بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.
ئىبرەتنىڭ كۈچى ۋە ئىتىراپ
شەرق داناسى ئەللامە زەمەخشەرى « بۇ دۇنيا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ ھەسرەتلىرى ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن تولغان » دەيدۇ. زىددىيەتتىن ئىبرەت ئالىدىغان، ماجرادىن تەجرىبە يەكۈنلەيدىغان كىشىلەر بىر خەلقنىڭ ئىلىمدارلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدۇر. كىيورى خانىمنىڭ تەرجىمھالىدىكى مۇنۇ قۇرلار پات-پات ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ، «سەن سۆيۈملۈك دەپ قارىغان نەرسەڭنى ماڭا مەجبۇرىي تاڭساڭ مەن پۇرسەت تاپساملا ئۇنىڭغا تۈكۈرۈپ قويۇشۇم، ھەتتا ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشىم مۇمكىن. بۇ چاغدا سېنىڭ غۇرۇرۇڭ پايخان بولىدۇ، ئارىمىزدا كېلىشتۈرگۈسىز نىزا چىقىدۇ. سېنى نەپرەتلەندۈرگىنى مېنىڭ «ياخشىلىق» قا «يامانلىق» قايتتۇرىدىغان «قالاق» لىقىم، مېنى ئەسەبىيلەشتۈرگەن نەرسە دەل سېنىڭ زورلۇقۇڭ، شەخسىيەتچىلىكىڭدۇر، سېنىڭ مىللتىڭ، مەدەنىيىتىڭ ئەمەس. سېنىڭ خاتالىقىڭ؛ ئىتىراپسىز، ئويلىنىشسىز، مۇرەسسەسىز داۋاملاشتۇرىۋاتقان مەجبۇرلاشلىرىڭ مېنى ساڭا ۋە سېنىڭ ھەممە نەرسەڭگە ئۆچ قىلدى». كىيۇرى خانىم ئەينى چاغدا پولشانى «تەرەققىي» قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇس گېنىرالىنىڭ ھەيكىلىگە مەكتەپكە ماڭغىچە ۋە مەكتەپتىن قايتقىچە تۈكۈرۈپ ئۆتىدىكەندۇق. مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەسلىدە مەلۇم ئورتاقلىقلارغا ئىگە بۇ ئىككى خەلقنىڭ ئارىسىغا شۇنچە سوغۇقچىلىق سالغان نەرسە دەل ”ئىلغار“ روسلار تەرىپىدىن تېڭىلغان «تەرەققىيات»، مەجبۇرىي سىڭدۈرىلىۋاتقان «مەدەنىيلىك» ئېدى. رۇسلارنىڭ سەركىلىرى تېخىچە ئويغۇنۇپ ئىبرەت ئالغىنى، پولەكلەردىن ئەپۇ سورىغىنى يوق، شۇڭىمىكىن يىگىرمە يىلدىن بۇيان ماغدۇرىغا كېلىپ بولالمىدى. ئەمما گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قىرىلغان پولشا ئوغۇل قىزلىرىدىن تىزلىنىپ تۇرۇپ ئەپۇ سورىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ھازىرغىچە تۆلەم تۆلەۋاتىدۇ. تارىخ ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن خاسىيەت، ئالمىغۇچىلار ئۈچۈن بەدەلدۇر. رۇسلار ئىبرەت ئالمىغاننىڭ بەدەلىنى ئۆتەۋاتىدۇ ھەم تېخى ئۆتەيدىغانەدك قىلىدۇ. گېرمانلارنى ئۇرۇش خارابىلىقىدىن تەرەققىياتنىڭ ئالدىغان ئېلىپ چىققان ئامىللارنىڭ بىرى گېرمان زىيالىلىرىدىكى يۈكسەك ھەققانىيلىقتۇر، مانا بۇ ئىبرەت ئالغاننىڭ خاسىيىتى.
مەدەنىيەتتىكى پاياننى ئىتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش يۇقارقىدەك مىللەت روھىدىكى ھەققانىيلىققا مۇھتاج. بۇ كۆپىنچە تارىخى ئىبرەتتىن كېلىدۇ. بۇنداق ھەققانىيلىق ئىلىم ۋە ھەقىقەتنى ئىزدىگەن مائارىپ سىستىمىسى ۋە ھەر قانداق مىللي توپنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتى ۋە ئەۋزەللىكىنى رەت قىلىدىغان قانۇن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. سىياسى چىگرانى زورلۇق بىلەن تۈرلۈك مەدەنىيەتتىكى پايان ۋە پاسىللارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇش سىياسىي ئەسەبىيلىك ۋە مىللي ئاشقۇنلۇقتۇر. بۇنى خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە ئىرىقچىلىق، فاشىستلىق دەيمىز. سىياسىيدىكى ئىتىبارلىق توپ ۋە ھۆكۈمران گورۇھنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى زورمۇ زور كېڭەيتىشى، تەرغىپ قىلىشى ۋە قوبۇل قىلدۇرۇشى ئىتىبارسىز توپ ۋە كىشىلەر ئارىسىدا مىللي ئۆچمەنلىك ۋە مىللي كەمسىنىشنىڭ ئورۇغىنى تېرىيدۇ. ھۆكۈمران تايىپە ئۈچۈن مىللىي ئۆچمەنلىكمۇ، مىللي كەمسىنىشمۇ ئوخشاشلا ئاپەتنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۆچمەنلىككە تولغان بويسۇندۇرۇلغۇچىلار ماجرانىڭ مەنبەسى، كەمسىنىشكە پاتقان بويسۇندۇرۇلغۇچىلار تۈگىمەس ئىتىبارنىڭ پارازىتلىرىدۇر. مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى باراۋەر مەۋجۇدلۇق ۋە رىقابەت تەرەققىياتنىڭ قوزغاتقۇچىسىدۇر. بۈگۈنكى تەرەققىي قىلغان ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتقا مۇكەممەل ئىكىلوگىيىلىك ۋە ئىنسانىي شارائىت ھازىرلىغان ئامېرىكا، يېڭى زىللاندىيە، كانادا، ئاۋستىرالىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇستەملىكىچىلىكتىن ۋاز كەچكەن، مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەرغىپ قىلىۋاتقان ۋە ئۇنى قانۇن ئارقىلىق قوغۇداۋاتقان دۆلەتلەردۇر.