي قاپتۇ. بۇ ئۇنۋېرىستىتنىڭ ”مەدەنىيەتلەردىن مەلۇمات“ پائالىيىتى خېلى داڭلىق بولغاچقا ئۆز مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ ئالاھىدە كۈچ چىقارغانىكەن. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇنچە ھەشەم دەرەملەرگە مۇيەسسەر بولالمىغان بولدىمۇ شۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئەڭ خېرىدارلىق بولۇپ يەرلىك گېزىتلەر ۋە تېلېۋىزورلاردىن ئورۇن ئاپتۇ. 2008-يىلى مەن ئەسلى چۇڭچىڭغا خەنزۇچە ئۆگەنگىلى كېلىپ تۇيۇقسىز ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە ئۆزگەرگەن ئامېرىكىلىقنىڭ ئىگىلىشىمچە، شۇ شەھەردە ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلاشتۇرغان بىر ئۇيغۇر مەشرىپى ئۇنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مەھلىيا قىلىشىۋالغانىكەن. ئويلاپ قالدىم، بىزنىڭ ئوقۇغۇچى بالىلار ئورۇنلاشتۇرغان، سەھنىلەردىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن مەشرەپلەر جوڭگودا ۋە ئامېرىكىدا شۇنچە تەسىر قالدۇرۇپتۇ، ئەگەر ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان ھەقىقى مەشرەپنىڭ داۋام قىلالىغان بولساق بۇنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنىنى يانچۇقىمىزنى توم، يۈزىمىزنى يورۇق قىلماسمىدى؟
ئۆملۈككە، قېرىنداشلىققا تەشنا ئۇيغۇر مەشرەپسىز ياشىيالمايدۇ. ھازىرقى چايلار ۋە ‘ئولتۇرۇش“ لىرىمىز دەل شۇ بوغۇندىن بوغۇنغا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدۇر. ھازىر مەشرەپلىرىمىز ئىكىرانلاشتى، بۇ مۇزىيلىشىشنىڭ باشلىنىشى خالاس. چۈنكى ئىكىرانلاشقان مەشرەپتە ئۇيغۇر پەقەت تاماشابىنىلا بولالايدۇ، ئىشتىراكچى بولالمايدۇ. بۇنداق مەشرەپ ئىكىراننى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەشرىپى خالاس، ئۇنىڭ قايسى شەكىلدە بولۇشى تاماشابىننىڭ ئىلكىدە ئەمەس. ئەسلى ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىدىكى مەشرەپتە ئۇيغۇ سەنئەتنىڭ سەيلىچىسى، ئىشتىراكچىسى ۋە ياراتقۇچىسى ئىدى. ياراتقۇچىسىز قالغان سەنئەت، ئىشتىراكچىسىز قالغان مەدەنىيەتنىڭ بارار يېرىنىڭ مۇزىي بولىدىغانلىقى تارىختىن بىزگە سىر ئەمەس. مەشرەپلا ئەمەس، بىزنى ئورىغان دۇنيا، كۆزىمىزدىكى رېئاللىق ۋە پۈتكۈل تەئەللۇقاتلىرىمىز ئۆزگەرمەكتە، ئېچىنىشلىق يېرى بىزنىڭ بۇلارغا پەقەت سەيلىچى بولۇپ قالغىنىمىزدۇر.