ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئاۋۋال بۇ سۈرەتنى كۆرۈپ بېقىڭ.
كۆپچىلىك كۈتىۋاتقان ئالمىنىڭ يېڭى ئەۋلاد «ئايپەد» ى كېلەرئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ سۈرەت ئورگان تەرەپنىڭ شۇ يەر ۋاقتى ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت ئوندا (بېيجىڭ ۋاقتى ئۈچىنچى ئاينىڭ سەككىزىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت ئىككىدە ) ئامىرىكا سان فرانسېسكودا ئۆتكۈزىلىدىغان ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ تەكلىپنامىسى سۈپىتىدە ئېلان قلىنغانكەن.
سۈرەتتىكى ئېنگىلىزچە خەتنىڭ مەنىسى «بىزدە بەزى نەرسىلەر بار ، سىز چوقۇم كۆرۈپ، تۇتۇپ باققايسىز. » مۇشۇنداراق تەرجىمە قىلىپ تۇردۇم…
سۈرەتكە قارىسام بۇ ئايپەدنىڭ باش كۇنۇپكىسى home يوق تۇرىدۇ.ئېكراننى گورزىنتال قىلىپ تارتقان رەسىممىدۇ ياكى يېڭى ئەۋلاد ئايپەدتە بۇ كونۇپكىنى قىسقارتىۋەتكەنمىدۇ؟؟؟
ئۇندىن باشقا يەنە نېمە يېڭىلىقلا باردۇ؟؟؟ ۋاقتى كەلگەندە قاراپ باقمامدۇق.
باركەنسىز ئۇزۇن بولدى ،بىلوگىڭىز يىڭىلانماي كەتتىغۇ.