iphone دا سۆزلىشىش خاتىرسىنى نىشانلىق تازلاش ئىقتىدارى تەمىنلەنمىگەن. بىرلا تازلاش بۇيرۇقى بىلەن بارلىق سۆزلىشىش خاتىرسى ئۆچۈپ كىتىدۇ.
شۇڭا بىز 3-تەرەپ يۇمشاق دىتالىغا تايىنىپ بۇ ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
تۆۋەندىكى دىتالنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۈسكىنە تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولىشى كىرەك. دەرسلىك 897.html
تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئۈسكىنىدە 3- تەرەپ يۇمشاق دىتال سۇپىسى Cydia بولىدۇ، ئىشلىتىش دەرسلىكى 928.html
سىز ئاۋۋال يۇقارقى دەرسلىك بويىچە Cydiaغا تۆۋەندىكى ئادىرىسىنى قوشىسىز(بار بولىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا بىرلا يىڭىلىۋەتسىڭىز كۇپايە)
http://apt.thebigboss.org/repofiles/cydia
ئاندىن كىيىن cydia نىڭ ئىزدەش بېتىدىن call دىگەننى ئىزدىڭىسزلا بۇ يۇمشاق دىتال callclear ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكىسى مىنىڭ ماس قەدەم رەسىملىرىم. تۆۋەندىكى تۇتما رەسىملەر ھەرقانداق يۇمشاق دىتال ئىزدەش، چۈشۈرۈشكە ماس كىلىدۇ.
بۇ يەردىن شۇ دىتالنى تاللايمىز.
بۇ بەتتىن install نى تاللايمىز.
بۇ بەتتىن confirm نى تاللايمىز.
يۇقارقى جەريان ئاخىرلىشىپ cydia قايتا قوزغىلىدۇ. ئاندىن ئىكراندا callclear دەيدىغان بىر دىتال پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ دىتالنى قوزغاتساق ئىچىدە بىزنىڭ سۆزلىشىش خاتىرىمىز بار. شۇ يەردىن ئەخلەت چىلەكنىڭ بەلگىسىنى بىسىپ ئۆچۈرۈش ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ، ئاندىن سول تەرەپتىكى بوياقنى باسساق delet دىگەن خەت كۆرۈنىدۇ، شۇنى خەت ئارقىلىق ئۆچۈرۋەتسەكلا كۇپايە.
قۇتقۇزۇڭلا مەندە1ىەۋلات ىايفۇن بارىدى 3.1.2ىوس ىكەن بۇنىڭ تۇرمى دىن قېچش ىۇسۇلى بامىدۇ يار دەم قىلىڭ لا
سىز cydia غا apt.weiphone.com نى قوشۇپ شۇ يەردىن چۈشۈرسىڭىز ھەقسىز
بۇنىعۇ نورمال قاچىلىيالىدىم لىكىن بۇ دىتال ھەقلىقكەن، سۉزلىشىش حاتىرىسىنى تاللاپ ئۉچۅرۅش كۇنۇپكىسىنى باسسام buy now دەپ چىقىۋالدى.
[...] ئىزدەش كۆزنىكىدىن IPA دىگەننى ئىزدەڭ. ئۇسۇلى 995.html غا [...]
[...] iTunes ئارقىلىقiPhoneغا ناخشا-كىنو قا تۇلۇق تېكىستى [...]
قاچىلانمىدىمۇ يە قاچىلاپ ئاندىن نورمال ئىشلىمىدىمۇ؟ مەندە نورمال
91 چوماقچىسىنىڭ ھىلىقى قىستۇرما دىتالىنى قاچىلىمايمۇ ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولاتتى. مۇمكىن بولسا شۇنى ئۆچۈرۋەتسە.
قالغان مەسىلىلەرنى مەن ئويلاپ چارىسىنى قىلاي
يەنە بىرى كەلگەن-ئۇرغان تېلېفوننىڭ رايون تەۋەلىكىنى ماس قەدەمدە كۆرسىتىدىغان دېتال بارمۇ؟ 91 چۇماقچىسىنىڭ يانفۇنغا قاچىلىنىدىغان بىر دېتالى بار ئىدى، ئاپتوماتىك قاچىلىنىدىغان. 4.3.1 دە بۇ ئاپتوماتىك قاچىلانمىدى، مەجبۇرىي قاچىلىدىم لېكىن ئىجرا بولمىدى (بۇ دېتالنىڭ يېڭى نەشرى يوقكەن) ئەمما كەلگەن – ئۇرغان تېلېفۇن تەۋەلىكى كۆرۈنىدىغان بولدى. بىر چاتاق يىرى سۆزلىشىش خاتىرىسىدىكى مەلۇم نومۇرنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىش ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر، دەپتەردە ساقلاش… دەپ چىقىدىغان كۆزنىكى چىقمايدۇ. ئوڭ بۇرجەكنى باسساملا ئاساسى ئېكرانغا چېكىنىپ كېتىۋاتىدۇ. مەن بۇنى 91 چۇماقچىسىنىڭ ھېلىقى دېتالىنىڭ كاشىلىسى دەپ چۈشەندىم… ئۇنى ئۆچۈرۈۋىتەي دېسەم مۇشۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە باشقا دېتال تاپالمىدىم.
مەندە بۇ دېتال تەييار بار ئىدى… قاچىلىسام نورمال ئىشلىمىدىغۇ تاڭ.