تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)

ئالمىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن مەقسەت ئۇنىڭ ئىقتىداردىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە. بىز يۇقىرى سەپلىمىلىك بۇ قاتتىق دىتال بىرلەشمىسىدىن تېخىمۇ ئەتراپلىق پايدىلىنىشى ئۈگىنىۋىلىشىمىز كىرەك.

تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ پايدىسىنى بۇ تېمىدىن كۆرگەيسىز.../445.html

تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئالما مەھسۇلات ئشىلىتىش تەجىربىسىگە ئاساسەن بىر نەچچە قولايلىق يۇمشاق دىتاللارنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ يۇمشاق دېتاللارنى ئالمىغا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىين قاچىلانغان دېتال cydia ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدۇ.

cydia ئشىلىتىش دەرسىلىكى ../928.html

تۆۋەندە ئىسمى ئاتالغان دېتاللارنى cydia نىڭ ئىزدەش كۆرنىكىگە كىرگۈزۈپلا ئىزدەپ قاچىلىسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

1. SBSettings


بۇ دېتال بولسا مەن ئەڭ رازى بولغان ئالما باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى. ئالما نىڭ ئىكىران ۋە يىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى ناھايتى چەكلىك. شۇڭا نۇرغۇن ئىشلارنى بىر باشتىن ئىزدەپ تېپىپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. SBSettings دىگەن دېتال ئارقىلىق نۇرغۇن مەشغۇلاتنى بىرەر ئىنكاس ياكى ھالەتكە توغۇرلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن مەن ئالمانىڭ ئىكرانىدىن سائەتنى تۇتۇپ تۇرسام ناخشا قويغۇچ قوزغىلىدۇ، ئىكراننىڭ ئەڭ ئۈستىدە قولۇمنى ئوڭغا سۈرسەم كىيىنكى ناخشا، سولغا سۈرسەم ئالدىنقى ناخشا. ئىكرانغا قولۇمنى ئككى ئۇرسام wifi ئېچىلىدۇ، يەنە ئۇرسام ئېتىلىدۇ. يۇقىردىن تۆۋەنگە ئاستا سۈرسەم كىتاب ئوقۇغۇچ، تۆۋەندىن يۇقۇرغا سۈرسەم تور كۆرگۈ  ئېچىلىدۇ….. يەنە نۇرغۇن قوللىنىشچان ئىقتىدارلىرى بار. خەنچە كۆرۈنمە ھالەتتە ھەممىنى خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدۇ. دېتالنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئىكراندىكى سائەت بەلگىسى ئۈستىنى تۇتۇپ تۇرغاندا باشقۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ.

2.WinterBoard

بۇ دېتال ئادەتتە ئالماغا ئۆزگىچە تەگلىك ۋە ئىكران ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدۇ. ئالما ئۆزى تەمىنلىگەن ئىكران ئۈنۈمى بىر نەچچە خىللا بولۇپ باشقا يانفونلارغا ئوخشاش ئىكران كۆرۈنۈشى، رەسىملەر، كۆزنەك ئۈنۈملىرىنى ئۆزگەرتىشتە چەك بار. تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان كىيىن WinterBoard دېتالى ئارقىلىق cydiaتەمىنلىگەن چەكسىز ئىكران ئۈنۈملىرىدىن پايدىلغانلى بولىدۇ. بۇرۇن 91 چوماقچىسى ئارقىلىق بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئەمدى بۇ دېتال ئارقىلىق قىلسا ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ.

3.InfiniFolders

بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئىكرانغا تېخىمۇ كۆپ كۆزنەك پاتۇرغىلى بولىدۇ. ئالما نىڭ بىر بېتىدە 4*4=16 دانە كىچىك سىنبەلگە (قوللانما) سىغىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە ھۆججەت قىسقۇچ قوشۇلسا، ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە يەنە 3*4=12 دانە بالا سىنەلگە پاتىدۇ. InfiniFolders ناملىق بۇ دېتال ئارقىلىق ئىكرانغا خالىغان ساندىكى سىنبەلگىنى پاتۇرغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ھۆججەت قىسقۇچقىمۇ تېخىمۇ كۆپ سىنبەلگە پاتۇرۇشقا بولىدۇ.

4.MyWi


بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق iphone نىڭ 3G تورىدىكى سېگىنالنى wifi شەكلىدە باشقا wifi ئۈسكىنىلەرگە ئورتاق قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ. بىلوگگېر نەزەرى ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىقتىدارلارنىڭ بىرى مۇشۇ. باشقا تورداشلارنىڭمۇ زامانىۋى ئۈسكىنىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىرشىشى ئۈچۈن بۇ خىل چارىنى سىناپ بىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

5.My3G


بۇ يۇمشاق دېتال بەزى قوللىنىشچان دېتللارنى ئالداش ئۈچۈن ياسالغان. يەنى ئالما دىكى بەزى يۇمشاق دېتاللار پەقەت wifi مۇھىتىدىلا ئىشلەيدۇ. مەسىلەن facetima. شۇڭا سىز 3G تورىدا تورىغا چىققان بولسىڭىز، لىكىن مۇناسىۋەتلىك دېتال پەقەت wifi مۇھتىدىلا ئىشلىسە، سىز بۇ دېتال ئارقىلىق ئۈسكىنىگە سۈنئىي wifi مۇھىتى بەلگىلەپ 3Gتوردىمۇ ھەممە يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز.

«تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)»نىڭ 24 ئويلىغانلىرى بار

    1. مەن 5- سىدىن باشقىلىرىنى ئىشلىتىپ كۆنگەن. ھەقىقەتەن قولاي دېتاللاردە.
      تۈرمىدىن قاچۇرمىغانلار پۇل خەجلەپمۇ سېتىۋالامايدۇ.

  1. مەن WinterBoard ماۋۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام Kuaidial يوقاپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا WinterBoard نى ئۆچۈرىۋەتسەم ئاندىن پەيدا بولدى. يوقاپ كەتكەندە لايىھەلەش تىزىملىكىدىمۇ يوق ئىدى. كېيىن WinterBoard نى ئۆچۈرسەم يەنە نورمال پەيدا بولۇپ قالدى، نېمە ئىشتۇ دەپ قالدىم.

    1. 设置نىڭ ئىچىدە winterboard دەيدىغان بىر تاللاش تۈرى بار. شۇ يەردە ئۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇن بەلگىلەشلەر بار، بىربىرلەپ سىناپ باقسىلا. بەزى بەلگىلەشلەرنىڭ رولىنى مەنمۇ تولۇق بىلىپ كىتەلمىدىم. تۈنۈگۈن مەن windowsXP نىڭ بولىقى قاچىلىغان، شۇ چاغدا ئاندىن winterboard ئېچىدىمۇ زور ئىقتىدار بارلىقىنى بىلدىم.

  2. nazari man tilpinimning naxirni koturudum4.3.2ga turmidinmu kaqurup boldom likin siz ga aldin kitim digandak itunes den birnarsa kaqilisam kaqilanmidi siz dap bargandak cydia gha appweipphone.com/cydia kitiwaldim likin siz digan api补丁ni quxiralmidim bunimining ixidu ?

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…
    مەن يۇقىردىكى دېتاللارنى ئايتيۇنىزدىن ئىزدەپ تاپالمېدىمغۇ؟؟؟
    مەن بۇرۇندىن تۈرمىدىن قاچۇرسا باشقىلار ئايتيۇنىزدا ھەقلىق سېتىۋاتقان سېستىمىلارنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىدىغان گەپ دەپ ئويلاپتىكەنمەن….ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسمۇ؟؟؟

    1. بۇ دېتاللار iTunes غا چىقالمايدۇ. چۈنكى بۇ دېتاللار سىستىما ئىجرا ھوقۇقى تەلەپ قىلىپ ئىجرا بولىدۇ، سىستىما قوزغالغاندا بىللە قوزغىلىدۇ، يۇقىرى ھوقۇقتا ئىجرا بولىدۇ. ئالما تەرەپ iTunes غا چىقىدىغان دېتاللارغا بۇنداق چەكلىمە قويغان.
      شۇڭا بۇ دېتاللارنى پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرغاندىلا cydia سۇپىسىدا تۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
      تەكلىۋىم، تۈرمىىدىن قاچۇرۇپ ئىشلىتىڭ.

      1. مېنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرماسلىقىمنىڭ سەۋەبى…ھەقلىق دېتاللارنى ياسىغۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز ئىشلىتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. ئۇنداقتا مەن تۇرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئايتيۇنىزدا يوق ياكىئايتيۇنىزداھەقسىز دېتاللارنى ئىشلەتسەملا باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ شۇنداقمۇ؟؟؟

        1. شۇنداق. سىز تۈرمىدىن قاچۇرۇپ iTunesدىن ھەقسىز دېتاللارنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. يېشىۋىتىلگەن IPA فورماتىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىمىسىڭىز ئاندىن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلغان بولسىىز.
          باشقا فورماتتىكى دېتاللار ھەقسىز.

        1. ئېنىق سورىۋالاي ….يۇقارقى دېتاللار قايسى مەنبەدىن تارقىلىدۇ؟؟؟ linux ئاچقۇچىلار غا ئوخشاش خالىس ئۇستاملار تارقىتامدۇ؟

          ئوخشاش ئەمەس دەل Linux قا يۇمشاق دېتال يازغۇچىلار يازىدۇ ئۇنى. چۈنكى iOS مۇ Linux نىڭ بىر بالىسى، darvin نى نېگىز قىلغان Linux مەشغۇلات سىستىمىسى ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا پروگراممىرلار DEB فورماتىدىكى دېتاللارغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپلا iOS كە ماس نەشرىنى ياسىيالايدۇ. Cydia نىڭ مەۋجۇتلۇقى، تۈرمىدىن قاچۇرۇش دىگەنلەر قانۇنلۇق ئىشلار. ئەمما iTunes دىكى ھەقلىق دېتاللارنى يېشىپ تارقىتىش، ئىشلىتىش قانۇنسىزلىققا كىرىدۇ.

          1. ئۇنداقتا ….. ئەمدى تۈرمىدىن قاچۇرۇش بىلىملىرىغا ئاتلانسام بولغۇدەك….بىراق تۈرمىدىن قاچۇرمايمۇ خېلى كۆپ ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلانغان ئىدىم… مەسلەن ھەقسىز سېستىمىلاردىنمۇ خېلى ئىسشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن…. مەسلەن: eudic دېگەن لوغەتنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىغىمۇ ھەقسىز تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە لوغەت ۋە ئاساسەن دۇنيادىكى خېلى كۆپ تىللىق لوغەتنى قاچىلىغىلى بولىدىكەن…
            ئۇنداقتا مەن تۈرمىدىن قاچۇرۇپ باقاي…قېنى قىلالامدىم….
            رەھمەت ….ئەمسە…بەك كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتىم سىزنى…. :lol:

          2. تۈزۈت قىلماڭ. مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى بىلوگدا سوراپ تۇرسىڭىز تېز سۈرەتت تېخنىكىلىق قوللاشقا ئىرىشىسىز، شۇ باھانىدە باشقىلارنىمۇ بىلمىلىك قىلىپ قويىسىز.

  4. salam nazari aldinki kitim telpunimning naxirini koturganda tilppunimdiki rasimlarni kompitergha eliwalghan amdi karkanqa kilipmu tilpunimgha alalmidim buni kandak aliman ?yanabir masila karisam manden baxkilar ning hammisi inkasni uyghur qa yezipyu man yazsa xu latinqa qikidu bunimining ixi ?

    1. سىز مۇنۇ دېتال ئارقىلىق قايتا ئورنىغا تاشلاڭ
      http://blog...//1124.html
      ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەسىلىسى مىنىڭ بىكىتىمنىڭ ICP سىغا ساقلاپ قالدى. يىقىندا چىقسىلا مەن بوشلۇقنى قوڭ قۇرۇقلۇققا يۆتكەپ، سىستىمىنىڭ نەشرىنى چۈشۈرىمەن.

  5. سىز تەۋسىيە قىلغان ماي ۋىي mywiدىگەن رۈۋەنجەن بەك ياخشى قولايلىق نەرسىكىەن ئايپۇندا wifiتارقاتقىنى بولىدىكەن ئىككى ئۈچ كۈندىن كىيىن پەقەت ئىشلىمىدى ھەققلىق ئوخشايدۇ مۈمكىىن بولسا ھەقسىزلىرىنى يوللاپ قويساڭلار بولاپتىكەن مەن ئىزدىسەم ھەقسىزلىرىنىڭ كونىراق نۇسقىسى باركەن يىڭىسىدەك ئىقدىدارلىرى تولوق ئىشلىمەيدىكەن
    ئەڭ يىڭىسى نۇسقىسى 60 4.0

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: