ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى (نۇرقۇت دۇنياسى ياش ماتىماتېك FinalDream ۋە يىتۈك پىروگراممېر Uyson تەرىپىدىن قۇرۇلغان) FinalDream ئەپەندىنىڭ نۇرقۇت دۇنياسى ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن چىقارغان ھەسسىسىگە گۇمان كەتمەيدۇ!
ئۇيغۇلاردا تور بېكەت قۇرۇپ باققانلا ئادەم نۇرقۇت دۇنياسىنى بىلگەندەك، مۇنبەر قۇرۇپ باققان ھەر بىر ئادەم Discuz نى ھەقسىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقىتىپ قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشتۈرگەن FinalDream ئەپەندى ۋە ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان Uyson ئەپەندىنى بىلىدۇ.
ئەمدى گەپنى يۇقاردا ئېنگىلىزچە ئاتىلىۋاتقان بۇرادىرىمىز FinalDream (ئەبەيدۇللا) ھەققىدە ئاڭلىساق.
بۇ تىرىشچان، ئەقىللىق ساۋاقدىشىم، بىزنىڭ ياخشى ياردەمچى، ئۇستاز سۈپەت بۇرادىرىمىز ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن يەنە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش پۈرسىتىگە ئىرىشپ، ئىتالىيەدىكى نوقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كومپيۇتېر كەسپىي بويىچە ماگىستېرلىق ئوقۇشىغا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن كىردى. بۈگۈنكى كۈندە مانا ئىتالىيە تۇپرىقىدا ھىجرەت تەييارلىقلىرى بىلەن.
قىرىندىشىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي، ئىسلامىي، ئادىمىي بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىدىغانلىقىغا شۇنداقلا كەلگۈسىدە بىز ئۇيغۇرلار پەخىرلەنگۈدەك كومپىيۇتېر خادىمى بولۇپ چىقالايدىغانلىقىغا زور ئىشەنچ باغلاپ ئۇشبۇ تەبرىك يازمىسىنى يېزىۋاتىمەن.
ئاق يول بولسۇن، ساۋاقدىشىم! ھاياتتا ھەممە ئادەم بىزنىڭ قانچىلىك ئۇچالىغانلىىقىمىزغا قارايدىكەن، ھىچكىم قانچىلىك ھارغانلىقىمىزغا قارىمايدىكەن، ھارمىغايسەن! ئامان- ئىسەنلىك، خۇشاللىق، ئۈمۈدلۈك مىنۇتلار بىزگە يار بولسۇن!
ئاخىردا نۇرقۇت ئەھلىگە ۋاكالىتەن بۇرۇنقى نەتىجىلىرىڭگە رەھمەت ئىېيتىمەن، كىيىنكى تۇرمۇشۇڭغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن! تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ يازما كۆرەلەيسىز.
ئىنكاس:مۇبارەك بولسۇن قىرىندىشىمىزنىڭ باسقان قەدەملىرىدىن گۇللەر ئۇنسۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، چەۋەندازلارنىڭ يېڭى بېتى بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ دوستانە ئۇلانمىلىرىنى ئېلان قىلدى ھەمدە سىزنىڭ بېتىڭىز دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇلدى! چەۋەندازلار دوستلىقىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ! چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
http://chewendazlar.com
قۇتلۇق بولسۇن! ئاللاھ سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن! نۇرقۇت ئەپەندىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! بولسا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر تور بەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ شان-شەرەپلەرنى ياغدۇرغاي
ئىنكاس:قۇتلۇق بولسۇن! ئاللاھ سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن! نۇرقۇت ئەپەندىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!
ئىنكاس:جفن
مەن بۇ سىستىمانى كۆپ ئاڭلىدىم. لىكىن نەزەرىيە جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس دەپ يۈرىمەنغۇ.
ئىنكاس:نورقۇت قىرىندىشىمىزنىڭ ئىتالىيگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن كومپىيۇتىر كەسپى بويچە ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن ، بۇ قىرىندىشىمىز نىڭ ئىتالىيە دىكى ئوقۇشىنىڭ نەتىجىلىك ،تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن.
ئىنكاس:سالام نەزەرى سىز ئايفۇندا قوناقتىن پاخـتەك ئېتىلدۇرىدىغان سىستىمىنى بىلەمسىز؟بىلسىڭىز دەپ بەرسىڭىز بۇپتىكەن
ئىنكاس:سالامەت بولسۇن.ئىنشاللاھ ئۇقۇشى ئۇتۇقلۇق بولسۇن..
ئىنكاس:يېتۈك :يۇلغۇن لۇغىتى:ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
سۈپ . يېتىلگەن ، كەم- كۈتىسىز ، مۇكەممەل :يېتۈك شائىر .
ماختايمەن دەپ ئاشۇرۋەتتىڭزمۇ نىمە؟ بىزمۇ ئەلۋەتتە كۆپ مەنپەتلەنگەن شۇ تور بەتلەردىن. ماختاشمۇ سەل جايىدا بولغان ياخشى. بولمىسا كىشىگە باشقىچە تۇيغۇ بىرىپ قويدىكەن.
ى [ئە] يەنى ئەرەپچە سۆز
① ئۆز يۇرت – ماكانىدىن كېتىش : ھىجرەت قىلماق . مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ مىلادىيە 622 – يىلدىكى مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈشى . ھىجرەت يەنە ئىسلام كالېندارىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئاخرىدا ئەبەيدۇللانىڭ ئوقۇشىغا ئۇتۇق يار بولسۇن. كۆكلەپ كەت!
رەھمەت
مۇبارەك بولسۇن ، ئشلىرى ئۇتۇقلۇق بولسۇن .