بۇ مۇزىكىنى ياۋروپادىكى داڭلىق مۇزىكا ئەتىرتى Secret Garden ئورۇندىغان بولۇپ White Stones ناملىق پىلاستىنكىسىغا قوشۇلغان.
Secret Garden بولسا 1994-يىلى داڭلىق ئىككى مۇزىكانت Rolf Lovland(نورۋىگىيە)ۋەFionnuala Sherry (ئايال، ئېنگىلاند)نىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشىدا بارلىققا كىلىپ 1995-يىلى رەسمىي بىرلەشكەن.
1996-يىلدىن 2000-يىلغىچە ئارلىقتا تارقىتىلغان 4 پىلاستىنكىسىنىڭ بازىرى ناھايتى ياخشى بولۇپ 2 پىلاستىنكىسى 60 نەچچە دۆلەتتە 1مىليۇن 600 مىڭدىن ئارتۇق سېتىلىپ يىنىك مۇزىكا ساھەسىدە Yanni بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان ھالەتكە يەتكەن. شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ يىنىك مۇزىكا تۈرىدە ئالتۇن مىدالغا ئىرىشىپ يىنىك مۇزىكىدا ئالتۇن مىدال بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن.
Secret Garden نىڭ ئورۇندىغان مۇزىكىلىرى ئىسمى جىسمىغا لايىق سىھرى كۈچكە ئىگە بولۇپ يىنىك، لىرىك تۇيغۇ بىرىدۇ.
بۇ مۇزىكا بۇرۇن XJTV نىڭ ھوزورلىنىش پروگراممىسىدا ناھايتى كۆپ قويۇلغان. ماڭىمۇ بەك پىششىق بولۇپ كەتكەن كۈي ئىدى.يىقىندا تولۇقسىزدىكى خاتىرلىرىمنى كۆرۈپ بۇ مۇڭلۇق مۇزىكىنى تېپىۋىلىپ تورداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنۇشنى توغرا تاپتىم.
قىنى بۇ لىرىك مۇزىكىدىن ھورۇزلىنىڭ،،،،
Close[SWF] - moving
ماقۇل، رەھمەت!
قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولغاي.
مەندەك نەشپۈتچىلەرگە دەششەت سوغا مۇشۇ ئوخشايدۇ …. تىلىفونىمغا چۈشىرىۋالاي…رەخمەت ،جاپا چىكىپسىز.
مەن بەك ئامراق مۇزىكىكەنغۇ بۇ… تېخىچە ئىسمىنى بىلەميتتىم، بۇرۇن شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسى ئىككىنچى يۈرۈش قانىلىنىڭ «تەڭرىتاغ گۈلزارى» پروگراممىسنىڭ ئاخىرقى مۇزىكىسىدەك ئېسىمدە… بەكلا ئېسىل مۇزىكا بۇ… تېخىمۇ ئېسىل مزۇىكىلارنى يوللاشنى ئۇنۇتماڭ…