cydiaنى ھەر بىر apple ئابونتى بىلىدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ھەر بىر apple مەھسۇلاتى مۇناسىۋەتلىك ياماق، دىتاللارنى پەقەت cydia ئارقىلىقلا قاچىلايدۇ.cydia نىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىنى خالاستان بلوگىدىن كۆرۈڭ. شۇڭا بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھىماتچىسى ھىسابلىنىدۇ. ئەمما apple شىركىتى بۇ دىتالغا چىش-تېرنىقىغىچە ئۆچ. پەقەتلا ئامىركا قانۇنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى قانۇنلۇن دەپ بىكىتكەندىن كىيىنلا بۇ دىتال ساقلىنىپ قالغان. لىكىن يىقىندا ھەر خىل خىرىسلارغا دۇچ كىلىۋاتىدۇ.
داڭلىق iPhoneتۈرمىدىن قاچۇرۇش تەتقىقاتچىسى @stroughtonsmith بۇ قىتىم بىر خەۋەر ئاشكارلىدى. يىقىندا ئەنگىلىيە تىلگىراف شىركىتى 3بۇلارنىڭ ئاچقان Cydia يۇمتالىغا قارىتا تور مۇلازىمەتنى تاقىۋەتكەن،
باشقا خەۋەرلەردىن ئىيتىىشچە جوڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشمۇ بۇ ئىشقا دىققەت قىلىۋاتقاندەك. ھازىر مەنمۇ سىنىدىم، cydia نىڭ جوڭگو رايۇنىدىكى بارلىق مۇلازىمەتلىرى نورمال. بىز خاتىرجەم بولساق بولىدۇ. لىكىن پات ئارىدا بىرلەشمۇ aplle شىركىتىگە «»ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن cydia غا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى تاقىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولغاندا wifi ئىقتىدارى يوق iphone لارغا نىسبەتەن بىردىنبىر چارە شۇكى ، كۆچمە خەرەرلىششىنىڭ كارتىسى ئارقىلىق cydia مۇلازىمىتىگە ئىرىشىش.
ئەنگىليەنىڭ3 تىلگىراف شىركىتى بۇ مۇلازىمەتنى Bluecoat دىگەن دىتال ئارقىلىق تاقىغان. بۇ دىتال ئادەتتە چەكلەنگەن مەزمۇنلارنى سۈزۈشكە ئىشلىىتلىدۇ. شۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ئەنگىلىيە 3 تىلگىرافى بۇ مۇلازىمەتنى پات ئارىدا ئىچىۋىتىشى ناتايىن.
بۇ خەۋەرنىڭ يڭى يۈزلىنىشىنى خالاستان بىلوگى يەنە خەۋەر قىلىدۇ. شۇڭا بىرلەشمە خەۋەرلىششىنىڭ cydia مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ سەرگۈررەك بولىشىنى سەمىگە سالىدۇ.
بۇ بىزنىڭ دىياردىكى ئىش ئەمەس. بىز ھازىرچە خاتىرجەم بولساق بولىدۇ.
ھەي ئېسىت، مەن ئەندى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىپ ئىپخونى تېلفونىمنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ باقاي دەپ تۇرغىنىمدا كىي دا نىڭ چەكلىنىشى شىرىن چۈشۈمنى بەربات قىلدى. ئەندى قانداقمۇ قىلارمەن.