[Gulan] يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ، كىملىكى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشى ئۈمۈدىمىز           ___ نەزەرى.


 بىر كۈنى يەسلىدىن تېلېفون كەپتۇ. نېمە بولغاندۇ، دەپ ئالسام، ”قىزىڭ سازاڭنى ئوت يەيدۇ، دادام شۇنداق دېگەن دەيدۇ، راست شۇنداق دېمىگەنسىز! مېنىڭچە بىر ئۇقۇشماسلىق بولۇپتۇ. بالىلارنىڭ سوئالىغا ئەستايىدىل بولغىنىڭ ياخشى. بالىلار كىچىكىدىن سەمىمىي مۇئامىلىدە چوڭ بولغىنى ياخشى…“ دەپ پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە بىر مۇنچە ۋەز ئېيتتى. دەسلەپ گەپنى تۈزۈك ئاڭقىرالمىدىم. كېيىن تەپسىلى ئويلاپ باقسام، قىزىمنىڭ ”سازاڭ نېمە يەيدۇ؟“ دېگەن ئىنگىلىزچە سوئالىغا بايقىمايلا ئۇيغۇرچە ”ئوت“ دەپ جاۋاپ بېرىپ ئىشىمنى داۋام قىلغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى. قىزىم ئۇيغۇرچە ئوت دېگەن سۆزنى ئوت-يالقۇن دېگەن مەنىدە چۈشىنىپتۇ. شۇندىن كېيىن مەن قىزىمنىڭ تىلىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. بۇرۇن مەن ئۇنى ئۆيدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرچە گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى چۈشىنىۋاتىدۇ دەپ ئىرەن قىلالمىغانىكەنمەن. يۇقارقى ئىشتىن كېيىن كۆزىتىشكە باشلىدىم. مەسئۇدە يېڭى كەلگەندە تېلېۋىزورنى چۈشىنەلمىگەچ بەك كۆرۈپ كەتمەيتتى. ھازىر تېلېۋىزورغا كىرىپلا كېتىدۇ، ھەتتا توردىن بىر كىنو تېپىپ بەرسەم ئۆزى داۋاملاشتۇرۇپ باشقا كىنولارنىمۇ قويۇپ سائەتلەپ تۇرمايدۇ. بۇرۇن ئاتا ئانا قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە ۋەتەندىكى بۇرادەرلىرىگە تېلېفۇن قىلساق سۆزلىشىمەن دەپ تۇرۇۋالىدىغان، ئارىدىن ئۈچ -تۆت ئاي ئۆتۈپلا خوش ياقماس بولدى. ھەتتا ئۆزى بۇرۇن ئامراق بىر تاغىسىنىڭ ئىسمىنى قانچە تەكرارلاتساقمۇ توغرا تەلەپپۇز قىلالمىدى. مەن دەسلەپ بۇنى ئۇزاق كۆرۈشمىگەندىن كېيىن بولغان ياتسىنىشمىكىن دەپتىمەن. دىققەت قىلسام ئۇيغۇرچىنى ھوزۇرلۇنۇپ سۆزلىيەلمىگەچكە ئاڭلاپمۇ خوش بولالمايدىكەن. بىلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزى ئاز بولغاچقا مۇرەككەپرەك سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلالمايدىكەن. تىل ئورتاقلىقى تۇتۇقلاشقاچقا بۇرۇن بىزدىنمۇ چارە كۆرىدىغان بوۋا-مومىلىرى بىلەن مۇڭداشقۇسى كەلمىگەنىكەن. بىر قېتىم بىر ئۇيغۇر دوستىمىز ئەركىلىتىپ بىرمۇنچە گەپ قىلسا، ”نېمە دەۋاتىسەن، چۈشىنەلمىدىم. سەن ئىنگىلىزچە بىلمەمسەن؟ يەسلىدە ئوقۇمىغانمۇ سەن كىچىكىڭدە؟“ دەپ سۇئال ياغدۇرۇپتۇ ئېنگىلىزچىلاپ. قىزىمنىڭ ئانا تىلىنى تەدرىجى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىلانغا چۈشتۈم. ئۇيغۇرچىغا بىراقلا زورلاپ كۈچەپ كەتمىدىم، ئەمما قىزىمنى ۋەتەندە ئانا تىلدا تەربىيىلەش ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىدى. مائارىپنىڭ، تېلېۋىزورنىڭ، كىتابنىڭ ئانا تىلنى بويسۇندۇرۇش سۈرئىتىدىن شۈركىنىپ كەتتىم. بالامنىڭ كەچۈرۈشىدىن قارىغاندا ئانا تىلى تېخى مېڭىسىگە تولۇق ئورۇنلاشمىغان بالىلارغا يەسلىدىن يات تىل ئۆگىتىش بالىنىڭ ئانا تىلدا يېتىلىدىغان تەپەككۇرىنى بىتچىت قىلىپلا قالماي تەلەپپۇز ئورگانلىرىنىمۇ يات تىلنىڭ تەلەپپۇزىغا كۆندۈرۈپ تاشلايدىكەن. ھەتتا ئانا تىلدا بىر قېرىندىشىنىڭ ئىسىمنىمۇ ئەپلەپ تەلەپپۇز قىلالماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن. بىز ئىزچىل ئۆيدە ئىنگىلىزچە سۆزلىمەيتتۇق ۋە قىزىمغا سۆزلەتكۈزمەيتتۇق، شۇنچە قىلساقمۇ ”ئۆي“ دىكى ھېساب ”تالا“ غا توغرا كەلمىگەن ئوخشايدۇ. بالامنىڭ ئۆيدە ئۇيغۇرچە سۆزلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرچە ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەيدىكەن، ئۇنىڭ دۇنياسى يەسلىدە ئۆگىتىلىۋاتقان يات تىل بىلەن يارىلىشقا باشلاپتۇ.
 تېلېۋىزوردىن باشقا بالامنىڭ ئانا تىلىنى بۇنچە تېز ئۇپراتقان ئامىلنىڭ يەنە بىرى يەسلى ۋە كىتاپ. يەسلىدە كۈندە بىر قانچە قېتىم مەخسۇس كىتاپ ئوقۇپ بېرىلىدىغان بولغاچقىمۇ قىزىم كىتابقا بەك بېرىلىپ كەتتى. چاتاق يېرى يېنىمىزدا ھازىر بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان ئۇيغۇرچە كىتاپ يوق، شۇڭا ئىنگىلىزچە كىتاپ ئوقۇپ بېرىمىز. بىزدەك ئېنگىلىزچىنى قېرىغاندا ئۆگەنگەنلەرگە بالىغا خەقنىڭ تىلىدا ھېكايە ئوقۇپ بېرىش ئەپ كەلمەيدىكەن. ۋەتەندىن ئەكەلگەن ئۇيغۇرچە كىتابلار بالامغا ئاللىقاچان يادا بولۇپ كەتتى. ئېنگلىزچە كىتاپ ئوقۇپ بەرمەي ئامال يوق. قىزىم سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزنى ئۆلچەملىك ئۆگەنگەچكە بەزىدە مېنىڭ تەلەپپۇزنى چۈشەنمەي سوراپ تۇرۇۋالىدۇ. بۇمۇ ياخشى بولدى، ئېنگىلىزچىنى ئۆزلۈگۈمدىن ئۆگىنىپ خاتا تەلەپپۇز قىلىۋالغان بەزى سۆزلەرنى تۈزۈتىۋالدىم. ھەمدە شۇ سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى قىرىمدىن سوراپ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋالدىم. يەسلىدە بالىلارغا كىتاپ ئوقۇغاندا بىر ئوقۇتقۇچى كىتاپ ئوقۇسا قالغان ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ بىللە ئاڭلايدىكەن ۋە ۋەقەگە ماس ئاۋاز ۋە ھەرىكەتلەرنى چىقىرىپ تىياتىر كەيپىياتى يارىتىدىكەن. قىزىمغا بۇ بەك ياراپ كەتكەن بولسا كېرەك، كىتاپ ئوقۇتۇش جەريانىدا مېنى دوراتمىغان ھايۋان قالمىدى. كىتاپ ئوقۇغان ئوقۇتقۇچى پات پات سۇئال سورايدىكەن ۋە بالىلارنىمۇ سوراشقا رىغبەتلەندۈرىدىكەن. ھەتتا بالىلاردىن كېيىنكى ۋەقەلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرىزىنى سورايدىكەن. مەن بۇلارنى بىلمىگەچكە قىرىمدىن تولا تەنقىد يەپ كەتتىم. بىر بولسا سۇئال سوراشنى ئۇنتۇپ قالاتتىم، يەنە بىر بولسا ئويۇن كۆرسىتىشنى. ۋەقەلىكنىڭ راۋاجىنى پەرەز قىلدۇرۇشنى تېخى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ بولالمىدىم. بالامغا كىتاب ئوقۇپ بېرىۋېتىپ خىيالىم بالىلىرى خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا كەتتى. شۇ ناتىۋانلارنىڭ بالىلىرىغا كىتاپ ئوقۇپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ياكى بالىلىرىغا كىتاپ ئوقۇتۇپ ئاڭلىيالمايدىغانلىقى ئىچىمنى ئاچچىق قىلدى. ئۇلارنىڭ خەنزۇچە بىلمىگەنلىكتىن بالىلىرىنىڭ كىتابلىرىنى چۈشىنەلمەي، تاپشۇرۇقلىرىنى چۈشەندۈرەلمەي قىينىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئېزىلىپ كەتتىم. يات تىلدىكى تەربىيەدە چوڭ بولغان بالىلار مەكتەپتە بىلگەن بىلىملىرىنى ئاتا ئانىسىغا زوق شوقى بىلەن سۆزلەپ بېرەلمەيدۇ. ئۆز بىلىمىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى مەمنۇن قىلغاندىكى خۇشاللىقتىن بەھر ئالالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئالغان بىلىملىرى كىتابتىن، ئېشىپ مەكتەپنىڭ قورۇسىدىن چىقالمايدۇ. دەرسخانىدا ئالغان بىلىم ئۆيدە كېرەكسىز، ئېتىزدا پايدىسىز، مەھەللىدە خېرىدارسىز قالىدۇ. ئۇلارنىڭ نېمە بىلىدىغانلىقىنى مەھەللە-كوي، قوشنا-قولۇم بىلمەيدۇ، سورىغان تەقدىردىمۇ يات تىلدا ئوقۇغان بۇ بالىلار چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بىلىم نومۇرغا ۋە تەقدىرنامىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار جەمئىيەتكە پەقەت نومۇرى بىلەنلا جاۋاپ بېرىدۇ. ئاتا-ئانىسىنى نومۇرى بىلەنلا رازى قىلىدۇ. ئۆگەنگەن بىلىمى بىلەن ئاتا-ئانىسىغا، قەۋم-قېرىنداشلىرىغا جەمئىيەتنى، تەبىئىيىتىنى، ئىنساننىڭ نەدىن كېلىپ نەگە كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈلمىگەن بۇ بالىلارنىڭ نەتىجىسى، ئىستىقبالى قانچىلىك بولماقچى؟ كېينچە نومۇر ئەمەس پەزىلەت ۋە ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان رىقابەت دۇنياسىدا قانچىلىك رىسىققا ئېرىشمەكچى؟… بالىغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىش دېگەنلىك مېھىر سىڭدۈرۈش دېگەنلىكتۇر، بالىغا مەدەنىيىتىمىزنىغۇ سىڭدۈرۈشكە چارىسىز قالدۇق، ئەمدى مىھرىمىزنىمۇ سىڭدۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىمىزمۇ؟ بوۋىمىز ئەتىۋارلاپ ساقلىغان، غۇرۇرلۇنۇپ ئوقۇغان كىتابنى، ئانىمىز تەۋەرۈك بىلىپ ساقلىغان خاتىرىنى بالىلارغا ئوقۇپ بېرىش پۇرسىتىمىز بولمىسا، بىلمىگەننى ئانا تىلدا سوراپ، بىلگەننى ئۆز تىلدا ئۆگىتەلمىسەك بالىمىزنى كىم ئۈچۈن بېقىۋاتقاندىمىز؟ بالامنىڭ ”دەدى“ دېگەن ئېنگلىزچە چاقىرىشى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى. ”دادا دەڭە بىر ئۇيغۇرچە، مەن ئېنگىلىزنىڭ دادىسى ئەمەس!“ دېدىم قوپاللا.
 قىزىم نېمىشقا سازاڭنى ئوت-يالقۇن يەيدۇ، دەپ چۈشىنىپ قالدى؟ چۈنكى يەسلىدە ئىنگىلىزچە تەربىيە ئالىدىغان قىزىم دۇنيانى شۇ تىلدا تەسۋىرلەيدۇ ۋە چۈشەندۈرىدۇ. قىزىم ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن ئىنگىلىزچىدە بىرگە بىر تەڭدىشى بولغان سۆزلەرنى خاتاسىز ئاڭقىرالايدۇ. كۆپ مەنىلىك، ھېسسىي ۋە كۆچمە مەنىلىك ئىبارىلەرنى مۇجىمەل چۈشىنىپ قالىدۇ، ياكى ئىگىلىيەلمەيدۇ. ھەرقانداق تىلدا بىرگە بىر تەڭداش تېپىلىدىغان سۆزلەر كۆپىنچە تۇرمۇش سۆزلىرى بولۇپ ئىنساننىڭ روھىيىتىنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇ سۆزلەر قايسى تىلدا دېيىلسە مەنە ئالمىشىپ كەتمەيدۇ، خاتا چۈشىنەلمەيدۇ. بىز ئانا تىلىمىزدىكى قىزىمىز بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىمىز، قىزىمىز ئۇيغۇرچە بىلىدۇ، دېگىنىمىز بىلەن بالىمىز گەپلىرىمىز ئىچىدىكى ئۆزى پىششىق تىلدا مەۋجۇد بولغان ئۇقۇملارنىلا مېڭىسىدە تەرجىمە قىلىپ قوبۇل قىلىۋالىدۇ ۋە ئېسىدە ساقلىيالايدۇ. تەرجىمە قىلالمىغانلىرى رەت قىلىدۇ ياكى ئۇنتۇلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيىتىگە يەنى ئېتىقادى، گۈزەللىك قارىشى، قىممەت قارىشى، تەپەككۇر ئۇسۇلى…قاتارلىق تەرەپلەرگە دائىر سۆزلەرنى ئادەتتە بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا تەرجىمە قىلغىنى بولمايدۇ. شۇڭا پەرزەنتلىرىمىزگە مۇنداق سۆزلەرنى ئۆگەنمەك، سۆزلىمەك تەس بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇلاردىن شۇ سۆزلەر ئىپادىلىگەن مەنىلەرگە ئۇيغۇن ياشىشىنى تەلەپ قىلماق بالىغا ئەقلى ۋە روھى بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ بىز ئۇيغۇرچە ياشاۋاتقان دۇنياغا كىرىدىغان ئاچقۇچ- ئانا تىلدىن مەھرۇم. قايسى تىلدا ھۇزۇر ئالساق شۇ تىلنىڭ شەيدالىرىغا ئايلىنىمىز، شۇ تىل ھەقدارلىرىنىڭ خېرىدارلىرى، سادىق ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ قالىمىز. بىزنىڭ خوجايىنلىقىمىز، مۇستەقىللىقىمىز، غۇرۇرىمىز ئانا تىل بىلەن قاشالانغان دۇنيادا تاشلىنىپ قالغان بولىدۇ. بالامنىڭ تىلى ئىنگلىزچىگە ئۆزگىرىۋاتىدۇ دېگەنلىك، ئۇنىڭ دۇنياسى ئىنگلىزچىگە ئۆزگىرىۋاتىدۇ دېگەنلىكتۇر. بالامنىڭ قەلبىدە ئىنگىلىزچە يارالغان دۇنيادا مۇقام بولمايدۇ، مەسچىت بولمايدۇ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولمايدۇ، ئەكسىچە شېكسپېر، چېركاۋ، جەز مۇزىكىسى، ئامېرىكا ئايدوللىرى-داڭدارلىرى…بولىدۇ. بىزنىڭ كۆزىمىزگە ئىسسىق كۆرۈنگەن ئەتلەس، ئاڭلىساقلا ھاياجانغا سالىدىغان تەمبۇر، قانچە كەزسەك ھارمايدىغان بازار- رەستىلەر قىزىمغا بىر قېتىملىق ساياھەت ئۈچۈن قىزىقارلىق تۇيۇلۇشى مۇمكىن. بەزىدە دېمىغىغا شۇنداق بىر شۇملۇق پۇراپ كېتىدۇ. بالامنىڭ ئامېرىكىدا ئىنگىلىزچە، جۇڭگودا خەنزۇچە يارىلىدىغان دۇنياسىدا ئۇيغۇرچە تونۇم بىلەن مەتۇ كۆرۈنۈپ قالارمەنمۇ دەپ ئويلاپ كېتىمەن.

«[Gulan] يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق»نىڭ 3 ئويلىغانلىرى بار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: