ھەممەيلەن تەشنا بولغان iPhone4S ئېلان قىلىنماي ئۇنىڭ مەشغۇلات سىيستىمىسى بولغان iOS5 ئاۋۋال ئېلان قىلىندى(ھازىرقىسى سىناق نەشرى، ئىشىنچە ۋاقتى بار تورداشلار Google دىن ئاختۇرۇپ، چۈشۈرۈپ سىنىسا بولىدۇ). بۇ سىسيستىما بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ نەشىر كۆتۈرۈش بولۇپ، يىڭىچە ئىقتىدارلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى رازى قىلىدۇ. بۇلۇت نوقتىسى قاتارلىق كۆرۈپ باقمىغان نوقتا، سىمسىز iTunes ماس قەدەملەش (بۇرۇن تورداشلار بەك سورىغان تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان Wi-Fi Sync يەنىلا ئۆز نامىدا ios تىن ئورۇن ئاپتۇ) قاتارلىق ئىقتىدارلىرى apple ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كاتتا خوش خەۋەر. تۆۋەندە بۇ نەشىردە قوشۇلغان ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
قوزغالدىن كىيىن iPhone دىگەن قارشى ئېلىش كۆزنىكى ئېچىلىپ، ئارقىدىنلا Mac كە ئوخشاشلا ھەر خىل تىلدىكى «قارشى ئالىمىز» دىگەن خەت كۆرۈنىدۇ. قاتتىق، دەھشەت، ئاجايىپ، غەلىتە ئەپسۇسلار بولسۇنكى قارلۇق شىركىتى 2 يىل بۇرۇنلا خەۋىرىنى بەرگەن، ئاللىبۇرۇن پۈتۈپ بولغان ئۇيغۇر تىلى بولىقىمۇ قوشۇلماپتۇ. نەزەرى يەنىلا :«قارلۇق شىركىتىنىڭ باشقىچە مۇھىم قەدىمى بار ئوخشايدۇ» دەپ چۈشەنچە بېرىدۇ. خالاستان بىلوگى ۋە شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى تورى iOS ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى قايتا باشلايدۇ!
كىيىنكى قەدەمدە رايۇن تاللانغاندىن كىيىن كومپيۇتېرغا ياكى wifi غا ئۇلاپ ئاكتىپلاش ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ.
نورمال ئاكتىپلاشقاندىن كىيىن بۇلۇتتىن ياكى كومپىيۇتېردىن ماتىريالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇ يەرگە ئەڭ ئۈستىدىكى تاللاشتىن كىيىنكى بەتكە ئۆتسەك apple id نى كىرگۈزىدىغان يەر بار.بۇ يەردىن ھەقسىز ھىساب نومۇرى ئېلتىماس قىلىڭ.
كىيىنكى قەدەمدە iCloudۋە ئۈسكىنىنى قايتۇرۋىلىش تاللاشلىرىنى تاللاپ كىيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز. مانا مۇشۇلار يىڭىلىقلاردۇر.
بۇ باسقۇچتا ئىشلەتكۈچىدىن سانلىق مەلۇماتنى apple مۇلازىمتېرغا يولاشنى تەلەپ قىلىش بولۇپ، بىزلەر يوللىمىساقمۇ بولىدۇ.
ئۆزگىرىش خىلى باركەن. iPod دىگەن خەت Music دەپ ئۆرگىرىپ ئىپادىسىنى تېپىپتۇ. SMS قىسقا ئۇچۇر دېگەن خەتمۇ ئەسلىگە قايتىپ Messages بولۇپتۇ.Reminders ,Newsstand دېگەن ئىككى تاللاش قوشۇلۇپتۇ. تۆۋەندىكىسى iPhone3gs نىڭ كەسمە رەسىمى، بەزى مەھسۇلاتلاردا ئازراق پەرق بولىدۇ.
Newsstand تا كۆرۈنگىنى كىتاب ئىشكابى شەكىللىك خەۋەرلەر مەركىزى بولۇپ يەرلىك ئۇچۇرلار،كىتابلار كۆرۈنىدۇ.
Reminders نامىدىكى يىڭى قوشۇلغان خاتىرە دەپتەر نىڭ ئىقتىدارىمۇ مۇكەممەل چىراي.
تام ئاتلاپ تورغا چېقىدىغانلارغا ياكى چەتتىكىلەرگە قولايلىق Twitter مۇ قوشۇلۇپتۇ. مەملىكىتىمىزدە ئېچىلمايدىغان بەتلەر بۇ.
Twitter دە يىڭى ئۇچۇر كەلسە بەت ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ. تۆۋەنگە سۈرگەندىن كىيىن بارلىق ئۇچۇرلار بىللە Newsstand دا كۆرۈنىدۇ.
iCloud نى تاللىغاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك تاللاشلار . بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى خالاستان بىلوگىدىكى ماس يازمىدىن كۆرگەيسىز. 2056.html
ئۇچۇرنى ئىتتىرىپ چىقرىىدىغان يىڭى ئىقتىدارلىق iMessage. قىسقا ئۇچۇر كەلسە ئاپتوماتىك كۆرۈنىدۇ، تۈرمىدىن قېچىش كەتمىگۈدەك.
Safari كۆرگۈچىسىدىكى Reader دېگەن تاللاشتىن پەقەت بىكەتتىكى ماقالىنى كۆرىدىغان قىلىپ تەڭشەشكە بولىدۇ. ئېىقىم، كۆز تىجەيدۇ.
ھەر خىل تاراتقۇلارغا ھەمبەھىر قىلىش ئىقتىدارىمۇ سەپلىنىپتۇ.
يۇقاردا iOS5نىڭ سىناق نەشرىدە سىنالغان بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى كۆرسەتتۇق. ئىشىنىمىزكى، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن يۆتكىمە مەشغۇلات سىيستىمىسى iOS بىزنى تېخىمۇ رازى قىلغۇسى.
iOS5نى قاچىلاپ ئاكتىپلاشقا كەلگەندە ئاكتىپلىغىلى بولمىدى،تېلفۇنۇمنىڭ wifi ئىقتىدارى يوقتى،دۆلەت مېلى تۇرۇپ سىگنالمۇ چىقمىدى..قانداق ئىش بۇ؟
جاۋاب مانا 2086.html
ئەركەنىڭ سۇئالىغا جاۋاب كۈتىمەن!
ئۇنداقتا iPhone 3Gs كە iOS 5 نى قانداق قاچىلايمىز…؟
[...] ئورنىڭىز : باش بەت >APPLE>مەزمۇنى RSS ئالدىنقىسى كېيىنكىسى iCloud ھەققىدە چۈشەنچە ئېلان قىلىنغىلى 4 [...]
ياق . باشقا تورلاردىن چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. ماۋۇسى ۋاقىتلىق، ھەم ئىشەنچلىك
[...] ئالدىنقى تېمىمىزدا iOS5 نى ماختاپ ئۇچۇرۇپ، تونۇشتۇرۇپ بولدۇق. تېخى WWDC 2011 دا ئەمدى ئېلان قىلىغان iOS5 نىڭ سىناق نەشرى بۈگۈنكى كۈندە چەتئەلدىكى خاككىرلار تەرىپىدىن تۈرمىدىن قاچۇرلۇپ بولۇندى. [...]
developer ID بولمىسا ئىسلەتكىلى بولايدىكەنغۇ؟
مەنمۇ مۇنداقلا كۆرۈپ يەنە ios4 گە چۈشۈۋالدىم.