ئايلىق ئارخىپلار: 2012-يىل 02

كىيىنكى ئەۋلاد ئايفوننىڭ يەنە بىر خىيالى لايىھەسى

توردا ئايفون بەش دەپ ئىزدىسەك نۇرغۇنلىغان خىيالى تەسەۋۇر  لايىھەلىرىنى تاپالايمىز. ئەمما مەن مۇشۇ كەمگىچە مۇندىقىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ئاڭلاشقا قارىغاندا بۇ ئايفون مەك كومپيۇتېرلىرى ئۈچۈن مائۇس بولالامىش.

 

 

 

 

ئالمىدىن يېڭىلىق كېلىش ئالدىدا…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئاۋۋال بۇ سۈرەتنى كۆرۈپ بېقىڭ.

كۆپچىلىك كۈتىۋاتقان ئالمىنىڭ يېڭى ئەۋلاد «ئايپەد» ى كېلەرئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ سۈرەت  ئورگان تەرەپنىڭ شۇ يەر ۋاقتى ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت ئوندا (بېيجىڭ  ۋاقتى ئۈچىنچى ئاينىڭ سەككىزىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت ئىككىدە )   ئامىرىكا سان فرانسېسكودا ئۆتكۈزىلىدىغان ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ تەكلىپنامىسى سۈپىتىدە ئېلان قلىنغانكەن.

سۈرەتتىكى ئېنگىلىزچە خەتنىڭ مەنىسى «بىزدە  بەزى نەرسىلەر بار ، سىز  چوقۇم كۆرۈپ، تۇتۇپ باققايسىز. » مۇشۇنداراق تەرجىمە قىلىپ تۇردۇم…

سۈرەتكە قارىسام بۇ ئايپەدنىڭ باش كۇنۇپكىسى  home يوق تۇرىدۇ.ئېكراننى گورزىنتال قىلىپ تارتقان رەسىممىدۇ ياكى يېڭى ئەۋلاد ئايپەدتە بۇ كونۇپكىنى قىسقارتىۋەتكەنمىدۇ؟؟؟

ئۇندىن باشقا  يەنە نېمە يېڭىلىقلا باردۇ؟؟؟ ۋاقتى كەلگەندە قاراپ باقمامدۇق.

ئېھ…خاتىرەم!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،‬

قۇرۇق گەپنى قويۇپ، قارلۇقنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرىشىگە قۇلاق سالايلى:
‫خاتىرەم بىرلا مەقسەت يەنى – ئايپەد ياكى ئايفوندا ئۇيغۇرچە خاتىرە يېزىپ ئۇنى مەلۇم سۇپىلارغا يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. خاتىرەم ئارقىلىق گۈدۈك، سىنا، ئىلخەت، ئايمەسىجلەرگە ئۇچۇر يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كونۇپكا تاختىسىنى بىز ئەسلىدىكى ”كىلاسسىك ئۆلچەم“ بويىچە ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەلۋەتتە، سىز بۇ خىل كونۇپكا لايىھىسىغا بۇرۇنلا ئادەتلىنىپ بولغان. ‬
‫ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:‬
‫ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك كونۇپكا تاختىسى بىرىكتۈرۈلدى
‫ يازمىنى گۈدۈك، سىنا، ئايمەسىج ۋە ئىلخەتكە يوللىيالايسىز‬
‫ ئېكران يورۇقلۇقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ‬
پۈتۈن ئېكراننى تازلاش ئىقتىدارى بار‬
‫ياقتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.‬
‫قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتى‬

چۈشۈرۈش ئادرېسى

http://itunes.apple.com/us/app/xatirem/id484486372?ls=1&mt=8

گۈدۈكنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن…