نۇر تورى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا مال كەمچىل بولغانلىقتىن، Apple شىركىتى ئىشلەپچىقارغان iPhone4 نىڭ ئورگان تەرەپ بېكىتكەن باھاسى بىر پارچە قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان.تۈنۆگۈن(7-نويابىر) مۇخبىر بازار ئارىلىغاندىن كېيىن شۇنى بايقىدىكى، مال مەنبەسى جىددىيچىلىكى iPhone4نىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بەزى سېتىش نۇقتىلىرى ئېلان قىلغان باھا ھەتتا iPhone4S نىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
Apple شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى iPhone4S قا يۆتكەلگەنلىكى ئۈچۈن، مال مەنبەسىدە جىددىيچىلىك كۆرۈلۈپ، iPhone4نىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئۆرلەپ كەتكەن. كۆپلىگەن تور سودىگەرلىرى ۋە دۇكان سارايلاردا مال تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، جۇڭفۇ ئېلىكتىر ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى سارىيىدا گەرچە ئاز مىقداردا بولسىمۇ، لېكىن قارا رەڭلىك 16G نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5780يۈەنگە، ئاق رەڭلىك نۇسخىسىنىڭ بولسا 6000 يۈەنگە يەتكەن.
مۇخبىر نىڭ بايقىشىچە، نۆۋەتتىكى بازاردا، iPhone4S نىڭ ئېلان قىلغان باھاسى 5500يۈەن ئەتراپىغا چۈشتى، ھەتتا بەزى سودىگەرلەر iPhone4 نىڭكىدىنمۇ تۆۋەن باھادا ساتماقتا.
Apple شىركىتى يىڭى مەھسۇلاتقا بازار مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن iPhone4 نى ئىشلەشتىن توختاتقان. شۇڭا بازاردا يىڭى مەھسۇلات چىقىشتىن بۇرۇن iPhone4 نىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن سىرىت ئىستىمالچىلارنىڭ قارىشىچە iPhone4 بىلەن كىيىنكى ئەۋلاد ئەقلىفون iPhone4 S نىڭ پەرقى ئۇنچە چوڭ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە iphone4نىڭ باتارىيەسى iphone4 S نىڭكىدىن 20 سائەت ئارتۇق يىتىدۇ. ھازىرقى شارائىتتا iPhone4 مۇ نۇرغۇن ئىستىمالچىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. شۇڭا قىممەت باھادا iPhone4 S سېتىۋىلشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
[ 小牆判斷這是Spam! ]
請求: /xmlrpc.php
來路: 隱瞞
IP: 124.205.75.98
方式: 未經評論表格
內容:
— 記錄成功 –
چۈشەندىم، ئۇنداقتا ئازراق توختىسام بولغۇدەك. ماڭا ھازىرچە ئۇنچىلىك جىددىيمۇ ئەمەس. ۋاقتى كەلگەندە ئالاقىلىشايلى.
ئۈلۈشكۈندىن باشلاپ 香港 appstore ئالدىدا چىدىر تىكىپ ياتقان 黄牛 لار بار. ئۇلارنى بۈگۈندىن باشلاپ ساقچىلار قوغلاپ ھەيدىگىلى تۇرۇپتۇ.
مۇشۇ نىسبەت ۋە كۆلەم بويىچە ئېيىتقاندا چوڭ قۇرۇقلۇققا كىرىدىغان ماللارنىڭ 99% ى شۇلارنىڭ يولى بىلەن ئوغۇرلۇقچە كىرىدۇ، ھەم ئازراق خەتىرى بار. تاموژنا بىلىپ قالسا مۇسادىرە قىلىدۇ.
بىزنىڭ مال مەنبەگىمۇ سىلى دېگەن باھادىن 850 سوم ئەتراپىدا قىممەت كىرىدۇ. شۇڭا سىلىگە تېپىپ بەرسەممۇ 900 سومدىن كىچىك باھا پەرقى بىلەن تاپالمايمەن.
بىر ئاي ساقلىسىلا سىنگاپور نەشرى كۆپيىدۇ، سەل چۈشىدۇ.
ئايفون 4s مۇشۇ ئاينىڭ 11-چىسلا (ئەتە) دىن باشلاپ شىياڭگاڭ بازىرىدا رەسمىي سېتىلىشقا باشلايدىكەن. باھاسى خېلىلا ئەرزان. 16 گىگالىقنىڭ باھاسى 4170 سوم، 32 گىگالىقنىڭ باھاسى 4820 يۈەن، 64 گىگالىقنىڭ 5470 سوم ئىكەن. مەن 64 گىگالىقتىن بىرنى سېتىۋالاي دەپ ئويلىغان. سىزگە 200 سوم تاپان ھەققى بەرسەم بىرنى ئەكەلدۈرۈپ بېرەلەرسىزمۇ؟