PXLفورماتىدىكى ھۆججەت بولسا نۆۋەتتە چوڭ قورۇقلۇقتا يۇمشاق دىتال مىقدارى(ئەلۋەتتە ھەممىسى يېشىۋىتىلگەن) ئەڭ كۆپ فورمات.
بۇ فورمات 91 نىڭ مەخسۇس ھۆججەت تىپى بولۇپ باشقا دىتاللار ئۇنى بىۋاستە قاچىلىيالمايدۇ. ئالدىنقى قىتىم بىلوگىمىزدا «ئالمىڭىزغا يۇمشاق دېتالنى بۇنداق قاچىلىسىڭىز بولمايتتى» 789.html دىگەن تېمىدا PXLنىIPA گە ئايلاندۇرۇشنىڭ بىر ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرغانتۇق.
يىقىنقى ئىنكاسلاردىن قارىسام 3-تەرەپ يۇمشاق دىتالى ئارقىلىق PXLنىIPA گە ئايلاندۇرۇشنى نۇرغۇن تورداشلار تازا ئۇقالمىغان ئوخشايدۇ. بۈگۈن مەن تېخىمۇ ئاددى بىلەن بولغان بىر ھۈنەرنى تونۇشتۇراي.
1. ئالدى بىلەن iTunes نى توردىن چۈشۈرۈڭ. 897.html
2. PXL فورماتىدىكى ھۆججەتنىڭ كىڭەيتىلگەن نامىنى مەجبۇرى ھالدا ZIP قا ئايلاندۇرۇڭ.
3.ZIPفورماتىدىكى بۇ ھۆججەتنى winrar ئارقىلىق پىرىستىن يېشىڭ.
4.پىرىستىن يېشىلگەن بولاقنىڭ ئىچىدە .app دىگەن كىڭەيتىلگەن نامدىكى بىر ھۆججەت بار. بۇ ھۆججەتنى تارتىپلا iTunes نىڭ 应用程序 دىگەن كۆزنىكىگە تاشلايسىز.
5.بۇ ۋاقىتتا 处理中 دىگەن بىر كۆزنەك چىقىدۇ. بىر دەم كۈتىمىز، بۇ كۆزنەك يوقايدۇ.
6.应用程序 دىگەننى تاللىساق بارلىق IPA فورماتىدىكى يۇمشاق دىتاللار كۆرۈنىدۇ. خالىغان يۇمشاق دىتالنىڭ ئۈستىدە ئوڭ كۇنۇپكىنى چكىپ 查看在任务管理器 دىگەننى تاللىساق IPA فورماتىدىكى ئايلىنىپ بولۇنغان يۇمشاق دىتالنى كۆرىمىز.
[...] كومپيۇتېرداWiFiنوقتىسى قۇرۇپ iPhon تۇلۇق تېكىستى [...]
قەدەم مۇبارەك
ماۋۇ ئۇسۇل پەيزىكە…
بەك ئاسانكەن… مەن سىناپ باقتىم… زادى بەك ياخش ئۇسۇلكەن بۇ… رەھمەت جۇمۇ نەزەرباي………!
ماۋۇمۇ بولدىغان ئاددى ئۇسۇلكەن جۇما ….