تۈنۈگۈن apple تەرەپ iOS4.3.3 نى ئىلان قىلدى. نۆۋەتتە مەشغۇلات سىستىمىنىڭ بۇ نەشرىگە قارىتا تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتى تېخى ئىلان قىلىنمىدى. بۇرۇنقى نەشىردىكى ياماقلار يامالغان بولغاچ يىڭى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىغا بىر مەزگىلى كېتىپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بارلىق apple ئۈسكىنە ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ itunesچىتىلغاندا چىقىدىغان نەشىر كۆتۈرۈش ئەسكەرتىشىنى ئىنكار قىلىۋىتىشىنى سەمىگە سالىمىز. ئۇنداق بولمىغاندا خىلى بىر مەزگىلىگىچە ئۈسكىنىگە فونت قاچىلاش، تور قۇلۇبىنى يېشىش، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولمايدۇ.
نۆۋەتتە بۇ يىڭى نەشىر كۆتۈرۈش تەمىنلەنمەيدىغان ئۈسكىنىلەر iPhone 3G ۋە iPhone بىرىنچى ئەۋلاد. ipod2G ۋە ipodبىرىنچى ئەۋلاد(دىمەك، بۇنىڭدىن كىيىن بۇ مەھسۇلاتلارغا قارىتا نەشىر كۆتۈرۈش ئاخىرلاشتى،سېتىۋىلىشقا ئەرزىمەيدۇ.) . ئامىركىدا بازارغا كىرگەن CDMA نۇسخىدىكى iPhone غا 4.2.8 تەمىنلەندى.
بولاق لازىم بولغانلار تۆۋەندىكى ئادىرىسىتن ئەڭ يىڭى نەشىرنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ.http://www.app111.com/iOS.html#touch4
بۇ نەشىردە تۈزۈتۈلگەن ئەڭ مۇھىم مەسىلە googlemaps تىكى ئورۇن بېكىتىش خاتالىقى. apple تەرەپ بۇنىڭدىن كىيىن خەرىتىنىڭ ئورۇن بېكىتىش ئۇچۇرلىرىنى بولاق ئىچىگە ئالمايدۇ ھەم ئۈسكىنىنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن ئورۇن بېكىتىشكە ئائىت ئۇچۇرلار ئۆچىدۇ. بۇنداق بولغاندا كونا ئۇچۇرلار سەۋەبلىك ئورۇن بېكىتىشنىڭ خاتالىقدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
بۇ نەشىرنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىققاندا خالاستان بىلوگى دەرسلىك تەمىنلەيدۇ.
سىنتەبىردە چىقىپ قىلىش ئىھتىمالى يۇقىرى.
4.5 kaqanlarda qikidighandak turidu ?
مۇبارەك
قەدەم مۇبارەك
مەن 15-ماي قىلچە ئىككىلەنمەيلا نەشىرىنى 4.3.3 گە كۆتۈرۈپ ، ئارقىدىنلا نەچچە مېنۇتتا 4.3.3 نەشىرىنىمۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ، ئۇيغۇرچە فونت قوشۇپ ، كەينىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىمۇ قاچىلاپ ئۈلگۈردۈم ھازىرغىچە ھېچقانداق نورمالسىزلىق بايقالمىدى ….
[...] apple شىركىتى iOSنىڭ 4.3.3 نەشرىنى ئىلان قىلدى. قوشۇلغان ئىقتىدارلارنى بۇ تېمىدا دەپ ئۆتكەن. بۈگۈن ئەتىگەن داڭلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش گۇرۇپپىسى [...]
ۋاي ئاغىنىلە….ھەجەپ زاماننىڭ ئالدىدا ماڭىسىلەكە جۇما ..مەن تېخىچە 4.2.1 دە تۇرۇۋاتىمەن .
Hi !
چوڭ قورۇقلۇق مېلى ئىشلىتىۋاتقانلار، googlemaps نى ياراتمىغانلار (جۈملىدىن رەشىدكام دەكلەرگە) بۇ نەشىر كۆتۈرۈشنىڭ ئەندىشىسىمۇ، كۆپ ئەھمىيىتىمۇ يوق.
4.5 كە ئۇيغۇرچە قوشۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن. مىنىڭ كۆزۈم تۆت ھازىر.
ئۇنداق ئەمەسقۇ! بىزمۇ كۆتۈرسەك بولىۋىرىدۇ. لېكىن بۇ يېڭى نەشر بىزگە قانداق يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئالدى بىلەن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك!
نەشىر كۆتىرىشتىن يەنىلا ئايتاچى بارلار قورقمايدۇدە….
مەنمۇ بايا ئايتۇنېسقا چاتسام 4.3.3 كە كۆتۈرۈش ئۇچۇرى چىقىۋىدى، ئىنكار قىلىۋەتتىم. بىزدەك ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن بۇ قېتىملىق نەشر كۆتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى يوقتەك قىلىدۇ. مۇھىم يېڭىلىنىشلار بولغان نەشر بۇلىقى ئېلان قىلىنغۇچە مۇشۇ 4.3.2 نى ئىشلىتىپ تۇرۇش قارارىغا كەلدىم.