خالاستان بىلوگى قۇرۇلغان دەسلەپكى بىر نەچچە ئايدا مەن ھەر ھەپتىسى بىردىن موڭلۇق مۇزىكا يوللاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا بىردىن موڭلۇق مۇزىكا مۇشۇ شەخسى تاراتقۇ ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشەتتى. ھازىر ئوقۇش پۈتۈپ ، ۋاقىت بىر قەدەر ئەركىن، شۇنداقلا ناھايتى ئالدىراش، تەرتىپسىز تۇرمۇش باشلىنىپ كەتكەچكە بۇرۇنقىدەك ئادەتلەرنى داۋاملاشتۇرالمىدىم.
بۈگۈن يەنە بارلىق ماتىرياللارنى رەتلەۋىتىپ قاتتىق دېسكىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە تۇرۇپ قالغان بىر نەچچە يىنىك مۇزىكا نى ئۇچراتتىم. مۇشۇ دەقىقىدە بىر تەرەپتىن ھوزۇرلانغاچ بىر تەرەپتىن تېما يېزىۋاتىمەن.
نامى «رومانتىك» دەپ ئاتالغان بۇ مۇڭنى نەۋرە ئىنىم بىر چاغدا كۆچۈرۈپ قويۇپتىكەن. ھەقىقەتەن يىقىمىلىق كۈي بولۇپ ، يۈرەك تارىمىزنى ۋىچچىكىشتىپ ئوينىتىۋەتمىسىمۇ ھەرھالدا قۇلاققا ئوبدان ياقىدىكەن. قىنى دىققەت music دا بولسۇن!
Close[SWF] - رومانتىك
««مۇڭ» رومانتىك»نىڭ ئويلىغانلىرى بار