Cloud دىگەن سۆزنىڭ خەلقئارالىق تىرانسىپىكىرىيىسى [klaud] بولۇپ ئۇيغۇرچىدا «كلاۇد» قا يىقىنراق تەلەپپپۇز قىلىنىدۇ.apple نىڭ ئىېىسم قويۇش ئادىتى بويىچە ئالدىغا «i» قوشۇلۇپ ئاتىلىدۇ. ئاتاقتا «ئايكلاۇد» دەپ تۇرساق كۇپايە. بۇ مەھسۇلات apple نىڭ يىڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىلان قىلىنغان.
مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. . بۇ مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقى ئىشلەش جەريانىنى ۋە ئۈسكىنىدىكى ئورنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
بۇلۇت ئۇقۇمىنى ئەڭ باشتا google ئوتتۇرغا قويۇپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلرىدىكى ئىزدەش، ئۆمۈچۈك مۇلازېمتېرلىرىغا ئىشلەتكەن، ھەمدە نامى CloudComputing دەپ ئاتالغان ، «بۇلۇت ھىسابلاش» دېگەندەك مەنىدە. شۇنداقلا googleنىڭ chrome مەشغۇلات سىيستېمىسى ۋە شۇ ناملىق كومپيۇتېرلىرىمۇ بۇلۇت ھىسابلاش مۇلازىمىتىگە بىقىندۇرۇلغان مەھسۇلاتلار. بۇنىڭدا توپلاشتۇرۇلغان بىر مۇلازىمتېرخانىدىكى بىر نەچچە ھەتتا بىر نەچچە مىڭ كومپيۇتېر مەلۇم بىر ئابونتنىڭ بەلگىلىك ساندىكى ھىسابلاش مۇلازېمىتىنى ئەڭ تېز سۈرەتت، بايلىقنى ئەڭ تىجىگەن ئۆلچەم ئاستىدا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنى ئابونت ئۆزى سىزەلمەيدۇ، شۇڭا ئىنىقسىز بۇلۇت دىگەن نامدا ئاتالغان. ھەم بىز ئۆيدە ئىشلەتكەن توكتەك ئىشلەتكەن بايلىقى (مۇلازېمتېرنىڭ cpu ئىشلەش ۋاقتى) غا ئاساسەن ھەق تاپشۇرىدۇ.
amazon نىڭ بۇلۇت سۇپىسى ئاساسلىقى ساقلاش مۇلازىمتېرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ئىشلەتكەن بوشلۇقنىڭ ئىقىمغا ئاساسەن ھەق تاپشۇرۇلىدۇ. چېقىمى كىلاسسىك مۇلازىمتېر قۇرغاندىن 10 ھەتتا 100 ھەسسە ئەرزان. جېك بىلوگى ھازىر شۇ بۇلۇت مۇلازىمتېرىدا. بۇ خىل مۇلازىمتېر شەكلى ئىلىمىزدىمۇ خىلى ئوموملاشتى، بىراق بۇ نەرسە ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىنىقسىز-بۇلۇت بولۇپ تىگىگە يېتىش خىلىلا تەس، نورمال-بىخەتەر ئىشلىتىشمۇ قىيىن مەسىلە. شۇڭا نۇرغۇن پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى كۆپ مەبلەغ سىلىپ بۇلۇت سۇپىسىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ. جوڭگوچە مائارىپنىڭ مەھسۇلى بولغان مەنمۇ ئەينى چاغدىكى «كومپيۇتېر تۈزۈلمىسى» دەرسىدە «بۇلۇت ھىسابلاش ھەققىدە» دەپ ماقالە تاپشۇرغان، ئەمما غايەت زور بۇلۇت ئالدىدا يەنىلا ئىنىقسىزلىق يوق ئەمەس.
apple نىڭ يىڭى ئەرمىكى بولغان iCloud بولسا يۇقارقى مەھسۇلاتلارنى ئەۋزەللكىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بولۇپ بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەقىقەتەن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى دېسەك خاتا كەتمەيمىز.
iCloud مۇلازىمتېرى دەسلەپتە ئېلان قىلىغان مەزگىللەردە ئىشلەتكۈچىلەرگە ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ، كىيىنچە يىلىغا 24.99دوللار ھەق ئىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلىرى تۆۋەندىكچە:
ئاپتوماتىك زاپاسلاش: ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۈسكىنىسىدىكى مۇزىكا، رەسىم، قوللىنىشچان دېتاللار (ئاتالمىش يۇمشاق دېتال) ۋە كىتاب قاتارلىقلار ئاپتوماتىك ھالدا apple نىڭ iCloud مۇلازىمتىرىغا زاپاسلىنىدۇ.ئەسكەرتىش: پەقەت iTunes دىن سېتىۋالغان نەرسىلەرلا ساقلىنىدۇ. ئەمىليەتتە ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن ئارتۇق بوشلۇق ئاجراتماي بۇرۇنقى iTunes ئامبرىغا ئۇلاپلا مۇلازىمەت تەمىنلەۋىرىدۇ، مانا بۇ بۇلۇت، ئېنىقسىز.
بۇلۇت نوقتىسى ھۆججىتى: بۇ مۇلازىمەت ئىشلەتكۈچى iWork (مەك كومپىيۇتېردىكى wordيۇمشاق دېتالى) تا قورغان ھۆججەت ۋە تاراتقۇلارنى تورغا زاپاسلاش.
بۇلۇت نوقتىسى رەسىمى: ھەرقانداق بۇلۇت نوقتا قوللايدىغان i فامىلىسىدىكى ئۈسكنىلەردە تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېردا ساقلىنىدۇ. يىقىنقى 30 كۈنلۈك رەسىم iCloud تا ساقلىنىدۇ. ios تە بولسا 1000 تال رەسىم ساقلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارنى ئۆزئارا ماسقەدەملەشتۈرگىلى بولىدۇ.
بۇلۇت iTunes: سېتىۋىلىنغان ناخشىلار بۇلۇتتا ساقلىنىدۇ، لازىملىق ئۈسكىنىگە خالىغانچە چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.
5GB بوشلۇق: ئىشلەتكۈچىنىڭ بارلىق ماتىرياللىرى، ھۆججەتلەر، سىستىما دېتاللىرى بۇ بوشلۇقتا ساقلىنىدۇ. سېتۋىلىنغان ناخشىلار بۇ بوشلۇقنى ئىگەللىمەيدۇ.
Mobile Me ناملىق ئېلخەت: XXXX@me.com نامىدىكى ئېلخەت ئادىرسى تەمىنلىدۇ. ئۇچۇر ئېتتىرىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، ئېلان قويۇلمايدۇ.
One More Thing: بۇ بۇرۇنمۇ ئېچىلغان مۇلازىمەت. iTunes Match نامىدىكى ناخشا ئىزدەش مۇلازىمىتى. چېقىرىلغان مۇزىكىلار ئادەتتە 256kbps كەڭلىكتە بولۇپ ئاۋاز سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە.
يۇقارقلار apple نىڭ بۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىرىشكەن ئۇچۇرلار. Stave Jobs ئېيتىدۇكى :«كىيىنكى pc دەۋرىگە نىسبەتەن بۇرۇن iOS يوق ئىدى، كىيىن osx بولمايدۇ.» يەنى يۆتكەلمە ئۈسكىنىلەرگە بەكراق دىققەت قىلىپ، ئىشلەتكۈچىنى تەدرىجىي ھەركاتچان يىڭى مۇلازىمەتلەرگە يىتەكلەپ، ئۇچۇر ئامبىرىنى يۆتكىلىشچانلىققا يۈزلەندۈرۈش.
iCloud مۇلازىمەت كىرىش نوقتىلىرى كىيىنكى قىتىم ئېلان قىلىنىدىغان ios5 ۋە Lion غا سىڭدۈرۈلدى، ئىشلەتكۈچىلەر ئۈسكىنە نەشرىنى يۇقارقى نەشىرگە كۆتۈرگەندىن كىيىن بۇ مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولالايدۇ.
[...] ئورنىڭىز : باش بەت >APPLE>مەزمۇنى RSS ئالدىنقىسى كېيىنكىسى WWDC 2011 تىكى يىڭىلىقلار ھەققىدە ئېلان قىلىنغىلى [...]
[...] ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى بۇ تېمىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ. 2056.html قىسقىلا ئىيتقاندا، بۇ بىر تورغا يۈكلەنگەن بۇلۇتقا [...]
مۇشۇ تېخنىكا زادى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن
2058.html دىن كۆرگەيسىز
بۇلۇت توغرىسىدا بىر قەدەر تونۇش ھاسىل بولدى. ئۇنداقتا سېتىۋالغان دېتال ۋە مۇزىكىلارنى ھەرگىزمۇ سىرىتقا چىقىرىپ تارقاتقىلى بولمايدۇ. شۇنداقمۇ؟ دېتال ۋە ناخشىلارنى ئىشلىتىدىغان چاغدىلا قاچىلىسا، تور سۈرىئىتى ئاستا بولسا تازا ئەپسىز بوپ قالمامدۇ؟
ھە راس. مەن ios5 نى قاچىلاپ باقتىم . قارىسام message دەپ بىر يەرلىرى تۇرىدۇ. facetime دىن باشقا يەنە ئۇچۇر يولىغىلىمۇ بولىدىغان ئوخشىمامدۇ، ئايتاچ دا؟
[...] ھازىرقى ئورنىڭىز : باش بەت >APPLE>مەزمۇنى RSS ئالدىنقىسى iOS5 تىن كۆپچىلىككە سالام! ئېلان قىلىنغىلى 3 [...]