Apple ھەۋەسكارلىرىغا مەلۇملۇق، ئۈسكىنە (iPhone,iPodTouch,iPad) نى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن نۇرغۇن ئىقتىدارلار ئېچىلىدۇ. جۈملىدىن ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش، كۆكچىش، سىستىما ھۆججەتلىرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار. بۇ مەھسۇلاتلارمۇ قىممەت، شۇڭا ئىقتىدارلىرىدىن قانچە كۆپ پايدىلىنالىساق بىز ئۈچۈن شۇنچە ئەرزانغا چۈشكەن بولىدۇ.
تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىيىن بىر نەچچە يۇمشاق دېتالنى قاچىلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق بۇ ئېسىل ئۈسكىنىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەڭ زور چەكتە ئاچقىلى بولىدۇ.
ئالدىنقى قىتىم ئىككى تېمىدا ئازراق تونۇشتۇرۇلغان.مەن يىقىندىن بىرى تولا سىستىما قاچىلاپ ئازراق تەجىربە توپلىدىم. ئۇيغۇرلارغا بىر قەدەر مۇھىم دەپ قارالغان دېتاللارنى تونۇشتۇراي.
بۇرۇنقى تونۇشتۇرغان دېتالنى مۇنۇ تېمىدىن كۆرگەيسىز. تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1) ×××× تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا2)
تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلغان دېتاللارنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەنلىرىدىن باشقىلىرىنى Cydia ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدۇ.
Cydia ئىشلىتىش دەرسلىكىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
appcync
قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى 5 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 0 قاچىلىنىش مىقدارى 4
رولى: iPhone تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىيىنىكى مەقسەت ئېچىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش. يۇقارقى دېتالنى قاچىلغاندا ئاندىن IPA فورماتىدىكى ئېچىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىغلى بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە فونت
قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى 5 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 5 قاچىلىنىش مىقدارى 3
رولى: Apple دېكىلەر ئۇيغۇرنىڭ فونتىنى كۆرمەيلا ئۇيغۇرغا فونت ياساپ بەرگەن بولغاچ فونتتا ھىچقانداق گۈزەللىك-بەدىئىي تۇيغۇ يوق. شۇڭا BILIGART،ElOghli,alpsoft قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ئەمگىكى نەتىجىسدە بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرچە فونتنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئەھلىنىڭ قاچىلىشىغا تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ
قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى 4 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 5 قاچىلىنىش مىقدارى 2
Installous
قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى 3 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 5 قاچىلىنىش مىقدارى 3
رولى: بۇ دېتال بولسا توردىن يېشىۋىتىلگەن ھەر خىل ئويۇن، قوللىنىشچان دېتاللارنى قاچىلاش ياردەمچىسى بولۇپ iTunes دەك مۇرەككەپ ئەمەس، شۇڭا ئىشلەتكۈچىلىرى بىر قەدەر كۆپ، ئەمما 3-تەرەپ ئاچقان بولغاچ توردىن چۈشۈرۈش سۈرىتى بىر قەدەر ئاستا، مەنبەلەرمۇ چەكلىك. دۆلەت ئىچىدە ماس كىلىدۇ.
iFile
قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى 5 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 5 قاچىلىنىش مىقدارى 4
رولى: ئەڭ ھۆججەت باشقۇرۇش دېتالى . مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
winterboard
قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى 3 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 3 قاچىلىنىش مىقدارى 3
رولى: بۇ دېتالنىڭ ئەسلى نامى iPhone دىكى كەينى سۇپا ئىجرا ھالىتى نامى SpringBoard نى دوراپ قويۇلغان بولۇپ ئۈسكىنىگە قوشۇمچە كۆرۈنمە يۈزى ئىقتىدارلارنى قوشۇش رولى ئەڭ كۆرۈنەرلىك. يۇقارقى كىرگۈزگۈچمۇ مۇشۇ دېتالنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىشلەيدۇ.
sbsettings
قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى5 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 5 قاچىلىنىش مىقدارى 4
رولى: بۇ دېتالنىڭ ئەسلى نامى SpringBoard Settings بولۇپ ئۈسكىنىدىكى بارلىق قوشۇمچە ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. بۇ ھەقتىكى مەخسۇس يازمىغا دىققەت قىلغايسىز.
Backgrounder
قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى3 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 3 قاچىلىنىش مىقدارى 2
رولى: كەينى سۇپىدا ئىجرا قىلىش كۆلچىكى بولۇپ مۇناسىۋەتلىك دېتاللارنى تاللاپلا قويساق كەينى سۇپىدا بىللە ئىجرا قىلىدۇ.
Remove Backgrounder SBSettings
قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى4 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 3 قاچىلىنىش مىقدارى 3
رولى: يۇقاردا تونۇشتۇرۇلغان sbsettings (خەنچە 傻逼设置 دەپ قويىدۇ) نىڭ ئىجرا قىستۇرمىلىرى بەكلا كۆپ، شۇڭا بەزى ۋاقىتلاردا سىستىمىنى ئاستىلىتىپ قويىشى مۇمكىن.بۇنداق ۋاقىتتا
Remove Backgrounder SBSettings ئارقىلىق ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇۋاتقان بارلىق 傻逼设置 نىڭ قىستۇرمىلىرىنى توختىتىدۇ.
MobileTerminal
قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى4 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 2 قاچىلىنىش مىقدارى 2
رولى: بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق Linux نىڭ بۇيرۇق قۇرىدا مەشغۇلات قىلغاندەك ئۈنۈمگە ئىرىشىمىز. ھەم يۇقىرى ھوقۇقلۇق مەشغۇلاتلانى قىلالايمىز.
safaridownloaer
قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى3 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 4 قاچىلىنىش مىقدارى 1
رولى: بۇ قىستۇرما ئارقىلىق چۈشۈرۈش قوللىمايدىغان iPhone دىمۇ جاھاننامە ئارقىلىق ھەر خىل ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈپ ساقلىۋالغىلى بولىدۇ.
lockinfo
قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى4 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى3 قاچىلىنىش مىقدارى 2
رولى: بۇ قىستۇرما iPhone نىڭ ئىكرانى قولۇپلانغاندا ھەر خىل كۆپ ۋاستە ئۇچۇرلىرى(ھاۋاراي، باتارىيە، كالىندار، ئۇچۇر، ئېلخەت…) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
Frashl
قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى5 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى4 قاچىلىنىش مىقدارى 3
رولى: بۇ قىستۇرما ئارقىلىق iPhone نىڭ جاھاننامىسى Safari For iOS كە Adobe نىڭ كوزۇرى Flash نى قوللاتقىلى بولىدۇ.
[...] قايتا نورمال قوزغالغان كىيىن ئاڭ ئاۋۋال Cydiaنى قوزغىتىپ… u_a_client="1254"; u_a_width="700"; u_a_height="90"; u_a_zones="1152"; u_a_type="0" ئادېرس: 4.3.5نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ۋە يىتەكلەش دەرسىلىكى | 哈拉斯坦博客 Halastan Blog خالاستان بىلوگ كۆچۈرۈش [...]
[...] [...]
4.3.4كە يىڭلقلار قوشۇلماپتۇ ،4.3.3نىڭ تورمىدىن قاچۇرۇش يوچۇقىنى ئىتىپتۇ خالاس.
iOS 4.3.4 نىڭ نىمە ئارتۇقچىلىغى باردۇ ،
قىزىقىپ يېڭىلاپ قويۇپ ، تۈرمىدىن قاچۇرالماي ئولتادىم مانا ،
ھېچ بولمىسا ، بۇ يېڭى نەشىرنىڭ 4.3.3 كە قارىغاندا باشقا قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار، شۇ ھەقتە بولسىمۇ بىلگەچ تۇرايلى نەزەرى ئەپەندىم،
5.0 گە قوشۇلىدىغان يۈزنەچچە خىل يېڭىلىقلاردىن بۇ نەشىرگە قوشقاچ تۇرغانلىرىمۇ بارمىدۇ يا ؟
فونتلارنى ../ifont-html دىن چۈشۈرگەيمىز.
ئامال ئەمدى ئېلان قىلىنىدۇ .ساقلاڭ
ھەر بىر نەشىرىنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى ۋە كېرەكلىك دېتاللىرى ئۆزىگە خاس. بۇنىڭ تۇرمىدىن قاچۇرۇش دېتالى ئايرىم ئېلان قىلىنمىسا ئۇيغۇرچە خەت شەكلىنى قاچىلاش ئىمكانىيىتى يوق.
ھەر بىر نەشىرىنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش باسقۇچلىرى ۋە كېرەكلىك دېتاللىرى ئۆزىگە خاس. بۇنىڭ تۇرمىدىن قاچۇرۇش دېتالى ئايرىم ئېلان قىلىنمىسا ئۇيغۇرچە خەت شەكلىنى قاچىلاش ئىمكانىيىتى يوق.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
بۈگۈن ئايفۇننى چېتىپ ئايتۇنىسنى ئاچسام ، سېستىمىنى 4.3.4 كە يېڭىلاش تەكلىپى چىقتى،
شۇنىڭ بىلەن قىزىقىپ 4.3.4 كە يېىڭىلاپتىمەن،
يېڭىلاپ بولۇپ تۈرمىدىن قاچۇراي دەپ Redsn0w 9.6 ( 18 ) ii نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىدە قاچۇرۇپ باقساممۇ قاچۇرغىلى بولمىدى، 4.3.4 نىڭ ipsw ھۆججىتىنى كۆرسىتپ بەرسەم ھۆججەت ماس كەلمىدى دىگەندەك مەزمۇندا ئۇچۇر چىقىپ ، قاچۇرغىلى بولمىدى،
ios 5.0 قاچقان يەردە بۇ 4.3.4 نى قاچۇرغىلى بولماسمۇ ؟
باشقىسىمۇ مەيلى، ئۇيغۇرچە فونت بىلەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتەلمەمدىم ئەمدى،
ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇرچە فونتنى بولسىمۇ قاچىلغىلى بولىدىغان ئامال بارمۇ يا ؟ تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپمۇ ؟
كوپىيەنى يوللاپ سالغانما
تېما تۈزەلدى.سىز كوپىيەنى كۆرۈپ قاپسىز.
بۇ تىما مۇشۇنداق چۈشۈنۈكسىزمۇ ياكى مەن چۈشۈنەلمىدىممۇ؟
ھېچبىر دىتال يوق ھەممىسى مۇشۇ گەپ؟
appcync
قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى 5
ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 5
قاچىلىنىش مىقدارى 5
رولى:
مەن ھەدەپ تېما يىزىپتىمەن. كوپىيەنىڭ كەينى سۇپىدا ئىچى پۇشۇپ بۇرۇنراق چىققاچ تۇرۇپتۇ خا خا