سەھىپە ئارخىپى: ئالما ساۋادى

appleمەھسۇلاتلىرىدىن دەسلەپكى ساۋات

iPhoneنەشىر كۆتۈرۈش دەرىسلىكى

بۇ دەرىسلكنى مەن iPhone تۇنجى قېتىم قولىغا ئالغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەشغۇلات باسقۇچى بويىچە تەييارلىدىم. بىلدىغانلار ئەگىپ كەتكەيسىزلەر

نەشىر كۆتۈرۈش دېيىلگەندە ئۈسكىنە نەشرىنى كۆتۈرۈش ياكى تۆۋەنلىتىش ۋە ياكى شۇ نەشىرنى قايتا يېزىشىنى كۆرسىتىدۇ.

نۆۋەتتە نەشىر كۆتۈرۈشكە بولىدىغان بارلىق ئۈسكىنىلەرنى ئاددى ئۇسۇلدىلا نەشىر كۆتۈرۈشكە بولىدۇ. نەشىر كۆتۈرۈشكە بولىدىغان ئۈسكىنىلەر دېيىلگەندە ئالدى بىلەن apple تەرەپ نەشىر بولىقى تەمىنلىگەن ئەڭ يۇقىرى ياماق بولىشى، ئاندىن شۇ ئۈسكىنە نورمال تورغا ئۇلانغان كومپىيۇتېرغا چېتىلغان بولىشى شەرت.

تۆۋەندە نۆۋەتتىكى Apple مەھسۇلاتىنى 5.1.1 غا كۆتۈرۈش مەشغۇلاتىنى كۆرسىتىمەن. بۇ دەرىسلىك iPhone,ipad,iPodtouch,ipodClass,ipodnano,ipod,iTV… قاتارلىق ئۈسكىنىلەرگە ماس كىلىدۇ.

ئەگەر ئۈسكىنىڭىز 5.0 دىن يۇقىرى نەشىردە شۇنداقلا wifi غا ئۇلانغان، ھەم تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغان بولسا ئۈسكىنە ئېچىدىن 设置-通用-软件升级 دېگەن تەرتىپ بويىچە سىستىما نەشرىنى كۆتۈرسە بولىدۇ.

ئەگەر يۇقارقى شەرتكە چۈشمىسە ياكى سىستىمىنى قايتىدىن بىر يېزىپ چىقىش ئويى بولسا تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزەر سالغاي.

1.ئۈسكىنە نەشرىگە ماس 5.1.1نىڭ نەشىر كۆتۈرۈش بولىقىنى چۈشۈرىمىز. چۈشۈرۈش ئادېرسى

2.ئالما ئۈسكىنىلىرىنىڭ مۇھىم يۆلەنچۈكى itunes نى چۈشۈرىمىز. چۈشۈرۈش ئادېرسى

3.ئۈسكىنىنى كومپىيۇتېرغا چېتىپ DFU ھالەتكە كىرىمىز. جەريانى: ئۈسكىنىنى ئۆچۈرىمىز، ئۈستىدىكى مەنبە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ 3 سېكونت تۇرىمىز.ئۈسكىنىدە ئالما بەلگىسى كۆرۈنىدۇ. يۇقارقى كۇنۇپكىنى قويۇۋەتمەي تۇرۇپلا ئاستىدىكى قايتىش كۇنۇپكىسىنى بىللە 10 سېكونت بېسىپ تۇرىمىز.ئۈسكىنە يەنە بىر ئۆچۈپ قوزغىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن مەنبە كۇنۇپكىسىنى قويۇۋېتىمىز، قايتىش كۇنۇپكىسىنى ئۆزلۈكسىز 15 سېكونت بېسىپ تۇرىمىز. تەپسىلىي مەشغۇلات جەريانى بىر يىل بۇرۇن تەپسىلىي يوللانغان.

4. iTunes دا يىڭى ئۈسكىنە تونۇغانلىق ئۇچۇرى چىقىدۇ. جەزىملەشتۈرىمىز.

5. ئاخىردا iTunes نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە كۆرۈنگەن 恢复 دېگەن بەلگىنى كۇنۇپكا تاختىسىدا shift نى بېسىپ تۇرۇپ تاللايمىز. چىققان تاللاش رامكىسىدىن 1- قەدەمدە چۈشۈرگەن بولاقنى تاللاپ بېرىمىز مەسىلە تامام.

5.1.1 غا چىققاچ تۇرۇڭ! تۈرمىدىن قاچىدۇ

ئالدىنقى تېمىمىزدا Pod2gدېگەن پالۋاننىڭ بىر نەچچە ئۈسكىنە (iPhone, iPad,iPod, iTV,) نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان. لىكىن ئۇلار بىخەتەرلىك ۋە سىغىشىشچانلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ھازىرغىچە سىناق قىلىۋاتقان ئىدى.

Pod2g تۈرمىدىن قاچۇرغۇچىلارنىڭ كاتتا يىغىنى ئاتالمىش HITB شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. ھەمدە Absinthe Jailbreak for iOS 5.0.1 دېگەن تېمىدا نوتۇق سۆزلەيدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرمىدىن قېچىشنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل قىچىش تېزىملىكىنى يىڭىلاپتۇ.

تۆۋەندىكى ئۈسكىنىلەرنىڭ قۇلۇب چۈشۈپ قىلىش مەسىلىسىدىن ئەنسىرمىگەنلەر خالىغانچە كۆتۈرۈپ يىڭى سىستىمىدىن ھوزۇرلانغاچ تۇرسا كەلگۈسى ئىككى كۈن ئىچىدە مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش قورالى ئېلان قىلىنىدۇ.

شۇنداقلا خالاستان بىلوگىمۇ دەرىسلىك تەمىنلەيدۇ.

چۈشەنچە: جەدۋەلنىڭ يۇقارقى قىسمىدىكى ھەممە ئۈسكىنىلەر بۇ قىتىملىق مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشقا ماس كىلىدۇ.

Apple TV 3 ھازىرچە تۈرمىدىن قاچمايدۇ. iPad 2 Wifi, R2  ۋە iPad 3 Global لار بولسا ھازىرچە سىناق باسقۇچىدا، قېچىشى مۇمكىن.

Cydia غا ModMyi ۋە Thebigboss لارنىڭ مەنبەسىنى قوشۇش

Cydia بولسا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئۈسكىنىلەردە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسى دېتال.

خالاستان بىلوگى بۇرۇن Cydia  ئىشلىتىش ھەققىدە مەخسۇس تېما يوللاپ ئوقۇرمەنلەرگە ساۋات بەرگەن. تېما ../928.html

يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ModMyi ۋە Thebigboss لار بولسا خەلقئارادىكى ئەڭ داڭلىق Cydia مەنبەلىرى. ئۇلارنىڭ قىستۇرما، ئىقتىدار ياماقلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن داڭىق چىقارغانلىقىنى كۆپىنچىمىز بىلىمىز.

ئەمما تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىلا Cydia غا ئاپتوماتېك قوشۇلىدىغان مەنبەلەر تۇرۇپمۇ ئۇقۇشماسلىق ياكى قەستەنلىك سەۋەبىدىن ئۆچۈرلۈپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بەزى دېتاللارنى قاچىلىغاندا ياماق تېپىلماي نورمال ئىشلىتىشكە تەسىر يېتىدىغان ياكى ئىشلىمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.ModMyi ۋە Thebigboss لار ئۆزلىرىمۇ ماس Cydia  مەنبەسىنى ئېلان قىلغان.

Thebigboss نىڭ مەنبە ئادېرسى http://apt.thebigboss.org/repofiles/cydia/

ModMyi نىڭ مەنبەسى  http://modmyi.com/cydia/

ZodTT& Mac Citi نىڭ مەنبەسى http://cydia.zodttd.com/repo/cydia/

لىكىن بۇ مەنبەلەرنى يۇقارقى دەرىسلىكتىكى چارە ئارقىلىق قوشۇشقا سىستىما ھوقۇقى يەتمەيدۇ، شۇڭا نۇرغۇن تورداشلار (كۆز ئىشارىسى ئارقىلىق كىتاب ئۆرۈش)دەك Cydia دىكى Thebigboss نىڭ مەنبەسىدىن دېتال چۈشۈرۈشتە قىينالدى. شۇنى كۆزدە تۇتۇپ تۆۋەندە يۇقارقىىدەك يۇقىرى ھوقۇقلۇق مەنبەلەرنى قوشۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇراي.

1. ئالدى بىلەن Cydia نىڭ باش بېتىنى ئاچىمىز. بارلىق يىڭى بەتلەرنى تولۇق چۈشۈرۈشنى ساقلايمىز. ئەڭ ئۈستۈنكى قۇردا چۈشۈرۈش ھالىتى يوقىسىلا بولىدۇ.

2. سول تەرەپ يۇقىردىن تۆۋەنگە قاراپ More Package Sources دېگەن خەتنى باسقاندىن كىيىن يىڭى بەت ئېچىلىدۇ.

3. بۇ بەتتىن يۇقاردىكى Thebigboss ،ModMyi، ZodTT& Mac Citi ئۈچ مەنبەنى قوشۇپ بولغاندىن كىين تۆۋەندىكى تاللاش مەنبەلىرىنىمۇ تولۇقسىز قوشۇپ دېتال چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

Cydia ئارقىلىق APP Store دىن ئىزدەش

تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان ئەپ ئارقىلىق APP Store دا نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ سېتىلىۋاتقان 200 ھەقلىق ئەپ ۋە نۆۋەتتە ھەقسىز تارقىتىلىۋاتقان چۈشۈرلىشى ئەڭ كۆپ 200 ئەپنى بىۋاستە كۆرەلەيمىز.

قىستۇرما قاچىلاش ئ‍ۈچۈن Cydia غا ModMyi repo نىڭ مەنبەسىنى قوشۇپلا  AppMosaic دەپ ئىزدەيمىز.

چۈشەندۈرۈلىشى

Close[SWF] - AppMosaic

ئالمىغا يۇمشاق دېتال قاچىلاش ئۆلچەملىك دەرسلىكى

خالاستان بىلوگى شۇنى سەمڭىزگە سالىدۇ:«ھاياتلىقنى قەدىرلەپ 91 دىن يىراق تۇرۇڭ»

Apple مەھسۇلاتلىرىغا يىڭى ھەۋەسكارلار داۋاملىق ھالدا «91 ياردەمچىسى(ماس نامى «91 چوماقچىسى»)» نى ئىشلىتىپ يۇمشاق دىتال قاچىلايدۇ.

يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئازراق قولاي بولغىنى بىلەن 91 نىڭ بىللە قاچىلىنىدىغان لۈكچەك قىستۇرمىلىرى ساماندەك، شۇڭا ھازىر ھەممە مۇنبەرلەردە 91 ئىشلەتمەسلىك تەشەببۇسى قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمىليەتتە 91 ئىشلەتمەيمۇ بارلىق ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا خالاستان بىلوگى رەسمىي يوسۇندا 91 ئارقىلىق ئىشقا ئاشقان ئىقتىدارلارنى باشقا يۇمشاق دىتاللار ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ، ھەم شۇنداق ھەل قىلىش چارىسى تەمىنلەيدۇ.

ئالدىنقى قېتىم، ناخشا مۇزىكا يوللاشنىمۇ 91 سىز مۇھىتتا ئىشقا ئاشۇرغان.../1007.html

91نىڭ لۈكچەك فورماتى PXL نى Apple نىڭ قانۇنلۇق، بىخەتەر فورماتى IPA گە ئايلاندۇرۇشنىمۇ سۆزلەپ ئۆتتۇق.../1047.html

خوش، تۆۋەندە 91 سىز مۇھىتتا,iTunes ئارقىلىق يۇمشاق دىتال قاچىلاشنى سۆزلەپ ئۆتەي.

1. ئالدى بىلەن يۇقارقى دەرسلىك بويىچە IPA فورماتىدىكى دىتاللارنى يۇغلايسىز.../1047.html . توردىن چۈشۈرۈشكە ياكى ئۆزىمىز 91نىڭ لۈكچەك فورماتى PXL نى Apple نىڭ قانۇنلۇق، بىخەتەر فورماتى IPAغا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ. قىلىپ بولغانلار ئاتلاپ كېتىڭ.

2.../928.html ماۋۇ دەرسلىك بويىچە  cydia غا app.weiphone.com/cydia دىگەن ئادىرىسنى قوشۇڭ، ھەم يىڭىلاڭ. شۇنداقلا ئىزدەش كۆزنىكىدىن IPA  دىگەننى ئىزدەڭ.  ئۇسۇلى  ../995.html غا ئوخشايدۇ.

سىز بۇ يەردىن IPA补丁  دىگەن تاللاشلارنى تاپالايسىز، بۇنىڭدىن 4.X ياكى 3.x دىگەنى تاللاڭ (سىزنىڭ سىستىمىڭىزغا قايسىسى ماس كەلسە شۇنى تاللاڭ). بۇ يېشىۋىتىلگەن IPAھۆججەتلىرىنى ئۈسكىنىگە قاچىلاش ئۈچۈن زۆرۈر ياماق بولۇپ قاچلىماسلىققا بولمايدۇ. قىلىپ بولغانلار ئاتلاپ كېتىڭ.

3. iTunes نى قوزغىتىڭ . ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكى جايلارنى تولدۇرۇڭ.

ئېچىلغان كۆزنەككە ھىساب نومۇرى تولدۇرىمىز.يۇقارقى ھىساب نومۇرى بولسا appleنىڭ بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرگە بىرىلىدىغان كىملىكى. بۇ ھىساب نومۇرىنى 淘宝 دا 10 سومدىن ساتىدۇ. خالاستان بىلوگى بۇ تېخنىكىنى ھەقسىز تەمىنلىگەن. مەنزىل: ../757.html

4.تاللاپ قويغان يۇمشاق دىتاللارنى تاللاپ يۇقارقى بىرىنچى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن 应用程序 دىگەننىڭ ئۈستىگىلا تاشلاڭ.

5. ئۈسكىنىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ  ئۈسكىنىنىڭ نامىنى چېكىمىز. ئوڭ تەرەپتە كۆرۈنگەن  بەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قۇردا 应用程序  دىگەن تاللاش بولىدۇ.

6. 应用程序 دىگەن تاللاشنىڭ ئاستىدا 同步 دىگەن ئىقتىدار كۇنۇپكىسىنى چەكسەك يۇقىردا بىز itunes غا قوشقان يۇمشاق دىتالىمىز ئەمدى ئۈسكىنىنىڭ ئىچىگە قاچىلىنىدۇ.

دىققەت بۇنداق قىلغاندا ئۈسكىنە ئىچىدىكى itunes دا يوق  يۇمشاق دىتاللارنى يۇيىلىپ كىتىدۇ. بۇنىڭغا ئىلاج يوق.

iOS 5 تە تولۇق سۈرەت «全景拍照» ئىقتىدارىنى ئېچىش

مەن تولۇق سۈرەت «全景拍照» ئىقتىدارىنى بۇرۇن Symbian نىڭ بۈيۈك ئىزباسارى Nokia E5 دا بەك ئىشلەتكەن.بۇ خىل ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ سۈرەت كۆزى ئارقىلىق ئەتراپىمىزىدىكى 360گىرادۇسلۇق مەنزىرىنى بىرلا رەسىمگە سىغدۇرغىلى بولىدۇ. يەنى، رەسىم تارتىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ ئورنىمىزدا 360 گىرادۇس ئايلاندۇرساق ، ئىكرانغا كۆرۈنگەن بارلىق مەنزىرە بىرلا سۈرەتكە ساقلىنىدۇ(ئۇزۇنچاق بىر رەسىم چىقىدۇ). Googleنىڭ كوچا رەسىمى تارتىدىغان ماشىنا — GoogleCar لارغىمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدار ئورنىتىلغان ھازىر توردىنلا ئامېركانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم يەرلىرىنى نەخ مەيداندا تۇرغاندەك كۆرەلەيمىز.تېمىدىن چەتنىمەيلى.

 ئالدىنقى كۈنلەردىن تارتىپ نۇرغۇن بىلوگلاردا iPhone نىڭمۇ بۇ ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. چاتاق يېرى، تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئۈسكىنىلەرگە بۇ ئىقتىدارنى قوشقىلى بولمىغان. سىناشقا ئۈلگۈرمەيلا بۈگۈن تۈرمىدىن قاچۇرمىغان iPhone لارغىمۇ بۇ ئىقتىدارنى قوشقىلى بولىدىغانلىقدىن خەۋەر تېپىپ سىناپ مۇۋەپقىيەت قازاندىم.باسقۇچىنى ئورتاقلىشاي:

ئالدى بىلەن iBackupBot نى چۈشۈرىمىز.

ئاندىنiTunesئارقىلىقiPhone نى زاپاسلايمىز. جەريانى: iTunes دىكى iPhoneنامى ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىنى چەكسەك 备份 كۆرۈنىدۇ.

- كىيىنكى قەدەمدە iBackupBotنى قوزغىتىمىز. file نىڭ ئېچىدىن open nh تاللاپ  Library/Preferences/com.apple.mobileslideshow.plistدېگەن مۇندەرىجىدىن رەسىمدىكى زاپاس ھۆججەتنى ئاچىمىز.

- رەسىمدىكى ئورۇنغا EnableFirebreakYES   دېگەن كودنى قوشىمىز.

يۇقارقى باسقۇچ تامام. ئاندىن “Export”(输出) نى باسىمىز، كىيىنكى تاللاشتىن “Restore”(还原)نى بېسىپ بۇرۇن تاللىغان ھۆججەتنى قاپلىۋىتىمىز.

بىر ئاز ساقلايمىز. ھۆججەتنىڭ چوڭ كىچىكلكىگە ئاساسەن ۋاقىت كىتىدۇ.

مەشغۇلات تاماملىنىپ iPhone قايتا قوزغالغاندىن كىيىن سىنئ‍ىلىش تاللانمىسىدا 全景 دېگەن تۈرنى كۆرۈشكە بولىدۇ.


iPad نى كومپيۇتېرىڭىزدىمۇ ئىشلىتىپ بېقىڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!

ئەگەر سىزدە Apple نىڭ كوزۇرى بولغان iPadنى ئىشلىتىپ بېقىش  ئويى بولسا مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا يەنى ھازىرلا سىناپ  كۆرۈڭ.

قېنى مەرھەمەت

يىڭى ئەرمەك SIRI ھەققىدە ئاددى بايان

ئالدىنقى يازمىلىرىمىزدا iOS 5 نىڭ يىڭى ئىقتىدارلىرىدىن بىرى بولغان SIRI ئىقتىدارىنى دەپ ئۆتكەن. بۇ ئىقتىدار گەرچە بىزگە بىر نەچچە يىللىق يىراقتا بولسىمۇ ئازراق چۈشەنچە بىرەي.

بىچارە steve Jobs قۇرۇپ چىققان apple ئىكولوگىيسىگە ”ۋاكسىنا ئەملەپ“ تۇرىدىغان خاككېرلار ئالدىنقى ھەپتە siri نى iphone4كە قاچىلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كىيىن ھەممىنىڭ كۆزى بۇ نەرسىگە تىكىلدى. پاسىبان كىلۇبىمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بىرىپ ئۆتكەن. شۇ ئارلىقتا apple نىڭ مۇلازمتېرىمۇ بىر مەزگىل توختاپ كەتتى. تۈنۈگۈن يەنە بىر گوروھ siriنى بارلىق ios5 كە قاچىلىغلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتقان. بۈگۈنكى خەۋەردە تىڭشىغۇچنىڭ يىنىدىكى ئارلىق ئىنفىرا قىزىل نۇر سەزگۈرىنىڭ iphone4s تە داۋاملىق ئىجرا ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. باشقا ئۈسكىنىلەردە ئارلىق ئىنفىرا قىزىل نۇر سەزگۈرى ئادەم يۈزىگە يىقىنلاشقاندا ئاندىن قوزغىلىپ ئىكراننى ئۆچۈرىدۇ. ھازىر تەھلىلچىلەر بۇنىڭ SIRI بىلەن باغلىنىشى بولىشى مۇمكىن دېيىشمەكتە. چۈنكى apple تەرەپمۇ ئىنىقلا قىلىپ siri نى iphone4s تىن باشقا ئۈسكىنىلەرگە قوشۇش پىلانىمىز يوق دېدى.لېكىن كىيىنچە قوشۇلۇش ئىھتىماللىقى يوق ئەمەس.

Open[SWF] - siri
 

SIRI ئەمىليەتتە ئابونت نوقتىسى (i فامىلىلىك ئۈسكنىلەر)، ئالما مۇلازىمتېرى (apple siri servers) شۇنداقلا ئۇچۇر مۇلازىمتىرى(Information Servers)دىن  تۈزۈلگەن.جەريانى: ئابونت نوقتىسى خالىغان مەزمۇندا ئاۋازلىق بىر بۇيرۇق بېرىدۇ. apple siri servers بۇ ئاۋازنى پەرقلەندۈرۈپ ئايرىيدۇ، شۇنداقلا ماس (Information Servers) غا ياكى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ(مەسىلەن تېلفون ئۇرۇش). (Information Servers) بۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ماس ھالدىكى جاۋابنى ماشىنا ئادەم ئاۋازى ئارقىلىق قايتۇرىدۇ.

مەسىلەن: بىر ئەپەندىم siri نى ئېچىپ :“خالاستان بىلوگى قاچان قۇرۇلغان؟“ دەپ سورىسا ، apple siri servers ئالدى بىلەن بۇ ئەپەندىمنىڭ گېپىنى بىر تەھلىل قىلىپ ئاندىن (Information Servers) ئارقىلىق www.../ نىڭ تېزىملانغان ۋاقتىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئوخشاشلا بىزمۇ :“ئامېركىغا جوڭگودىن 2 كىلو پالەك يۆتكىسەك قانچە پۇل؟ يەنە ئازراق نەشەمۇ ئېلىۋالساق بولارمۇ؟“ دېسەك يەنىلا يۇقارقى جەريان ئارقىلىق جاۋاب قايتىدۇ.

يۇقارقىسى بىر مىسال، ئەمىليەتتە ھازىر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلۋاتقان ئىقتىدارى wikipedia دىن ئۇچۇر ئاقتۇرۇش، ھاۋارايى ، پايچەك سۈرۈشتۈرۈش، قاتناش- بىلەت زاكاس قىلىش، خىزمەت ۋاقتى تەكشۈرۈش… قاتارلىق. siri نىڭ مۇلازىمتېرى  (apple siri servers)  بولسا ئۆگىنەلەيدىغان بولغاچقا بۇرۇن سورالغان، جاۋاب بېرەلمىگەن سۇئاللار ئاپتوماتىك خاتىرلىنىدۇ ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇچۇر مىقدارى كۈنىسىرى قوشۇلىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم تۇرمۇش ئادەت سۆزلىرىمۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك  (apple siri servers)  غا قوشۇلۇپ تۇرالايدۇ.  (apple siri servers) بولسا siri نىڭ نېگىزى ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا siri نىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى apple شىركىتى ئابونت نوقتىسىغا ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەيلا يىڭى ئۇچۇرلارنى تاغدەك قوشالايدۇ.

يۇقاردا ئېيتىلغان (Information Servers) دەك مۇلازىمتېرلار جوڭگودا ئاز ھەتتا يوق دىيەرلىك بولغاچقا ئۇزۇنغىچە بۇ ئەرمەكنىڭ بىزگە مۇلازىمەت قىلىشى تەس. بىز ھازىرچە چۈشۈنۈپ تۇرساق، ياكى بۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ يەرلىك مۇلازىىمتېر قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ “سىرى(سىر-مەخپىيەتنى بىلگۈچى)” نى ياراتساقمۇ بولىدۇ.بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ يازمىنى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ.

iPhoneدا يۈتۈپ كەتكەن 个人热点نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

ئالما ھەۋەسكارلىرىنى ئەڭ رازى قىلىدىغان مەھسۇلات iPhone. شۇنداقلا iPhone نى تېخىمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئېسىل» دېگەن نامغا  ئىگە قىلىدىغىنى دەل ئۇنىڭ باشقۇرۇش قولاي، ئىشلىتىش ئوڭاي بولغان قۇيما ئىقتىدارلىرىدىن بىر بولغان个人热点 ئىقتىدارى.

لىكىن نۇرغۇن ئىشلەتكۈچى iOS5 كە كۆچكەندىن كىيىن ئەسلى 通用  تېزىملىكىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە تېزىلىپ تۇرىدىغان شەخىس نوقتىسى (个人热点) نىڭ غايىپ بولغانلىقىنى بايقىغان.

个人热点 بولسا Appleدېكىلەر ئابونتلارنىڭ iPhone ئارقىلىق 3G سېگىنالىنى ئادەتتىكى wifi سېگىنالىغا ئايلاندۇرۇپ ھەمبەھىرلىنىشى ئۈچۈن قوشقان بولۇپ، ئەسلى Android تىكى ئالقىشقا ئىرىشكەن ئەپ. Apple تەدرىجىي Android نىڭ بەزى ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۈسكىنىسىگە بۇ ئىقتىدارنى قوشقان.

مەنمۇ نەشىر كۆتۈرگەندىن بىرى بۇ نوقتىغا دىققەت قىلمىغانكەنمەن. بۇ نەچچە كۈن ئۆينىڭ ADSL توختاپ كېتىپ قولۇمدىكى iOS5 كە ئەمدى كۆتۈرۈپ، تۈرمىدىن تولا قاچۇرۇپ ، ئاخىردا يەنە مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشقىچە قاچۇرماي ئىشلىتىش نىيىتىگە كەلگەن iPhone4كە ھاجەت چۈشتى.

بۇرۇن ناھايتى ئوڭايلا تاپقان 个人热点 نى ئىزدەپ تاپالماي قىلمىغان ئىش قالمىدى. ئاخىر ئىزدىنىپ يۈرۈپ بۇنىڭمۇ چارىسىنى تاپتىم. بىلوگداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي:

ئاۋۋال 设置->通用->还原 دېگەن تەرتىپ بويىچە 还原网络设置 دېگەننى تاللايمىز. ئاندىن ئۈسكىنە قايتا قوزغىلىدۇ. ئۇلاپلا 设置->通用->网络نى ئېچىپ 个人热点 نى قوزغىتىمىز . تامام.

يۇقارقى ئىقتىدار نورمال ئ‍شلىشى ئۈچۈن iPhone غا 3G تورىنى قوللايدىغان SIM كارتا سېلىنغان بولىشى كىرەك. جوڭگودا iPhoneقوللايدىغان 3G بولسا WCDMAبولۇپ، ھازىرقى بىرلەشمە خەۋەرلشىىشنىڭ 186 بىلەن باشلانغان نومۇر بۆلىكى.

iPhone4s شىياڭگاڭغا 11-ئاينىڭ 11-كۈنى كېرىدۇ

بەشىنچى ئەۋلاد iPhoneئاتالغان بۇ يىڭى ئۈسكىنىنىڭ خەۋىرىنى تولا ئاڭلىدۇق. ئەمما چوڭ قۇرۇقلۇققا قاچان يىتەرلىك مال كىرىدىغانلىقى ئىنىقسىز ئىدى.

بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى شىياڭگاڭغا iPhone4s رەسمىي كىرىدۇ. سېۋىلىشقا ئالدىراۋاتقان قىرىنداشلارنىڭ كىلەر ھەپتىدىن باشلاپ سېتىۋىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بىكارچىلارنىڭ «100 يىلدا بىر كېلىدىغان {ئۇلۇغ} بويتاقلار بايرىمى(2011،11،11–ئالتە 1 قاتارلىشىدۇ)» كۈنى تارقىتىدىلىغان بۇ iPhoneتوغۇرلۇق بىلوگىمىزدا كۆپ چۈشەندۈرۈش بەرگەن.../?s=iphone4s

ھازىر جوڭگوغا كىرگەن قۇلۇپسىز (ئامېركا، كانادا، سىنگاپور…) نەشىردىكى iPhone4s نىڭ باھاسى تەخمىنەن 6000 سوم بولۇۋاتىدۇ. پەرەزچە شىياڭگاڭغا تولۇق مال كىرگەندىن كىيىن بۇ باھا 800 سومچە تۆۋەنلىشى، چوڭ قۇرۇلۇققا كىرگەندە بۇ باھا 4500 لەرگە چۈشىشى مۇمكىن.

ھازىر iPhone4S نىڭ بازارغا كىرمەسلىكى ۋە 4-ئەۋلاد بىلەن 5-ئەۋلادنىڭ پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولماسلىقى سەۋەبلىك iPhone4نىڭ باھاسىمۇ 10-ئاينىڭ باشلىرىدىن 1000 سوم ئۆسۈپ كەتتى. ئىقتىسادى كۈچى ئادەتتىكىچە بولغانلار كىلەر ھەپتىدىن باشلاپ iPhone4 سېتىۋالسا مۇۋاپىق. بەك كىيىن قالسا ئالماشتۇرۇلغان iPhone 4 ئۇچراپ قىلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى. شۇڭا سېتىۋالغاندا كۆپ ئىھتيىات قىلىپ كەسپىي مەسلىھەتچىلەرنىڭ رولىدىن ئەتراپلىق پايدلىنىش كىرەك.

خالاستان بىلوگى قىرىنداشلار ئۈچۈن ھەقسىز باھا، سۈپەت، تەكشۈرۈش، مال مەنبەسى ئۇچۇرى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.ۋە ئىشەنچلىك مال بىلەن تەمىنلەيدۇ. admin@../