iOS 5 تە تولۇق سۈرەت «全景拍照» ئىقتىدارىنى ئېچىش

مەن تولۇق سۈرەت «全景拍照» ئىقتىدارىنى بۇرۇن Symbian نىڭ بۈيۈك ئىزباسارى Nokia E5 دا بەك ئىشلەتكەن.بۇ خىل ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ سۈرەت كۆزى ئارقىلىق ئەتراپىمىزىدىكى 360گىرادۇسلۇق مەنزىرىنى بىرلا رەسىمگە سىغدۇرغىلى بولىدۇ. يەنى، رەسىم تارتىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ ئورنىمىزدا 360 گىرادۇس ئايلاندۇرساق ، ئىكرانغا كۆرۈنگەن بارلىق مەنزىرە بىرلا سۈرەتكە ساقلىنىدۇ(ئۇزۇنچاق بىر رەسىم چىقىدۇ). Googleنىڭ كوچا رەسىمى تارتىدىغان ماشىنا — GoogleCar لارغىمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدار ئورنىتىلغان ھازىر توردىنلا ئامېركانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم يەرلىرىنى نەخ مەيداندا تۇرغاندەك كۆرەلەيمىز.تېمىدىن چەتنىمەيلى.

 ئالدىنقى كۈنلەردىن تارتىپ نۇرغۇن بىلوگلاردا iPhone نىڭمۇ بۇ ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. چاتاق يېرى، تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئۈسكىنىلەرگە بۇ ئىقتىدارنى قوشقىلى بولمىغان. سىناشقا ئۈلگۈرمەيلا بۈگۈن تۈرمىدىن قاچۇرمىغان iPhone لارغىمۇ بۇ ئىقتىدارنى قوشقىلى بولىدىغانلىقدىن خەۋەر تېپىپ سىناپ مۇۋەپقىيەت قازاندىم.باسقۇچىنى ئورتاقلىشاي:

ئالدى بىلەن iBackupBot نى چۈشۈرىمىز.

ئاندىنiTunesئارقىلىقiPhone نى زاپاسلايمىز. جەريانى: iTunes دىكى iPhoneنامى ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىنى چەكسەك 备份 كۆرۈنىدۇ.

- كىيىنكى قەدەمدە iBackupBotنى قوزغىتىمىز. file نىڭ ئېچىدىن open nh تاللاپ  Library/Preferences/com.apple.mobileslideshow.plistدېگەن مۇندەرىجىدىن رەسىمدىكى زاپاس ھۆججەتنى ئاچىمىز.

- رەسىمدىكى ئورۇنغا EnableFirebreakYES   دېگەن كودنى قوشىمىز.

يۇقارقى باسقۇچ تامام. ئاندىن “Export”(输出) نى باسىمىز، كىيىنكى تاللاشتىن “Restore”(还原)نى بېسىپ بۇرۇن تاللىغان ھۆججەتنى قاپلىۋىتىمىز.

بىر ئاز ساقلايمىز. ھۆججەتنىڭ چوڭ كىچىكلكىگە ئاساسەن ۋاقىت كىتىدۇ.

مەشغۇلات تاماملىنىپ iPhone قايتا قوزغالغاندىن كىيىن سىنئ‍ىلىش تاللانمىسىدا 全景 دېگەن تۈرنى كۆرۈشكە بولىدۇ.


«iOS 5 تە تولۇق سۈرەت «全景拍照» ئىقتىدارىنى ئېچىش»نىڭ 8 ئويلىغانلىرى بار

  1. تىنىڭىز سالامەت بولسۇن تېخىمۇ يىڭى ئقتىدارلارنى چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ئۇقۇشىڭىز كۇڭۇللۇك بولسۇن :razz:

  2. مەن قىلسام قوشۇلماپتۇ ئۇنداق ئىقتىدار… قايتا قىلاي دەپ ئاچسام قايتا ئاچقاندا بۇرۇنقىدەك ھۆججەتلەر ئېچىلمايدىكەن… ئۆچۈرۈپ قايتا قاچىلىسام بولامۇ iTunesBackupBot نى ….
    سوراپ باقسام، iTunes تە زاپاسلىماي قىلسا بولمامدا…؟
    مەنمۇ يۇقرىدا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە قىلدىم، ئەپسۇس بولمىدى… :cry:

  3. بۇخىلدىكى iPhone نىڭ ئۆزىدە ئاچىدىغان Panorama ئىقتىدارى تۈرمىدىن قاچۇرغان ھالەتتە بولمامدۇ نىمە..؟ مەن قىلسام قۇشۇلماي، قايتا-قايتا سىناپ ئاخىرى سېستىمىنى بۇزۇپ قايتا سېستىما يېزىپ ، قايتىدىن سىنىسام بىر قېتىمدىلا ئوڭۇشلۇق قوشۇلدى… بىراق شۇنچە جاپا تارتقىنىمغا چۇشلۇق ئالاھىدە ئىقتىدارى يوقكەن… سۈرەتنى بەكلا پارچىلىۋېتىدىكەن، ئۇنىڭدىن Cydia دىكى Panorama 360 دىگەن ئەپ نوچىكەن، ماۋۇنىڭدا قول مىدىراپ كەتسىمۇ سۈرەتنى پارچىلىۋەتمەيدىكەن، مەن مۇشۇنى ئىشلىتىشنى قارار تاپتىم ئاخىرى…

  4. مىنىڭكى بەزى ئىنكاسلىرىم ئۆچۈرۈلۈپتىغۇ…؟ ئاۋۇ iTunesBackupBot تا ساقلانغان زاپاسلاش تارىخى ۋە ئەسۋابلارنى قانداق يوق قىلىش توغرىسىدا ئىنكاس يازغانىدىمغۇ…؟ :cry:

    1. كۆپ ئەپسۇس. مەن سىزنىڭ ئېنكاسلىرىڭىزنى بىرىنچى بولۇپ كۆرۈپ تۇرىمەن(1 سېكونتتىلا مەندە يىڭىلىنىدۇ). لىكىن ئالدىنقى ھەپتە مەن ئۇلانما تورىغا كۆپ مىقداردا ئۇلىنىش ئۇچۇرى يوللاپلا زىيارەت مىقدارى ئىشىپ كىتىپ بېكەت مۇلازىمتىرى توختاپ كەتتى. مەن دەرھال بوشلۇق ئالماشتۇرۇپ نورمال زىيارەتنى ساقلاپ قالدىم . ئەمما كىيىنكى بىر سائەتلىك ئۇچۇلار ئەسلىگە كەلمىدى.
      قاتتىق ئەپسۇس، خاتىرجەم بولۇڭ، بۇنىڭكىدىن كىيىن يەنە يۈز بەرمەيدۇ. مەنمۇ باشقا بېكەتلەردە تولا تېما ئېنكاسلىرىم يوقاپ كىتىپ ئاچچىقىمدا بىلوگ ئاچقان. كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن. قوللىغىنىڭزغا رەھمەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: