ئالدى بىلەن بارلىق apple پىروگراممېرلىرىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ iTunes ھىساباتىغا جوڭگونىڭ بىر نەچچە چوڭ بانكىسىنىڭ پۇل قاچىلاش ئېغزى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن.
جوڭگولۇق پىروگراممېرلار ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ ئىشقا كۆپ ئېنكاس يازغان ئاخشامدىن تارتىپ جوڭگولۇقلارمۇ ئۆزىنىڭ بانكا كارتىلىرىنى خالىغانچە باغلاپ، ھەقلىق دېتاللارنى بىمالال سېتىۋاللايدىغان بولدى. جوڭگولۇق پىروگراممېرلارمۇ ھەقىقى يوسۇندا تېخىمۇ كۆپ ئىستىمالچىغا مۇلازىمەت قىلالايدىغان بولدى.
بۇرۇندىن بىزگە ئوموملاشقان apple ID دا پەقەتلا ئىناۋەتلەك كارتا قوللايتتى. لىكىن نۇرغۇن جوڭگولۇقنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ئۇقۇمى تېخى مۈجمەل، نۇرغۇن زىيالىيلارمۇ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرەلمەيدۇ. شۇىڭ بىلەن جوڭگولۇقلارنىڭ apple نىڭ يۇمشاق دېتال بازىرى بولغان app store دىن بىر نەرسە سېتىۋىلىشتا كۆپ قىينالغان.
ھازىر دەسلەپكى قەدەمدە قوللايدىغان بانىكلار : 招商银行、工商银行、建设银行、农业银行、浦发银行、光大银行、渤海银行、深圳发展银行、邮政储蓄、交通银行、中信银行(储蓄卡)、华夏银行、东亚银行、贵阳银行、锦州银行、稠州银行 .
بۇرۇنقى يۇمشاق دېتاللارنىڭ $ باھاسى بىلەن ¥ باھاسى ئوتتۇرسىدىكى ئالماشتۇرۇش قائىدىسى
نۆۋەتتە بىر قىتىمدا قاچىلىنىدىغان پۇل سوممىسى پەقەت 50/100/300/500 سوممىلىق بولۇپ ئاشقىنى ھىسابتا ساقلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن يەنە تېخىمۇ كۆپ بانىكىلارنىڭ قوشۇلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
تۆۋەندە ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇراي:
Windows ياكى Mac OS X دە iTunes App Store نى ئېچىپ ئوڭ تەەپتىن پۇل قاچىلاش دېگەن تۈرگە كىرىمىز.iPhone App Store نىڭ ئەڭ تۆۋەندىكى 精品聚焦 نىڭ ئاستىدىلا “充值” دېگەن تاللاش بار.
قاچىلىماقچى بولغان پۇل سوممىسىنى ۋە بانكىنى تاللىغاندىن كىيىن پۇل تاپشۇرۇش تاللاش كۆرسەتمىسى چىقىدۇ. ئادەتتە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق جەزىملەشنى تاللىساقلار قولاي.
ھە؛ مۇنداق دەڭ ،بۇرۇن ئىلتىماس قىلغان نومۇرۇمنى ئشلىتەلىسەم يەنە نۇمۇر ئىلتىماس قىلمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۇرمىسەممۇ بولغۇدەك.تاۋباۋ تۇردا مال سىتىۋىلىش كارتىسى ئارقىلىقمۇ دىتال سىتىۋالغىلى بولارمۇ.تاۋباۋ كارتىسى بجرىپ تىخى بىر نەرسە سىتىۋالمىدىم .ئشلەتكىلى بولسا سىناپ باقاي دىگەنتىم.
بۇرۇنقى نومۇر بولىۋىرىدۇ، پەقەت دېتال سېتىۋالغاندا كارتا نومۇرى تولدۇرىمىز.
بۇ ناھايتى بەلەن ئىش بولۇپتۇ.ئەمدى ھەقلىق يۇمشاق دىتال سىتىۋالساق كۇپ قۇلايلىق بولغۇدەك .جۇڭگو بانكىلىرى كارتىسى ئارقىلىق دىتال سىتىۋالساق بۇرۇنقى ھەقسىز ھىساۋات نومۇرىنى ئشلىتىمىزمۇ ياكى قايتىدىن ھەقلىق ھىساۋات نۇمۇرى ئىلتىماس قىلىمىزمۇ .