بۇ ھەپتە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى ھالەكچىلىكىدە بىردەم بېسىپ ئولتۇرۇپ تورغا چىققۇدەك ۋاقىت بولمىدى، تەييارلاپ قويغان بىر نەچچە يازمىغىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزەلمەي ئېچىم پۇشۇپ ئالدى بىلەن مۇڭلۇق كۈيدىن بىرنى ئاڭلىغاچ تېما تەييارلاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئەينى چاغدا جەنۇبتىن ئۈرۈمچىگە، ئاندىن غۇلجىغا ساياھەتكە بارغاندا يول بويى مۇشۇ ئۇسلۇبتىكى مۇڭلارنى ئاڭلاپ ماڭغان. گۈزەل تەڭرىتاغنىڭ بەھەيۋەت قارغايلىرى، قول يەتكۈدەك بوشلۇقتىكى ئاپئاق بۇلۇتلار، زۇمرەتتەك تاغ سۇلىرى، ئاپئاق قامەتلىك تىك چوققىلار………
Close[SWF] - تەڭرىتاغ
ئاشۇ ئورگان بېتىدە چۈشۈرۈش ئادېرسى بار ئىدى.
مۇڭ ناخشىللىرىڭىزنىڭ چۈشىرىش ئادرېسىنىمۇ چىقىرىپ قويسىڭىز بولغۇدەك
بىردەم ساقلىسىڭىز IE دىمۇ بولىدۇ. بەلكىم كىرگۈزگۈچ ھۆججىتى چۈشۈپ بولالمىغاندۇ. سىز قايتىدىن بەتنى يىڭىلىسىڭزىلا بولىدۇ.مەندە نورمال
رەھمەت ، سىز بەك مۇڭ ناخشىلارنى تىپىپ چىقىرىدىكەنسىز ئاكا ، ھە راست ، مەن تور كۆرگۈچنى ئالماشتۇرسام ئاندىن ئۇيغۇرچە خەت باسالىدىم ، رەھمەت سىزگە ! لىكىن نىمە ئۈچۈن IE دا بۇلمايدىغاندۇ؟؟
مەن قايتا چىقىراي بوشلۇققا.
مەن ئاڭلىيالمايمەنغۇ نەزەرىكا ،